You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى

گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى پەن-تەتقىقاتچىلار بۇ قېتىم مەخسۇس گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ سۆھبەتكە، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى پەن-تەتقىقاتچىلاردىن ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر بارات ئاچىنوق ئەپەندى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

گېرمانىيەدە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ئادىل مەمەت، ئادىل ئابدۇرۇسۇل ۋە ئەھمەد تۇردى ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار گېرمانىيەدىكى ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن گېرمانىيەدە ئوقۇشنى ۋە خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئۆزىگە كېرەكلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشىۋېلىشىغا تىلەكداشمىز.

سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

ۋاقتى: 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى يەكشەنبە سائەت 22:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى)

مەسئۇل ئورگان: ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top