• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتى

ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتى

ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتى

ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتى (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلىم ئېلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىم، ئاللاھ ئىگەم ئىرادەڭلەرگە مەدەت بەرسۇن.
بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى مەركىزىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان بىزگە ئالاقىدار جايلىرىنى ئۈزۈندە قىلىپ ئېلان قىلدىم. قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

مەكتەپ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:

نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا يېقىندىن بىرى تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان خەلىقئارالاشقان ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ، شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى. بۇ مەكتەپ تەتقىقات فوندى ھەمدە تەتقىقات نەتىجىسى جەھەتتە دۆلەت بۇيىچە 9-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەققىدە:

بۇ مۇكاپات پۇلى ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار فوندى باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىشىپ باشقۇرۇدىغان فوند بولۇپ، جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىكەن. ھەر يىلى تەخمىنەن 50 نەپەر جۇڭگۇلۇق بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.(ئىنشائاللا، 50 نىڭ ئىچىگە بىزدىن بىرەرى كىرىپ قالار)

ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ دائىرىسى:
. بارلىق ئوقۇش پۇلى ھەمدە تەتقىقات خىراجىتى.
. ھەر يىللىق تۇرمۇش پۇلى تولۇقلىمىسى (بۇنى جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار فۇندى باشقۇرۇش كومىتېتى بەلگىلەيدىكەن).
. بېرىش-كېلىش ئايروپىلان بېلىتى.
. ۋىزا رەسمىيەت ھەققى، ئوقۇش جەريانىدىكى (ئەڭ كۆپ دېگەندە تۆت يىللىق) چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ساقلىق سۇغۇرتا خىراجىتى (بۇ خىراجەتلەر جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار فوندى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۇلۇقلىمىسى ئىچىدە بولىدىكەن).

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلىگەنلەرگە مەكتەپ مۇقىم ئىش تېپىپ بېرىدىكەن، ھەمدە ئوقۇش باشلىغاندا مەخسۇس مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللار قاچىلانغان خاتىرە كومپيۇتېر سەپلەپ بېرىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار تېخى ھەر يىلى 1500 ئاۋسترالىيە دوللىرى ھېسابىدا تەتقىقاتقا ئائىت خىراجەت ئىلتىماس قىلالايدىكەن. (يۇقارقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بىرەر قېرىندىشىمىز بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسا خىراجەتتىن قىسىنىپ قالماي ئارام خۇدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانىغۇدەك!)
يەنە تېخى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلىگەنلەر مەكتەپنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىلغار ھەمدە يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بۇلالايدىكەن:
. مەكتەپنىڭ ئىلغار تەتقىقات ئەسلىھەلىرى ھەمدە تەجرىبىخانىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بارئىكەن.
. يېڭى كەلگەن دوكتۇر ئاسپىراتلىرىغا ياردەمچى بولۇپ ئىشلىيەلەيدىكەن.
. تۆت يۈرۈش زامانىۋىلاشقان كۈتۈپخانا ھەرۋاقىت سىزگە ئۇچۇق بولىدىكەن.
. مەكتەپنىڭ مەخسۇس تەنتەربىيە زالى، دۇكان، قەھۋەخانىسى بارئىكەن.

مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش شەرىتلىرى:
. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇقراسى كېرەككەن.
. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ياكى ئىشلىگەن بولسا بولمايدىكەن.
. مەكتەپ تەلەپ قىلغان ماتىرىياللارنى تۇلۇق تاپشۇرالىشى كېرەككەن.
. ئىلتىماس قىلغۇچى جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار فوندى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شەرتلىرىنى تۇلۇق ھازىرلاش كېرەككەن (قانداق شەرت بارلىقىنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن)
. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىشقا تىرىشىشى كېرەككەن.

ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2010- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە بولىدىكەن. ھەمدە 2010- يىلى 6- ئايدا مەكتەپ بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار فوندى باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىشىپ تارقىتىدىكەن.

مەكتەپ تەلەپ قىلغان ماتېرىياللار:
. تەتقىقات پىلانى (تەتقىقات نىشانى، دائىرىسى ھەمدە تۈرى ئېنىق بولۇشى كېرەككەن).
. ئىلمىي تەتقىقات ئارخىپى (قەيەردە، قاچان قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئېلان قىلغان ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى دېگەندەك… بۇنى مەنمۇ ئېنىق بىلىپ كەتمىدىم).
. باكلاۋۇرلۇق ھەمدە ئاسپىرانت گۇۋاھنامىسى ھەمدە ئوقۇش نەتىجىسى (ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى قۇشۇپ)
. توفېل ياكى ياسى نەتىجىسى (مەكتەپنىڭ ئىنگىلىز تىلىغا بولغان سىياسەتلىرى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈۋېلىڭ).

Http://www.Newcastle.edu.au/policy/000104.html

ئىلتىماسى تەستىقلانغانلار مەكتەپنىڭ تەتقىقات تۈرى ئىجازەتنامىسىنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن. ئاندىن، جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار فوندى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلىدىكەن. ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش مۆھلىتى ئادەتتە 30 كۈن بولىدىكەن. ئىلتىماس ۋاقتى ھەر يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىدىكەن. ئىلتىماس قىلىش تور ئادرېسى:

Http://apply.csc.edu.cn/csc/main/person/login/index.jsp

ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى:

International Office

the University of Newcastle
Callaghan NSW 2308 Australia
Tel: +61 2 4921 6595
Fax: +61 2 4960 1766
Email: International@newcastle.edu.au
URL: Http://Www.Newcastle.edu.au

Office of Graduate Studies
the University of Newcastle
Callaghan NSW 2308 Australia
Tel: +61 2 4921 6537
Fax: +61 2 4921 6908
Email: research@newcastle.edu.au
URL: Http://Www.Newcastle.edu.au/study/graduate/index.html

中国国家留学基金管理委员会
中国北京市西城区车公庄大街9号A3楼13层
邮政编码:100044
电话号码:010-6609 3967
传真:010-6609 3963
电子邮件: cchen@csc.edu.cn
网址: http://en.csc.edu.cn

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەن بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بېرىش رولىنىلا ئوينىدىم. ئالاقىدار سۇئاللىرىڭلارغا جاۋاب بىرەلمەيمەن. يۇقارقى ئالاقىلىشىش يوللىرى ئارقىلىق ئۆزۈڭلار كونكىرىت ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللىساڭلار بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توربېتىنى ياخشى چۈرگىلەپ چىقىڭ. ئاللاھ ئىگەم يۇلۇڭلارنى ئۇچۇق قىلغاي.
ماۋۇ ئاشۇ مەكتەپتىكى بىراۋنىڭ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ توربېتىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇق خېتى. ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى بارلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

Dear Partner of the University of Newcastle,

I hope you are well.

Please let me present to you an information publication for Chinese students interested in undertaking PhD studies

at the university of Newcastle. This publication is designed to promote the strength of the relationship between

the China Scholarship Council and the University of Newcastle and show the range of benefits that the University

offers research students from China.

The document includes information on a range of areas of interest to students, including;

– The joint scholarship between the China Scholarship Council and the University of Newcastle
– Extra benefits for successful students, including a laptop computer and access to top-up funding
– Key research areas of the University
– Application eligibility and application information

The University is proud of its existing relationships in China and is looking to strengthen

this through the range of opportunities currently available to Chinese research students.

Please pass this information onto any students who may be interested in undertaking a PhD

at an overseas University.

I welcome any enquiries or questions regarding a Research Higher Degree program at the University of Newcastle.

Kind regards

James

James Kelly
Regional Market Coordinator
Research Higher Degree & Study Abroad Programs
International Office
Academic and Global Relations Division
The University of Newcastle, Australia
Callaghan NSW 2308
AUSTRALIA

T: +61 2 4921 5029
Fax : + 61 2 4960 1766
Mobile: +61 438 405 516
Email: james.kelly@newcastle.edu.au
MSN: newcastle_na@live.com.au

www.newcastle.edu.au

(قۇشۇمچە) كاستېل ئۇنىۋېرسىتېتىكى دوكتۇر تەتقىقات كۇرسى تەسىس قىلىنغان ئېنىستىتۇتلار
. سوداشۇناسلىق ۋە قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى
. مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنىستىتۇتى
. قۇرۇلۇش ۋە بىناكارلىق مۇھىتى ئىنىستىتۇتى
. تېبابەت ئىنىستىتۇتى
. ئىلىم-پەن ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ئىنىستىتۇتى

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بۇلاي دىسىڭىز بۇ يەرنى چىكىڭ.

ئاپتور: تۇرايىمىز يازغۇچىسى ئۇيغۇربەگ
تېما ئەسلى مەنبەسى: http://uyghurbeg.blogbus.com/logs/52530433.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top