You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 7-قارارى باشلىدى

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 7-قارارى باشلىدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىدە يېتەكچى ياشلارنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە بىر يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش پروگراممىسىغا قاتناشقان ياشلىرىمىز بىلەن كۇرس ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مەزكۇر كۇرسقا ئالدىنقى يىلى قاتناشقان ياشلار كۇرس ھەققىدىكى تەسىرات – چۈشەنچىلىرىنى، كۇرسنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭىدىن سەپكە قېتىلغان ياشلار مەزكۇر تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۈتكەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ مەۋسۇمكى تەربىيەلەش پروگىراممىسىدىن تەپسىلىي خەۋەردار بولدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا ئېچىلغان بۇ مەۋسۈملۈك تەربىيەلەش كۇرسى تەپسىلاتى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 16 يىللىق مۇساپىسى ۋە قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەت ئەزالىرىدىن دوكتور ئابلەت ئۇيغار، دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى ۋە دوكتور مەغپىرەت كامال، ئەنۋەر ئەخمەت ۋە تولۇنئاي تەڭرىتاغلى قاتارلىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ياشلارغا قارىتا ئېچىلغان مەزكۇر كۇرسقا قارىتا تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ، ياشلىرىمىزنى يىتىشتۈرۈشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈر تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

مەزكۇر يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۆرىشىگە ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبەلىرىنى، تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۆز-قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر زامان ئۆز قېرىندىشى دەپ بىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلالايدىغان كۆپ ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئالدىنقى يىللىق كۇرس خۇلاسىسىنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە، بۇ يىل ياشلىرىمىزغا قارىتا قىلماقچى بولغان پروگىراممىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top