You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ياۋرۇپادىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرى

ياۋرۇپادىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرى

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى پەن-تەتقىقاتچىلاردىن ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر بارات ئاچىنوق ئەپەندى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر دىلنۇر رەيھان خانىم، گوللاندىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتۇر پەرىدە ئۇبۇلقاسىم، نۇرۋىگىيەدە ئوقۇۋاتقان دوكتۇر دىلرەبا ئازات ۋە گىرمانىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتۇر ئابدۇراخمان ئەمەت ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن ياۋرۇپادا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئۆزىگە كېرەكلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشىۋېلىشىغا تىلەكداشمىز.

سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=vmro_iqoGMI&t=5881s

ۋاقتى: 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكشەنبە سائەت 23:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى)

مەسئۇل ئورگان: ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top