ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا باشلىدى
ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە پىلانلانغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسى، 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 12- ۋە 13- كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆي ئىشخانىسىدا، ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىككى كۈنلۈك لېكسىيە دەرسلىرى بىلەن باشلىدى. تەربىيەلەش كۇرسىغا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 20 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.
كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ۋە تۈركىيە ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىبى دوختور پەرھات قەشقىرىي ئەپەندى ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى.
كۇرسنىڭ تۇنجى لېكسىيەسىنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «20- ئەسىر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى ۋە ئۈچ ئەپەندىلەر» تېمىسىدا سۆزلىدى. پروفېسسور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، تارىخ ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، روسىيە ۋە خىتاينىڭ غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن روسىيە، خىتاي، ياپونىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان دېپلۇماتىك ھەرىكەتلىرى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا سىياسىتىنى تەھلىل قىلىش ئۆگىنىشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى.
پروفېسسور ئۆمەر قۇل ئەپەندى لېكسىيەسىدە يەنە «ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخنى ئۆگەنمىسەك، باشقىلار بىزنىڭ تارىخىمىزنى يازىدۇ. بىزنىڭ بېشىمىزغا نىمە كەلگەن بولسا تارىخىمىزنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن كېلىدۇ» دەپ تەكىتلىدى. لېكسىيەدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە تارىخى شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللار سورىدى ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 2-لېكىسيەسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ باش كاتىبى دوختۇر پەرھات قەشقەرىي ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە تەشكىلاتچىلىق» تېمىسىدا دوكىلات بەردى. دوختور پەرھات قەشقەرىي ئەپەندى تەشكىلاتچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ دوكىلاتىدا، تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىق ھالدا تەرەپسىز بولۇشىنىڭ تەشكىلاتلارنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەشكىلاتنىڭ نىشانى ۋە مەقسىدىنىڭ ئېنىق بولۇشى، تەشكىلات سايلىمىدىكى ۋە ئىش قىلىشتىكى دېموكراتىيەنىڭ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى ئىكەنلىكى، ھەم شۇنداقلا تەشكىلات ئىچكى كونترولى ۋە بىرلىك روھىنىڭ بىر تەشكىلات ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەشكىلات ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاش جەھەتتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى چۈشەندۈردى.
پەرھات قەشقەرىي لېكسىيەسىدە «دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار پىكىر ۋە ئىشتا ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر لېدەرنى قوللاش ئارقىلىق، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشى كېرەكلىكىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ لىكسىيەسىدە يەنە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغىلا ئىش قىلىدىغانلىقىنى، باشقا شەخس ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى، تەشكىلاتلار ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھەر ۋاقىت يالغۇز قىلغان پائالىيەتتىن نەچچە ھەسسە تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار تەشكىلات ۋە دۆلەت باشقۇرۇش، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئۆگىنىشىمىزنىڭ ناھايىتى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ لېكسىيەنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تېمىغا بولغان قىزىقىشى ناھايىتى ئاكتىپ بولدى ۋە بۇ ھەقتە سوئاللارنى سوراپ قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى ئالدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 3-لېكىسيەسىدە، مىمار سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش تەپتىشى دوكتور گۇلزادە تەڭرىتاغلى خانىم «ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى ھەققىدە ساۋات» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم لېكسىيەسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىنى تونۇش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەنىسى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىگە قارشى تۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ھەم شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ تۇرمۇشى، ھەمكارلىق ۋە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى، سارايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «قىرىق كۈن، قىرىق كېچە» تويلىرىغا ئوخشاش تۆت كۈن داۋاملاشقان توي ئەنئەنىسى، ئۆلۈم مۇراسىمى ۋە ھازا ئېچىش ئادەتلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلەر بەردى.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلاردىكى چاچ ئۆرۈشنىڭ، ئالاھىدە سانلارنىڭ، توي كېيىملىرى ۋە رەڭلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى سموۋوللۇق مەنىلىرىنى چۈشەندۈردى.
دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ بەرگەن مىساللىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشلىرىنى جەلپ قىلدى. ئۇيغۇر ياشلىرى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىمنى قېتىرقىنىپ ئاڭلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن سۇئاللار سوراشىت ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 4-لېكىسيەسى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەشۋىقات بۆلۈمى مۇدىرى دوكتور تۇردى مەتتۇرسۇن قارا ئەپەندى «تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
دوكتور تۇردى مەتتۇرسۇن قارا ئەپەندى لېكسىيەدە، ئەنئەنىۋىي ۋە زامانىۋىي ئاخباراتچىلىق ھەققىدە قىسقا مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇر مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە ئۇرۇن بېرىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۇ لېكسىيەدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخباراتلاردا يېتەرلىك ئۇرۇن ئالالماسلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ۋە سەۋەپلىرىنى مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنالىشى ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش ۋە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىر قىسىم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرك مېدىيالىرى ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى بەردى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 5-لېكىسيەسىدە، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىيا ۋە ئالاقە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى «تاراتقۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى» تېمىسىدا لېكسىيە بەردى.
پروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى، يېقىنقى زامان ئالاقە ۋە تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تونۇشتۇتۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيانقى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى (قەغەز ، مەتبەئە ۋە 0 سانى قاتارلىقلار) نى مول تارىخى پاكىتلار بىلەن يۇرۇتۇپ بەردى. ئۇ يەنە، خىتاي تەرپىدىن بۇرمىلانغان ئۇيغۇر تارىخى، خىتاي تەرىپىدىن تالان-تارچ قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى، خىتاي تەرىپىدىن يۇقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ سىمۋولى بولغان مىلادىدىن بۇرۇنقى تام رەسىملىرى ۋە موميالانغان جەسەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا قارشى خىتاينىڭ ۋەيران قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك تېمىلاردا ياشلارنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.
پروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى يەنە، ئالاقە قوراللىرىنىڭ كۈچى، كوللېكتىپ ھەمبەھىرلەش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى چۈشەندۈردى.
پروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ لېكىسيە مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك سۇئاللىرىغا ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، ياشلارنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە قۇرتۇلۇش ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىدى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەردى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تۈنجى ئايلىق ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش پروگىراممىسى باشتىن-ئاخىرى ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلارنىڭ لېكسىيەلىرىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى ۋە لېكسىيەلەردىن كېيىنكى سۇئال-جاۋاب ھەم مۇنازىرىلەر بىلەن قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە داۋام قىلدى. بۇ كۇرسنىڭ كېيىنكى ئايدىكى قىسمى 11-ئاينىڭ 16- ۋە 17- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا داۋام قىلىدۇ.