You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى» تورونتودا قۇرۇلدى

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى» تورونتودا قۇرۇلدى

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى. 2021 – يىلى 24 – سىنتەبىر جۈمە كۈنى تورونتو ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 دا كانادادىكى 7 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئۆزئارا كېڭىشىشى ۋە ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ نازارىتىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى» قۇرۇلدى.

25-سىنتەبىر شەنبە كۈنى تورونتو ۋاقتى چۈشتىن كېيىن كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى تورونتودىكى «ئۇيغۇر مەسچىتى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىمدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە جاكارلاندى.

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن 7 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالار ئارسىدا دېمۇگراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدى. سايلام نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولدى:

رەئىس: دوكتور ئەسقەر ھىمىت

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئابلېكىم مۇتەللىپ

باش كاتىب: ئابلىز تۆلەند (ئېنژېنىر)

باش تەپتىش: دوكتور رازىيە مەھمۇد

تەپتىش: دوكتور مەمەتجان قۇربان

دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ئابدۇرېھىم رەجەپ، تۇرسۇن توختى ۋە دىلنۇر ئەنۋەر

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور ئەسقەر ھىمىت ئەپەندى ھەققىدە بۇ ئۇلىنىشتىن مەلۇمات ئالالايسىز: https://www.akademiye.org/ug/?p=2746

تورونتودىكى «ئۇيغۇر مەسچىتى» ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تورونتودا قۇرۇلۇشى كانادادىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاكادېمىيەنىڭ كانادادىكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە مىللەت ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى»، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، مىللىي ئاقارتىش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2018-يىلى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا، 2019-يىلى ئاۋىسترالىيەدە، 2020-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا تارماقلىرىنى قۇرغان ئىدى. ئاللاھ بۇيرىسا يېقىن كەلگۈسىدە ياپۇنىيەدا ئاخىرقى تارمىقىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ۋە ھۆرلۈكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تېرىشىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top