13 ئۇيغۇر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتىتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى.
10-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى (ئامېرىكا)، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات فوندى (تۈركىيە)، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى (UAA)، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (گېرمانىيە)، ياۋروپا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى (نورۋېگىيە)، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى (كانادا) قاتارلىق 13 ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگىتوندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتىتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى.
ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا ۋە تۈركىيەدىن ۋاشىڭگىتونغا كەلگەن 13 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتىتىدىكى ئەمەلدار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش، جازا لاگىرلىرىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قۇتقۇزۇش، جازا لاگىرلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇر مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنى جازالاش، خىتاينىڭ چىگرا ئاتلىغان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى زۆرۈر تۈرلەر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ قوغدىلىشى قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلار ئۈسىتىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ھەم شۇنداقلا، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار يولۇققان قېيىنچىلىقلار ۋە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىمىز ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ۋە كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مېنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتىتىدىكى ئەمەلدار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىردەك خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنى توسۇش، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ۋە خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-سىياسەتلىرى ۋە چارە-تەدبىرلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.


