• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » 3- قېتىملىق ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

3- قېتىملىق ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

مائارىپ بىر مىللەتنىڭ ئويغىنىشى، قۇدىرەت تېپىشى ۋە يۈكسىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۈگۈن «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدىكى 3- قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردى.

    ئىستانبۇلنىڭ زامانىۋى مەركىزى بولغان تاكسىم مەيدانىدىكى Green Park مېھمانخانىسىغا بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 16 نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر دوكتور، ماگېستىر ئوقوغۇچىلىرى، تۈركىيەدىكى ھەر ساھە زىيالىلىرى، مەرىپەتپەرۋەر زاتلار كەلگەن بولۇپ، نەپىس بېزەلگەن مېھمانخانا يىغىن زالى ئېلىم-پەنگە تەلپۈنگەن 150 تىن ئارتۇق يۈرەكلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە، جاراڭلىق، جۇشقۇن تۈركىيە دۆلىتى ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ رەئىسى پېروفىسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

    پېروفىسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى، رولى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا بولغان ئىجابىي تەسىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ، بۇ تۈردىكى ئىلمىي يىغىنىلارنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ئۈچۈن ئىلمىي پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى سورۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى ۋە بۇندىن كېيىن بۇ تۈردىكى ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن قەرەللىك ھالدا ئۆزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ، بىرلىكتە تىرىشىشىمىزنىڭ تۇلىمۇ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى باشقا ھەيئەت ئەزالار بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ كۈچ چىقارغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ پۈتۈن لاھىيىسىنى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلىغان ئىدى.

    ئۇ ئېچىلىش نۇتىقىدا مۇنداق دېدى:

     ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ھەرقايسى جەمىئىيەتلەرنىڭ جاپاكەش مەسئۇل خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پىداكار ھەيئەت ئەزالىرى!

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۈگۈن يەنە بىر مۇھىم تېما ئۈستىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىلمىي مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارماقچى. مەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 20 دۆلەتتىن 190 نەپەر ئەزاسىغا ۋاكالىتەن، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ھەممىڭلارغا چىن يۈرەكتىن تەشەككۈر ئېيتىمەن، خوش كەلدىڭلار!

ئەزىز قېرىنداشلار، تارىخقا نەزەر سالساق، بىزدىن فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئۇلۇغبەگ، ئەلىشىر نەۋائىي، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق نۇرغۇن دۇنياغا مەشھۇر ئالىم-مۇتەپەككۇرلىرىمىز يېتىشىپ چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە، جۇملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت غەزىنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. كۈنىمىزدىمۇ ئۇيغۇرلاردىن يۇقىرىقىدەك ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققان ئالىملىرىمىز ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم-پەن كۈچىنى دۇنياغا نامايان قىلماقتا. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەبلەردىن، كۈنىمىزدە ئىلىم-پەندە ئۆزگە مىللەتلەردىن تۇلىمۇ ئارقىدا قالدۇق. بۇ سەۋەبتىن، ھازىر بىز ھەر قايسى ساھەلەردە يېتىشىپ چىققان ئىلىم ئەھلىلىرىگە ھەر زامانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىھتىياجلىق بولىۋاتىمىز. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىز تۇلىمۇ ئېغىر. بۇ مۈشكۈل، ئەمما ئەھمىيەتلىك ۋەزىپىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشالىساق، ئۆزىمىزنى تۇلىمۇ بەختىيار ھېس قىلىمىز.

ئاخىرىدا، بۈگۈنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ ئۇلۇغ مىللىتىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيىرلىك بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ۋە سۆزۈمنى تۆۋەندىكى شېئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

بىز ئۈچۈن شەرەپتۇر ئەل-يۇرتنىڭ ئىشى،

ئەلگە ئىش قىلغاننىڭ ئېگىلمەس بېشى.

ئەگەر شۇ ئەھدىمىزنى ئاقلىيالىساق،

نە ھاجەت قەبرىمىزگە خاتىرە تېشى.

كۆپچىلىككە كۆپ رەھمەت!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، تۈركىيە باش مىنىستىرلىكىدىن ئەسەر ساقا خانىممۇ كەلگەن ئىدى.

    ئەسەر خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىسقىغىنە ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرگەنلىكى، تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيادىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئۇچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان دەسلەپكى ئاساسنى تىكلەپ بەرگەنلىكىدەك مۇھىم تۆھپىلىرىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىن تۇلىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. (ئەسەر ساقا خانىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇر بۇلۇپ، بوۋىسى، يەنى ئانىسىنىڭ دادىسى 1890- يىللىرىدا خوتەندىن تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ ۋىلايىتىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. دادىسى بولسا، 1937- يىلىدا قەشقەردىن تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ ۋىلايىتىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.)

     بۇنىڭدىن كېيىن يىغىن رىياسەتچىسى مەرھابا ئەركىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان باشقا جامائەت ئەرباپلىرى ۋە ئىدارە-ئورگان باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

    ئالاھەزەل يېرىم سائەتلىك ئېچىلىش نۇتۇقلىرىدىن كېيىن، مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىملىق يىغىن تۆت بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە پېروفىسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت باشچىلىقىدىكى دوتسىنت دوكتور مەغپىرەت كامال، دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا ۋە دوكتۇر ئابلەت تۇران قاتارلىق تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان.

    1. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستېتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پېروفىسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئىسلاھاتى» دېگەن نوتۇقىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنقى 60 يىل مابەينىدە بەش قېتىم ئىسلاھات قىلىنغانلىقى، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى» دېگەندەك ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى باشقا تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاددىيلا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى زىيالىلارنىڭ تىلىمىزنى قوغداشتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

     نوتۇقتىن كېيىنكى قىزغىن سۇئال سوراش ۋە مۇنازىرە يىغىن كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىللە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىنى قانداق قىلىپ قوغداش ۋە تەرەققي قىلدۇرۇش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالدى.

2. ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوتسىنت دوكتور مەغپىرەت كامال «موللا بىلال نازىم ۋە ئۇنىڭ ھاياتى» ناملىق تەتقىقات تېمىسىنى سۇندى. مەغپىرەت خانىم موللا بىلال نازىمنىڭ توغۇلۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىنى شۇنداقلا ئەدەبىيات، شېئىر جەھەتتە تولۇپ تاشقان تالانتى بولسىمۇ، ئەينى زاماننىڭ شارائىتلىرى تۈپەيلى تونۇلالمىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلارنى چۈشەندۈرۈپ، موللا بىلال نازىمنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

    سادىر پالۋان بىلەن مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق كۈرەشلىرىگە قاتناشقان موللا بىلالنىڭ بىزلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن «نوزۇگۇم»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» قاتارلىقلاردىنمۇ مەلۇمات بەردى.

     3. مارمارا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ماۋائۇننەھىر ئىسلام قانۇنچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى» تېمىسىدىكى نوتىقىدا، ئىسلام تارىخىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىسلام ئۆلىمالىرى، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا قوشقان تۆھپىسى ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

    ئۇ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك ئىرقىغا تەۋە بولغان مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     4. ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتىتى يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئابلەت تۇران ئەپەندى «ئۇرۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن نوتۇقىدا ياپونىيەلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن ھەر 100 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەم 7.5 يۈز ياشتىن ھالقىغانلار بار رايون ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوتتۇرىچە ئۆمۈر پەرقلىرىنى سىتاستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىللە، ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدە موھىت، روھى-كەيپىيات ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تېببى نۇقتىدىن دەلىللەپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى پىكىر-تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنى سالامەتلىكىنى ئاسراشقا ۋە كۆرۈشكە تېگىشلىك ئۇزۇن ئۆمۈرىنى ياشاشقا چاقىردى.

    ئابلەت تۇران ئەپەندىنىڭ يۇمۇرىستىك سۆزلىرى ۋە قىزىقارلىق سۆزلەش ئۇسلۇبى يىغىن ئەھلىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، كۆرسەتكەن نەقلى ۋە ئەقلى دەلىللىرى كۆپچىلىكنى قايىل قىلدى.

     بىرىنچى كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ تۇنجى بۆلۈمى غەلبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مېھمانخانا رېستۇرانىدا مېھمانلار چاي، قەھۋە ۋە تۈرلۈك پېچىنە-پىرەنىكلەر بىلەن غىزالانغاچ يىغىن ئېلىپ كەلگەن ھاياجاننىڭ تۈرۈتكىسىدە چۈشتىن بۇرۇنقى مەزمۇنلار ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

    چۈشتىن كېيىن سائەت 13:30 دا يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى باشلاندى. يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوكتورى دوتسىنت ئەركىن ئەكرەم باشچىلىقىدىكى دوتسىنت دوكتۇر مۇرات ئورخۇن، دوتسىنت دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن قاتارلىق تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان.

    1. تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستېتۇتى ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ سىتىراتىگىيە پەنلىرى دوتسىنت دوكتۇرى ئەركىن ئەكرەم «ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە بولغان خاتا چۈشەنچىلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

    ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكىلاتىدا خەلىقئارادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىنسانلارنى توغرا چۈشىنىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەپلا قالماي، ئىنسانلارنى چۈشىنىش ھەرىكىتىنىڭ قىسقىچە تەرەققىياتى، بۇ ساھەدىكى مۇھىم تەتقىقاتچىلار ۋە نەزىرىيەلەرنى چۈشەندۈردى. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خەلقئارادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى توغرىسىدىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزەكى ھالدا ھس-تۇيغۇغا تايىنىپ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە خاتا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئادەتتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى ۋە ھەرخىل توختامنامىلارنىڭ تۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەر بىلەن بولغان ھەرخىل مۇناسىۋەتلەردە تۇلىمۇ ھۇشىيار بولىشىنى ۋە رىئاللىقنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئىش قىلىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى.

     2. ئىستانبۇل مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسىنت دوكتور شەۋكەت ناسىر «ئىدىئولوگىيە تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلار» توغرىسىدا دوكلات سۇندى.

    شەۋكەت ئەپەندى دوكلاتىدا ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىدىئىلوگىيەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان بەزى دۆلەتلەر بىلەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ خەلقنىڭ ئىددىيىسىنى ئۆزگەرتىش كۈرىشىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

     3. ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتورى مۇرات ئورخۇن ئەپەندى «ئۇيغۇرچە جۈپ سۆزلەرنىڭ كومپىيۇتېر تەتقىقاتى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

    مۇرات ئەپەندى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپيۇتېردا باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى تېمىسىدا كومپىيوتېردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى، رولى ۋە تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش بىلەن بىللە ئۇيغۇرچە جۈپ سۆزلەرنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كومپىيوتېردا جۈپ سۆزلەرنى ئاپتوماتىك بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ھەرقانداق بىر تىل ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلنىىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تارىخى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇل، پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئانا تىلنىڭ كومپيۇتېردىكى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

     4. ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى «ئۇيغۇر مائارىپى ۋەئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى سۇندى.

    ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۇشبۇ ماقالىسىنى بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، ماقالىسىدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىنىڭ تەرەققىياتىنى، بۇ مائارىپنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ۋە ناتوغرا قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ، ۋەتىنىمىزدە يولغا قويۇلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپى» نىڭ خاتا تەدبىقلىنىپ «يەككە تىللىق مائارىپ» قا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەنە بۇ خىل «يەككە تىللىق مائارىپ» نىڭ مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى، ھەمدە ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشتىكى پىكىر چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئىككىنچى ئىلمىي ئولتۇرۇشنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ خۇلاسىسىدىن كېيىن ئاڭلىغۇچىلارغا 15 مىنۇتلۇق تەنەپپۇس بېرىلدى، 16:15 تە يىغىننىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى باشلاندى.

    ئۈچىنچى بۆلۈم ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسى پەنلەر دوكتورى ئەركىن ئەمەتنىڭ مەسئۇللىقىدا ئېلىپ بېرىلدى.

     1. دوكتور ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرەشىد «كومپيۇتېر سىستېمىسىدىكى مەۋھۇملاشتۇرۇش» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

    ئابدۈشۈكۈر ئەپەندى ھازىر شىۋىتسارىيەدىكى مەلۇم بىر خەۋەرلىشىش شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئابدۈشۈكۈر ئەپەندى لېكسىيەسىدە ئاۋۋال كومپيۇتېر سىستېمىسىدىكى مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ئەھمىيىتى، رولى، پرىنسىپى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىغا قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال نۇقتىسىدىن ئىزاھات بەردى. ئاخىرىدا ئابدۈشۈكۈر ئەپەندى ھازىر دۇنيادا مودا بولۇۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ نۇتىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.

     2. تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇر تىلىدا يۈز بەرگەن ئەپسۇسلىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.

    شۇنداقلا تەخمىنەن 1920-1940 يىللاردىكى تۈركشۇناس گۇننار يارىڭنىڭ كىتاپلىرىدىكى قەشقەر، خوتەن قوشاقلىرىنى ھازىرقى زامان ۋارىيانتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پەرقلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەپسىلى توختالدى.

     3. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىقى كەسپى بويىچە ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ئەلى روزى ئۆزئۇيغۇر «يەر تەۋرەشتە ئىمارەتلەرنى كونترول قىلىش» دېگەن تېمىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى سۇندى.

    ئەلى ئەپەندى قۇرۇلۇش ئىلىمىنىڭ ئاساسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشەندۈردى.

     4. شىۋېتسىيەدە ئوقۇۋاتقان دوكتورئاسپىرانت ئەيساجان ئابىدىن «مەخپى شىفىر ئىلمى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئەيسا ئەپەندى مەخپى شىفىر تېخنىكىسىنىڭ ئىزاھاتى بىلەن نۇتىقىنى باشلاپ، ئالدى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بۇ كەڭ قوللانغان ئەمما نەزەردىن ساقىت قىلىنغان مەزمۇنغا بولغان خاتا چۈشەنچىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

    شۇنداقلا بۇ تېخنىكىنىڭ پىرىنسىپى، ئىشلىتىلىشى، تۈرلىرى قاتارلىق نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى ۋە يىغىن ئەھلىنى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. لېكسىيەسىنىڭ كەينىدىن، ئەيسا ئەپەندى يەنە شىۋېتسىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى چۈشەندۈرۈپ، شىۋىتسىيدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىشى، ئوقۇش تۈزۈمى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت تېپىش ئەھۋالى ۋە خىزمەت سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىنچىكە چۈشەنچە بېرىپ، ئولتۇرغانلارنى شىۋىتسىيەدە ئوقۇش توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.

     ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەققىدىكى قىسقىغىنە بىر تونۇشتۇرۇش فىلىمىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت، ئەركىن ئەكرەم ۋە ئەركىن ئەمەتلەر خۇلاسە سۆزى قىلدى، ئالىمجان ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئىنتايىن ياخشى تېمىلارنىڭ سۇنۇلغانلىقىنى ۋە مۇھىم پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئەركىن ئەپەندى بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتىكى مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى. ئەركىن ئەمەت ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 3- قېتىملىق «ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مائارىپى ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۇنجى كۈنلۈك پائالىيەتلىرى ئىنتايىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. يىغىن ئىككىنچى كۈنى يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 09:00 دا ئوخشاش مېھمانخانىدا داۋاملاشتى.

يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇل خەلقىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى بولغانلىقىدىن يوللار، كوچىلارنىڭ جىمجىت بولۇشىغا قارىماي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن زالىدا ئادەتتىن تاشقىرى قاينام تاشقىنلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى.

بۈگۈن پەقەتلا يىغىنىمىزنىڭ تۆتىنچى ئىلمىي ئولتۇرۇشى بار بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم تېخنولوگىيەسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ باشچىلىقىدا، گېرمانىيە ئۇلىم ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانتى قۇربانجان بارات، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىستانبۇل ئارناۋۇت رايونى دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئەھمەدجان پولات ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى، ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىقلار بار ئىدى.

    1. دوكتور ئەركىن سىدىق «ياخشى مەغلۇب بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

    ئەركىن ئەپەندى ئوغلى دىلشاتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى ئاڭلىغان نۇتۇقىدىن ئالغان ئىلھامىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا سابىق پرېزىدىنتى ترۇمېن، ئالما شىركىتىنىڭ باش لېدىرى سىتىۋ جوبس قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق شەخسلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى ۋە شۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكنى تەپسىلى بايان قىلىپ، مەغلۇب بولغاندىمۇ ئىرادىمىزنى سۇندۇرماسلىقىمىزغا، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمىزنى يوقاتماسلىقىمىزغا، مەغلۇب بولغاندىمۇ «ياخشى مەغلۇب» بولۇشقا چاقىردى.

     2. دوختۇر ئەخمەتجان پولات «غول ھۈجەيرە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

    ئەخمەتجان ئەپەندى بىر ھاياتلىقنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقىدىن باشلاپ چۈشەندۈرۈپ، بالىياتقۇدىكى ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىشى، پارچىلىنىشى ۋە ھەر ھەپتە، ھەر ئايدىكى تەرەققىيات باسقۇچلىرى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بىرىش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇۋاتقان سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋە كلون تېخنىكىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. كلون تېخنىكىسى ئىنسانىي ئەخلاق جەھەتتىن قىزغىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر تېما بولۇپ، بۈگۈنمۇ بۇ يىغىن زالىدا ئوخشاشلا قىزغىن بىر مۇلاھىزىگە يول ئېچىپ بەردى.

     3. گېرمانىيە ئۇلم ئۇنېۋىرسىتىتىنىڭ نانومېتر تېخنىكىسى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى قۇربانجان بارات «نانو تېخنىكىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇپ، بۇ تېخنىكا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

    قۇربانجان، ئىلى خەلقىنىڭ يۇمۇرىستىك سۆز قابىلىيىتىنى بۇ يىغىنغىمۇ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق سۆزلىرى ۋە ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن نانو تېخنىكىسىنىڭ ماھىيىتىنى، تېخنىكىلىق ئاتالغۇلىرى، تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلىتىلىشچانلىقىنى، بىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ، بۇرۇنقى يانفون ۋە ھازىرقىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ نانو تېخنىكىسى ئىلگىرىلىسە يانفونغا 24 سائەتتە بىر قېتىم ئېنىرگىيە قاچىلاشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىپ بىر يىل ھەتتا بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم ئېنىرگىيەگە ئېھتىياج تۇغۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىپ يىغىن ئشتىراكچىلىرنى تۇلىمۇ سۆيۈندۈردى.

     4. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى ئابدۇلھەمىد قاراخان «يادرو ئىلىمى ۋە ئاتوم بومبىسى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

    يادرو تېخنىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بىر تېخنىكا بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن ئىنتايىن يىراق ئىدى. ئابدۇلھەمىد ئەپەندى يادرو تېخنىكىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، تەرەققىياتى، پرىنسىپى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ، دۇنيادىكى يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تۈركىيىنىڭ ئەھۋالىغا باغلاپ تەھلىل قىلىپ، ئاڭلىغۇچىلارنى بۇ تېمىدا ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ۋەتىنىمىزنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان يادرو بومبا سىناقلىرىنىڭ تەبىئەتكە ۋە خەلققە بولغان زىيىنىنى سۆزلەپ، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھوشيارلىقىمىزنى تەكرار ئويغاتتى.

     ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ 3 پارچە ماقالە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، لېكىن ئايروپىلان كېچىكىش سەۋەبى بىلەن يىغىنغا ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئۈچ پارچە ماقالىسىنىڭ ھەممىسىنى سۇنۇشقا يېتەرلىك ۋاقىت قالمىغانىدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەركىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «كائىناتقا باشقا ئاستىرويدلارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى بارمۇ؟» ۋە «چوڭ پارتلاش ھەققىدە» دېگەن ئىككى تېمىسىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سۇنۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

    بۇ ئىككى دوكلات ئارقىلىق ئەركىن ئەپەندى ئاسترونومىيىدىكى بەزى ئاساسى ئۇقۇملارنى چۈشەندۈردى ۋە ھازىر ھوللېۋۇد كىنولىرى ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالغان «2012 يىلى زامان ئاخىرى بولىدۇ» دېگەن كۆز قاراشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇ دوكلاتلار يەنە كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى سۈمۈرۈپ كېتىدىغان «قارا ئۆڭكۈر»، پەن ساھەسىدىكى دۇنيانىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان «چوڭ پارتلاش» دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيادىكى قىزىق تارتىشىشلارغا سەۋەب بولغان بۇ تېمىلار بىزنىڭ بۇ يىغىن سورۇنىمىزدىمۇ ھەممەيلەننىڭ بەس-بەس بىلەن سوئال سورىشىغا تۈرتكە بولدى.

     شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە قىسمى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. رىياسەتچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆز قىلدى.

    ئەركىن ئەپەندى بۇ سۆزىدە بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا، سۇنۇلغان تېمىلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭمۇ قىزغىنلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەزالىرىنىڭ تۆھپىلىرىگە چوڭقۇر مىننەتتارلىقىنى بىلدۈردى. كەينىدىن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى زەمىرە ئەخمەت يىغىن ئەھلىنىڭ يىراق-يېقىن دېمەي كېلىپ، يىغىن تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ماسلىشىپ بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

    ئۇنىڭ كەينىدىن رىياسەتچى لېكسىيە سۇنغان تەتقىقاتچى ئۇستازلارغا «تەشەككۈرنامە» تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىن ئۈچۈن نەق مەيداندا يازغان شېئىرىنى ئوقۇپ، ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋەتتى.

ئىستانبۇلغا يىغىلدى ئالىم، تېخنىك، دوختۇرلار،

مۇھاكىمە قىلىندى تارىخ، جەمئىيەت ۋە تىللار.

شەربەت ئىچىپ ياشنىدى ئىلىمگە تەشنا يۈرەكلەر،

دۇئا ئۈچۈن ئېچىلدى ئۈمىد بىلەن جۈپ قوللار.

زەپەر قۇچقان چېغىڭدا ئۇنۇتمىدىڭ ئۇيغۇرنى،

چۈنكى يوقىتىپ قويمىدىڭ شان-شەرەپ ۋە غۇرۇرنى

سەن باشلىغان شۇ يولدا قەدەم بېسىپ بىز كېلىمىز،

ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىمىز ئۆتمۈشتىكى شانىنى.

ئەڭ ئاخىرىدا رىياسەتچى بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېپىلىش نۇتىقىنى سۆزلىدى:

ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار، قەدىرلىك ساۋاقداشلار!

قىممەتلىك ئالىملىرىمىزنىڭ ۋە ھەر ساھەدىكى ئۇتۇقلۇق كىشىلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق تەييارلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەزالىرىنىڭ جان كۆيەر خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىز غەلىبىلىك ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

گەرچە پائالىيىتىمىز باشلىنىشتىن ئاخىرلىشىشىغىچە پەقەت بىر يېرىم كۈن داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بۇ پائالىيەتنىڭ يۈكسەك ئىلمىي قىممىتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئوينايدىغان كۈچلۈك ئىجابىي رولىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، يولنى يىراق دېمەستىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر دوكتور ۋە ئۇستازلىرىمىزمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ئۆز ھەسسىسىنى قوشتى ۋە پائالىيىتىمىزگە رەڭ قاتتى.

ئەلۋەتتە، قەلبىدە ئىلىم ئىشتىياقى يېنىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ بۇ پائالىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىپ بەردى. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نامىدىن ھەممىڭلارغا يەنە بىر قېتىم چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

«قاراڭغۇدا ئولتۇرۇپ، زۇلمەتنى مىڭ ئېغىز تىللىغاندىن كۆرە، بىر تال شام ياققان ئەۋزەلدۇر!»

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىلىم-مەرىپەتكە تەشنا خەلقتۇر. بىز بۇ خىزمەتلىرىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەستىن يېنىپ تۇرغان، پەقەت يېقىنقى دەۋىرلەردە تۈرلۈك تارىخى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۇنيا سەھنىسىگە ئۆز نۇرىنى چاچالمىغان شۇ ئىلىم مەشئەللىرىنى يېڭىدىن يالقۇنلاتساق ۋە ئىز باسارلارنىڭ يولىنى يورۇتالىساق ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېسابلايمىز.

«توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق».

بىزنىڭ يولىمىز تولىمۇ ئۇزۇن، ئىمتىھانىمىز تولىمۇ قىيىن!

لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يوللار ماڭغانچە ئېچىلغۇسى، كارۋان قوشۇنى كۈنسېرى زورايغۇسى! ئىزلىرىدىن گۈللەر ئۈنگۈسى!

    ئەزىز قېرىنداشلار، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 3- قېتىملىق «ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى، ئۇيغۇر پەن-مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمى

(ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەر داۋاملىق تەھرىرلىنىپ تۇلۇقلىنىدۇ. شۇڭا باشقا تور بەتلەرگە قويماقچى بولسىڭىز تۇلۇق بولغاندا قويسىڭىز، رەھمەت!)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (1)

  • خۇشاللىق

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ قۇربان ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن ،ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى تور بىكىتىنى كىچىكىپ ئۇچراتقىنىمدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن ئەمما ئۇيغۇرلاردا تەرەققىيات زور دەرىجىدە يۈكسىلىپتۇ لىكىن چەتئەللەردە ، يۇر تىمىز شىنجاڭدىمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەر پات-پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسا ھەم مۇشۇنداق ئالىملىرمىز دەرىس بەرسە بىزلەرمۇ ئەقىللىق مىللەت بولغاندىكىن زاۋۇت كان-كارخانلىرمىز بولسا مەسلەن شىنجاڭدا ماشىنا ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت دىگەندەك ، ئەممازە بۇنداق ئىش قىلالايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چىقمىقى تەستە بۇندىن كىيىن 15-20يىلغا قالماي مەن ھەقىقى ئۇيغۇر دىيەلەيدىغان ئادەملەرمۇ ئاز قىلىشى مۇمكىن جىق گەپ قىلىپ قويدۇم كەچۈرگەيسىلەر.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top