دوختور ئەخمەتجان پولات ئەپەندى ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە رەئىس بولۇپ سايلاندى.
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغىنىغا 7 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە نىزامنامىگە ئاساسەن، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنگىلىيە پايتەختى لوندون ۋاقتى سائەت 19:00 دا ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ 3-نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى.
دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان دوختور ئەخمەتجان پولات ئەپەندى ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە رەئىس بولۇپ سايلاندى. ئاكادېمىيە نىزامنامىسىغا ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە رەئىسلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى نۆۋەت رەئىس بولالايدۇ.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوختور مەمەت ئېمىن ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىد قاراخان قاتارلىقلارمۇ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇلار ياۋروپا ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالدىنقى 3 يىللىق خىزمەتلىرىگە بولۇپمۇ ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا قاراتقان سەرخىللار مائارىپىغا، ئاكادېمىيە ئىچى سىرتىدىكى ھەمكارلىق ۋە ياردەم خىزمەتلىرىدىكى نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى ۋە كېيىنكى 3 يىللىق خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى تىلىدى.
دوختور ئەخمەتجان پولات ئەپەندى ئۆزىنىڭ رەئىس نامىزاتلىق سۆزىدە، كەلگۈسى 3 يىلدا ياۋرۇپادا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئاكادېمىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىپ، ياۋرۇپادا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتا سەرخىللار مائارىپىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەرخىل لىكسىيەلەرنى ئويۇشتۇرىدىغانلىقىنى، ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن ياراملىق بىر تۈركۈم ياشلارنى نوقتىلىق تەربىيەلەپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوختور ئەخمەتجان پولات ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
دوختور ئەخمەتجان پولات ۋەتىنىمىزنىڭ باي ناھىيەسىدە ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، 1992-يىلى ئۈرۈمچى تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە يېرىم يىلچە قالغان ۋاقىتتا مىللىي بۆلگۈنچىلىك قارىلاش بىلەن ئوقۇشتىن توختىتىلغان. ئۇ 2000-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركچە تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن تۈركىيە سامسۇن 19-ماي ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي داۋالاش كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 2008-يىلى ئىككىنچى بىر قېتىم تىبابەت كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ دوختورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
ئۇ 2008-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە 11 يىل ئىستانبۇل ئارناۋۇتكۆي ئائىلە ساغلاملىق مەركىزىدە ئائىلە دوختورى بولۇپ ئىشلىكەن، 2019-يىلى 3-ئايدا ئائىلىچە ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن تىببىي ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە تىببىي تەتقىقات ۋە خىزمەت بىلەن شوغۇللانماقتا.
ئۇ 2009-يىلى 9-سىنتەبىر ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بۇلۇپ، ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ، 2009-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە 10 يىل ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مالىيەگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ 2019-يىلى ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن كۈنىمىزگىچە، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ ياۋرۇپادا غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە، 2018-يىلى 12-نويابىردا مۇيۇنخىندا دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى باشچىلىقىدا 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن قۇرۇلۇپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان بىر ئىلمىي ئورگاندۇر.
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە يەتتە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئويغۇر سوتىغا ئائىت ماتېرىياللارنى تەييارلاش، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ياۋرۇپادا ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، مىللىتىمىزگە پايدىلىق ھەرخىل تېمىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تېمىلىرىدا ئون نەچچە قېتىم لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم بىلىم-كۈچ ژۇرنىلىنى نەشىرگە تەييارلاش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى سەرخىللار مائارىپىنى كۈچلۈك قوللاپ بېرىش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك قىسمىتىدىن تىزرەك قوتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خالىس تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.

