ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە غوللۇق تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش سۆزلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۆرۈشىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، دۆلەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى غوللۇق تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش نوتۇقلىرى
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۇنجى بولۇپ سۆز قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جون مىلىنارنىڭ ئېچىلىش سۆزى
ئۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ جاسارىتىگە ۋە ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقىنى ياقىلىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىپ، خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىي قىلمىشلىرىنى، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، چېقىلغان مەسچىتلەر ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ۋەھشىلىكىدەك جىنايىي قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئۇ يەنە كوممۇنىزمنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، دۆلەتنى ئىنسانىي قەدىر-قىممەتتىن ئۈستۈن قويغان ۋە مەغلۇپ بولغان بىر ئىدېئولوگىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ كومىنىزمنىڭ بۇ زۇلۇمىنى ئاشكارىلاشنىڭ ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي ئىجرا قىلىنىشىنى تەكىتلىدى، ھەمدە مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەر ۋە ئەمەلدارلارنى بۇ رەزىل تىجارىتىدىن توختاشقا چاقىردى. ئۇ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن خىتايغا قارشى مىللىي كۆرىشنى داۋاملاشتۇرغان ئۇيغۇرلاردىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جوۋ ۋىلسوننىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش سۆزى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جوۋ ۋىلسون ئەپەندى سۆزىدە، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلۇمىغا قارشى كۈرەشلەردىكى چىدامچان روھىغا مەدھىيە ئېيتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە بولۇشتىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيىتتى. ئۇ دادىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا فاشىزىمغا ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى ئەسلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئاچچىق ئۆتمۈشنى، بولۇپمۇ گولدۋاتېر ۋە رېيگاننىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى مىسال قىلىپ، رېيگان، تاتچېر ۋە يۇھاننا پاۋېل قاتارلىقلارنىڭ ھارماي كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە كومىنىزىمنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومىنىزىمىغا قارشى قىلغان تىرىشچانلىقىنىڭ بۈگۈنمۇ خىتاي كومىنىزىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا بەلگىلىك نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغىمۇ شۇنداق غەلبىنىڭ بىر كۈن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېىيتتى.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق ئەركىنلىك كۆرۈشىنى قوللاپ كەلگەن كىرىس سىمىس قاتارلىق پالاتا ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ھەر زامان بىرگە خىتاي زۇلۇمىغا قارشى قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كىرىس سىمىس ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش سۆزى
ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە زوراۋانلىقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن يىغىلغان ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكىلىق سىياسەتچى دوستلىرىغا سالام بېرىپ، خىتاينىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن تىرشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەش بىلەن بىرگە، بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ پەقەتلا يىتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشتا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرى قۇل ئەمگىكى ۋە جازا لاگېرلىرىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى ۋە بۇ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ سودا قىلىۋاتقان باشقا خەلقئارالىق سودا شىركەتلىرىگە قارشى جازالاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئېنىستۇتى مۇئاۋىن رەئىسى كىمبىرلىي شېرىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش سۆزى
كىمبىرلىي شېرىر خانىم سۆزنى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغان دوكتور رىشات ئابباس قاتارىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەتلىرى ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا رەھمىتىنى ئېيتىش بىلەن باشلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ بۇ ئۇتۇقلارنى مىسال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا قارشى لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقارغان خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا دائىر دوكلاتى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغانلىقى، خىتاي تەرىپلەۋاتقان قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرى سۈپىتىدە ئاشكارلىنىپ، دېمۇگراتىك ئەللەر تەرىپىدىن «قىرغىنچىلىق ئىسپاتى» دەپ تۇنۇلىشى، ھەم شۇنداقلا 20 يىل بۇرۇن رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق نەتىجىلەر ئەمەلىيەتتە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ تۇنۇيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىقىنى خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئېنىستۇتى نامىدىن داۋاملىق ماددىي ۋە مەنىۋىي جەۋەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەرىك پەتتېرسون ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش سۆزى
دوكتور ئەرىك پەتتېرسون ئەپەندى سۆزىدە، بۇ يىغىننىڭ بۈگۈنكىدەك تارىخى خاتىرە كۈنىدە چاقىرىلغانلىقىدىن ئىپتىخارلانغانلىقىنى، بۇ كۈننىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياناتى ئىلان قىلىنغان، كوممۇنىزىم قىرغىنچىلىق قۇربانلىرى كۈنى دەپ تۇنۇلغان، شۇنداقلا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 80 يىللىقىغا توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، بۈگۈنكى بۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھارماي كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، خىاي كوممۇنىزىمىغا قارشى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۆمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاسىمىلياتسىيە قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل سىياسىي تاكتىكىلارنىىڭ كوممۇنىزىمغا خاس قىرغىنچىلىق خاراكتىرلىك سىياسىي تەدبىر ئىكەنلىكىنى، تارىخىنىڭ يەنە تەكرارلىنىپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇ يىقىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئەرىك پەتتېرسون ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، لونگىفېللونىڭ «روژىېستۋا كۈنى قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىدىم» شېئىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى ئۈمىدنى ئەسلەتتى ۋە «زولۇم ھامان مەغلۇپ بولۇپ، ھەقىقەت غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن مىسرالار بىلەن ئۆزىنىڭ خىتاي كوممۇنىزىمىنىڭ گۇمران بولىشىغا دائىر ئۈمىد ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.
خىتايغا قارشى خەلقئارا پارمېنتلار ئارا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە دېرىكتورى لۇك دې پۇلفورد ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش سۆزى
لۇك دې پۇلفورد ئەپەندى سۆزىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم دېمۇگراتىك ئەللەر گەرچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇپ، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچبىر خەلقئارا تەشكىلات ياكى دۆلەتنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىمكانى بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ خىتاي قىرغىنچىلىقىغا قارشى گۇۋاھلىقلىرى، خىتاي جازا لاگىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئاشكارلىنىپ كەتكەن ھۈججەتلەر ۋە باشقا نۇرغۇن ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقىىي قىرغىنچىلىقىغا يىتەرلىك دەلىل بولالايدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىشلىگەن قىرغىنچىلىق جىنايىي جاۋابكارلىقىغا تارتىشتا يېتەرلىك دەلىل بولالايدىغانلىقىنى، دېمۇگراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي زوراۋانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشتا جىددىي كۈچنى توپلاپ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلات رەئىسى تېنچو گىياتسو خانىمنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش سۆزى
تېنچو گىياتسو خانىم سۆزىنى تىبەت ھەركىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يوللىغان سالاملىرىنى يەتكۈزۈشتىن باشلىدى. تېنچو گىياتسو خانىم بۈگۈنكىدەك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دالاي لامانىڭ تىنىچلىق نوبىل مۇكاپاتى ئالغان كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ كۈننىڭ چوڭقۇر تارىخى ئەھمىيىتى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ تىبەتلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن تەقدىرداش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر ھېسىداشلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى قوللايدىغانلىنى، تىبەت خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايغا قارشى بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە داۋاملىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى ۋە قىرغىنچىلىقىغا قارشى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
يالى ئۇنىۋېرسىتېتى جەكسۇن خەلقئارا قانۇن فاكولىتىتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتىلىقى ئافغانىستان سابىق مۇتەخەسسىسى دوكتور سىكوت ۋۇردىن ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» بىلدۈرۈش نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان ئېچىلىش سۆزى
دوكتور سىكوت ۋۇردىن ئەپەندى سۆزىدە ئاۋال بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغان دوكتور رىشات ئاباس قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ دوكتور رىشات ئابباس بىلەن ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىقى بارلىقىنى، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە يالى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا لىكسىيە بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكىلىق ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتى، خىتاينىڭ سۈنىئى ئەقىل بىلەن تەقىپ قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا يۈز پەرىقلەندۈرۈش ۋە ئاۋاز تۇنۇش ئاساسىدىكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىپلا قالماي، بەلكى بۇ تېخنىكلارنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كۆپلەپ ئېكىسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە دېمۇگراتىك ئەللەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە ئىشلىتىدىغان ئۆزەكلەرنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىىشنى جىددىي چەكلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېمۇگراتىك ئەللەرنىڭ خىتاي يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تىز سۈرئەتتە توختىتشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.







