You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرى ئامېرىكا ئاق سارايدا كۈنتەرتىپتە

خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرى ئامېرىكا ئاق سارايدا كۈنتەرتىپتە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىجرائىيە دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئىجرائىيە دېرىكتورى رۇشەن ئابباس قاتارلبقلار ئاق سارايدا ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

كۆرۈشۈشتە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا پۇخراسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت ھالقاپ تەھدىت سېلىش ۋە نازارەت قىلىش قىلمىشىغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنى قوغداش تەدبىرى ئېلىشىنىڭ جىددىيلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىرگە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قارىتا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، دېموكراتىك قەدرىيەت ۋە ئامېرىكا زېمىنىدا ئەركىن ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top