You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەتلىرى بىريۇسسىلدا خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرىگە قاتناشتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەتلىرى بىريۇسسىلدا خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرىگە قاتناشتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى باشچىلىقىدىكى  10 دىن ئارتۇق ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى مۇھاكىمە قىلىنغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرىگە قاتناشتى. ھەم شۇنداقلا بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا بىلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە بىلگىيە ئۇيغۇر جامائىتىگە ئاكادېمىيەنىڭ خىزمەت ۋە كەلگۈسى پىلان تۈرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بىلگىيەدىكى يىغىن جەريانىدا ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرى خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ نەق مەيدان تەرجىمە ئىشلىرىغا ياردەم بەردى، شۇنداقلا چەتئەللىك سىياسەتچى ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن تونۇشۇپ كەلگۈسى ھەمكارلىق ئۈچۈن ئۇل سالدى.

خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى غەلبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 11-نويابىر جۈمە كۈنى كەچتە ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە سابىق پەخىرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق، ئاكادېمىيە ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئابباس، باش كاتىب ئابدۇلھەمىد قاراخان، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى رۈشەن ئابباس خانىم، ئاكادېمىيە ياشلار بۆلۈمى مەسئۇلى دوكتور بارات ئاچىنۇق ۋە ئاكادېمىيە قۇرغۇچىلىرىدىن دوختور ئەخمەتجان پولات قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى قاتارلىق دۇق رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە، بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا بىلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى ۋە 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە بىلگىيە ئۇيغۇر جامائىتىگە ئاكادېمىيەنىڭ خىزمەت ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پائالىيەتتە ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، 13 يىللىق خىزمەت مۇساپىسى، ئاكادېمىيەنىڭ خەلقئارالىشىپ قۇرۇلما جەھەتتىن سېستىمىلاشقانلىقى، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدىكى رولى قاتارلىق تېمىلاردا توختۇلۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ نوقتىلىق قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە ئاكادېمىيەنىڭ يېقىن كەلگەسى خىزمەت تۈرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان شىۋىتسارىيە تېلىكۇم ئۇچۇر-تېخنىكا مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئويغۇر سوتىغا ئائىت ماتېرىياللارنى تەييارلاش، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ياۋرۇپادا ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، مىللىتىمىزگە پايدىلىق ھەرخىل تېمىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تېمىلىرىدا 10 نەچچە قېتىم لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم بىلىم-كۈچ ژۇرنىلىنى نەشىرگە تەييارلاش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى سەرخىللار مائارىپىنى كۈچلۈك قوللاپ بېرىش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك قىسمىتىدىن تىزرەك قوتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىجرائىيە رەئىسى ھەم شۇنداقلا ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېميىسى باش مەسلىھەتچىسى دوكتور مەمتىمىن ئابباس ئەپەندى ياۋرۇپادا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى نوقتىلىق يىتەكلەش ۋە كەلگۈسى تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش ھەققىدە دوكلات سۇندى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ياشلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش ھەققىدە دوكلات سۇندى.

دوكلات سۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا بىلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى باشلاندى. ئېچىلىشتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ھەققىدە ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەتەن ھەققىدە تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. مەزكۇر پائالىيەت تولىمۇ جوشقۇنلۇق ئىچىدە ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر تائاملىرىدىن زىياپەت بېرىلدى.

پائالىيەتلەردىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر: 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top