• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنى

تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنى

تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنى

تۈرك ئۇنۋېرستېتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۈنىمىزدىكى دۇنيا ئۇنۋېرستېتلىرى ئارىسىدىكى تۇتقان ئورنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغىنىدىن ئېتىبارەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان، زامانىۋىلاشقان تۈرك ئۇنۋېرستېتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۈنىمىزدىكى دۇنيا ئۇنۋېرستېتلىرى ئارىسىدىكى تۇتقان ئورنى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىلمىي ۋە مائارىپ جەھەتتىن دۇنيا ئۆلچەملىرىگە توشۇپ توشمايدىغانلىقىنى بىلىشى ۋە شۇ ئۆلچەملەرگە يەتكەن ئۇنۋېرستېتلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىشى زادى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر.
كۈنىمىز دۇنياسىدا بىلىم، تېكنولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇسابىقە بىلەن ئۇنۋېرستېتلار ئارىسىدىكى مۇسابىقە بىر بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنۋېرستېتلارنىڭ دۇنيا مائارىپ ساھەسىدىكى تەسىرى؛ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ساپاسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى، ئاكادېمىك جەھەتتىكى نەشرىيات بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭلىقى قاتارلىق پىرىنسىپلارغا كۆرە ئۆلچىنىدۇ.
تۈرك ئۇنۋېرستېتلىرى نۆۋەتتە، ئوقۇغۇچى تاللاشقا تولىمۇ دىققەت قىلماقتا ۋە ئوقۇغۇچى تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان مەخسۇس ئىمتاھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقتا. تۈركىيىدىكى ئۇنۋېرستېتلار ھەرقانداق بىر ئىلتىماس ۋە ھېچكىمگە قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن ئادىل ۋە تەڭلىك ئاساسىدىكى ئىمتاھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېتىشكەن ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار، يېتەرلىك ماددىي ئىمكانلىرى ۋە ئاكادېمىك جەھەتتىكى مۇستەقىللىقى بىلەن ھەممە جەھەتىن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
=================================
يىراقنى كۆرۈش جەھەتتە مىسلىسىز ئىقتىدارغا ئىگە ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان زاماننىڭ تەلىپىگە لايىق ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيە ساھەسىدىمۇ نامايان بولۇشقا باشلىغان.
بۇنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيىدە مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە قانۇنىي تەڭشەش خىزمەتلىرى ۋە مائارىپ ئىسلاھاتلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. تۈركىيە، ئوسمانلى ئىمپاراتورلۇقى دەۋرىدە تارىخ سەھنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە ناھايىتى زور ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋە ئارقىدا قېلىش يىلتىزلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھاتلار ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ غايىسى تىكلەنگەن. تۈركىيىدە يېڭى دۆلەت ئېڭىغا ئاساسەن سېكولارىزملىق سىستېمىسى (يەنى دىن بىلەن دۆلەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستېما) ۋە زامانىۋى مائارىپ ئېڭىغا ئاساسلىنىدىغان بىر خىل قانۇن نىزامى تۇرغۇزۇلغان.
تۈركىيىدە بۈگۈن ئىپتىخارلىق بىلەن شۈنى كۆرۈۋاتىمىزكى، ئاساسىي مائارىپتا پۈتۈنلەي مەكتەپلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئىقتىدارلىق ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە توشۇدىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، مائارىپ خىزمەتلىرى زاماننىڭ تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەن، خۇسۇسىي ئۇنۋېرستېتلارنى قۇرۇپ چىقىشتا خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى قولغا كەلتۈرۈلگەن، ھەمدە ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا مائارىپ تورلىرىغا ئىشتىراك قىلىش پىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇندالغان.
نۆۋەتتە، تۈركىيىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنۋېرستېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 مىليونغا يېتىدۇ. 73 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈركىيىدە پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىلا 15 مىليون 5 يۈز مىڭدۇر.
=================================
ئادانادىكى چۇقۇرئوۋا ئۇنۋېرستېتىدىن ئەسكىشەھىر (يەنى كونا شەھەر) دىكى ئانادولۇ ئۇنۋېرستېتىغىچە، بولۇدىكى ئابانت ئىززەت بايسال ئۇنۋېرستېتىدىن ئەنقەرەدىكى ئوتتۇرا شەرق تېكنولوگىيە ئۇنۋېرستېتىغىچە، ۋاندىكى يۈزىنچى يىل ئۇنۋېرستېتىدىن ئەدىرنەدىكى تراكيا ئۇنۋېرستېتىغىچە، دىيارباقىردىكى دىجلە ئۇنۋېرستېتىدىن ئىستانبۇلدىكى بوغازئىچى ئۇنۋېرستېتىغىچە، ترابزوندىكى قارادېڭىز تېكنولوگىيە ئۇنۋېرستېتىدىن ئىزمىردىكى توققۇزىنچى سىنتەبىر ئۇنۋېرستېتىغىچە ھەر بىر ۋىلايەتتە كەم دېگەندە بىر ئۇنۋېرستېت بار بولغان تۈركىيە؛ يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن زامانىۋى ۋە ئىلغار مائارىپ پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە.
تۈرك ئۇنۋېرستېتلىرى، زامانغا لايىق سەۋىيىگە ئىگە مائارىپ خادىملىرى، ھەم زامانغا ماسلىشالايدىغان پەن – تېخنىكىلىق ۋە ئىلمىي ئۈستقۇرۇلمىسى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ مەركەزلىرىدۇر. ھەر يىلى تۈرك ئۇنۋېرستېتلىرىغا ئوقۇشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ھەم چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىمتاھانى يەنى قىسقىچە ئاتىلىشى YÖS ئىمتاھانى ئارقىلىق ھەم تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئىمتاھانى يەنى قىسقىچە ئاتىلىشى TCS ئىمتاھانى ھەمدە باشقا ئىككىلىك مەدەنىي كېلىشىمنامىلەر ئارقىلىق قانچە ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار تۈرك جەمئىيەتلىرىگە ئىلتىماس قىلماقتا. تارىخىي ۋە مەدەنىي بايلىقلاردىن سىرت يەنە ئىلمىي ۋە ئاكادېمىك بايلىقى بىلەنمۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن تۈركىيىىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش ئۆزگىچە بىر خىل ئارتۇقچىلىقتۇر.
=================================
تۈركىيىدە ئۇنۋېرستېت مائارىپى پەقەت دۆلەت ۋاستىسى ئارقىلىقلا جارى قىلدۇرۇىدىغان بىر خىزمەت ساھەسى ئەمەس. خۇسۇسىي قۇرۇلۇشلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قول ئىلكىدىكى فوندى جەمئىيەتلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق خۇسۇسىي ئۇنۋېرستېتلارنى قۇرۇپ چىققان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بۈگۈن دۇنياغا داڭ چىقارغان باشكەنت يەنى پايتەخت ئۇنۋېرستېتى، بىلگى ئۇنۋېرستېتى، بىلكەنت ئۇنۋېرستېتى، ئىزمىر مالىيە ئۇنۋېرستېتى، كوچ ئۇنۋېرستېتى، سابانجى ئۇنۋېرستېتى، تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر ۋە بىرژىلار بىرلەشمىسى مالىيە ۋە تېكنولوگىيە ئۇنۋېرستېتى، يەدىتەپە ئۇنۋېرستېتى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار ھەم ئىجتىمائىي ھەم ئىلمىي قۇرۇلمىلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ زامانىۋى ئۇنۋېرستېتلىرى بىلەن بەسلىشەلەيدىغان سەۋىيىدىكى ئۇنۋېرستېتلاردۇر. تالانتلىق مائارىپ خادىملىرى ۋە زامانىۋى بىنالىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇۋچىلارغا مىسلىسىز ئالىي مائارىپ ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە، ماگېستېرلىق، دوكتۇرلۇق ۋە تىبابەتچىلىكتە مۇتەخەسسىسلىك ساھەلىرىدە تەقدىم قىلىۋاتقان ئالەمشۇمۇل خىزەتلىرى ئارقىلىقمۇ كۆز قاماشتۇرىدىغان بىر دۆلەتتۇر.
تۈركىيە نوپۇسىنىڭ يۈزدە 30 پىرسەنتىنى 15 – 29 ياش ئارىسىدىكى ياش ئۆسمۈرلەر تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مانا مۇشۇنداق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيىلىنىپ چىقىشىدا بىر تەرەپتىن يېڭى – يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى ئۇنۋېرستېتلاردا ئوقۇۋاتقان 2 مىليون ئوقۇغۇچى بىلەنمۇ كەلگۈسىگە زور ئۈمىد بىلەن نەزەر تاشلىماقتا.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ تۈرلۈك ئۇنۋېرستېتلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان 50 مىڭدىن ئارتۇق تۈرك ياشلىرىمۇ دۇنيا بىلىملىرىنى تۈركىيىگە توشۇۋاتقان دىنامىلىلىق مېڭەلەر ھېساپلىنىدۇ.
=================================
ئۇلۇغ داھى ئاتاتۈرك قۇرۇپ چىققان زامانىۋىي ۋە مەدەنىيەتلىك تۈركىيە، دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بارلىق مەزلۇم دۆلەتلەر ئۈچۈن كەم كۈتىسىز بىر ئۆرنەكتۇر.
بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر، قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر، بارلىق ئارقىدا قالغان ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەم قېرىنداش تۈركىي جەمئىيەتلىرىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ياردەم قولىنى سۇنماقتا.
بولۇدىكى ئابانت ئىززەت بايسال ئۇنۋېرستېتىدىن زونگۇلداكتىكى قارائالماس ئۇنۋېرستېتىغىچە، دۆلەتلىك ئۇنۋېرستېتلار بىلەن ئەنقەرەدىكى ئاتىلىم ئۇنۋېرستېتىدىن ئىستانبۇلدىكى يەدىتەپە ئۇنۋېرستېتىغىچە خۇسۇسىي فوندى جەمئىيەت ئۇنۋېرستېتلىرىغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارغا شۇنداقلا تىزىملىتىش شەرتلىرى ھەققىدە www.yok.gov.tr تور ئادرىسىدىن ئېرىشەلەيسىلەر.
مەنبەسى: http://www.trt.net.tr/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=389a461d-2970-44b1-9997-358ccee39db9

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top