• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » نېمە ئۈچۈن كائىناتقا نەزەر تاشلايمىز؟

نېمە ئۈچۈن كائىناتقا نەزەر تاشلايمىز؟

Zaghlul An Najjarئاپتورى: دوكتور زەغلۇل نەججار http://www.elnaggarzr.com/

تەرجىمە قىلغۇچى: ھىلالى

بۇ كىتاپچە:

بىلىش، سۆزلەش، ئەقىل ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىگە جاۋابكار ۋە يەر شارىنى گۈللەندۈرۈپ، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ قانۇنىنى بەرپا قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان يېگانە سۈپەتلەرگە ئىگە مەخلۇق ـ ئىنسانغا بېغىشلاندى.

بۇ كىتاپچىنىڭ مەزمۇنى:

1. پەرۋەردىگارىڭ بارلىق نەرسىلەرنى ۋايىغا يەتكۈزگەندۇر.

2. ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن يەر يۈزىدە مۆجىزىلەر بار.

3. بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى مەجبۇرىيەت.

4. ئاغزاكى پاكىتلار.

5. ئىمان مۇقەررەر نەتىجىدۇر.

مۇقەددىمە

بارلىق ھەمدۇ-سانالار كائىناتنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، دۇئايى-سالاملىرىمىز ئۇنىڭ ھەق ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە، دوست-قاياشلىرىغا، ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇپ، سۈننىتىگە ئەگىشىپ ئىزىدىن ماڭغانلارغا بولسۇن!

دېمەك، بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ئالەمگە تەپەككۈر نەزەرى بىلەن قارايدىغان بولساق، بۇ كائىناتنىڭ پۇختا بىر سىستېمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئاجايىپ قۇرۇلمىغا، غايەت تەڭلىككە، ئاجايىپ مۆجىزىدار ھەركەتكە ۋە مۇكەممەل قانۇنىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى، ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل شەيئىلەر ئىنتايىن مۇكەممەل ئۆلچەم ۋە غايەت ھېكمەتتە يارىتىلغان.

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: {بىز ھەممە نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن ياراتتۇق}، [قەمەر سۈرىسى، 49 ـ ئايەت]

{بىز كەڭرىتكۈچىدۇرمىز}

يەر شارىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا ئالىملارنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىزدىنىشى بىلەن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ ئالەم داۋاملىق كەڭرىپ بارماقتا.

ھالبۇكى بۇ 14 ئەسىر ئىلگىرى قۇرئان كەرىم بايان قىلىپ ئۆتكەن ھەقىقەت ئىدى. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى : {ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ئۇنى كەڭرىتكۈچىدۇرمىز}. [زارىيات سۈرىسى، 47 ـ ئايەت] ئالىملار تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىز مۇنداق كەڭرىش بىلەن ۋاقىت جەھەتتە كەينىمىزگە قايتىدىغان بولساق، ئاخىرى زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ۋە غايەت كىچىك، ئېنىرگىيسى قىسىلغان بىر ئالەم جىسمىغا بېرىپ تاقىلىمىز. بۇ خىل ئىپتىدائى ئالەم جىسمى مۇقەررەر ھالدا قاتتىق قىسىلغانلىقتىن زور پارتلاش كېلىپ چىققان. بۇنىڭدىن يۇلتۇز-سەييارىلەر، ھەمرالار، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار، يۇلتۇز سىستېمىلىرى، گالاكتىكىلار ۋە باشقا ئالەم جىسىملىرىنىڭ يارىلىش ئاساسى بولغان ئالەم تۇمانى شەكىللەنگەن.

قۇرئان كەرىم بۇ ھەقتە بۈگۈنكى كۈندىكى بارلىق ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: {كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتگە) ئىشەنمەمدۇ؟}. [ئەنبىيا سۈرىسى، 30- ئايەت]

يەنە مۇنداق دېگەن: {ئاندىن ئاللاھ ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا : ”ئىختىيارى ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار“ دېدى. ئىككىلىسى : ”ئىختىيارى كەلدۇق“ دېدى}. [فۇسسىلەت سۈرىسى، 11- ئايەت]

ھەممىنى پۇختا ياراتقان

ئاسترونومىيە ئالىملىرى، ئالەم جىسىملىرىنىڭ ئەھۋالىدا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئۇلارنىڭ ماسسىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزلىكىدىنلا مۇنداق سوئال كېلىپ چىقىدۇ: ھەرتۈرلۈك ئالەم جىسىملىرىنىڭ ماسسسىلىرنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئاشۇنداق غايەت ئىنتىزام ۋە تەرتىپلىك ھالدا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئۆز-ئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش سىستېمىسىنى تۈزگەن كىم؟

جاۋاپ: ئۇ-ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقۇچى ئاللاھدۇر. توغرا مەنتىقە بويىچە خۇلاسە قىلغاندا، بىز ياشاۋاتقان بۇ ئالەم زور پارتلاش نەتىجىسىدە يارالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ گۈزەل كائىناتنى ئاشۇ پارتلاشتىن پەيدا قىلغان زادى كىم؟!

ھالبۇكى بىز ئېنىق بىلىمىزكى، پارتلاش دېگەنلىك-ماددىلارنىڭ قالايمىقان، تەرتىپسىز چېچىلىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

مەنتىقى جاۋاپ شۇكى، بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئىبارەت؛ چۈنكى، ئاشۇ زور پارتلاشنىڭ ئالدىدا بىر ئىلاھى ئىرادە ۋە تەدبىر بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇنىڭدىن بۇنداق قائىدە-تەرتىپلىك ماسسىلارغا ۋە بەلگىلىك ئوربىتىلارغا، توختاپ ياكى ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان ئىنتىزاملىق ھەرىكەتلەرگە ئىگە ئاجايىپ ئالەم جىسىملىرى بىلەن تولغان بۇ كائىنات بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.

ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن يەر يۈزىدە مۆجىزىلەر بار.

ئىككىنچى قەدەمدە كائىناتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان، ئۆزىمىز يۈزىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقان بۇ يەر شارىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇنىڭ سىرتقى تاش قاتلىمىنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نېگىزدىن تۈزۈلگەن تۈرلۈك تاشلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

1. مىنېرال ماددىلارنىڭ يىغىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن رۇدىلىق تاشلار.

2. بۇ خىل تاشلار ئېچىلىپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ پارچىلارنىڭ چۆكمىسى ۋە پىرېسلىنىشىدىن ھاسىل بولغان چۆكمە تاشلار.

3. مەزكۇر رۇدىلىق تاشلار ۋە چۆكمە تاشلارنىڭ بېسىم، ئىسسىقلىق ئېنېرگيسى ۋاستىسى بىلەن ياكى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان قاتما تاشلار.

تاشلارنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى منېراللاردىن ھاسىل بولغان بولىدۇ. يەرشارىدا ھەر تۈرلۈك سۈپەت ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە نۇرغۇن مېتاللار بار بولۇپ، بەزىلىرى قاتتىق، بەزىلىرى يۇمشاق، بەزىلىرى قىممەت باھالىق ۋە بەزىلىرى ئاددىي مېتاللاردۇر.

مېتاللار ئېلېمېنتلاردىن ياكى ئېلېمېنتلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بەزى بىرىكمىلەر ئاددىي بولسىمۇ، بەزىلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ. يەرشارىدا ۋە ئالەمنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان قىسمىدا تېپىلغان ئېلېمېنتلار يۈزدىن ئاشىدۇ.

ئېلېمېنتلار ياكى ئېلېمېنتلار بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغىنى پەقەت مىنېرال ماددىلارلا بولماستىن، بىزگە مەلۇم كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەر ئېلېمېنتلاردىن تەركىپ تاپقان.

ئالاھىدە مۆجىزە-ھېدروگىن

بىز بىلگەن ئېلېمېنتلارنىڭ ئىچىدە ھېدروگىن گازى ئەڭ يېنىك ماددا بولۇپ، ئۇ بىز كۆرۈۋاتقان ئالەمدىكى ماددىلارنىڭ %74 نى تەشكىل قىلغان. گېلىي گازى ئالەمنىڭ %24 تىن كۆپرەك قىسمىنى تەشكىل قىلپ، كۆپلۈك جەھەتتە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا قالغان يۈزدىن ئارتۇق ئېلېمېنتنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ پەقەت %2 نى ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ ئەھۋاللار مۇنداق توغرا خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: بىزگە مەلۇم بارلىق ئېلېمېنتلار ئەسلىدە ھېدروگىن ئاتومىنىڭ يادروسىنىڭ بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ، يادرونىڭ بىرىكىش جەريانى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل جەريان ”كائىناتنىڭ رېئاكتورلىرى“ قاتارىدا قارىلىدىغان يۇلتۇزلاردا تاماملانغان، يەنى يادرونىڭ بىرىكىش جەريانى ئارقىلىق ھېدروگىن گازىدىن ئىبارەت ئەڭ يېنىك ئېلېمېنتتىن قالغان ئېلېمېنتلار شۇ يۇلتۇزلاردا ھاسىل بولۇپ، باشتا تۆمۈر قاتارلىق مېتاللار بىرىكىپ، ئاندىن تۆمۈر ماددىسى ئاتوملىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەرىكىتى ۋاستىسىدە دەسلەپكى زەررىچىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يېپىشىشى ئارقىسىدا ئۇران ئېلېمېنتىغا ئوخشاش، تۆمۈرگە نىسبەتەن تېخىمۇ زىچلىقى يۇقۇرى ھەم مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگە ئېلېمېنتلار پەيدا بولغان. ئالىملار ئاتوم ئېغىرلىقى ئۇراندىنمۇ يۇقۇرى بولغان 11 ئېلېمېنتنى بايقىدى، نەتىجىدە بىزگە مەلۇم بولغان ئېلېمېنتلارنىڭ سانى 103 گە يەتتى.

ھەممىسىنىڭ ئۆز ئوربىتىسى بار

بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ياردىمىدە بىزگە مەلۇم بولغان ئېلېمېنتلارنى ئاتوم ئېغىرلىقىغا ۋە ئاددىي-مۇرەككەپلىكىگە قاراپ تەرتىپلىك ھالدا تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سۈرۈلگەن ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدىۋىلى تۈزۈپ چىقىلغان.

ئېلېمېنتلار مولېكۇلىلاردىن، مولېكۇلىلار قانچىلىغان ئاتوملاردىن تەركىپ تاپقان، ئاتوملار بولسا مەركىزىدىكى مۇسبەت ئېلېكتىر قۇتۇپلۇق يادرو بىلەن ئاتوم يادروسىنىڭ ئەتراپىدا خۇددى سەييارىلەر قۇياشنى ئايلانغاندەك بەلگىلىك ئوربىتىلارنى بويلاپ ئايلىنىدىغان ئېلېكترونلاردىن تەركىپ تاپقان. ئېلېكترونلار يادرونىڭ مۇسبەت ئېلېكتىر قۇتۇبىغا باراۋەر ھالەتتىكى مەنپىي ئېلېكتىر قۇتۇبىغا ئىگە بولغاچقا، ئاتوم يادروسنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ.

ئاتوم يادروسىدا يەنە مۇسبەت ئېلېكتىر قۇتۇپلۇق پىروتونلار بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى نېيترونلاردىن ئىبارەت زەررىچىلەر مەۋجۇت، بۇ نېيترونلار مۇسبەت پروتون بىلەن مەنپى ئېلېكتىروندىن ھاسىل بولغان دەپ قارىلىدۇ. بەزىدە بۇ نېيترونلار ئېلېكترون ماسسىغا تەڭ كېلىدىغان، پوزىترون دەپ ئاتىلىدىغان مۇسبەت زەررىچە بىلەن بىرىكىش ئارقىلىق قايتىدىن پروتونلارغا ئايلىنىدۇ. ئاتومدىكى بۇ دەسلەپكى زەررىچىلەر يەنە باشقا نۇرغۇن ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدىغان، تېخىمۇ ئۇششاق زەررىچىلەردىن تەركىپ تاپقان دەپ قارىلىدۇ.

ئانگىستروم

ئاتوم بۆلەكلىرى غايەت دەرىجىدە كىچىك بولغاچقا، بىر مىللىمېتىرنىڭ ئونلاپ مىليونلىرىدىن بىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ . بۇ نازۇك ئۆلچەم بىرلىكى ئانگىستروم دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنىمۇ بىر گرامنىڭ نەچچە يۈز مىليونلىرىدىن بىرى بىلەن ئۆلچەشكە توغرا كېلىدۇ . بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇران ئېلېمېنتىغا ئوخشاش مەلۇم بىر ئېغىر ئېلېمېنتىنىڭ بىرلا گرامىدا شۇ ئېلېمېنتنىڭ ئاتوملىرىدىن مىليارد-ترىلىيونلارچە، مەسىلەن: ئۇراننىڭ بىر گىرامىدا 2×10 ئۇران ئاتومى بار بولىدۇ.

ئېلېكتروننىڭ دىئامېتىرى ئاتوم دىئامېتىرىنىڭ 1/100،000 گە توغرا كېلىدۇ. ئېلېكترون ماسسىسى ھېدروگىن ئاتومى ماسسىسىنىڭ 1/ 1838 گە توغرا كېلىدۇ. ئاتومنىڭ دىئامېتىرى ئۇنىڭ يادروسىنىڭ دىئامېتىرىدىن 20 مىڭ ھەسسە چوڭ بولىدۇ.

بۇنداق غايەت دەرىجىدىكى كىچىك ئارىلىق ۋە ماسسىلار ئالەمدىكى يۇلتۇزلار ئارا ئارىلىقلاردەك، خۇددى بىزنىڭ قوياشىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا دەۋر قىلىدىغان سەييارىلەرنىڭ ئارىسىدىكى يىراقلىق ھالىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

ئەگەر ئاتوم يادروسىغا نېيترون رادىئاتسىيسى ئۇچراشسا، ئاتوم يادروسى پارچىلىنىدۇ ۋە بۇ پارچىلىنىش نەتىجىسىدە دەسلەپكى ماسلىشىش ئاساسلىرى ئۈزۈلۈپ، ئۇنىڭدىن غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرلىدۇ، يادرو قوراللىرى مۇشۇ ئاساستا ياسالغان.

ماددا ۋە ئېنېرگىيە

پۈتۈن كائىنات دەسلەپكى بىرئالەم جىسمىغا، ئالەمدىكى ھەرتۈرلۈك ماددىلارنىڭ ئېلېمېنتىلىرى بىرلا مەنبەگە-ھېدروگىنغا بېرىپ تاقالغان ھالدا، يەنى تۈرلۈك شەكىلدىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسى بىر پروتونلۇق يادروغا ۋە بىر ئېلېكترونغا ئىگە ھېدروگىن ئاتومىغا تۇتاشقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بىز يەنە شۇنى بايقايمىزكى، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار، رادىئوئاكتىپ نۇرلار ۋە گامما نۇرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ئېنېرگىيە ھالەتلىرى ئېلېكتروماگنىت قەۋىتىدىن ئىبارەت بىرلا قۇۋۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى ئېنېرگىيە ھالەتلىرىمۇ بىرلا مەنبەگە بېرىپ تاقىلىدۇ. كەڭ مەنىدىكى نىسبيلىك نەزەرىيسى ماكان بىلەن زاماننىڭ ئارلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىزچىللىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، تار مەنىدىكى نىسبيلىك نەزەريىسى ئالەملىك تارتىش كۈچى ۋە ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىنىڭ ئارىسىنى باغلاشقا ھەرىكەت قىلغان. نەتىجىدە ئالەمنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان قىسمى-ماددا، ئېنېرگىيە، زامان ۋە ماكان قاتارلىقلار بىز ماھىيىتىنى ئېنىق بىلەلمىگەن بىرلا نەرسىگە يىغىنچاقلىنىدۇ، بۇ نەرسە بولسا كائىناتتىكى ئۇلۇغ بىردەكلىككە (بىرلىككە) ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىشقا بولىدۇ. ئاسترونومىيە ئالىملىرى بۇنى كائىنات بارلىققا كەلگەن زور پارتلاش نەتىجىسىدە ماددا، ئېنېرگىيە، زامان ۋە ماكانلار ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ ئاساسى قاتارىدا چۈشەندۈرىدۇ.

http://islamnuri.info/show_articles.php?id_a=137&id_t=8&id_c=144&id_scat

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كونا توربېتىمىز http://akademiye.com/oldweb/?p=11951

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top