You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئانا تىل ۋە رەسىم كۇرسىلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئانا تىل ۋە رەسىم كۇرسىلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

پەرزەرنتلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن ئىقتىدارلىق، ۋەتەن -مىللەتكە ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىمىز، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون سافا كۆيگە مەكتەپ دەرسلىرىدىن سىرت ھەرخىل تىپتىكى كۇرسلارنى ئېچىشنى پىلانلىغان ئىدى.

2023-يىلى 24-ماي چارشەنبە رەسمىي تۈردە ئانا تىل ۋە رەسىم كۇرسلىرىمىز ئېچىلىپ 30 نەپەر ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى. پات ئارىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئىنگلىزچە، تۈركچە، ماتېماتىكا، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر بۇيىچە دەرس تەكرار ۋە تەييارلىق كۇرسلىرى ئېچىلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئانا تىل ساۋات چىقىرىش سىنىپىدا ئۆگەنگەن ھەرىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئوقۇيالايدىغان، يادا ئىملا بىلەن قۇرلارغا چۈشۈرۈپ يازالايدىغان، ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇشقا باشلىدى، ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى قوشاقلارنى يادلاش، چۆچەكلەرنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى مۇھىتى بىلەن ئۇچراشتى.

ئوقۇغۇچىلىرىمىز رەسىم كۇرسىمىزدا سىدام سىزما، سۇ بوياق، پاستەل بوياق، ماي بوياق رەسىملىرىنى سىزىشنى ۋە رەسىم نەزىرىيەلىرىنى ئۆگەندى. رەسساملىق ۋە رەسساملار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى.

ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە كۇرسنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، رەسىم سىزىشتىن باشقا يەنە بوياقلارنى قانداق ئىشلىتىش، قانداق رەڭ تەڭشەشنى ئۆگىنىپ مۇستەقىل ھالدا ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن بىرلەشكەن بىر پارچە سەنئەت ئەسىرى سىزىپ چىقالايدىغان بولدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top