خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە كۈنتەرتىپتە
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباس قاتارلىقلار 14-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىغا قارىتىلغان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئەمەلدارلارغا مەلۇمات بەردى.
يىغىندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ داۋاملىق ئورۇنىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىك قىممەت قاراش ۋە خەلقئارا قائىدىلەرگە بىۋاسىتە خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئەمەلىي قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
