You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى بىلەن، 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 92-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 81-يىلى تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، يېڭى يول پارتىيەلەر گوروھى، ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەت، تۈرك ئوچاقلىرى، ئەزەربەيجان ئازافلى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمىئىيىتى، سۈرىيە تۈركمەن تەشكىلاتلىرى فېدىراتسىيەسى ۋە جەنۇبىي تۈركىستان ئۆزبەك تەشكىلاتلىرى قاتارلىق تۈركىيەنىڭ غوللۇق سىياسىي پارتىيەلىرى، تۈرك ۋە تۈرك دۇنياسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە تۈرك مۇخبىرلار بولۇپ 40 تىن ئارتۇق سەرخىل كىشىلەر بىرلىكتە 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ئەنقەرە ئىز مېھمانخانىسىدا خاتىرىلىدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسىدا ۋەتىنى ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا بولغان بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتلۈك ھۆرمەتتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشى قويۇلدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا ئەپەندىلەر ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلەپ، بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە كۈندە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلىرى، تۈرك ۋە تۈرك دۇنياسىدىن غوللۇق تەشكىلاتلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بىرلىكتە 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ ئۇيغۇرلار نوقتىسىدىن ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى دەپ، بۈگۈنكىدەك تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسى دەپ تونۇشىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئاسمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە دادىل رەددىيە بېرىشىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق مۇستەقىللىق كۆرىشىنى قوللىشىنىڭ تۈركىيەگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يىغىنغا كەلگەن قىممەتلىك مېھمانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئېچىلىش نوتۇقىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى سۆز ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئېسىل بىر تۈرك قەۋمىي ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆزبەكىستان دوستلۇق گۇرۇپپسىنىڭ رەئىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزبەك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېيىن شارائىتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە پارتىيەسىنىڭ باشقا زۇلۇم ئاستىدىكى تۈرك قەۋىملىرىگە ياردەمدە بولغىنىدەك ياردەمدە بولۇشقا تېرىشىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى كېلەچەك پارتىيەسى، دەۋا پارتىيەسى ۋە سائادەت پارتىيەسىدىن تەركىپ تاپقان يېڭى يول پارتىيەلەر گوروھىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا رەئىسى دوتسېنت سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزى ۋە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان يېڭى يول پارتىيەلەر گوروھىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق مىللىي كۆرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نەچچە قېتىم سۆز قىلغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باشقارمىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور رەشىدە يۈكسەل خانىم سۆز ئېلىپ، ئالدى بىلەن تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ئەپەندى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باشقارمىسى رەئىسى پروفېسسور كۈرشات زورلۇ ئەپەندىنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېقىندا تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەخسۇس باشقارما قۇرغانلىقىنى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى ئىزىلگەن قەۋىمداشلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى دېدى.

ئاخىرىدا ئىيى (ياخشى) پارتىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى فەھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، زەپەر پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل رەئىسى ئەسەر ساكا تۈركىستانلى خانىم ۋە تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسور فىلىز ئاۋشار خانىملار ئارقا-ئارقىدىن سۆز ئېلىپ، 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، پات ئارىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى ۋە مەيلى نىمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر ئۈمىد ئىكەنلىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلا ئۈمىتسىز بولماسلىقىنى، پات ئارىدا خىتاي ئىشخالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

يۇقارقى نوتۇقلاردىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ غەلبىسى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلىش سەۋەپلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ ئاخىرىدا، بۇ قۇتلۇق كۈن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خىتاي ئىشخالىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، پات ئارىدا خىتاينىڭمۇ پارچىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىدە ھۆر ياشايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىستىكىنى ئىپادىلىدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى سېستىمىلىق تونۇشتۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى قىلغان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇپ دوكلات سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن تۈركلەر ئىچىدە ئەڭ بالدۇر مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان، ئېسىل مەنىۋىي ۋە ماددىي بايلىقلارغا ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، شەرقي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى، جۇغراپىيەسى ۋە يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىغا باغلاپ تۇرۇپ تۈركلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. ئۇ دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ مىللىي مەسىللىرىدىن بىرى دەپ قارىشىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرى خالىغاننى خىتايلاردىن ئېلىپ ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۈشىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىزرەك ھۆرلۈككە ئېرىشىشىدە پايدىلىق ئامىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار سوئاللارنى سوراشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈسىتىدە مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىشتى. يىغىن شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ تىزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە بولغان ياخشى تىلەكلەر ۋە ئوپچە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش بىلەن ئاخىرلاشتى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top