You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » مۇستافا دەستىچى: «تۈركىيە پۇقرالىقى تېخى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز»

مۇستافا دەستىچى: «تۈركىيە پۇقرالىقى تېخى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز»

قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئاق پارتىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان تۈركىيەدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئىتنى قوبۇل قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس ھەيئەت مۇستافا دەستىچىگە تەلەپ خېتى سۇندى. مەزكۇر تەلەپنى ئاڭلىغان مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، تۈركىيەدە يۈز مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى، بۇلارنىڭ بىر قىسمى تۈرك پۇقراسى بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىرا قىسمىنىڭ تۈرك پۇقرالىقىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى، يەنە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرنى ئۆزىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە دەپ ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

7-ئاپرېل كۈنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر ھەيئئىتى بىر پارچە تەلەپ خېتى سۇندى. خەتتە نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە پۇقرالىقى تېخى چىقمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق پۇقرالىققا قوبۇل قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى، ھەقسىز داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولۇشقا ئوخشاش مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇچرىشىشقا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى كېسەر ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، د ئۇ ق ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ۋەخپىسى بىرلىكتە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىگە بىر پارچا تەلەپ خېتى سۇنغانلىقىنى، بۇ خەتتە نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتەلمىگەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قېيىنچىلىقلارنىڭ قەلەمگە ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئارقىدىن مۇستافا دەستىچى ئەپەندىدىن «ئۇيغۇر ھەيئەت سىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى، بۇلارنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈپ ھەل قىلىپ بېرەمسىز؟» دېگەن سوئالنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئالدى بىلەن پارتىيەمىزگە كەلگەن ۋەخپىلەر ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ھەر دائىم ئىشىكىمىز سىلەرگە ئوچۇق. تۈركىيەدە يۈز مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار. بۇلارنىڭ كۆپى تۈركىيە پۇقراسى، ئۇلار بارلىق ھەق ۋە ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ. لېكىن 20 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر تېخى تۈركىيە پۇقراسى بولالمىغان بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بىلەن تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلار يۇرتىغا قايتسا، خىتاي ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا بۇلارنى تۈركىيە بالدۇرراق ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىشى كېرەك. مەن بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ دۆلەت مەكتەپلىرىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش مەجبۇرىيىتى يوق ئىكەن. شۇڭا بەزى ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى قانۇنسىز كۇرسلاردا ئوقۇتىۋاتقان ئىكەن. مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دۆلەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇشى ۋە ھەقسىز داۋالىنىشا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەتكە دەپ ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ تەلەپلەرنى مەن پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن.»

تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ، مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە ئۆز پارتىيەسىدە كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك باشقا رەسىملەرنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز: https://www.facebook.com/photo/?fbid=10159808018584487&set=pcb.10159808019249487

مەنبە: ر ف ئا ئۇيغۇر بۆلۈمى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top