You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئانا يۇرت فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى» ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئانا يۇرت فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى» ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

2023-يىلى 14-15-16-ئاپرىل كۈنلىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنى تەربىيەلەپ چىققان دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنۋېرستىتلاردىن بىرى بولغان خارۋارد ئۇنۋىرستىتىدا مىللىي كۈرىشىمىزدە ياراملىق ئىز-باسارلارنى تەربىيەلەش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە خارۋارد ئۇنۋىرستىتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرلىكتە پىلانلىشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىممەتلىك بىر پائالىيەت ۋۇجۇدقا چىقتى.

بۇ پائالىيەتتە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەللىكى، تەبىئىي مەنزىرىسى، خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىي مىراسلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن داڭلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھەدىكى كىشلەرنىڭ كۆرگەزمە قىلىشىغا ئېچىۋېتىلگەن.

بۇ قېتىمقى «ئانا يۇرت» تېمىسىدىكى فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۇدا 80 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پائالىيەت ئېچىلىش مۇراسىمىغا خارۋارد ئۇنۋېرستىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مارىك ئىليوت، ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىلزابىت لىياۋ ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇلار ئېچىلىش نوتۇقلىرىدا ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ زۇلـمى ۋە ئەپتى – بەشرىسىنى قىسقا ۋە تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق ئېچىپ بەردى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا خارۋارد ئۇنۋېرستىتى مۇئاۋىن مۇدىرى مارىك ئىليوت بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئاددىيلا كۆرگەزمە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنكى خارۋارد ئۇنۋېرستىتىدا ئېچىلـماقچى بولغان ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ۋە 1983-يىلى ۋەتىنىمىزگە بارغاندا كۆرگەن ئەسلىمىلىرىدىكى گۈزەل خاتىرىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، تىل-مەدەنىيەت، قەدىمي مىراسلار، يېمەك -ئىچمەك قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىتايلار ئويدۇرۇپ چىقىپ دۇنيا كۆزىنى بويىغىنىدەك بولـماستىن، خىتاي بىلەن قىلچە ئوخشىمايدىغان بىر مىللەت ۋە مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇ قىممەتلىك ماددى ۋە مەنىۋىي بايلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كونتىروللىقىدا ئىكەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ «بۇ كۆرگەزمە ئۆتمۈشكە ئۇلىنىش، ھازىرقى قاباھەتنى ئېتراپ قىلىش ۋە شۇنىڭدەك گەلگۈسىگە بولغان ئېزگۈ تىلەكلەر ھەققىدىكى ئۈمىدلەرنى ھاسىل قىلىشقا ۋاستە بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرى داڭلىق ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ ئوتتۇز يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىزاھلاشتا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.

ئاكادېمىيە رەئىسىمىز دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى خارۋارد ئۇنۋېرستىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ -قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە ئاكادېمىيە نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ھازىرقىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنى ئىزاھلاپ: «خىتاي بىزنى يوقىتىمەن دەۋاتىدۇ، ئەمما بۇ گۈزەللىك ۋە سەنئەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ» دېدى.

پائالىيەتتە ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئىلزابىت لىياۋ مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق «ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى» بارلىققا كەلگەنلىكىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋە ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق گۈزەللىككە ۋە سەنئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئارقىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ زۇلـمى ۋە ئادالەتسىزلىكىگە قارشى بۇ گۈزەللىكلەرنى قوغداش مەجبۇرىيتىمىزنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ خىتايغا قارشى ئېتىراز بىلدۈرىشىمىزنىڭ يەنە بىر شەكلى دەپ كۆرسەتتى. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللايدىغان چەتئەللىكلەر بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇيغۇرلار بۇ يىلدا قىلغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلاردىن بىرى دەپ تەرىپلەشتى.

ئېچىلىش نوتۇقىدىن كېيىن فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مەخسۇس تەييارلانغان قىممەتلىك ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىندى ۋە تون كەيدۈرۈلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك مەدەنىيتى بىلەن تىزىلغان داستىخانلاردىكى ساڭزا، ئۇيغۇر نانلىرى ۋە مۇزىكا ئىلـمى دوكتۇرى ئېلىىس ئاندىرسوننىڭ دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىسى پائالىيەتنى تېخىمۇ قىزغىن تۈسكە ئېلىپ كىردى.

خارۋار ئۇنۋېرستىتىدە ئوقۇپ دوكتورلۇقنى ئالغان دوكتۇر قەيسەر مىجىتنىڭ تەرجىمانلىقىدا ئابلىكىم ئەمەت سۆز قىلىپ، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئانا ۋەتىنى ھەققىدىكى بۇ خىل فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بىر ئالىي مەكتەپتە كۆرگەزمە قىلىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى ئۆز كەسپى ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ ئالىي مۇكاپات دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەردە نامايەن قىلىنغان ۋەتىنىمىزدىكى بىپايان چۆللەر، زۇمرەتتەك كۆللەر، ئالتۇنرەڭ توغراقلىق، ياپيېشىل ئىدىرلىق ۋە قارلىق چوققىلار ۋە تارىم ۋادىسنىڭ سۈكۈناتلىق گۈزەللىكى قاتارلىق كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك بەدىئىيلىكلەر ۋەتىنىمىزنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى گۈزەللىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە يىراق-يېقىندىن كۆرگەزمىگە كەلگەنلەرگە ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇملارنى ھەممە چۈشىنەلەيدىغان ئاۋازسىز بىر شەكىلدە ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئەسكەرتىش: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا ئالاقىدار خەۋىرىدىن پايدىلىنىپ تولۇقلىنىپ تەييارلاندى.

ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى تارتقان «ئانا يۇرت» نىڭ تېخىمۇ كۆپ فوتو سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلانماقچى بولسىڭىز بۇ ئۇلانمىنى بېسىڭ:  https://uyghurphotography.com/showcase/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top