دوكتور رېشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» نامىدا ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىكى ئېچىلىش سۆزى
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» نامىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇرۇلدى.
ئېچىلىش قىسمى (1)
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنستىتۇتى قاتارلىق 20 تەشكىلات ۋە ئورگان ھەمكارلىقىدا، 2025-يىلى 10-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» نامىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۆرۈشىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، دۆلەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى غوللۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار بىردەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشتى.
مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى ساھىپخان تەشكىلات ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى، قۇرۇلتاينىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى دوكتور رېشات ئابباس ئەپەندى قىلغان. ئۇ ئېچىلىش سۆزىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىغىن ئەھلى، مەن بۇ يىغىننى تەشكىللىگەن ۋە ھەمكارلاشقان بارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا ۋاكالىتەن، سىلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قىزغىن قارشى ئالىمەن.
كومىنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدىن تەشكىللەنگەن 20 ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئامېرىكا تەشكىلات، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئورگانلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى ئۇيغۇرلارغا ئىلھام ۋە كۈچ بېغىشلايدۇ، بىز ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلاردىن تولىمۇ مىننەتدارمىز. مانا بۇ، خىتاي كومىنسىت پارتىيەسى (خ ك پ) گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنىڭ يەر شارىۋى ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
يەتتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي كومىنسىت پارتىيەسى ئانا يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭ كۈچلۈك ۋە ئۆزئارا ماسلاشقان ھالەتتە ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈردۇر.
بىز ئۇيغۇرلار، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ 2020-يىلىدىكى »ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى« ۋە 2021-يىلىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللاشتىكى ئىرادىسىدىن مىننەتدارمىز. شۇنداقلا، بىز ئۇيغۇرلار ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ 2020 ۋە 2021-يىللىرى چىقارغان ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنىڭ تىزرەك ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان كېيىنكى قەدەملىرى سۈپىتىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جاۋابكارلىقى ۋە جازالاش قانۇنى» بىلەن «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» نى تىزدىن ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز.
بىز ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيوغا 2025-يىلى فېۋرالدا تايلاندتىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى باياناتى، شۇنداقلا خىتاي كومىنسىت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىغا دائىر يەنە بىر قېتىم خىتايغا قارشى مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ بۇ سۆز – ھەرىكىتى خىتاي جازا لاگىرلىرىدىكى مىليۇنلىغان ئۇيغۇرغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ.
بىز بۈگۈن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە تەتقىقاتىلار بىلەن ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە خىتاي كومىنسىت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى، مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكى، تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ۋە چىگرا ھالقىغان زۇلۇم سىياسىتى، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ۋە يەر شارى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت مىخانىزىمى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك مۇھاكىمە يۈرگۈزىمىز.
بىز خىتاينىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئۇيغۇرنىڭ ھەق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوللىغان ئامېرىكىلىق بارلىق سىياسەتچىلەرگە، دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا، تەتقىقاتچىلارغا، مۇتەخەسسىسلەرگە ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
بىز ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە دېمۇگراتىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيىتتە، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
دېمۇگراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرغىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۆرۈشىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، دۆلەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى غوللۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى










