تەزىيەنامە
بۈگۈن بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، قەلىمى بىلەن خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان يازغۇچى، شائىر ۋە پىداكار جامائەت ئەربابى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەھمىيەتلىك ھاياتىنى خىتايغا قارشى مىللىي كۆرەشكە، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ۋە ئەدەبىياتىمىزنى يېڭى پەللىلەرگە كۆتۈرۈشكە بېغىشلىغان بىر يارقىن يۇلتۇز ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، تارىخىي كەچمىشلىرىنى ۋە پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلدى.
ئۇ يالغۇز ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتپلا قالماي، بەلكى مىللەتنىڭ بىرلىكى، مائارىپى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەقىقىي بىر يېتەكچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان ئىدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى پەقەتلا ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە زىيالىيلار قوشۇنى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. گەرچە ئۇ ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ئەسەرلىرى ۋە ئۆچمەس روھى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت، ۋە روھى شاد بولسۇن. ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، يېقىن-يورۇقلىرىغا ۋە پۈتۈن خەلقىمىزگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋىر تىلەيمىز.
دوكتور رىشات ئابباس
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى
2026-يىلى 20-ئاپرىل
