You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى

ئاپتورى: لىندىسەي مەيىزلەند (Lindsay Maizland)

ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان

تەھرىر: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

كىرىش سۆز

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى ئۆزى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دەپ ئاتايدىغان ئورۇنلارغا سولىغان. بۇنىڭدىن باشقا، تەخمىنەن يەنە يېرىم مىليون ئادەم ھازىرغىچە تۈرمە ياكى قاماقخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقىي تۈركىستان)  ياشايدۇ. بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر ئاساسلىقى تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەردۇر. (خىتايدىكى باشقا ئاپتونوم رايونلار گۇاڭشى، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا ۋە تىبەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار يەنە قاتتىق نازارەتچىلىك، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا.

ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قانچە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) دىكى ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلمىغانلىقىنى ۋە «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ 2019-يىلى تاقالغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا. خەلقئارالىق دوكلاتلاردا بۇ مەركەزلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىر تاقالغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تۈرمە ياكى قاماقخانىغا ئۆزگەرتكەن. شۇنداقتىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلارنىڭ ۋە چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ رايونغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىش يەنىلا قىيىن.

خىتايدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن قانچىلىكى لاگىرلارغا قامالدى؟

خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلىدىن باشلاپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر تۇتقۇن قىلىنغان (بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئەڭ يېڭى مۆلچەرنىڭ 1.8 مىليونغا يېقىنلاشقانلىقىنى قەيت قىلماقتا). نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىغان، نۆۋەتتە كۆپىنچىسى تاقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەسلىھەلەردە تۇتۇلغان. شۇنداقتىمۇ، خەلقئارالىق تاراتقۇلار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ ئورۇنلارنى ئاساسلىقى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»، «قاماق لاگېرلىرى» ياكى «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى» دەپ ئاتاۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ئۆلۈم سانىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.

لاگېر، قاماقخانا ۋە تۈرمىلەرنىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) دا ياشايدىغان 11 مىليون ئۇيغۇر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن داۋاملىق ئازاب چېكىۋاتىدۇ. 2017-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «دىنىي ئىشلار نىزامى» نى تۈزىتىپ ئېلان قىلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) دا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش، مەسچىتلەرنى ۋە مۇقەددەس ئىسلامىي ئورۇنلارنى چېقىش، دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى چەكلەش ۋە كىشىلەرنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قاتارلىق ئېغىر ئەھۋاللار دوكلات قىلىندى.

ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش قاچان باشلانغان؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، «قايتا تەربىيەلەش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) دا 2014-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2017-يىلى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن. شۇ يىلدىن باشلاپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە مۇخبىرلار يېڭى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە تۈركۈملەپ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن مەۋجۇت ئەسلىھەلەرنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى ھۆججەتلەر بىلەن دەلىللىدى. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى كۆزەتكەن رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى، 39 لاگېرنىڭ كۆلىمىنىڭ 2017-يىلى 4-ئايدىن 2018-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭەيگەنلىكىنى بايقىغان؛ بۇ لاگېرلار تەخمىنەن 140 پۇتبول مەيدانىدەك كۆلەمنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، گېرمانىيەلىك ئىنسانشۇناس ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنز يەرلىك ۋە مەملىكەتلىك خامچوتلارنى ئانالىز قىلىپ، رايوندىكى بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇش چىقىمىنىڭ 2017-يىلى 20 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 2.96 مىليارد دوللار) ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادرىيان زېنز 2019-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قاماق لاگېرلىرىنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، دېگەن.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى» ئېيتتى؛ خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما، رايونغا كىرىش قاتتىق چەكلەنگەنلىكى ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن سۆزلىشىش ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە دۇچار قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ئىددىئالارنى دەلىللىشى قىيىن بولۇپ كەلمەكتە. مۇستەقىل دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم تۇتقۇنلار ئۆي قاماقلىرى، ھەرىكەت چەكلىمىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

مۇخبىرلار 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر قانچە لاگېرنىڭ ھەقىقەتەن تاقالغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يىلى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، 380 دىن ئارتۇق گۇمانلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەسىنى بېكىتتى. تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ بەزى تۆۋەن بىخەتەرلىكتىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى رەسمىي قاماقخانا ياكى تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى، مەۋجۇت قاماقخانىلارنى كېڭەيتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭى، يۇقىرى بىخەتەرلىككە ئىگە قاماقخانىلارنى قۇرغانلىقىنى بايقىدى. (خىتاي دائىرىلىرى ASPI نى ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن «خىتايغا قارشى قورال» دەپ سۈپەتلىدى.)

دائىرىلەر ھازىر كىشىلەرنى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا، رەسمىي ئەدلىيە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تۈرمىگە تاشلاشنى كۈچەيتمەكتە. 2022-يىلى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) بىر ناھىيەدە تەخمىنەن ھەر 25 ئادەمنىڭ بىرىنىڭ «تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر» بىلەن تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئامېرىكا قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، رايوندا يەنىلا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم رەسمىي تۈرمىلەردە ياكى قانۇنسىز قاماق لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئەسكەرتىش:  مەزكۇر خەرىتە 2020-يىلى 9-ئايدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، تاراتقۇ خەۋەرلىرى، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە باشقا مەنبەلەرگە ئاساسلانغان بولۇپ، رايوندىكى گۇمانلىق «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»، قاماقخانىلار ۋە تۈرمىلەرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. مەنبە: ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI).

قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا نېمە ئىش بولدى؟

«قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»دا تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ھېچقاچان رەسمىي ئەيىبلەش ئېلان قىلىنمىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارىشى قانۇنىي ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىمۇ بولمىغان. تاراتقۇ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، تۇتقۇنلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن نىشانغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي سىياسىي جەھەتتىن «سەزگۈر» دەپ قارايدىغان 26 دۆلەتنىڭ بىرىگە (مەسىلەن، تۈركىيە ياكى ئافغانىستانغا) بارغان ياكى ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان بولۇش؛ مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇغان بولۇش؛ ئۈچتىن ئارتۇق بالىسى بولۇش؛ شۇنداقلا تېلېفوندا قۇرئان ئايەتلىرى بار تېكىستلەرنى ئەۋەتكەن بولۇش قاتارلىقلار بار. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇلارنىڭ «بىردىنبىر جىنايىتى» مۇسۇلمان بولۇش بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پەقەت دىنىي ئېتىقادى بويىچە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا «ئەسەبىي» دەپ تامغىلانغان.

«قايتا تەربىيەلەش» ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار يەنىلا چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىن قېچىپ چىققان نۇرغۇن سابىق تۇتقۇنلار ئۇ يەردىكى ئېغىر شارائىتلارنى تەسۋىرلەپ بەردى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسى 2022-يىلى ئون نەچچە كىشىنى، جۈملىدىن 26 سابىق تۇتقۇننى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا لاگېرلاردا «قىيناش ياكى باشقا شەكىلدىكى رەھىمسىز، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياكى كىشىلىك غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىدىغان مۇئامىلە ئەندىزىسى»نىڭ مەۋجۇتلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ب د ت نىڭ دوكلاتى خەلقئارالىق مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى بايقاشلىرىنى جەزملەشتۈردى. تۈرلۈك ئاشكارىلاشلار تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە (خ ك پ) سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىشكە، ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، شۇنداقلا كوممۇنىزمنى مەدھىيەلەشكە ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى كۆرسەتتى. بەزى كىشىلەر لاگېرلاردىكى تۈرمىگە ئوخشاش شارائىتلارنى، يەنى كامېرا ۋە مىكروفونلارنىڭ ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ۋە سۆزىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. باشقىلار سوراق جەريانىدا قىين-قىستاققا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇيقۇسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئاياللار بولسا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە، جۈملىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. قويۇپ بېرىلگەن بەزى تۇتقۇنلار ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى ئويلىغانلىقىنى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يەنە ئائىلىلەرنى پارچىلاپ تاشلىدى. ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا سولانغان بالىلار كۆپىنچە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يېتىمخانىلاردا ياشاشقا مەجبۇرلاندى. خىتاي سىرتىدا ياشايدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى: يا بالىلىرى بىلەن بىللە ياشاش ئۈچۈن ۋەتىنىگە قايتىپ تۇتۇلۇش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىش ياكى چەتئەلدە قېلىپ، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ھالدا ئۇلار بىلەن ئالاقىسىز ياشاش. نۇرغۇن ئائىلىلەر يەنە بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ماقۇللىقىسىز ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى. ب د ت مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش تىلى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتايچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى قاتتىق چەكلەنگەن.

خىتاي ئەمەلدارلىرى لاگېرلار ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دەسلەپتە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان)دا «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىدا بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىككى ئاساسلىق مەقسىتى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن: بىرىنچىسى، خىتاي تىلى، خىتاي قانۇنلىرى ۋە كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىتىش؛ ئىككىنچىسى، «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش» ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ «ئەسبىي ئىدىيەلەر»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. خىتاي ئەمەلدارلىرى رايوندا 2016-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، لاگېرلارنىڭ زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان خەلقئارالىق ئەيىبلەش كۈچەيگەچكە، خىتاي دائىرىلىرى ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرى خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە پائالىيەتچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ تەسىرىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئۇلار ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى «خىتايغا قارشى كۈچلەر»نىڭ «رەزىل ئىغۋا» تارقىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنى تەكرارلىدى. بېيجىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى توسۇشقا قاتتىق ئۇرۇندى. دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇنى «يالغان ئۇچۇر» دەپ ئىنكار قىلىپ، رەسمىي رەددىيەسىدە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ رايون ھەققىدە «نۇرغۇنلىغان پىتنە ۋە يالغانلارنى تارقاتقانلىقىنى» دەۋا قىلدى.

خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى (شەرقىي تۈركىستان)دىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن نىشانى قىلىدۇ؟

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەسەبىي» ۋە «بۆلگۈنچى» ئىدىيەلەرگە ئىگە بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا ئۇلار لاگېرلارنى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ھۆكۈمىتىگە ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىغا بولغان تەھدىتلەرنى يوقىتىشنىڭ يولى دەپ قارىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) 1949-يىلى خ ك پ رايوندا ھاكىمىيەت تىكلىگەندىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ دەۋا قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە ياشايدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنى خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىك، دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ ھەمدە ئافغانىستان، پاكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خ ك پ دىننى «خىتايلاشتۇرۇش»، يەنى بارلىق دىنلارنى رەسمىي ئاتېئىست پارتىيەنىڭ تەلىماتلىرىغا ۋە كۆپ سانلىق خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. ھۆكۈمەت بەش دىننى — بۇددا دىنى، كاتولىك دىنى، داۋ دىنى، ئىسلام دىنى ۋە پروتېستانت دىنىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەل كۈچلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىكنى قوزغىشىدىن ئەنسىرەپ كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قانداق ئىپادىسىنى «ئەسەبىيلىك» دەپ سۈپەتلىمەكتە؛ بۇ ئۆتمۈشتىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ۋە پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە بولغان ئىنكاستۇر. يېقىنقى ئون يىلدا، ھۆكۈمەت تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ETIM) دىن كۆردى (2020-يىلى ئامېرىكا بۇ گۇرۇپپىنىڭ يېقىنقى ئون يىلدا پائالىيەت قىلغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك پاكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى). 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوللانغان ھەرىكەتلىرىنى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاقلاشقا باشلىدى ۋە ئۆزى ئاتىغان «ئۈچ خىل كۈچ» — بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسبىيلىك ۋە خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارىتا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2009- يىلى ئۈرۈمچىدە زوراۋانلىق ۋەقەسى پارتلىدى. ئۇيغۇر نامايىشچىلار ھۆكۈمەت رىغبەتلەندۈرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا كېلىشىگە ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت كەمسىتىشلىرىگە قارشى نامايىش قىلدى. ۋەقەدە 200 دەك ئادەم ئۆلدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋەقەنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. كېيىنكى يىللاردا دائىرىلەر ھەرقايسى جايلاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىدى. بېيجىڭنىڭ نەزىرىدە، بارلىق ئۇيغۇرلار تېررورچى ياكى تېررورلۇققا ھېسداشلىق قىلغۇچى بولۇش ئېھتىماللىقىغا ئىگە ئىدى. كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، دائىرىلەر يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، پويىز ئىستانسىسى ۋە ئوچۇق بازار، شۇنداقلا بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ھۇجۇملار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىدى.

شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى (شەرقىي تۈركىستان)نى زىيارەت قىلغاندا بىر يۈرۈش مەخپىي نۇتۇقلىرىدا «دىنىي ئەسبىيلىكنىڭ زەھىرى»دىن ئاگاھلاندۇردى ۋە ئىسلام ئەسبىيلىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن «مۇستەبىتلىك» قوراللىرىدىن پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى تەرىپىدىن 2019-يىلى ئاشكارىلانغان بۇ نۇتۇقلاردا، شى جىنپىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى (شەرقىي تۈركىستان) دىكى باستۇرۇشنىڭ ئۇلىنى سالدى. 2017-يىلى رايون ھۆكۈمىتى «ئەسبىيلىكنى يوقىتىش» ئۈچۈن تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئىشلىتىشنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى؛ شۇنىڭدىن كېيىن لاگېرلار تېز سۈرەتتە كۆپەيدى.

COVID-19  يۇقۇمى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ۋە ئۇچۇرلارنى چەكلەش ئۈچۈن يەنە بىر باھانە بولدى. رايون قاتتىق قامال ۋە ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈردى. دائىرىلەر يەنە ھۆكۈمەتنىڭ قامال سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان تور يازمىلىرىنى قاتتىق تەكشۈردى، بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرى «پىتنە-پاسات تارقاتقان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتقۇن قىلىندى. يۇقۇم سىياسىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ رايونغا بېرىشىنى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ قويدى.

بۇ باستۇرۇشقا ئىقتىسادىي ئامىللار چېتىشلىقمۇ؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) خىتاينىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا سوزۇلغان غايەت زور تەرەققىيات پىلانى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھالقا ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ رايوننىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك ئېھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلماقتا؛ چۈنكى بۇ رايون خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈر ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە جاي.

كۆپلىگەن دوكلاتلارغا قارىغاندا، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) نىڭ مۆلچەرىچە، 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان 80 مىڭ ئۇيغۇر خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 83 دۇنياۋى ماركا بىلەن مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلگەن. بەزى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»نىڭ ھويلىسىدا زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھۆججەتلەر بىلەن دەلىللەنگەن. ھۆكۈمەت يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى زاۋۇت ئىشلىرىغا مەجبۇرلىماقتا. ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزى (CSIS) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ رايوننى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى بولسا بۇ سىياسەتنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دەپ پەردازلىماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 2023-يىلىدىن باشلاپ رايوننىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن يارىتىش ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تاۋارلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى (شەرقىي تۈركىستان) دا ئىچكى ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ساياھەتچىلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن رېستوران، مېھمانساراي ۋە سەھنە ئۈچۈن ياللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇلماقتا. خەلقئارالىق مېھمانساراي زەنجىرلىرىمۇ رايوندىكى تەرەققىياتىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتتى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» (UHRP) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا رايوندا ئاز دېگەندە 115 خەلقئارالىق مېھمانساراي ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 74 ى ئوخشىمىغان پىلان باسقۇچلىرىدا تۇرماقتا. رايوننى زىيارەت قىلغان ساياھەتچىلەر سانى 2024-يىلى 302 مىليون قېتىمغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى؛ رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 2030-يىلىغا بارغاندا زىيارەتچىلەر سانىنى 400 مىليونغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى (شەرقىي تۈركىستان)دىكى لاگېرلارنىڭ سىرتىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟

رايوننى زىيارەت قىلغان خەلقئارالىق مۇخبىرلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن زامانىۋى تېخنىكىغا تايىنىدىغان «يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت دۆلىتى»گە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 2017-يىلىدىن باشلاپ، رايون «تورلاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسى»غا كىرگۈزۈلدى. تاراتقۇ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، شەھەر ۋە يېزىلار تەخمىنەن 500 ئادەمدىن تەركىب تاپقان «كاتەكچىلەر»گە بۆلۈنگەن. ھەر بىر كاتەكچىنىڭ ساقچى پونكىتى بولۇپ، ئۇلار پۇقرالارنىڭ سالاھىيەت كارتىلىرىنى تەكشۈرۈش، سۈرەتكە تارتىش، بارماق ئىزىنى ئېلىش ۋە تېلېفونلىرىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق ئاھالىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردا، بۇ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورنى تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە رەقەملىك نازارەت ئۇسۇللىرى بىلەن ئالماشتۇرۇلدى. ھۆكۈمەت يەنە «ھەممەيلەن ئۈچۈن سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پروگراممىسى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەجبۇرىي يىغىپ ساقلاۋاتىدۇ.

بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى «بىرلەشمە جەڭ مەشغۇلات سۇپىسى» (IJOP) دەپ ئاتىلىدىغان غايەت زور سانداندا يىغىپ ساقلىنىدۇ؛ ئاندىن سىستېما سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ «گۇمانلىق كىشىلەر»نىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. خەلقئارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى (ICIJ) تەرىپىدىن 2019-يىلى ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 6-ئايدىكى يەتتە كۈن ئىچىدە، رايوندىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئالگورىزىم تەرىپىدىن بەلگە قويۇلغاندىن كېيىنلا لاگېرلارغا تاشلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى «قۇرۇق توقۇلما» دەپ ئاتىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى (شەرقىي تۈركىستان)دىن خەۋەر بېرىۋاتقان مۇخبىرلار رايوندا مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى بايقىغان. 2014-يىلىدىن باشلاپ، «قوشماق تۇققان» سىياسىتى بويىچە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا ۋە روزا تۇتۇش قاتارلىق ھەر قانداق «ئەسەبىي» ھەرىكەتلەرنى مەلۇم قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دائىرىلەر مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىدى. بىنالارنىڭ سۈپەتسىز سېلىنغانلىقى ۋە ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چىقىش باھانىسى قىلىپ كۆرسەتتى.  يەرلىك ھۆكۈمەت «ھالالغا قارشى ھەرىكەت» باشلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ھالال يېمەكلىكلەرنى تېپىش قىيىنلاشتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 2009-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ھۆكۈمەت تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە 630 ئۇيغۇر يېزا نامىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.

ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە بويىدىن ئاجرىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى قويۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دائىرىلەر تۇغۇت چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ياكى بالىسى زىيادە كۆپ بولغانلارنى تۇتقۇن قىلدى.  ئادرىيان زېنزنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن قىلغان ئانالىزىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار زىچ ياشايدىغان ئىككى ۋىلايەتتە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە %84 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2021-2022-يىللىرى نۆلگە يېقىنلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بوۋاقلىرىغا «مۇھەممەد»، «مەدىنە» قاتارلىق دىنىي تۈستىكى ئىسىملارنى قويۇشى چەكلەنگەن.

بېيجىڭ يەنە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتتى. ۋىلسون مەركىزىنىڭ 2022-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەلدىكى 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇرۇۋاتقان دۆلەتلىرىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغان ياكى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلانغان. مەسىلەن، 2015-يىلى تايلاند 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى؛ 2017-يىلى مىسىر بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. تايلاند يېقىنقى مەزگىلدە، يەنى 2025-يىلى 2-ئايدا يەنە 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. تايلاند كىشىلەرنى زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى بار جايغا قايتۇرۇشنى چەكلەيدىغان خەلقئارالىق قانۇن پرىنسىپىغا (قايتۇرماسلىق پرىنسىپىنى) قول قويغان دۆلەت بولسىمۇ، يەنىلا مۇشۇنداق قىلدى. خەلقئارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى (ICIJ) 2019-يىلى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلارغا چەتئەلدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا يوليورۇق بەرگەن ھەمدە كۆپىنچىسىنىڭ خىتايغا قايتىپ كىرىشى بىلەنلا قولغا ئېلىنىشى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

كۆپ قىسم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان)دىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسى خىتاينى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ۋە غايىب بولغانلارنىڭ قەيەردىلىكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

2012-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتتىكى قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ 2021-يىلى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىدى؛ بۇ، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيان مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ خىتايغا تۇنجى قېتىم چەكلىمە قويۇشى بولۇپ قالدى. 2024-يىلى 10-ئايدا، ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكنى ئەيىبلەيدىغان جىددىي قارار قوبۇل قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئامستېردام شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى 2025-يىلى 7-ئايدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامنى ئىشلىتىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى يەنە رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چەكلىمىلەرنى قويدى. ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) ئارقىلىق بۇ رايوندىن كېلىدىغان بارلىق ئىمپورتلارنى ئاساسەن چەكلىدى؛ ئەنگلىيە بولسا تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىغان شىركەتلەرگە جەرىمانە قويۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2024-يىلى 11-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى چەكلەش قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى.

خىتاينىڭ بەزى شېرىكلىرى بولسا سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدى؛ ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن كۆرە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى ئەلا بىلدى. 2022-يىلى 6-ئايدا، 60 دۆلەت — بۇنىڭ ئىچىدە پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرمۇ بار — ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باشلىقىنى رايونغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدىغان بىر باياناتقا ئىمزا قويدى ۋە ئۇلارنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى دەپسەندىچىلىككە سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CFR) تورىدا 2025-يىلى 3-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان.

ئاپتور لىندىسەي مەيىزلەند مەزكۇر ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاننى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ قوللانغان، ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) دەپ تۈزىتىلدى

ئەسلى مەنبە: https://www.cfr.org/backgrounder/china-xinjiang-uyghurs-muslims-repression-genocide-human-rights

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top