• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » كىتاب بورداقچىلىقى ۋە «ئىلمىي بولاڭچىلىق»

كىتاب بورداقچىلىقى ۋە «ئىلمىي بولاڭچىلىق»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

kitab-oqush-bayrimi-305كىتابنىمۇ بوردىغىلى، سەمرىتكىلى بولامدۇ؟

يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «چۆل ئوغلى» ناملىق پوۋېستىدا «ئېشەك ئۇچامدۇ؟ ئۇچۇرسا ئۇچىدۇ!» دەيدىغان بىر دىئالوگ بولىدىغان. ئەلۋەتتە ئېشەككە قانات چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنى ئۇچۇرۇش تېخنىكىلىق ئامىللارغا باغلىق، يەنى ئېشەك ئۆزى ئۇچالمىغان ئىكەن ئۇنى چوقۇم باشقا ۋاسىتىلەر (تېخنىكا، سىياسىي، بەدىئىي، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى) ئارقىلىق ئۇچۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەنتىقە بويىچە ئېيتقاندا يازغۇچى ئاللىقاچان يېزىشتىن توختىغان ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن، ئۇنى تېخنىكىلىق يول بىلەن يەنە سەمرىتىش، بورداش تامامەن مۇمكىن. ئىشەنمىسىڭىز شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ يېقىندىن بۇيان نەشر قىلغان  «كونا كوچا»، «تاغلىقلار»، «ئاداۋەت ۋە شاپائەت»، «سالچىلار» قاتارلىق  بىر قىسىم كىتابلىرىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلار كىتاب سەمرىتىشنىڭ بىر ئوبدان يولىنى بىلىۋاپتۇ. مەن ئۇنى «كىتاب بورداقچىلىقى» دەپ ئاتاپ تۇراي. ئەلۋەتتە چىرايلىقراق ئاتىساق ئۇنى «كىتاب سەمرىتىش سەنىئىتى» دېيىشمۇ مۇمكىن.

خوش، كىتاب قانداق سەمرىيدۇ؟

تېما ئېتىبارى بىلەن نەق گەپنى قىلغاندا، بەت ياساش ئارقىلىق!

شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە دەل كىتابلارنىڭ خەت نومۇرىنى چوڭايتىش، قۇر ئارىلىقىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق كىتاب سەمرىتىدىغان كىتاب بورداقچىلىقىدۇر. ھالبۇكى ئۇ ھەم كىتابنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرىدىغان، ھەم ئوقۇرمەنلەرنى ئالدايدىغان قىلمىشتۇر.

ھەرقانداق بىر تىل – يېزىقنىڭ يېزىق شەكلى ۋە ھەرپلەرنىڭ غول، سىزىق، كىرتىكلىرىنىڭ چوڭ – كېچىكلىكىگە يارىشا بىرلىككە كەلگەن چوڭ – كىچىكلىك ئۆلچىمى بولىدۇ. ھەممە كومپيۇتېرنىڭ يېزىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوخشىمىغان مەتبەئە سىستېمىلىرىنىڭ خەت نومۇرىنىڭ چوڭ – كېچىكلىكىگە ئاساسەن مەتبەئە – نەشرىياتچىلىقتا ئوخشىمىغان خەت نومۇرىغا ئاساسەن بەت تىزىلىۋاتىدۇ. ئېلىپ ئېيتساق نۆۋەتتە بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان چاۋجيى (超捷)، فېيتېڭ (方正飞腾)، ئوفىس (Office) ئائىلىسىنىڭ قوشكېزەكلىرى بولمىش ۋورد (Word)، نەشرىياتچى (Publisher)، ئادوب (Adobe) شىركىتىنىڭ ئىندىزاين (Indesign) قاتارلىقلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە چاۋجيې، فېيتېڭ، نەشرىياتچى (پابلىشىر)نىڭ ئىشلىتلىش نىسبىتى سەل يۇقىرى. بولۇپمۇ ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلارنىڭ كىتابلىرى ئومۇمەن مۇشۇ مەتبەئە سىستېمىلىرىدا چىقىۋاتىدۇ. ھەرقايسى نەشرىياتلار ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، ئىگىزلىك ۋە كەڭلىك ئۆلچىمى دېگەندەك شەكىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئويلاشقان، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى چىقىش قىلغان ھالدا كىتابتىكى يېزىقنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قارىتا تەبىئىي ھالدا مەلۇم نىسپىي ئورتاق ئۆلچەم شەكىللەندۈرگەن. بۇ مەيلى ئادەت شەكلىدىن بولسۇن، ياكى نەشرىياتنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق تېخنىكىلىق ئۆلچەم – تەلىپى بارمۇ (مەن شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىدىم)، ئىشقىلىپ بەت ياساشتا نىسپىي ئورتاق بىر ئۆلچەم ئاستا – ئاستا شەكىللەنگەن. مەسىلەن، چاۋجيېدا ئاساسەن خەت نومۇرى 3 كە تەڭشىلىدۇ. نەشرىياتنىڭ ئۆلچەملىك چوڭلۇقتا چىققان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ ئۆلچەمدە. ژۇرنال سەل پەرقلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئۆلچەم قانداقتۇر مەلۇم بىراۋ تەرىپىدىن ئۆزى خالىغانچە بېكىتىپ قويۇلغان بولماستىن، بەلكى بۇنىڭدا يېزىقنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، بوشلۇق ئىگىلەش نىسبىتى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆرۈش ئىقتىدارى ئاساس قىلىنغان. بۇنى كىچىكلەرمۇ كۆرەلەيدۇ، ياشتا چوڭلارمۇ (نورمال كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە) قىينالماستىن ئوقۇيالايدۇ.

ئۇندىن باشقا كىتابنىڭ فورماتىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە ئاساسەن ھەربىر بەتتىكى خەتنىڭ سىغىمچانلىقىدىمۇ بىرلىككە كەلگەن مەلۇم نىسپىي ئۆلچەم مەۋجۇت. بىز چوڭ – كىچىك 16 فورماتلىق كىتابلارنى، بەزى 48، 64 فورماتلىق ۋە ئاز ساندىكى 1092 × 787 فورماتىدىكى كىتابلارنى ھېسابقا ئالمىساق، ئۇيغۇرچە چىقىۋاتقان كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ 32 فورمات، يەنى 1230 × 880، كىچىك 32 فورمات، يەنى 1168 × 850 دا چىقىۋاتىدۇ. بۇ گەرچە قەغەزنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدىغان ئۆلچەم بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن كىتابتىكى خەت نومۇرىدا ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمايدۇ. يەنى مىسال ئالساق، چوڭ 32 فورمات كىتابقا چوڭ 3 خەت، كىچىك 32 فورمات كىتابقا كىچىك 3 خەت ئالىدىغان ئىش يوق (گەپ شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ئۈستىدە كېتىۋاتقاچقا، ئۇلار بەت تىزىشتا ئىشلىتىۋاتقان سىستېما چاۋجيې مىسال قىلىنىۋاتىدۇ). ئۇ پەقەت قۇر سانىدا پەرقلىنىىدۇ. مەسىلەن، ئېلىپ ئېيتساق، چوڭ 32 فورمات كىتابنىڭ ئۆلچەملىك قۇر سانى 29، كىچىك 32 فورمات كىتابنىڭ ئۆلچەملىك قۇر سانى 28 بولىدۇ. ئەلۋەتتە، شېئىرلار توپلىمى، بەزى كىلاسسىك كىتابلار ياكى ئالاھىدە سۈپەتلىك بەت ياسىلىدىغان بەزى كىتابلار بەت لايىھەسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ. لېكىن ئۇنداق ئالاھىدە ھۈنەر ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭدا ئاساسەن مۇشۇنداق ئورتاق نىسپىي ئۆلچەم مەۋجۇت. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن بىر بۇرادىرىمىز بىر چاغدا «تىل – يېزىقنىڭ ئۇچۇر سىغىمى» دەيدىغان بىر گەپنى قىلىپ، ئۇيغۇرچە چىقىۋاتقان ماتېرىياللاردىكى خەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئەمەلىيەتتە شەكىل مەسىلىسى ئەمەس، ئىلىم مەسىلىسى ۋە مۇشۇ يېزىقنىڭ بىر بەت بوشلۇقتا قانچىلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئەگەردە بىز يېزىقنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش مىقدارى بويىچە قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا 32 فورمات بىر بەتتىكى خەتنىڭ چوڭ – كېچىكلىكىگە ۋە قۇر ئارىلىقىغا ئېنىق ئۆلچەم قويۇلۇشىنىڭ ئەقەللى بىر ئىش ئىكەنلىكى ئۆز – ئۆزىدىن ئايان بولىدۇ. چۈنكى نەشرىياتچىلىق دېگەن ئۆزى خالىغانچە خەتلەرنى سوزۇپ – تارتىپ، چوڭايتىپ ياكى كىچىكلىتىپ ئوينايدىغان ئويۇن ئەمەستە. ئۇنىڭ ھەرقايسى نەشرىياتلار ئارا مەلۇم نىسپىي ئورتاق ئۆلچىمىنىڭ بولۇشى مۇقەررەر ئىش. بۇ يالغۇز بىر كىتابنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ئەمەس، چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا بىر مىللەتنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ سىستېمىلىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىشىدىن دېرەك بېرىدىغان ئىش، يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئوقۇرمەنلەرگە، بازارغا، ئىقتىسادقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىشىدىغان ئىش بولۇپ چىقىدۇ. مەن «يېزىقنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارى» نۇقتىسىدىن چىقىپ ئوخشاش 32 فورماتتا نەشر قىلىنغان خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە كىتابلارغا قاراپ باقتىم. بەت ياساش شەكلىدىكى پەرق تۈپەيلى ئاز – تولا ئوخشىماسلىق بولسىمۇ، ئەمما 29 نى چۆرىدىگەن ئاساستا كۆپىنچىسى 27، 28، 29، 30 قۇر ئۆپچۆرىسىدە چىقتى. بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ ئادەملەرنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئومۇمىي نىسپىي ئۆلچەم بولسا كېرەك. ئەمما شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە نەشر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلىرى يېزىقنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆرۈش ئىقتىدارى، قەغەز ئۆلچىمى دېگەندەك ئاساسىي ئۆلچەملەردىن ھالقىغان ھالدا غەيرىي تۈستە سەمىرىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ يالغۇز خەت نومۇرىنىڭ چوڭىيىش، قۇر ئارىلىقىنىڭ كېڭىيىش مەسىلىسى بولماستىن، كىتابنىڭ بىر بەت ئىچىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش مىقدارىغا، كىتابنىڭ باھاسىغا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېتىۋېلىش سەۋىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىدۇر. قوپاللىق بىلەن ئېيتقاندا، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى كىتابنىڭ خەت نومۇرىنى چوڭايتىپ، قۇر ئارىلىقىنى كېڭەيتىپ نامرات ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئازغىنە پۇلىنى قاقتى – سوقتى قىلىۋاتىدۇ، قەغەز، پۇل ئىسراپچىلىقى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ كىمگە پايدىسى، كىمگە زىيىنى بارلىقىنى ئەزۋەيلەپ سۆزلەش ئارتۇقچە. مەن مىسال تەرىقىسىدە ئىككى كىتابنى ھېساب قىلىپ بېرەي، قالغىنىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزى ھېسابلىۋالسۇن:

ئەخەت تۇردى: «كونا كوچا»

فورماتى: 1230 × 880 ئۆلچىمىدىكى 32 فورمات

باسما تاۋىقى: 12.125، يەنى 388 بەت

باھاسى: 32 يۈەن، يەنى ھەربىر تاۋىقى 2.64 يۈەن

ئازراقلا مەتبەئە تېخنىكىسىدىن خەۋىرى بار ئادەم بىلەلەيدۇكى، بۇ كىتاب كىچىك 2 خەت نومۇرىدا، بىر بەتكە 25 قۇردىن تىزىلغان، ئاساسىي تېكىست قىسمى جەمئىي 385 بەت.

كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بۇ نەشرىياتنىڭ سەمرىتىش تېخنىكىسدا بوردالغان رومان. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ مۇلاھىزىمىز بۇ ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىدە ئەمەس، ئەخەت تۇردىنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىنىڭ قانداقلىقىدا تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى نەشرىياتنىڭ بۇ كىتابنى نورمال ئۆلچەمدىن قانداق سەمرىتىپ، كىتابخانلارغا قانداق ساتقانلىقىدا. ناۋادا بۇ كىتاب ئۆلچەملىك بەت شەكلىدە تىزىلغان بولسا، يەنى مۇشۇ نەشرىيات بۇرۇن چىقارغان، باشقا نەشرىياتلار ھازىرمۇ يەنە چىقىرىۋاتقان 1230 × 880 ئۆلچىمىدىكى 32 فورماتنىڭ خەت نومۇرى (چاۋجيېدا) 3 بولۇش، ھەربىر بەتتە 29 ئەتراپىدا قۇر بولۇش ئۆلچىمىدە تىزىلسا، بۇ كىتاب ئەڭ جىق بولسا 300 بەتلىك كىتاب بولىدۇ، يەنى بىراقلا 80 بەت ئازىيىپ، ھەيران قالارلىق دەرىجىدە «ئۇرۇقلايدۇ». 80 بەت دېگىنىمىز 2.5 تاۋاق، يەنى مۇشۇ كىتابنىڭ باھا قويۇش ئۆلچىمىدىن قارىغاندا تاشلىۋەتسىمۇ 5 يۈەن پۇل دېگەن گەپ. خەتنىڭ بىر نومۇر چوڭىيىشى، قۇر ئارىلىقىنىڭ ئىككى مىللىمېتىر كېڭەيتىلىشى ھەربىر كىتابقا 5 يۈەندىن باھانى ئارتۇق قوشقان، نامرات ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ 15000 يۈەن پۇلىنى نەشرىياتقا، باسما زاۋۇتىغا، قەغەز زاۋۇتىغا قوش قوللاپ تۇتۇپ بەردى دېگەن گەپ.

ئەمدى مۇنۇ كىتابقا قارىسىڭىز ھەيرانلىقتىن ئاغزىڭىز ھاڭ قالىدۇ ۋە نەشرىياتنىڭ بورداقچىلىق تېخنكىسىنىڭ قانچىلىك ۋەھشىيلەشكەنلىكىنى، كىتاب ئوقۇمايدۇ دەپ ئاھانەتتىن قۇتۇلالمايدىغان بىچارە ئوقۇرمەننىڭ قانداق بولاڭچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارا ھېس قىلالايسىز. گەپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق يازغۇچىنىڭ بىرى سانىلىدىغان مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ يېڭى رومانى «سالچىلار» ھەققىدە:

مەمتىمىن ھوشۇر: «سالچىلار»، ئىككى قىسىم

فورماتى: 1230 × 880 ئۆلچىمىدىكى 32 فورمات

باسما تاۋىقى: 36.375، يەنى 1164 بەت، كىرىش سۆز، مۇندەرىجە، نەشر ھوقۇقى بەتلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە ئاساسىي تېكىست 1136 بەت

باھاسى: 110 يۈەن، يەنى ھەربىر تاۋىقى 3.02 يۈەن

بۇ رومان مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ نەچچە يىللىق ئىزدىنىشى ۋە سۈكۈتىدىن كېيىن روياپقا چىقارغان مېۋىسى بولغاچقىمۇ، نەشرىيات ھەم سۈپەتلىك ئىشلەش، ھەم داغدۇغا پەيدا قىلىشنى ئويلىغاندەك قىلىدۇ. كىتابقا مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى يەڭگىل قەغەز ئىشلەتكەن ۋە كىتابنىڭ خەتلىرىنى ئالاھىدە چوڭ، ھەيۋەتلىك قىلىپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب بازارغا سېلىنماستىلا مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ مەلۇم جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى. ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. مەمتىمىن ھوشۇر ھەم ئەرزىيدىغان يازغۇچى. لېكىن نەشرىيات يازغۇچىنىڭ ئىززىتىنى قىلىشنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز رەۋىشتە كىتابخاننى قاقتى – سوقتى قىلىدىغان رەزىل قىلمىشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان. كىتابنى ئالغان، كۆرگەنلەر قاراپلا بىلەلەيدۇكى، كىتابتىكى خەت نومۇرى ۋە قۇر ئارىلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك چوڭ، كەڭ. ھەتتا بەزى قۇرلاردا ئۈچ – تۆتلا خەت بار. كىتابنى كۆرۈپ ھەم خۇش بولدۇم، ھەم غەزىپىم كەلدى. ئېرىنمەستىن بىر ئاغىنەمدىن چاۋجيېنىڭ ئېچىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى تېپىپ، نەچچە ئابزاسنى ئۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. كىتاب چاۋجيېنىڭ 2 خەت نومۇرىدا تىزىلغان، يەنى مەن نورمال دەپ قارايدىغان ئۆلچەمدىن بىر نومۇر چوڭايتىلغان؛ ھەربىر بەتكە 23، بەزىدە 24 قۇر خەت تىزىلغان، يەنى مەن نورمال دەپ قارايدىغان لەنىتى ئۆلچەمدىن ھەربىر بەتتە 5 − 6 قۇر خەت ئاز ئىدى. 1164 بەتلىك كىتابقا خەتنىڭ بىر نومۇر چوڭايتىلىشى، قۇر ئارىلىقىنىڭ %20 لەپ كېڭەيتىلىشى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ مەن «سالچىلار»نىڭ بىرىنچى قىسمىغا ئوخشاش قىلىپ 580 بەتلىك ھۆججەتتىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇنى نەشرىياتلار ئارا ئورتاق قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەمدە بەت تېزىپ باقتىم. ھەيران قالدىمكى سۈنئىي يەل ئۇرۇپ بوردالغان 580 بەتلىك ھۆججەت «ئۇرۇقلاپ» 408 بەتكە قالدى. پەرق ئاز ئەمەس ئىدى، بىر قىسىم كىتابتا 170 بەت! ئىككى قىسىم كىتابتىچۇ؟ 340 بەت! ئۇ چاغدا 1164 بەتلىك كىتاب بىراقلا «ئۇرۇقلاپ» 820 بەتلەرگە چۈشكەن بولىدۇ. بەت ئايرىش، يېڭى بەتتىن باشلاش، بۆلۈم بۆلۈش دېگەندەك مەشغۇلاتلارغا 10 – 20 بەتنى چىقىرىۋېتىپ 320 بەت ئاشتى دېسەكمۇ، بۇ توپتوغرا 10 تاۋاق، يەنە تېخى بىر روماننىڭ ھەجىمىدىكى قەغەز ئېشىپ قالدى دېگەن گەپ. ھەربىر تاۋىقى تەخمىنەن 3 يۈەندىن بېسىلغان بۇ رومان ئۈچۈن 10 تاۋاق «سەمرىش»، 30 يۈەن ھايان، تاپاۋەت ياكى 30 يۈەن چوغدەك كۆيدۈرىدىغان زىيان دېگەن گەپ. 6000 تراژدا بېسىلغان «سالچىلار»نىڭ ھەربىرى 30 يۈەندىن پۇلنى ئارتۇق يېگەن بولسا 180 مىڭ يۈەننى يۈتۈۋەتتى دېگەن گەپ. كىمنىڭ پۇلىنى؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى سۆيىدىغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن تاپقان – تۈگكىنىنى قىسىپ – سىقىپ بولسىمۇ خەجلەۋاتقان بىچارە نامرات ئوقۇرمەننىڭ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ رومانىكەن دەپ قىممەت بولسىمۇ ئالاي دەيدىغان «پىداكار ئەخمەق»نىڭ پۇلىنى!  سادىغاڭ كېتەي، نەشرىيات! بىر روماننىڭ ئىچىگە يەنە بىر رومان پاتىدىغان قەغەزنى، يەنە بىر رومان كېلىدىغان پۇلنى تىقىۋېتەلىگەندىن كېيىن، سېنى بورداقچى دېمەي نېمە دېگۈلۈك! سادىغاڭ كېتەي، بەتچىك! خەت نومۇرىنى يوغىناتقاندا، يوغىناۋاتقان نەرسىنىڭ يالغۇز خەت ئەمەس، نى – نى ئادەمنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ھاملاپ يۇتۇۋېتىدىغان نەپسى بالا «باھا» ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قوي!

مەن بۇ نەشرىيات يېقىندا چىقارغان سەككىز توملۇق ئالىمجان ئىسمايىل ئەسەرلىرى، «تاغلىقلار»، «ئاداۋەت ۋە شاپائەت»، «گۈلنىڭ ئېچىلمىقى قىيىن» قاتارلىق باشقا كىتابلارنى ھېسابلاپ يۈرمىدىم. ھېسابلىساقمۇ يەنە شۇ. بۇلارنىڭ خەتنى بۇنداق يوغىنىتىشىدا نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلمەك قىيىن. «كىرىم يارىتىش» دېگەن گەپنى قىلساق ھەرگىز تەن ئالماسلىقى ئېنىق. ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈپ چىقالايدىغان بىردىنبىر گېپى − «ياشانغانلار كۆرەلمەيدىكەن دەپ چوڭايتتۇق» بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئۆلچەملىك دەپ قارايدىغان ۋە نەشرىياتلارمۇ بىردەك قوللىنىۋاتقان ئۆلچەمدە چىقىۋاتقان كىتابلارنىمۇ ھەممە ئادەم ئوقۇۋاتىدۇ. ئوقۇش نىيىتى بار ئادەم خەتنى پىتتەك قىلىپ بەرسىڭىزمۇ بىر ئامال قىلىپ كۆرىدۇ، ئوقۇمايدىغان ئادەمگە تاختا قەغەزگە ھۆسنخەتلەپ يېزىپ بەرسىڭىزمۇ ئوقۇمايدۇ. مەتبەئە ئۆلچىمى ئايرىم شەخسلەرنىڭ ئايرىم ھالىتىنى ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىدۇ. شۇ ئۆلچەم ھەممىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلچەم بولغان. يەنە كېلىپ، بىلىشىمچە ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ كىتاب باھالاش ئۆلچىمىدىمۇ تېخنىكىلىق ئۆلچەمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھەتتا ئالدى – كەينى بەت نومۇرىنىڭ ئۈستمۇ – ئۈست چۈشۈشىگىچە ئىنچىكە قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا، «سالچىلار»، «تاغلىقلار»، «كونا كوچا» دېگەندەك كىتابلار ئۆلچەمسىز بېسىلغان كىتاب سانالماسمۇ؟ ئۆلچەمسىز سانالمىغان تەقدىردىمۇ كىتابلارنى بۇنداق ئۆلچەمسىز، غەيرىي، سۈنئىي سەمرىتىپ سېتىشنىڭ زادى نېمىگە پايدىسى بار؟ نورمال بەت ئۆلچىمىدىمۇ كىتابنى قانداق چىرايلىق لايىھىلەيمەن دېسە لايىھەلەش تامامەن مۇمكىنغۇ؟

قىسقىسى، كىتابنىڭ مەزمۇن سۈپىتىگە ئىشلەش مۇھىم بولغىنىدەك، باسما سۈپىتىگە ئىشلەشكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەمما ئۇ بىھۇدە قەغەز ئىسراپچىلىقىغا، كىتابخانلارنى ئەخمەق قىلىدىغان، ھەتتا ئالداش بەدىلىگە قەغەز زاۋۇتى، باسما زاۋۇتى ۋە ئۆز يېنىنى توملايدىغان بولاڭچىلىققا ئايلىنىپ قالسا بۇ كەچۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان تۇزكورلۇققا، ئىلىم نامىدىكى نومۇسسىز قويمىچىلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. «بىزنىڭ ئادەملەر كىتاب ئوقۇمايدۇيەي، كىتاب ئوقۇمايدىغان بولۇپ كەتتىيەي» دەپ قاقشايدىغان نەشرىياتلارنىڭ ئۆزىنىڭ قوپۇپ كىتاب ئوقۇيدىغانلارنى ئاستىرتتىن شۈلۈپ يەيدىغان ھايانكەشلەرگە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. كىتابنى مەجبۇرىي سەمرىتمەڭلار، بورداقچىلىقنى باشقىلار قىلسۇن!

مەنبە: ئىزدىنىش  تورى  http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=52905

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش