You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئانا تىل دەرسلىك كىتاب تۈزۈش تۈرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئانا تىل دەرسلىك كىتاب تۈزۈش تۈرى

دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۇنجى ياردەم چاقىرىقى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئانا تىل دەرسلىك كىتاب تۈزۈش تۈرىگە ئايرىلغان بولۇپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش يولىدا ئۇيغۇر ئانا تىل دەرسلىك كىتاب تۈزۈش پروجېكتىدە خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ سۆھبەتتە، مۇھاجىرەتتە مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش، شەخسلەرنىڭ ئۆز بېشىغا يالغۇز تۈزگەن دەرسلىك كىتابلاردىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، تەتقىقاتچى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقى ئاساسىدا تۈزۈلىۋاتقان ئۆلچەملىك ئانا تىل دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق تېمىلاردا تەتقىقاتچى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولۇشنى خالىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قولدىن بەرمەي، قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىۋېلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top