دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغىنىغا 4 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە نىزامنامىگە ئاساسەن، 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بىلگىيە پايتەختى بىريۇسسىل شەھرىدە ئاكادېمىيەنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ 2-نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى.
دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن شىۋىتسارىيە تېلىكۇم ئۇچۇر-تېخنىكا مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى. ئاكادېمىيە نىزامنامىسىغا ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە رەئىسلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى نۆۋەت رەئىس بولالايدۇ.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ۋە ئاكادېمىيە باش كاتىپى ئابدۇلخەمىد قاراخانلارمۇ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇلار ياۋروپا ئاكادېمىيەسىنىڭ 4 يىللىق خىزمەتلىرىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر سوتىغا ماتېرىيال تەييارلاش، ئاكادېمىيە ئىچى سىرتىدىكى ھەمكارلىق ۋە ياردەم خىزمەتلىرىدىكى نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى ۋە كېيىنكى 3 يىللىق خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى تىلىدى.
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ رەئىس نامىزاتلىق سۆزىدە، كەلگۈسى 3 يىلدا ياۋرۇپادا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئاكادېمىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىپ، ياۋرۇپادا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەرخىل مۇھاكىمە يىغىنى ۋە لىكسىيەلەرنى ئويۇشتۇرىدىغانلىقىنى ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن ياراملىق بىر تۈركۈم ياشلارنى نوقتىلىق تەربىيەلەپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى نىزامنامىسىغا ئاساسەن مەزكۇر ئاكادېمىيە باش تەپتىشى سايلىمىنىمۇ ئۆتكۈزدى، يۈشۈرۈن ئاۋازلىق سايلامدا شىۋىتسىيەدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش تەپتىشى بولۇپ سايلاندى.
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ ياۋرۇپادا غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە، 2018-يىلى 12-نويابىردا مۇيۇنخىندا دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى باشچىلىقىدا 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن قۇرۇلۇپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان بىر ئىلمىي ئورگاندۇر.
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئويغۇر سوتىغا ئائىت ماتېرىياللارنى تەييارلاش، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ياۋرۇپادا ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، مىللىتىمىزگە پايدىلىق ھەرخىل تېمىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تېمىلىرىدا 10 نەچچە قېتىم لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم بىلىم-كۈچ ژۇرنىلىنى نەشىرگە تەييارلاش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى سەرخىللار مائارىپىنى كۈچلۈك قوللاپ بېرىش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك قىسمىتىدىن تىزرەك قوتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.