لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى يوللىغۇچى: ئاكادېمىيە ۋاقتى: مارت 13, 2013 ئورنى: ئومۇمى Tweet Share Comments (1) تۇران 2014- يىل 9- مارت سائەت 20:35 مەن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق ئۇقۇپ كەتمەيمەن. ئابدۇقادىر ئەپەندى بىلەن 2010-يىلى بىر قىتىم سۆھبەتتە بىللە بولغاندا ئۇ ئىنساننىڭ تاماكۇللىشى ۋە ئىھتىياجى توغرىسىدا سۆزلىدى. ئولتۇرغان ئاسپىراتنلارغا نىسپەتەن سۆزلىگىنى ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيەدىكى نەزىرىيە بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئاز تولا ئنگلىزچە كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەم ئۈچۈن ئاددى ساۋات ئىدى. سۆزلگىنى ئابراھام ماسلوۋنىڭ 1943- يىلى ئىلان قىلغان ماقالىسىدىكى ئادەمنىڭ ئىھتىياج قاتلىمى (ماددى ئىھتىياجى ( تاماق، كىيىم، ئۇخلاش …)، بىخەتەرلىكى ( ئۆي، ساغلاملىق، خىزمەت…)، مۇھەببەت (دوستلۇق، ئائىلە..) ) بولۇپ، ئابدۇقادىر ئەپەندى بۇ نەزىريەنى ئىقىتماي، تىمىتماي ئۆز پىتى سۆزلىدى. قارىغاندا ئابدۇقاردىر ئەپەندى جەمىيەتشۇناسلىققا كىرىدىغان بۇ تىمىنى دوگما قوبۇل قىلغاندەكلا كۆرۈندى. ئۆزى ياشىغان ئۇيغۇر جەمىيىتىگە باغلاشتۇرۇشقىمۇ تىرىشمىدى. ئىلمى تەتقىقاتتا بىر نەزىريە بىلەن ئۇچراشقاندا قارشى نەزىريە ۋە تەنقىدى پىكىرلەرنىمۇ كۆرۇش كىرەك. يۇقىرىدىكى نەزيريەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدى پىكىرى بولسا ئوخشىمىغان جەمىيەتتە بۇ ئىھتىياج قاتلىمى ئوخشاش بولمايدۇ. ئابۇقادىر ئەپەنىدىنىڭ شىئىرلىرى بىلەن تونۇشلۇقۇم بار، شىئىر بىر نەرسىنى مەدھىيلەيدۇ، ياكى تەنقىتلەيدۇ، ئەمما ھەممە تەرەپنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئىلمى مۇھاكىمە قىلمايدۇ. شائىر چوقۇم مۇتەپەككۇر بولمايدۇ. ئابۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى، زوردۇن سابىر، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرلەر بىلەن ھازىرچە سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى تەتقىقاتچى، مۇستەقىل دادىل پىكىر قىلىدىغان مۇتەپەككۇر، بۇنىڭغا «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ئىسپات بولىدۇ. بۇ كىتاپنى يات مىللەتنىڭ ئالىملىرىمۇ قول قويۇپ ئوقۇيدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى شىئىرلارنى يازدى، ئەسەرلىرى بار، ئەمما ئۆزىنىڭ ياكى ھەرقانداق بىر ئىلمى ساھەدە ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى ( مەلۇم بىر مۇستەقىل ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇنى ئىپاتلىغان ئەھۋالى) نامايەن قىلغىنى يوق. مەلۇم بىر ساھەگە قوشقان تۆھپىسى بولمىسا، يازغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپلىكىگە ئاساسەن مۇتەپەككۇر، ئالىملىق ئورنىنى بەرسەك، مۇشۇ تورسەھىپىسىگە نۇرغۇن ئىلمى ۋە ياخشى يازمىلارنى يوللىغانلارغا ئۇۋال بولىدۇ. ئىدىسون ياكى ئىنىشتىيىننىڭ ئەسىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا چىقىۋالغىلى بولمايدۇ. ئابىدۇقادىر ئەپەندىنىڭ شىئىرلىرى مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن سەۋىيەدە تەڭلەشسە، ئابۇقادىر جالىلىدىن ئەپەندى مەشھۇر شائىرلار قاتارىغا ئۆزلىكىدىن تىزىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئابدۇقادىر ئەپەندىگە ئۇۋال قىلغان بولساق، باشقا مىللەتكە قاراپ باقايلى. قايسى مىللەتتە ئابدۇقادىر ئەپەندىدەك ئادەمگە بىر ئۇيغۇرلار بەرگەندەك ئورۇن بىرىپتۇ؟ سوراپ باقايلى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئەنگىليەدە بىر يىل تۇرۇپ، قانداق نەتىجە بىلەن قايىتتى؟ ئەنگىليەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بىر تەرىپىنى تەسۋىرلەپ شىئىر يازغاندىن باشقا، ئەنگىليەدە بىرەر ئىلمى ئاپالىيەت قىلىپتىمۇ؟ ئنگلىز كەسىپداشلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپتىمۇ؟ ئىلمى تەتقىقاتقا يۇقىرى ئەھمىيەت بىرىدىغان ئەنگليە ئالىملىرى ئابدۇقاردىر ئەپەندىنى دائىم كىلىپ كىتىڭ، ياكى مۇشۇ يەردە دەرىس ئۆتۈڭ، دىمەپتىمۇ؟ ئەنگىليەدە ئىلمى مۇھاكىمە سورۇنلىرىغا قاتنىشىپتىمۇ؟ بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىمىزنى تونۇشىمىز ۋە باشقىلارغا تونۇتۇشىمىز خاتا ئەمەس، لىكىن بىر ئادەمنى ماختاشتىمۇ پىرىنسىپ بولىشى كىرەك، نەتىجىلىرى بولۇش كىرەك. باشقىلارنىڭ ماختىغاندىمۇ سەل چىكى بولۇشى كىرەك، ئاساسى بولۇشى كىرەك. تور، گىزىت-ژورنال، تىلىۋىزوردا ئىلان بىرىپ بىر ئادەمنى داڭلىق قىلغىلى بولىدۇ، لىكىن خەلىقنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» نى يازغان ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق بىر نەچچە ئۇيغۇر كەسىپداشلىرىدەك، بىر نەچچە ئىلمى تەتقىقاتىنى بىر نەچچە خەلىقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقىسۇن، ئاندىن ماختىساقمۇ كىچىكمەيمىز. ياۋۇپا ئامىرىكىدا بولمىسىمۇ، تۇركىيە، ئۈزبەكىستان، قازاقىستاندە ئوقۇسىمۇ ھىساپ.
تۇران
مەن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق ئۇقۇپ كەتمەيمەن. ئابدۇقادىر ئەپەندى بىلەن 2010-يىلى بىر قىتىم سۆھبەتتە بىللە بولغاندا ئۇ ئىنساننىڭ تاماكۇللىشى ۋە ئىھتىياجى توغرىسىدا سۆزلىدى. ئولتۇرغان ئاسپىراتنلارغا نىسپەتەن سۆزلىگىنى ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيەدىكى نەزىرىيە بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئاز تولا ئنگلىزچە كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەم ئۈچۈن ئاددى ساۋات ئىدى. سۆزلگىنى ئابراھام ماسلوۋنىڭ 1943- يىلى ئىلان قىلغان ماقالىسىدىكى ئادەمنىڭ ئىھتىياج قاتلىمى (ماددى ئىھتىياجى ( تاماق، كىيىم، ئۇخلاش …)، بىخەتەرلىكى ( ئۆي، ساغلاملىق، خىزمەت…)، مۇھەببەت (دوستلۇق، ئائىلە..) ) بولۇپ، ئابدۇقادىر ئەپەندى بۇ نەزىريەنى ئىقىتماي، تىمىتماي ئۆز پىتى سۆزلىدى. قارىغاندا ئابدۇقاردىر ئەپەندى جەمىيەتشۇناسلىققا كىرىدىغان بۇ تىمىنى دوگما قوبۇل قىلغاندەكلا كۆرۈندى. ئۆزى ياشىغان ئۇيغۇر جەمىيىتىگە باغلاشتۇرۇشقىمۇ تىرىشمىدى. ئىلمى تەتقىقاتتا بىر نەزىريە بىلەن ئۇچراشقاندا قارشى نەزىريە ۋە تەنقىدى پىكىرلەرنىمۇ كۆرۇش كىرەك. يۇقىرىدىكى نەزيريەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدى پىكىرى بولسا ئوخشىمىغان جەمىيەتتە بۇ ئىھتىياج قاتلىمى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئابۇقادىر ئەپەنىدىنىڭ شىئىرلىرى بىلەن تونۇشلۇقۇم بار، شىئىر بىر نەرسىنى مەدھىيلەيدۇ، ياكى تەنقىتلەيدۇ، ئەمما ھەممە تەرەپنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئىلمى مۇھاكىمە قىلمايدۇ.
شائىر چوقۇم مۇتەپەككۇر بولمايدۇ. ئابۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى، زوردۇن سابىر، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرلەر بىلەن ھازىرچە سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى تەتقىقاتچى، مۇستەقىل دادىل پىكىر قىلىدىغان مۇتەپەككۇر، بۇنىڭغا «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ئىسپات بولىدۇ. بۇ كىتاپنى يات مىللەتنىڭ ئالىملىرىمۇ قول قويۇپ ئوقۇيدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى شىئىرلارنى يازدى، ئەسەرلىرى بار، ئەمما ئۆزىنىڭ ياكى ھەرقانداق بىر ئىلمى ساھەدە ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى ( مەلۇم بىر مۇستەقىل ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇنى ئىپاتلىغان ئەھۋالى) نامايەن قىلغىنى يوق. مەلۇم بىر ساھەگە قوشقان تۆھپىسى بولمىسا، يازغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپلىكىگە ئاساسەن مۇتەپەككۇر، ئالىملىق ئورنىنى بەرسەك، مۇشۇ تورسەھىپىسىگە نۇرغۇن ئىلمى ۋە ياخشى يازمىلارنى يوللىغانلارغا ئۇۋال بولىدۇ. ئىدىسون ياكى ئىنىشتىيىننىڭ ئەسىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا چىقىۋالغىلى بولمايدۇ.
ئابىدۇقادىر ئەپەندىنىڭ شىئىرلىرى مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن سەۋىيەدە تەڭلەشسە، ئابۇقادىر جالىلىدىن ئەپەندى مەشھۇر شائىرلار قاتارىغا ئۆزلىكىدىن تىزىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئابدۇقادىر ئەپەندىگە ئۇۋال قىلغان بولساق، باشقا مىللەتكە قاراپ باقايلى. قايسى مىللەتتە ئابدۇقادىر ئەپەندىدەك ئادەمگە بىر ئۇيغۇرلار بەرگەندەك ئورۇن بىرىپتۇ؟ سوراپ باقايلى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئەنگىليەدە بىر يىل تۇرۇپ، قانداق نەتىجە بىلەن قايىتتى؟ ئەنگىليەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بىر تەرىپىنى تەسۋىرلەپ شىئىر يازغاندىن باشقا، ئەنگىليەدە بىرەر ئىلمى ئاپالىيەت قىلىپتىمۇ؟ ئنگلىز كەسىپداشلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپتىمۇ؟ ئىلمى تەتقىقاتقا يۇقىرى ئەھمىيەت بىرىدىغان ئەنگليە ئالىملىرى ئابدۇقاردىر ئەپەندىنى دائىم كىلىپ كىتىڭ، ياكى مۇشۇ يەردە دەرىس ئۆتۈڭ، دىمەپتىمۇ؟ ئەنگىليەدە ئىلمى مۇھاكىمە سورۇنلىرىغا قاتنىشىپتىمۇ؟
بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىمىزنى تونۇشىمىز ۋە باشقىلارغا تونۇتۇشىمىز خاتا ئەمەس، لىكىن بىر ئادەمنى ماختاشتىمۇ پىرىنسىپ بولىشى كىرەك، نەتىجىلىرى بولۇش كىرەك. باشقىلارنىڭ ماختىغاندىمۇ سەل چىكى بولۇشى كىرەك، ئاساسى بولۇشى كىرەك. تور، گىزىت-ژورنال، تىلىۋىزوردا ئىلان بىرىپ بىر ئادەمنى داڭلىق قىلغىلى بولىدۇ، لىكىن خەلىقنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» نى يازغان ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق بىر نەچچە ئۇيغۇر كەسىپداشلىرىدەك، بىر نەچچە ئىلمى تەتقىقاتىنى بىر نەچچە خەلىقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقىسۇن، ئاندىن ماختىساقمۇ كىچىكمەيمىز. ياۋۇپا ئامىرىكىدا بولمىسىمۇ، تۇركىيە، ئۈزبەكىستان، قازاقىستاندە ئوقۇسىمۇ ھىساپ.