دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىگە رەئىس بولۇپ سايلاندى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن، 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى شەنبە كەچتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ ھەيئەت ۋە ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ۋەقىپنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى.
دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىگە رەئىس بولۇپ سايلاندى. دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئاكادېمىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ 14 يىللىق مۇساپىسىدىكى تۇنجى ئايال رەئىس بولدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى باش مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوكتور مەمەت ئېمىن، ئاكادېمىيە باش كاتىپى ئابدۇلخەمىد قاراخان ۋە ئاكادېمىيە ۋەخپى باش تەپتىشى دوكتور ئابلەت ئۇيغارلارمۇ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇلار مەزكۇر ئاكادېمىيە ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ۋەقىپنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيىتتى. سابىق رەئىس پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى سالامەتلىك سەۋەبىدىن ئاكادېمىيە ۋەخپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئىستىپا بەرگەن ئىدى.
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۆزىنىڭ رەئىس نامىزاتلىق سۆزىدە، كەلگۈسى بىر يىلدا ۋەقىپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسۋەتلىك تەشۋىقات ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى كۈچەيدىغانلىقىنى ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن يېقىندىن ئالاقە تورى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سايلام ئاخىرىدا كۆپچىلىك دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنى يېڭى ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى بىر يىلدا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەشتى.