You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىقى غەلبىلىك ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىقى غەلبىلىك ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ساھىپخانلىقىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىقى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 30 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىپ، قىزغىن تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە كەسكىن مۇنازىرىلەر بولدى.

يىغىندا ئىككى تېما مۇزاكىرە قىلىندى، يەنى يېڭى ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ كونكرت قەدەم باسقۇچلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتە خىتاي ۋە خىتاينىڭ يان تاياقچىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىلىرىغا قارشى قانداق چارە تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرىلەر بولدى.

يىغىندا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى تېخىمۇ كونكرىتلاشتۇرۇلىشى، تەشكىلاتلار بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن ئېنىق مەلۇمات ئېلىپ، پىلانلىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشى تەكىتلەندى. مۇھاجىرەتتە خىتاي ۋە خىتاينىڭ يان تاياقچىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىلىرىغا قارشى ئالدى بىلەن بۇ تۈر كىشى ۋە تەشكىلاتلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات توپلاش، قارىلاشلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس بىلدۈرۈش ۋە ھەرخىل سۇيقەستلەرگە ئالدىن تەدبىر ئويلاپ تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاخىرىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن بۇ تۈر يىغىنلارنىڭ قەرەللىك ئېچىلىپ تۇرۇشىنىڭ تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى ئارىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top