You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يېقىن كەلگۈسىدىكى خىزمەت تۈرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يېقىن كەلگۈسىدىكى خىزمەت تۈرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 10-ئىيۇل ۋە 11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدا ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ۋە ياش تايانچ كۈچلەرنىڭ مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

10-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەتلەر كېڭەش يىغىنىدا يېڭى خىزمەت يىلىدا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر بەلگىلەندى ۋە يېڭى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئومۇمىي ھەيئەت يىغىنىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە يىللاردىن بۇيان تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىستلار، ئىلمىي خادىملار ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىلمىي ۋە تەتقىقات ساھەسىدە خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بەزى پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن مەھمۇد قەشقەرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇش پىلانى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى ۋە بۇ پىلان ئەتراپىدا كونكرېت خىزمەت نىشانى تۈزۈلدى.

11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياش تايانچ كۈچلەرنىڭ مۇزاكىرە يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسى مۇھىم سالماقنى ئىگەللىدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇندىن بۇرۇن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنغان ۋە كونكرېت پىلانلار تۈزۈلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top