خىتاي «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش» ئۈچۈن يۈزلىگەن يېزىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتتى
ئاننا لەمچە (Anna Lamche، ب ب س مۇخبىرى)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئامىنە ئىسمائىل
تەھرىر: ئابدۇخالىق قارا
نيۇ-يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش (Human Rights Watch) تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش» ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدىكى يۈزلىگەن يېزىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن. ب ب س بۇ خەۋەر ھەققىدە خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان، ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا،2009-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، تارىخى ياكى مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار قويۇلغان نەچچە يۈز يېزىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن.
خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەتقىقاتتا، «سۇلتان» ، «مازار» ۋە «خوجا» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ يەر ناملىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا «ئىتتىپاق»، «بەخت» قاتارلىق ئىسىملارنىڭ قويۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار جەمىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى 14 يىللىق ستاتىستىكا دوكلاتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزىلارنىڭ ئىسىملىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. بۇ مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى 25 مىڭ يېزا ئىچىدە 3600 يېزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى.
630 يېزىنىڭ ئىسمىدىن ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار چىقىرىۋېتىلدى
كىشىلىك ھۇقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «ئادەتتىكىدەك تۇيۇلىدىغانلىقىنى»، ئەمما بۇ ئۆزگەرتىشلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىدە (يەنى 630 يېزا ئىسمىدىكى) ئۇيغۇر دىنى، مەدەنىيىتى ياكى تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.
دوكلاتتىكى مىساللارنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ رايونىغا جايلاشقان ئاق مەسجىت يېزىسى بولۇپ، بۇ يېزىنىڭ ئىسمى 2018- يىلى ئىتىپاقلىق يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇن تەتقىقاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سېستىمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي دائىرىلىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاھالىسىنى خىتاينىڭ ئاساسىي مەدەنىيىتىگە ئاسىلىماسسىيە قىلىش مەقسىتىدە جەمئىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتايدا تەخمىنەن 20 مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ، ئاتېئىستلار تەرىپىدىن باشقۇرىلىدىغان دۆلەت، دىن ئەركىنلىكىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما كۈزەتكۈچىلەر خىتايدا، يېقىنقى يىللاردا تەشكىللىك ھالدا ئىسلام دىنىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا-بازارلارنىڭ ئىسمى كۆپىنچە 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۆزگەرتىشلەر كۈنىمىزدە يەنىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇلارنىڭ، دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە قارشى باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يېزىلارغا ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىسىملار بېرىلدى
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ: «خىتاي دائىرىلىرى رايۇندىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مول مەنىگە ئىگە يۈزلىگەن يېزا ئىسمىنى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىسىملارغا ئۆزگەرتىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە «يېزا ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىشلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئىپادىلىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان يەنە بىر دوكلاتتا خىتاينى مەسچىتلەرنى تاقاش ۋە چېقىش ۋە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ماكانلارغا ئۆزگەرتىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
تۈركچە ئەسلىي مەنبە ئۇلىنىشى: https://www.bbc.com/turkce/articles/cyxx77vdv14o.amp