• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئەي مەيدان

ئەي مەيدان

ey-meydan1

ئەي مەيدان

كەلپاناھ تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمىسىئەي مەيدان، 
بۇنچە ۋاقىتتىن بېرى قەيەرلەردە ئىدىڭ ؟
سېنىڭ بىلەن ناخشا ئېيتتۇق ۋە سېنىڭ بىلەن ئۈمىتلەرگە تولدۇق، 
كۆرەش قىلدۇق ،قورقتۇق ۋە دۇئاغا قول كۆتۈردۇق ..
بىر كۈچكە ئايلاندۇق ،كېچە ۋە كۈندۈز 
ۋە ئەمدى سېنىڭ بىلەن ھىچبىر نەرسە ئەمەس ئىمكانسىز. 
ھۆرلۈكنىڭ نىداسى ئىدى بىزلەرنى بىرلەشتۈرگەن ..
بەس .ھاياتىمىز تاپتى مەنىسىنى
ۋە ئەمدى ئارقىغا چېكىنىش يوق !
ئاۋازلىرىمىز ئاڭلىنىۋاتىدۇ…
يىتەر ،ئەمدى ئارمانلارغا چەكلىمىلەر يوق .
ئەي مەيدان ،
بۇنچە زامانلاردىن بېرى قەيەرلەردە ئىدىڭ ؟
توساقلارنى يىقىتتىڭ ۋە نۇر بىلەن يورۇتتۇڭ ،
ھارغىن خەلقىڭنى ئەتراپىڭغا توپلىدىڭ .
بىز ئەمدى يېڭىدىن تۇغۇلدۇق
يېڭىدىن تۇغۇلدى ئۇ ھىچ ۋاز كېچەلمىگەن ئارمانلىرىمىز .
پەرقلىقمىز ،ئەمما ئوخشاشلا ساپتۇر نىيەتلىرىمىز ..
تۇمانلىق كۆرۈنسىمۇ رېئاللىقىمىز ..
لېكىن،
بىز ئىگە چىقىۋاتىمىز ۋەتىنىمىزگە ۋە كېلەچەك نەسىللىرىمىزگە ،
ئۇ يىقىلغان شەھىدلىرىمىزنىڭ ئەسلىمىسىگە ..ئەي مەيدان ،
بۇنچە ۋاقىتتىن بېرى قەيەرلەردە ئىدىڭ ؟
سېنىڭ بىلەن ھېس قىلدۇق ۋە باشلىدۇق ،
بىز ئۇزاقلىشىپ ۋە تۈگەشكەندىن كېيىن
ئۆزىمىزنى ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئۆزگەرتىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى
سەن بىزگە بىلدۈردۇڭ بۇلارنى ، ئەمدى بىزنىڭ نۆۋىتىمىز
بەزەن بىر قورقۇنچ ئورىۋالىدۇ
ئۆچۈپ كېتەرسەنمۇ دەپ ۋاقىتسىز .
سەندىن ئۇزاقلاشقانچە،ئارمانلار غايىپ بولغانچە
يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئۇنۇتقانچە،
بىز سېنى بىر ھېكايىدەكلا ئېيتىشىپ قالغانچە…ئەي مەيدان
بۇنچە ۋاقىتتىن بېرى قەيەرلەردە ئىدىڭ ؟
ھەر ئېقىمدىن ئىنسانلارنى توپلىغان مەيدان !
بىرلىرى پىداكار ، بىرلىرى جەسۇر،بىرلىرى ئاشىق ،
ۋە بىرلىرى يولۇچى…
ئەنە بىرى چوقانغا سۆز تاپالمىغان ،
يەنە بىرىنىڭ چاناقلىرى ياش بىلەن تولغان ..توپلىنىپ چاي ئىچمەكتىمىز شۇئان،
ئەمدى بىلدۇق ھۆرلۈكنىڭ نىمىلىكىنى .
سەندىن جاھانغا ياڭرىغان سادالىرىمىز ،
بىلدۈردى قېرىنداشلىرىمىزغا بىرلىشىش كېرەكلىكىنى ..

ئەي مەيدان !
بۇنچە ۋاقىتتىن بېرى قەيەرلەردە ئىدىڭ ؟
كۈچىمىزدۇر ئارمانلىرىمىز!
قورالىمىزدۇر بىرلىكىمىز !
ھەقىقەتنى سۆزلىگەن مەيدان ،
زالىملارغا دائىم ياق دىگەن مەيدان !
بىر مەيدان قاينام مىسالى،
بىرلىرى مىنگەنشكەن ۋە بىرلىرى تارتىشقان..

بىرلىرى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ بۇ نىمە ئالاتوپىلاڭ دەۋاتقان

….
بىلىمىز،
يېزىلماقتا ئەمەللىرىمىز !

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top