You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى

ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىسىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت پىلانى مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى 

ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 25-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى سەھەردە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى يېڭى ئىشخانىسىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ 2022 – يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2023 – يىللىق خىزمەت پىلانى مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى.

ئالدى بىلەن ساھىپخان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئاكادېمىيە رەئىسىمىز دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاكادېمىيە ۋەخپىنىڭ 2022-يىلىدا تۈركىيەدىكى خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئاكادېمىيە ۋەخپىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى يېڭى ئىشخانىسىنى تەبرىكلەپ، بۇ ماكاندا مىللەت ئۈچۈن كۆپلىگەن خەيىرلىك خىزمەتلەرنىڭ بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەسلىدە 2009-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلۇپ، 2021-يىلىغىچە دۇنياغا كېڭەيگەنلىكىنى، 2021-يىلى 11-دېكابىردا ئاكادېمىيە تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىنىش ئېلىپ بېرىلىپ، بارلىق تارماق ئاكادېمىيەلەر، ئىنستىتۇت ۋە كومىتېتلارنىڭ رەئىس، مۇدىر، مۇئاۋىن رەئىس ۋە باش كاتىبلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بارلىق ئاكادېمىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئاكادېمىيە رەئىسى سايلاپ چىققانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 7 تارمىقى ۋە 3 ئىنىستىتۇتقا ئىگە بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇمۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك تەشكىلاتى ھالىغا كەلگەنلىكىنى، ھازىرقىدە مىللىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە بارلىق ئاكادېمىيەلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئاكادېمىيە ۋەخپىسىنىڭ ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، باشقا يەردىكى ئاكادېمىيەلەرگە ئۈلگە بولۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ 2023 – يىلىدا تۈركىيەدە قىلىش پىلانلانغان خىزمەتلەر ھەققىدە ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ چىقتى ۋە بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاكادېمىيە ۋەخپىسىنىڭ ھەيئەتلىرى بۇرۇنقى خىزمەتلەرنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىدىن پايىدىلىنىپ، 2023 – يىلىدا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلانغان يەر سەفاكۆيدە مىللەت ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى

ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 25-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندا سەرخىللار مائارىپىدا يىتەكلىنىۋاتقان تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئەدەبىيات سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇمۇرلىرىنى كۆردى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يولى مائارىپ ئىكەنلىكىنى، مىللەتنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان سەرخىل زىيالىيلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ دەل مۇشۇنداق سەرخىل ياش-ئۆسمۈرلەرنى يىتەكلەشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ھەر جەھەتتىن سەرخىللار مائارىپىنى قوللىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سەرخىللار مائارىپىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

سەرخىللار مائارىپى يىتەكچىسى دوكتور مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر ئەپەندى ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىگە سەرخىللار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ ئۇيغۇر كېلاسسىك سەنئىتى تەسۋىرلەنگەن گېلەم تەقدىم قىلدى.

«سەرخىللار مائارىپى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى پىكىرى ۋە لايىھەسى 2020 – يىلى 8 – ئايدا دوكتور مەخمۇتجان لىتىپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە ئەزالىرى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top