• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش

1- بۆلۈم

ئەسلەپ باقىدىغان بولساق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايونىمىز ھەر يىلى بىر قىسىم كىشىلەرنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا باشلىغان. بۇ كىشىلەر ئىچىدە %80كىشى مائارىپ سېستىمىسىدىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەر بولۇپ، 1980-يىلىدىن 1996-يىلىغا قەدەر مائارىپ سېستىمىسىدىن چەتئەلگە چىققانلارنىڭ سانى 1000كىشى ئەتراپىدا بولغان. 1996-يىلىدىن ھازىرغىچە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ سانى 1000نەپەرگە يەتكەن. دىمەك مائارىپ ساھەسىدە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چىققانلارنىڭ سانى 1996-يىلىدىن كېيىن يىلىغا 100نەپەر ئەتراپىدا بولغان. چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىلەن چىققانلار مائارىپ ساھەسىدىكى «ئىستىقبالى بار» دەپ قارالغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ھازىر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىكى غوللۇق كىشىلەرگە ئايلاندى. ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار 2000-يىلىدىن باشلاپ كۆپۈيۈشكە باشلىدى. جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى چېگرىدىن چىقىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىمچە، 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلەرنىڭ سانى 9مىڭدىن ئېشىپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە، بىزدىكى ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپۈيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن چىققانلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇرمۇشى نىسبەتەن كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۆز خىراجىتى بىلەن چىققانلار بولسا ھەممە نەرسىنى ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ يارىتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى پىلانلاۋاتقان كىشىلەر چەتئەلدە ئوقۇش، ياشاش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۇچۇرنى ئالدىن بىلىشكە مۇھتاج. بىراق، ئەمەلىيەت شۇكى، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئويلايدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، چەتئەل مائارىپى ھەققىدە، چەتئەلدە دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ھەققىدە بىرقەدەر توغرا، ئەتراپلىق ئۇچۇر ئىگىلەيدىغانلار، ئۆزىنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى، ئىقتىسادى ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلەيدىغانلار ئاز. ۋاستىچىلىق شېركەتلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچىلا، دەسلەپكى بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 150مىڭ يۈئەندىن، نەچچە ئون مىڭ يۈئەنگىچە بولغان پۇلنى تاپشۇرۇپ، تەۋەككۈل قىلىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلار خېلى كۆپ.

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا، بىر پەرزەنتنى چەتئەلدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىر يىلدا كېتىدىغان، كۆپ بولغاندا يۈز مىڭ يۈئەندىن ئارتۇقراق، ئاز بولغاندىمۇ نەچچە ئون مىڭ يۈئەن چىقىمنى كۆتۈرەلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس. بىزگە ئوخشاش ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان رايوندىكى، ئىقتىسادى ئاجىز خەلق ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ يىلدىن- يىلغا كۆپۈيۈشى، ئارىمىزدا مائارىپ ئۈچۈن ئېغىر ئىقتىسادى بېسىمنى كۆتۈرۈشكە رازى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپۈيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولىۋاتقان كىشىلەرگە بۇ ھەقتە كۆپرەك ئۇچۇر بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتتە ئورۇنسىز زىيان تارتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدىغان ياخشى پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئېلخەت ئارقىلىق زىيارەت قىلدىم. مالايسىيادىكى ئەكرەم ئەپەندى، فىرانسىيىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى perpignan ئونىۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدىغان ئوبۇلتالىپ ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى «لەيلى» مەن يوللىغان سۇئاللارنىڭ بىر قىسمىغا جاۋاپ قايتۇردى. ئەنگىلىيىدىكى رەپقەت ئەپەندى، ياپونىيىدىكى ئەھمەتجان لېتىپ ئەپەندى يوللىغان سۇئاللىرىمغا تولۇق جاۋاپ يېزىپ ئەۋەتتى. ئۇلارغا چىڭ قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.

مەن توردا يوللىغان سۇئاللار تۆۋەندىكىچە:

1- چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قانداق شەرتلارنى ھازىرلاش كېرەك؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى (ياپونىيە توكيو ئونىۋېرسىتىتىدا تەبىئى پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۈنۋانىنى ئالغان): چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇنداق ئۈچ شەرتنى چوقۇم ھازىرلاش كېرەك:

1-چەتئەل تىلى ئاساسى.2-ئىقتىسادى ئاساس.3-مۇۋاپىق يول تېپىش.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ شەرت ئىچىدىكى 2-، 3-شەرت ھازىرلانسىلا چەتئەلگە چىققىلى بولىدۇ. ئەمما چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن شۇ دۆلەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش، چەتئەلگە چىقىشتىكى مەقسەت ۋە ئارزۇ ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چەتئەل تىلىنى بىلىش زۆرۈر. چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا بۇ ئۈچ شەرتنى ھازىرلىغان ئادەمنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ۋە چەتئەلدە ياشىشى بەك تەسكە توختاپ كەتمەيدۇ. بىراق، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش، بەلگىلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۆڭۈلدە ئېنىق، كونكىرىت نىشان تىكلىۋېلىش كېرەك. ئەلۋەتتە، جاپا -مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىدىيىۋى تەييارلىقنىڭ بولىشىمۇ ئىنتاھىن مۇھىم.

رەپقەت ئەپەندى (ھازىر ئامېرىكا شىمالى ۋېرگىنىيە ئېنىستىتوتىنىڭ لوندوندىكى قارمىغى لوندون خەلقئارا ئونىۋېرسىتېتىدا MBA سودا سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن): مېنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتەرلىك ئىقتىسات تەييارلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىدە ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئىقتىدارى، ئۆز-ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى، مۇئەييەن كەسپى قابىلىيەت، شۇنداقلا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن، ياكى مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغان بولۇش كېرەك. ناۋادا دۆلەت ئىچىدە، ياكى چەتئەلدە بىرەر ئورۇننىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن بولسا، ئوقۇغۇچى ئىقتىسادى جەھەتتە غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق، چەتكە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغانلار بولغاچقا، مۇئەييەن ئىقتىسادى ئاساس بولمىسا بولمايدۇ. مەسىلەن: گىرمانىيىگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ۋىيزىغا ئىلتىماس قىلىشتىكى زۆرۈر ئۈچ شەرتنىڭ بىرى، بىر يىللىق تۇرۇش كاپالىتى ئۈچۈن 7000 ياۋرۇنى، يەنى تەخمىنەن 70000 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى گېرمانىيە بانكىسىغا قويۇش كېرەك. ئەنگىلىيىگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن 300 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى بانكىغا ئۈچ ئايلىق قويغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىش كېرەك. گېرمانىيىدە ئوقۇش ھازىرغا قەدەر ھەقسىز. بىراق، ھەرقانداق ئادەم سالامەتلىك سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشى كېرەك. (سالامەتلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشماسلىق قانۇنسىزلىق) سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئېيىغا تەخمىنەن 30-50 ياۋرۇ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ياتاق پۇلى ئېيىغا تەخمىنەن 200-250 ياۋرۇ ئەتراپىدا. (رايونلار ۋە ياتاق شارائىتىغا بېقىپ ئوخشىمايدۇ) ئەنگىلىيە ئونىۋېرسىتېتىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى تەخمىنەن 8000-10000 فونتسىتىرلىڭ (بىر فونتسىتىرلىڭ تەخمىنەن 14يۈەن). ياتاق ئىجارىسى ھەپتىلىكى تەخمىنەن 60-80 فونتسىتىرلىڭ (ئەگەر يالغۇز تۇرۇشقا توغرا كەلسە). ئۇنىڭدىن باشقا قاتناش بېلىتى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. لوندوننىڭ ئاپتوبۇس بېلىتى تاق يۆلۈنۈشلۈك بېلەت، كۈنلۈك بېلەت، ھەرقايسى رايونلار ئارا قاتناش بېلىتى، شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان مېترو بېلىتى دەپ ئىنچىكە ئايرىلغان. ئوقۇغۇچىلار قاتناشتا ئېتىبار قىلىدىغان كارتىغا ئىلتىماس قىلغان بولسا، كۈندىلىك بىلەتتىن باشقىسى 30% ئېتىبار قىلىنىدۇ. گېرمانىيىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى سائىتىگە 5.25 ياۋرۇ. ئوقۇغۇچىلار سائىتىگە 5.25-7 ياۋرۇ ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلىشى مۇمكىن. لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئونىۋېرسىتېتتا ئوقۇشقا رەسمى تىزىمغا ئالدۇرغىچە، قوشۇمچە ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئونىۋېرسىتېتقا كىرگەندىن كېيىن باج تۆلەپ، يىلدا 90 كۈن ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، (ھەپتىسىگە 20سائەت ئىشلەشكە بولىدۇ.) بەلگىلىمە بويىچە ئايلىق كىرىمى 325 ياۋرۇدىن ئاشمىسا باج ئېلىنمايدۇ. ھەمدە بۇ ئىشلەش ۋاقتى، 90 كۈنلۈك ئىشلەش ۋاقتى ئىچىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. قانۇنسىز ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك. ئەنگىلىيىدىمۇ ئوخشاش، ئوقۇغۇچىلارغا ھەپتىسىگە 20 سائەتلىك ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلگەن. ئەنگىلىيىدە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى سائىتىگە 4.75 فونتسېتىرلىڭ. لېكىن كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلار باج تۆلىمەي قارا ئىشلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سائەتلىكىگە 4-5 فونتسىتىرلىڭ ھەق ئالىدۇ.

مۇئەييەن كەسپى قابىلىيەت بولۇش دىگەنلىك- ئوقۇماقچى بولغان كەسپ دائىرىسىدە بەلگىلىك ئەمەلى ئىقتىدار ۋە بىلىم بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.كەسپى ئاساس بولمىغاندا، سەرپ قىلىنىدىغان ئىقتىسات، ۋاقىت ۋە زېھىن كۆپ بولۇپ كېتىدۇ.

گىرمانىيە ياكى ئەنگىلىيىدىكى مۇنتىزىم مەكتەپلەردە ئوقۇسا، بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتلىك ياكى خەلقئارالىق تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. گىرمانىيە ئالى مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا 800سائەتلىك نېمىس تىلى كۇرسىدا ئوقۇغانلىق ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر گېرمانىيە ئەلچىخانىلىرى گېرمانىيىگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلاردىن مۇمكىن قەدەر جۇڭگودا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەنگىلىيە ئەلچىخانىلىرى بۇنى كەسكىن شەرت قىلمىسىمۇ، ئەنگىلىيە ئونىۋېرسىتىتلىرىغا كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن، جەزمەن TOEFL ياكى IELTS ئىمتاھانلىرىدىن بەلگىلىك نومۇر ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

تىل ئۈگۈنۈش ئۈچۈن كىشىلەر ئۈنۈملۈك ئاسان ئۇسۇلنى ئىزدىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق يول يوق. مەيلى نەدىلا ئۈگەنمىسۇن. ئوخشاش ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر گىراماتىكىلىق قائىدىنى مەيلى گېرمانىيىدە بولسۇن ياكى ئەنگىلىيىدە بولسۇن ۋە ياكى جۇڭگودا بولسۇن ئوخشاش كۈچ چىقىرىپ ئەستە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. تىل ئۈگۈنۈش دەرسخانىدا ئۈگۈنۈش بىلەن ئۆزى تەكرار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئەگەر سىز 4-5سائەت دەرسنى باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئولتۇرۇپ دەرسخانىدا ئاڭلاپ، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ، يەنە 4-5 سائەت تەكرار قىلسىڭىز، چەتئەلنىڭ ئەۋزەل تىل مۇھىتى نەدە قالدى، دىگەن ھىسسىياتقا كېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، سودا سېتىققا چىققاندا، چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تىل چىقىرىش ئارقىلىق، ئونىۋېرسىتىتلارغا كىرىپ ئوقۇش سەۋىيىسىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئاكادىمىيىلەرنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتكىدەك سەۋىيىنى ھازىرلاش ئۈچۈن چوقۇم، مۇنتىزىم مەكتەپلەردە تىل ئۈگۈنۈش كېرەك). چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تىل ئۈگۈنۈشنى باشلىغانلار ئىچىدە چەتئەلدىكى بىر قىسىم تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشى جۇڭگودىكى مەكتەپلەرنىڭ تىل ئوقۇتۇشىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تىل ئۈگۈتۈش ئۇسۇلىغا كۆنۈشىمىزمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، چەتئەلدىكى تىل كۇرۇسلىرى قىممەت. گىرمانىيىدىكى تىل مەكتەپلىرىنىڭ سائەتلىك ھەققى تەخمىنەن 4ياۋرۇ. جۇڭگودا تۇرۇپ تور ئارقىلىق تاپقىلى بولىدىغان ئەنگىلىيە ئەلچىخانىلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان تىل مەكتەپلىرىنىڭ سائەتلىك ئوقۇتۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەنلىرىنىڭ 2فونتسىتىرلىڭ، ئادەتتىكىلىرىنىڭ 4فونتسىتىرلىڭ. ئەلۋەتتە لوندوندا سائەتلىكى 2فونتسىتىرلىڭدىن تۆۋەن تىل مەكتەپلىرى نۇرغۇن. ئەمما ئۇلارنىڭ تىل ئوقۇتۇش سۈپىتى ناچار. بەزىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەكتەپلەرگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ۋىزا ئۇزارتىشى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمەلى دەرس ئۆتمەيدۇ. ئەنە شۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدىغان سىنىپتا ئولتۇرغاندا، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن بۇرۇن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئادەم چوڭقۇر ھىس قىلىدۇ.

2سۇئال: -چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق قايسى؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ئىچىدە تۆۋەندىكى ئىككى خىلىنىڭ سالمىقى ھەممىدىن ئېغىر، دەپ قارايمەن:

1- يۇرتىنى سېغىنىشتىن پەيدا بولىدىغان روھى بېسىم.
2- ئىقتىسادى بېسىم.

مەيلى چەتئەلگە يېڭى چىققانلار بولسۇن، ياكى چەتئەلدە ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار بولسۇن، ئانا يۇرتىنى سېغىنىپ كۆز يېشى قىلمايدىغانلار، يۈرەك ئازاۋى تارتمايدىغانلار يوق دىيەرلىك. چەتئەلدە تۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل سېغىنىش ھىسسىياتى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. بۇنى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق دېيىشكە بولىدۇ. ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان، ماددى تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقۇرى بولغان ئەللەرگە چىققانلار (مەسىلەن: ياپونىيەگە ئوخشاش) نىڭ كۆپ قىسمى بىر مەزگىل ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىق تارتىدۇ. ياپونىيەدىكى ئەھۋالنى ئېلىپ ئېيتساق، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردە مال باھاسى ئۈرۈمچى بىلەن 10 ھەسسىدىن 15 ھەسسىگىچە پەرقلىنىدۇ. تىل بىلىدىغان ۋە جاپاغا چىدايدىغانلار ئۈچۈن ئىشلەش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن غەيرەت قىلغانلار بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىقتىسادى بېسىمدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.

رەپقەت ئەپەندى: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق مەن ئۈچۈن يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش بولدى. گېرمانىيىگە كېلىپ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن مارتېن لوتېر ئونىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكولتېتىنىڭ پروففىسورى شتولسېن ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئون مىنوتلۇق سۆھبەتتىن كېيىن، «پايتىمام سۇغا چىلاشقان» دەك ھېسسىياتقا كەلگەن ئىدىم. يىللاپ چەتئەلگە تەلپۈنۈپ، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆزىنى چەتئەلدە كۆرۈپ، ئارزۇلىغان ئىشى ئوڭغا تارتمىسا، ئادەم ئۆزىنى شۇنداق سېزىدىكەن. بۇ بەلكىم «ئالى مەكتەپلىرىمىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋالغانغا ئوخشاش بىزنىمۇ شۇنداق كۈتىۋالىدۇ» دېگەن تامادا بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ پروففىسور «تىلىڭ يوقكەن، ئالدى بىلەن تىل ئۈگۈنۈپ كەل، قالغان گەپنى شۇ چاغدا دېيىشەيلى» دېدى، ۋەسسالام. تىل مەكتىۋى نەدە، مەن نەدە ياتىمەن. مەكتەپكە قانداق ئىلتىماس قىلىمەن. بۇ توغرىلىق ھېچنىمە دېمىدى. شۇ كۈنى خالتىلىرىمنى ئۆشنەمگە ئارتىپ پروففىسورنىڭ يېنىدىن چىققاندىن تارتىپ، خېلى بىر چاققىچە ئۆزۈمنى خۇددى «قاڭقىپ كەتكەن توپ» تەك ھېس قىلدىم. دەسلەپكى چاغلاردىكى قىيىنچىلىقلارنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاش قىيىن. ھەرھالدا مەن يولۇققان قىيىنچىلىقلار تۆۋەندىكىچە:

1- ياتاق مەسىلىسى. تۆت ئاي توختىماي ئەرزان، قىسقا مۇددەتلىك ياتاق ئىزدىدىم. ئۇلار جۇڭگولۇقلارغا ئاسانلىقچە ياتاق بەرمەيدىكەن. 2- سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئېلىش. بۇنى قانداق ئېلىشنى بىلمەي، ھەتتا دۆنەر كاۋىپى ساتىدىغان تۈرك ئەھمەتنىڭ يېنىغا ئۈچ قېتىم باردىم. 3- ۋىزا ئۇزارتىش، ئەلچىخانا گېرمانىيىگە تۈنجى كىرگۈچىلەرگە پەقەت 90 كۈنلۈكلا ۋېيزا بېرىدۇ. بۇ 90 كۈن ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئېتىراپ قىلىنغان بىرەر تىل مەكتەپلىرىگە كىرىشى ياكى ئونىۋېرسىتېتقا تىزىمغا ئالدۇرۇشى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئالغان بولۇشى، توختاملىشىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ، توختامنى نوپۇس تىزىملىتىدىغان ئورۇنغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. مۇشۇ ئىسپاتلارنى ۋە بانكا ھېسابات ئىسپاتىنى كۆتۈرۈپ ۋىزىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. 4- تىل ئۇقماسلىق. ھەتتا ئۆي ئىجارە ئالىمەن، دەپ ئۆي ئىگىسىگە ئەمەس. ئۆي ئىجارە ئالىدىغانلارغا تېلىفون قىلغان ۋاقتىممۇ بولغان. 5- قىممەتچىلىك. بەزىدە نەرسە سېتىۋالغىلى تاللا بازىرىغا كىرىپ، نەچچە قېتىم سېتىۋالماي كىرىپ كەتكەن چاغلىرىم بولغان. 6- مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش.

3-سۇئال: چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ياش باسقۇچى قايسى؟ نىمە ئۈچۈن؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: مېنىڭچە ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ باكلاۋېرلىق ئىلمى ئۈنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقسا مۇۋاپىق بولىدۇ. (بولۇپمۇ ياپونىيىگە نىسبەتەن شۇنداق) بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلار بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. (ياپونىيىنى مىسال قىلماقچىمەن):

1- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققاندا، ئالدى بىلەن ياپونىيىدە 2 يىل ئەتراپىدا ياپون تىلى ئوقۇپ ئاندىن ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر يىلى مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تەخمىنەن 50 مىڭ يۇەندىن – 70 مىڭ يۈەنگىچە (جۇڭگو پۇلى) پۇل كېتىدۇ. ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا تۇرمۇش خىراجەتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ ئىقتىسادى چىقىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈندە ئالتە، يەتتە سائەت ئوقۇغاندىن باشقا يەتتە، سەككىز سائەتلەپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت تاماق ئېتىپ يېيىش، كىر يۇيۇش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت ئاجراتمىسا بولمايدۇ. ھەر بىر كۈن مۇشۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان بولغاچقا، دەرس تەكرارلاش ئىمكانىيىتىمۇ كۆپ بولمايدۇ. ياپونىيىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالىدىغان ئىش يوق. شۇ سەۋەبتىن ئوقۇشنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىش ياكى بارالماسلىق پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالمىسا، ئوقۇشتىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

2- ئالى مەكتەپتە مەخسۇس كۇرس ئوقۇپ ياكى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققاندا، ( ياپونىيىدە جۇڭگونىڭ مەخسۇس كۇرس ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم دېپلومىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

3- ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ (باكلاۋېرلىق ئىلمى ئۈنۋانىنى ئالغان بولۇش كېرەك) چىققاندا، بىرنەچچە ئايلىق سىناقتا ئوقۇش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ماگېستېرلىق ئوقۇشىغا كىرگىلى بولىدۇ. نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش، مەكتەپنىڭ ئەرزان باھالىق، شارائىتى ياخشى ياتاقلىرىدا تۇرۇش، مەكتەپ ئىچىدە ئىشتىن سىرتقى تەتقىقات ۋە تەجرىبە ياردەمچىسى بولۇش ئارقىلىق ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىش پۇرسىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا، تەتقىقاتلارغا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن قاتنىشىش پۇرسىتىمۇ بولىدۇ.

4- خىزمەتكە قاتنىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققاندا ياش چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش، مەكتەپنىڭ ئەرزان باھالىق ياتىقىغا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايسىزلىقلارغا دۇچ كېلىش مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلايدىغانلار ئالى مەكتەپتە تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ، بۇ جەرياندا ياپون تىلىنى پۇختا ئۈگۈنۈپ، ئاندىن ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقسا، بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.

رەپقەت ئەپەندى: چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ياش باسقۇچى ھەققىدە ئېنىق بىر نىمە دېيەلمەيمەن. لېكىن، جۇڭگودا مۇمكىن قەدەر ماگىستىرلىقنى تۈگۈتۈپ، زادى بولمىغاندا باكلاۋېرلىقنى تۈگۈتۈپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇ تەخمىنەن 23-26 ياش ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر چەتئەلگە قانچە بۇرۇن چىقسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ. شەخسەن مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن. مەسىلىگە ئەمەلىرەك قاراش كېرەك. مېنىڭ بىرنەچچە تونۇشۇم باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بالىلىرىنى چەتئەلگە چىقىرىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇلارغا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىرىش تەكلىپىنى بەردىم. مەسىلەن: گېرمانىيىگە چىقىشنى ئالايلى، گېرمانىيىدىكى ئالى مەكتەپلەردە كەسىپ ئوقۇش ئۈچۈن، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتۈشتىن سىرت، چوقۇم جۇڭگودىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە بىر يىل، ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەردە بىر يېرىم يىل ئوقۇغانلىق ئىسپاتى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىر يىل شۇ ئونىۋېرسىتېتنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە تىل بىلەن تەڭ باشقا پەنلەرنى ئوقۇپ ئىمتىھان بېرىشى كېرەك. گېرمانىيىگە ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كېلىپ باشلانغۇچ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار بار. گەرچە ئۇلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ خاتىرجەم بولسىمۇ، ئوقۇتۇش سىستىمېسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە تىل توسالغۇسى تۈپەيلىدىن ئونىۋېرسىتېتلارغا بىۋاستە كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇماي، كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. كەسپى مەكتەپلەردە ئوقۇغاندا، تېخنىكوم مەكتەپلىرىدىلا ئوقۇشقا بولىدۇ. كەسپى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئونىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇشقا بولىدۇ. گېرمانىيىدە، ئەنگىلىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا چىققانلار بار. ئۆتكەن يىلى پارىژغا بارسام بىرسى بىر بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى. ئۇ ئەمدى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئاتا-ئانىسى ئۇنى فرانسىيىگە ئوقۇشقا چىقىرىپتۇ. لېكىن ئۇ بالا پارىژدا قىينىلىپ قاپتۇ. «قايتىپ كېتىمەن» دېسە، ئاتا-ئانىسى «شۇ يەردە يول تاپ» دەپ ئۇنىماپتۇ. ئۇ بالا ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەچكە ئۆي ئىگىسى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆۋرۈك ئاستىدا تۆنەشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئاقىۋەت ساقچىلار ئۇ بالىنى تۇتىۋاپتۇ. يۇقىرىقى ئەھۋالنى ئىنچىكە كۈزەتكەندە، مەسىلىنىڭ نۇقۇل ئىقتىسادى قىيىنچىلىق، تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. يات مۇھىتتا ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىمۇ ئىنتاھىن مۇھىم. يەنە كېلىپ، ئەنگىلىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەر يوقۇرى ئوقۇش پۇلى ۋە يوقۇرى كەسپى تەلەپ تۈپەيلىدىن مۇنتىزىم كەسپى ئونىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇپ بولالمايدۇ. ئادەتتىكى ئەرزان، ئوقۇتۇش تەلىپى مۇۋاپىق بولغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى جۇڭگودىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭكىدىن تۆۋەن. بۇنداق مەكتەپلەردە خاسلا چەتئەللىكلەر ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن ئاتا-ئانىلار ئازرۇ قىلغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار «بالدۇر چەتكە چىقىپ ئوقۇش ياخشى» دېگەن قاراش ئۈستىدە ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

مەيلى گېرمانىيىدە بولسۇن ياكى ئەنگىلىيىدە بولسۇن باكلاۋىرلىقنى تۈگۈتۈپ، ماگىستىرلىق ئوقۇشىقا كەلگەندىمۇ، جۇڭگودىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئوخشاش كۆپ ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتا دەرس ئالىدۇ. مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك شۇ دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىش ئۈچۈن ئىككى مەۋسۈم ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ قىيىنچىلىق ۋە تىل مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ماگىستىرلىقنى تۈگۈتۈش جۇڭگودا ئوقۇغانغا قارىغاندا 1، 2 يىل ئارقىغا سۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ناۋادا چەتئەلدە ماگىستىرلىق ئۈچۈن سەرپ قىلغان شۇ ۋاقىتنى جۇڭگودا سەرپ قىلسا، ھەم ۋاقىتنى ئۇتقىلى ھەم ئىقتىسادى جەھەتتە كۆپ چىقىمدار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. جۇڭگودا ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، چەتئەلگە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقسا، مېنىڭچە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا چىققانغا قارىغاندا كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. (ۋىزا ئۇزارتىش، قوشۇمچە ئىش تېپىپ ئىشلەش، ئائىلىسىدىكىلەرنى يېنىغا ئەكىلىپ بىللە تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە) بۇنىڭدىن باشقا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن يەرلىك تىلنى بىلىش شەرت قىلىنمايدۇ. ئىنگىلىز تىلىنى بىلسىلا كۇپايە قىلىدۇ. شۇڭا ۋاقىت چىقىرىپ يەرلىك تىلنى ئۈگۈنۈشمۇ ھاجەت ئەمەس. يەنە كېلىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدا سىنىپتا بېسىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاش شەرت قىلىنمىغاچقا، كەسپى جەھەتتە كەم تەرەپلىرىنى ماتېرىيال كۆرۈپ تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ.

(2-بۆلۈم)

4-سۇئال: سىز چەتئەلگە قانداق ۋاستە بىلەن چىققان؟ سىزنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن قايسى يولدا ماڭغان ئەڭ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: مېنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ھەم پۇل تېجەيدىغان ھەم بىخەتەر يول ئۆز-ئۆزىگە تايىنىپ يول تېپىشتۇر.

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان (چەتئەلدە تۇرىۋاتقان بىرەر ئۇيغۇر تونۇشى ياكى بىرەر چەتئەللك) بىرەر تونۇشنىڭ ياردەم قىلىشىغا ئۈمىد باغلاش، مەكتەپ تونۇشتۇرغۇچى ۋاستىچى شىركەتلەرگە ھاۋالە قىلىش، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چىقىشنى ساقلاش …. دېگەندەك ۋاستىلەر ئارقىلىق يول تاپمىسا چەتئەلگە چىققىلى بولمايدۇ، دېگەن قاراش خاتا. تۆۋەندە مەن ياپونىيىگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. (مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ياپونىيەدىكى توكيو ئونىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن.)

1- ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋېرلىق ئىلمى ئۈنۋانىنى ئېلىش بىلەن تەڭ ياپون تىلىدا خەت ئالاقىسى قىلالايدىغان سەۋىيىنى ھازىرلاش.

2- ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ياپونىيىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەش.

3- ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان مەكتەپتىكى ئۆزىڭىز تاللىغان كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فىروففىسورغا ئېلخەت يوللاپ، شۇ كەسپتا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى بۈلدۈرۈش ۋە مەسلىھەت سوراش.

4- ئەگەر ئۇ پروففىسور سىزگە قىزىقسا، جاۋاپ قايتۇرۇپ ئەھۋالىڭىزنى تەپسىلى سۈرۈشتۈرىدۇ. مەسىلەن: سىزنىڭ چەتئەل تىلى ئاساسىڭىز، ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىز، نىمە ئۈچۈن ئۇ پروففىسورنىڭ قولىدا ئوقۇشنى تاللىغانلىقىڭىز، كېيىن قايسى تېمىدا نۇقتىلىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغانلىقىڭىز… قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورايدۇ. سىز ھەر قېتىملىق ئالاقىدا سورالغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇش ئارزۇيىڭىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىڭىزنى مۇۋاپىق سۆز ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەڭ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ پروففىسوردا سىزگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە بىرلا قېتىمدا بۇ خىل مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. بىرىدە مەغلۇب بولسا، يەنە بىرىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ. بۇ ئىشتا باشتىن ئاخىر سەۋرىچان، ئەستايىدىل بولۇش كېرەك.

5- پروففىسور سىزنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلسا، سىزگە مەكتەپنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

6- سىز شۇ جەدۋەلدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەييارلاپ، مەكتەپكە ئەۋەتىسىز.

7- ئەگەر مەكتەپ تەرەپ سىزنىڭ ماتىرىياللىرىڭىزنى كۆرۈپ قوبۇل قىلىشقا قوشۇلسا، فىروففىسور ئارقىلىق سىزگە مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى، ۋە ۋىزا ئېلىشقا كېرەكلىك ماتىرىياللارنى ئەۋەتىدۇ.

8- سىز شۇ ماتېرىياللارغا ئاساسەن پاسپورت بېجىرىپ، ياپونىيىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقسىڭىز بولىدۇ.

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ھەم ئارتۇقچە چىقىمدار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ھەم مۇستەقىل ياشاشنىڭ تۈنجى قەدىمىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىنتاھىن مۇھىم.

رەپقەت ئەپەندى: مەن چەتئەلگە ئۆزەم ئالاقىلىشىپ چىققان. بەلكىم ۋاستىچىلىق شېركەتلىرى ئارقىلىق چىققاندا تېزرەك بولۇشى مۇمكىن. بىراق مەندە ئۇلارغا تۆلەيدىغان ئۇنچە كۆپ پۇل يوق ئىدى. شېركەتلەرنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن چىققاندا مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى شېركەتلەرنىڭ تونۇشتۇرغىنىغا ئوخشاش بولماي قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچى شېركەت ئالاقىلىشىپ بەرگەن تىل كۇرسى ۋە كەسپنى تاللىماي، باشقا مەكتەپكە يۆتكەلمەكچى بولسا، شېركەتكە تۆلىگەن ئوقۇش پۇلىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلە. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا، نەگە بېرىپ، نىمە ئوقۇش ھەققىدە ئەقەللى ئۇقۇم بولۇشى كېرەك. ئېنتېرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپنى ۋە مەكتەپنىڭ تەلەپ قىلىدىغان ئۆلچىمىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەلچىخانىنىڭ بەلگىلىگەن ئۆلچىمى بويىچە ماتىرىيال تەييارلىسا، ئەلچىخانا ۋىزا بېرىدۇ. گىرمانىيىدە بىر جۇڭگولۇقنىڭ 9قېتىم ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ، گېرمانىيىگە بارغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. يەنە ئامېرىكىغا بارغان بىر تونۇشۇممۇ، 3قېتىم ئىلتىماس قىلىپ كەلگەن ئىدى.

5- سۇئال: سىز چەتئەلگە قايسى كەسپتە ئوقۇشنى ئويلاپ چىققان؟ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن قايسى كەسپنى ئوقۇش قارارىغا كەلدىڭىز؟ نىمە ئۈچۈن؟

رەپقەت ئەپەندى: مەن لوندوندا سودا سانائەت كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇدۇم. دەسلەپ گىرمانىيىگە پەلسەپە ئوقۇش مۇددىئاسى بىلەن چىققان. مېنىڭ ئەسلى كەسپىم خەنزۇ تىلى بولغاچقا، گېرمانىيىدە ئوقۇشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلدى. جەمى 9مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى 10مەۋسۈمدە تاماملىدىم، دىگەندىمۇ تىل ئۈگۈنۈشكە كېتىدىغان بىر يىل ۋاقىت بىلەن ماگېستىرلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن 6يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۆز خىراجىتى بىلەن 6يىل ئوقۇپ چىققاندا ئاران ماگېستىرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكىلى بولاتتى. يەنە كېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپقىلى بولۇشىمۇ ناتايىن. مۇشۇ خىل زىددىيەتلىك خىيال ئىچىدە تۇرغاندا، سۇغۇرتا شېركىتىدىكى تونۇشۇم ساكسىن ئەپەندى بىلەن ئوتتۇرىمىزدا مۇنداق بىر سۆھبەت بولۇپ قالدى. (ئۇ كىشى خىمىيە دوكتۇرى. ئونىۋېرسىتىتتا 10يىل ئىشلەپ، كېيىن كەسپ ئالماشتۇرغان.) مەن ئۇنىڭ ماشىنىسىدا كېتىۋېتىپ، ئالدىدا كېتىۋاتقان مېرسىدس ماركىلىق پىكاپنى كۆرسۈتۈپ« بۇنى قانچە پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ»، دىدىم. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ«ئەگەر سەن 6يىل پەلسەپە ئوقۇماقچى بولساڭ، بۇنىڭ باھاسىنى سورىمايلا قوي. ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن تاكسى ھەيدەيسەن» دىدى.(ئەلۋەتتە، ئۇنداق بولۇشى ناتايىن.) كەسپىم تىل بولغاچقا، ئاخىرى نېمىس تىلشۇناسلىقىغا ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلدىم. لېكىن بۇ يەردە مەسىلە يەنە ئاددى بولمىدى. گېرمانىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىنچىكە بولۇپ، ئونىۋېرسىتىتتىكى كەسپلەر ماگېستېرلىق كەسپلىرى ، دېپلوم كەسپلىرى دەپ بۆلۈنگەن. ماگېستېر كەسپلىرىنى تاللىغاندا ئوقۇغۇچى بىر ئاساسى پەن ۋە ئىككى قوشۇمچە پەننى تاللىشى ياكى ئىككى ئاساسى پەننى تاللىشى ، بۇ پەنلەرنى ئەركىن تاللاشقا بولىدۇ. لېكىن تاللىغان پەنلەر يېقىن پەنلەر بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.( يەنى نېمىس تىلشۇناسلىقى ۋە نېمىس ئەدەبىياتى دىگەنگە ئوخشاش.) ماگېستېرلىق كەسپلىرى ئۈچۈن جەمى 72خىل دەرسلىق ئوقۇش كېرەك.( ھەپتىسىگە ئىككى سائەتتىن بىر مەۋسۈم ئوقۇلىدىغان دەرسلىك بىر بىرلىك قىلىپ ھىساپلىنىدۇ.) بىر مەۋسۇم ئادەتتە 15-16ھەپتە بولىدۇ. دېپلوم كەسپلىرىنى تاللىغاندا پەقەت، بىر پەننىلا ئوقۇيدۇ. جەمى 54خىل دەرسلىك تۈگۈتىلىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، مەن ئوقۇماقچى بولغان نېمىس تىلشۇناسلىقى ماگېستېرلىق كەسپىدە بولۇپ، ئىككى قوشۇمچە پەننى ئاساسى پەن قىلىپ تاللاشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى قوشۇپ تاللىدىم. لېكىن بۇ ئىككى خىل كەسپنى نېمىس ياشلىرى بىلەن تەڭ ئېلىپ ماڭماق تەسكە توختىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى قايرىپ قويۇپ، تىلشۇناسلىققا قاتنىشىپ يۈردۈم. بىراق، بۇ ياخشى چارە ئەمەس ئىدى. چۈنكى گېرمانىيە ئالى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇش دەسلەپكى ئوقۇش باسقۇچى، كېيىنكى ئوقۇش باسقۇچى دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا لاياقەتلىك بولغاندا ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا بولىدۇ. بۇ دىگەنلىك بىرىنچى باسقۇچتىكى تۆت مەۋسۈمدە ئىككىلا ئاساسلىق پەننى ئۈگۈنۈپ ئىمتاھانغا قاتنىشىشىم كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا كېيىنكى باسقۇچتىكى بەش مەۋسۈملۈم ئوقۇشنى باشلىيالايمەن. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگوغا قايتىپ ماگىستىرلىقنى تۈگۈتۈپ ئاندىن كەلمەكچىمۇ بولدۇم. ئونىۋېرسىتىتتا ئۇدا ئىككى مەۋسۈم دەم ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئەنگىلىيىگە تىل ئوقۇش ئۈچۈن كەتتىم. ئەنگىلىيىدە ئون ئاي تۇرۇپ ئېنگىلىسچە ئۈگەندىم. ئاندىن گېرمانىيىدىكى مارتېن لوتېر ئونىۋېرسىتىتىدىن ئوقۇش نەتىجەم ۋە ماتىرىياللىرىمنى سۆكۈپ، ئەنگىلىيىدىكى ماگېستېرلىق ئوقۇشۇمنى باشلىدىم.

مەن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى-ئوقۇشقا چىقىشتىن بۇرۇن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، كەسپ ئوقۇيدىغان مەكتەپنى، مەكتەپنىڭ شارائىتى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، كەسپ ئوقۇش شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش زۆرۈر ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ مەسىلىلەرنى «چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئويلىشىمەن»، دىگەندە مەكتەپ تاللاپ، كەسپ تاللاپ ۋاقىت، ئىقتىساد كۆپ سەرپ بولۇپ كېتىدىكەن.

6- سۇئال: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئادەتتە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىكەن؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: تىل ئاساسىنى جۇڭگودا پۇختا تىكلىۋالمىغاندا ياپونىيىگە بېرىپ تىل مەكتەپلىرىدە تىل ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىدەك سەۋىيىدىكى تىل ئاساسىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، 1يىل ئەتراپىدا، گېزىت ژورناللارنى كۆرۈش، ئىلمى ماقالە يېزىش سەۋىيىسىگە يېتىش ئۈچۈن تەخمىنەن 3يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەلۋەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ تىل ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى، تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا تىل ئاساسىنى چەتئەلگە چىققاندا سالىمەن، دىيىش ئاقىلانىلىق ئەمەس.

رەپقەت ئەپەندى: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئەگەر تىل ئۈگۈنۈشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلسە، تەخمىنەن بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى مۇقىم بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ. مەن بىلىدىغانلار ئىچىدە تىل ئۈگۈنۈش ئۈچۈن بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانلارمۇ، ئۈچ يىل سەرپ قىلغانلارمۇ بار. گىرمانىيىدە تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت ئىككى يىل. ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، بەزى شىتاتلاردا ۋېزا ئۇزارتىپ بەرمەيدۇ.

مېنىڭچە تىل ئۆتكۈلىدىن تېز ئۆتۈشتە كىرزىس تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش، قىزغىنلىق بولۇش، ئىقتىساد يېتىشىش، بېسىپ ئولتۇرالايدىغان بولۇش، لۇغەت ئاختۈرۈشتىن زېرىكمەسلىك كېرەك. تىل ئۆتكىلىدىن تېز ئۆتەلمەسلىكتە جىددىلىك تۇيغۇسى كەم بولۇش، ئۆز مىللىتىدىكى ياكى ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇش، يېتەرلىك ۋاقىت ئاجراتماسلىق، خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن قورقۇش، تەرجىمە قىلىپ ئۈگۈنۈش قاتارلىق سەۋەپلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم. تىل ئۈگۈنۈشتە پەقەت بىرلا قائىدە بار. «قازانغا نىمە سالسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ». بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسا، بىر سائەتلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. قانداقتۇ بىر ئادەم ئىككىنچى ئادەمدىن ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن تېز ئۈگۈنىۋالىدىغان ئىش يوق. پەقەت كۆپ ئۈگەنگەنلەر، كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانلار تېز ئۈگۈنىدۇ. مېنىڭ تىل ئۈگۈنۈشتىكى ئۇسۇلۇم: 1-دۇچ كەلگەن ھەر بىر سۆزنى ئۆتكۈزىۋەتمەي ئۈگۈنۈپ مېڭىش.2- ئۈگەنمەكچى بولغان تىلنى ئانا تىلدەك سۆزلىيەلەيدىغان ھەر بىر ئادەم مېنىڭ تىل ئوقۇتقۇچۇم. شۇڭا تارتىنماي سوراپ تۇرۇش كېرەك. 3-مېنىڭ چوقۇم توغرا سۆزلەش مەجبۇرىيىتىم يوق.

7- سۇئال: چەتئەل مائارىپى بىلەن بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك پەرقى ھەققىدە قانداق قاراشقا كەلدىڭىز؟ سىزنىڭچە قايسى مائارىپ باسقۇچىدا چەتئەل مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن؟

رەپقەت ئەپەندى: چەتئەل مائارىپى بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرقى ئىنتاھىن زور. بۇنى قىسقىچە نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. ئەڭ چوڭ پەرق مېنىڭچە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش شەكلى، ھەق ئېلىش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرق بولۇشى مۇمكىن.

گىرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئونىۋېرسىتىتلارنىڭ ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى ئىلاستىكىلىققا ئىگە. گېرمانىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپنى 4يىل ئوقۇيدۇ.(6-7ياشتىن باشلىنىدۇ) باشلانغۇچتىن كېيىن ئوقۇغۇچى ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىدۇ:1-« GymnaSium» ئوقۇش باسقۇچى 9يىل. بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلى«Abitur »دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىنى كۆرسىتىدۇ. 2-« Realschule»6يىل داۋاملىشىدۇ. ئۇنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تېخنىكوملارغا ۋە باشقا كەسپى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا بولىدۇ. ياكى يەنە ئىككى يىل «Abitur» دا تەييارلىقتا ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. 3-« Hauptschule» 5 يىل داۋاملىشىدۇ. پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپۈنچە ھاللاردا پىداگوگىكا مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىمۇ «Abitur» دا تەييارلىقتا ئوقۇپ، يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

ئەنگىلىيىدە ئادەتتە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئاتا-ئانىلار، مەكتەپ خادىملىرى، يەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىكى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ. كۆپۈنچە مەكتەپلەر ئاممىۋى فوند ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇدۇ. دىنىي ياكى باشقا خەيرى- ساخاۋەت فوندى مەكتەپلىرىمۇ، ھۆكۈمەت فوندى بىلەن مەۋجۇت بولىدىغان مەكتەپلەرمۇ بولىدۇ. ئونىۋېرسىتىتلار مەيلى گىرمانىيىدە بولسۇن ياكى ئەنگىلىيىدە بولسۇن تارقاق جايلاشقان. ئوقۇغۇچىلار بىر دەرسنى شەھەرنىڭ بۇ چېتىدىن ئالسا، يەنە بىرسىنى ئۇ بېشىدىن ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۈچرايدۇ. ئەنگىلىيە ۋە گىرمانىيىدىكى ئونىۋېرسىتىتلاردا ھەر بىر فاكولتىت مەۋسۈملۈك ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ ئىسمى، دەرس ئوقۇتقۇچىسى، دەرسنىڭ ۋاختى، ئورنى، بۇ دەرس ئۈچۈن پايدىلىنىلىدىغان ماتىرىياللارنىڭ تىزىملىكى، دەرسكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ شەرتى قاتارلىقلارنى جەدۋەللەشتۈرۈپ ئېلان قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار شۇنىڭغا ئاساسەن نەچچە پەننى ئوقۇش، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇشنى بېكىتىدۇ. كۈتۈپخانىلارنىڭ رولى ئالاھىدە گەۋدىلىك، ئونىۋېرسىتىتلاردا چوڭ كۈتۈپخانا بولغاندىن باشقا، ھەر بىر فاكولتىتتىمۇ كۈتۈپخانا بولىدۇ. كۈتۈپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىش شەكلىمۇ ئاددى ھەم رەتلىك. توردا ئارىيەت ئالىدىغان كىتاپنىڭ تىزىملىكىنى يوللىۋەتكەندە، كىتاپخانا خادىمى كىتاپنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئالدىن تەييارلاپ قويىدۇ.

گېرمانىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلا قانچە ئونىۋېرسىتىتقا ئىلتىماس سۇنسا بولىۋېرىدۇ، كەلگەن چاقىرىققا قاراپ، بارىدىغان مەكتەپنى تاللايدۇ. ئەنگىلىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالتە ئونىۋېرسىتىتقا ئىلتىماس سۇنۇشقا بولىدۇ. گېرمانىيە ئونىۋېرسىتىتلىرىدا دەسلەپكى تۆت مەۋسۈم ئىچىدە كەسپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئونىۋېرسىتىتتا كەسپ، ئىمتاھان، قوشۇنچە خىزمەت توغرىلىق مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش ئورنى بولىدۇ. فىروففىسورلار ئادەتتە ھەپتىدە بىر سائەت ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ. فىروففىسور بىلەن كۆرۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلار كەم دىگەندە بىر ھەپتە بۇرۇن كۆرۈشۈشكە تىزىملىتىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى ھەر بىر پەننى تۈگەتكەندىن كېيىن، نەتىجىنى يىغىپ قويىدۇ. ئوقۇش بەلگىلەنگەن پەنلەرنى تۈگەتكەندە، ئۆزى ئىمتاھان مەركىزىگە بېرىپ ئارىلىق ئىمتاھانىغا ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىغا تىزىملىتىدۇ. ئىمتاھان مەركىزى ماتىرىياللارنى دەلىللىگەندىن كېيىن، ئىمتاھان بېرىشكە چاقىرىق ئەۋەتىدۇ. فاكولتىتلار ئادەتتە دەرس ئۆتۈشكىلا مەسئۇل بولىدۇ. ئىمتاھاننى ئىمتاھان مەركىزى ئالىدۇ. گېرمانىيە ئونىۋېرسىتىتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ بىر ياكى ئىككى مەۋسۈم ئوقۇپ كېلىشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزۈتۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەل تىلىنى پىششىقلىشى، مەدەنىيەت ئۈگۈنۈشى، مۇستەقىل خارەكتىر يېتىلدۈرۈشى، ئەتراپلىق پىكىر قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارايدۇ.

ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشى پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئەنگىلىيىدە ئوقۇش پۇلىدىن باشقا دەپتەر، كىتاپ، قەلەملەرمۇ ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن دەپتەر قەلەمنى ئۆزلىرى ئالىدۇ. مەيلى ئەنگىلىيىدە بولسۇن ياكى گېرمانىيىدە بولسۇن بىلىم ئېلىش مەلۇم بىر گۇرۇھنىڭ ياكى تەبىقىنىڭ ئىشى بولۇپ قالماستىن، جەمئىيەتتىكى ھەر بىر كىشىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى باپ-باراۋەر بولىدۇ. گىرمانىيە ئالى مەكتەپلىرى گىرمانىيىلىكلەرگە، چەتئەللىكلەرگە ئوخشاشلا ھەقسىز. (خەۋەرلەرگە قارىغاندا گىرمانىيەدىكى بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەر ھەق ئېلىشنى سىناق قىلىۋېتىپتۇ، بىر قىسىم رايونلاردا ھەق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ بوپتۇ. گىرمانىيىگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئىگىلەپ باقسا بولىدۇ.) ئەنگىلىيىدىكى ئونىۋېرسىتىتلاردا ئوقۇش ھەققى ئېلىنىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق ئۈچ تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. 2005-يىلى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن كىشى بېشىغا 1175فونتسىتىرلىڭدىن توغرا كەلگەن.2006-يىلى 1200فونتسىتىرلىڭتىن توغرا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. لېكىن ئوقۇش پۇلى ئېلىشتىمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېقىنىدىغان ياكى بېقىنمايدىغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىرىمى قاتارلىقلارغا قارىلىدۇ. ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايدىغانلار، بىر قىسمىنى تاپشۇرىدىغانلار ۋە ھەممىنى تاپشۇرىدىغانلار بېكىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئونىۋېرسىتىتلاردا قەرز پۇل ئېلىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. قەرز پۇلنىمۇ كېيىن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى كىرىمىگە قاراپ قايتۇرىدۇ. ئەگەر كىرىمى يۇقىرى بولمىسا، قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. باشقا دۆلەتلەردىمۇ يەنى، ئاۋىستىرالىيە 1989-يىلى ئوقۇغۇچىلارغا قەرز پۇل بېرىپ، ئوقۇش پۇلى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالغان ئىش ھەققى ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا قەرزنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئاۋىستىرىيە 2001-يىلىدىن باشلاپ قەرز پۇل بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلى يەرلىكلەرگە363ياۋرۇ. چەتئەللىكلەردىن 730ياۋرۇ. تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار قەرز پۇلىنى دۆلىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن تۆلىشى كېرەك. گوللاندىيىدە ئوقۇش پۇلى ئېلىشنى 1986-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە ئومۇمى يۈزلۈك ئوقۇش پۇلى ئالىدۇ. ئالدىنقى قاتاردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 25000 دوللاردىن ئاشىدۇ.

8 -سۇئال: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، مائارىپىمىز ھەققىدە قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ سىزنىڭ ھىس قىلىشىڭىزچە مائارىپمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر قايسى؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ مائارىپىمىزدىكى ئەڭ گەۋدىلىك سەۋەنلىك تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئىكەن.

1- ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلماسلىق.

2- ئوقۇغۇچىلارنى مۇجىمەل ئۇقۇملار دۆۋىسىگە ئىتتىرىپ، كونكىرىت ئادەم بولۇشتىن يىراقلاشتۇرۇش.

قىزىقىشقا، تىرىشچانلىق قوشۇلغاندا ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.قىزىقمايدىغان ئىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش ئاخىرىغا بېرىپ، نېرۋىنى كاردىن چىقىرىشتىن باشقا ئۈنۈم بەرمەيدۇ. بىزنىڭ ئالى مەكتەپلىرىمىزدە دەرسلىكلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلماستىن، مەجبۇرى تېڭىلىدۇ. شۇنى ئوقۇمىسا، دېپلوم بەرمەيدۇ. ياپونىيىدە بولسا ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار كۆپ قىسىم دەرسلىكلەرنى ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن تاللايدۇ.

بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى يەنە بىر ئېغىر مەسىلە، ئوقۇغۇچىلارغا توم توم كىتاپلار تارقىتىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە شۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلار يادلىتىلىپ، شۇ بويىچە ئىنتاھان ئېلىنىدۇ. يەنى شۇ كىتاپنى پۇختا تەييارلىسىلا 100 نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمەليەتتە ئالى مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا بۇ خىل شەكىل ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا كۆپ قىسىم ئىمتاھانلار كۇندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر تېما قىلىپ بەلگىلەپ بېرىلىپ، شۇ تېمىدا ماقالە يېزىش ئىمتاھانى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار شۇ بويىچە ماقالە يېزىپ تاپشۇرىدۇ. يىغىنچاقلغاندا بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلماسلىقنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇكى، ئوقۇغۇچىلار بىرەرى «نىمە ئىش قىلغىڭ بار »دەپ سورىسا، نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. «نىمە ئىش قىلالايسەن» دەپ سورىسىمۇ، ئوخشاشلا دەرھال جاۋاپ تاپالماي قالىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل شارائىتتا، ئوقۇغۇچىلار كونكىرىت ۋە ئەمەلى ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىشى، «ئەلاچى ئوقۇغۇچى» بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «ئەمەلى بىلىمى بار» ئوقۇغۇچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

رەپقەت ئەپەندى: دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى ئېغىر. ئوقۇتۇش شەكلى بەكلا مۇنتىزىم. بۇ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ياش-ئۆسمۇرلەر ئۈچۈن پايدىسىز. ئالى مەكتەپلەردە بولسا ئەھۋال ئەكسىچە. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى تولۇق ئىگىلىسىلا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈپ، دەرسلىكنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلەشكە ئادەتلەنمىگەن. يازما ئىمتاھان ئاساس بولۇپ، فىروففىسورلار ئېغىزچە سىناق ئالمايدۇ. يازما ئىمتاھان دەرسلىك ماتىرىيال ئاساسىدا ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان سىناقلار يوق. ئەنگىلىيىدە گىرمانىيىلىك ئاغىنەم لارىس بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىپ قالغان. مەن «ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ئۆتكەن دەرسلىكنى تەكرار قىلىش ئارقىلىق ئىمتاھان بېرىمىز» دىسەم، «ئۇ دىگەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى، ئالى مەكتەپتە كېرەكلىك بىلىمنى دەرسلىك كىتاپتىن ئەمەس، كۈتۈپخانىدىن كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپ ئىگىلەش كېرەك، ئونىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان كىتاپنى ئوقۇتقۇچى بەلگىلەپ بەرسە، ئۇنى قانداقمۇ ئونىۋېرسىتىت دىگىلى بولسۇن» دىگەن. ئومۇمەن ئالغاندا، بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇشىمىز بىلەن ئالى مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش شەكلى ئالمىشىپ قالغان. ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئاسان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە بولسا ئۈگۈنۈش بېسىمى ئېغىر، ئوقۇش تەس. ئالى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار خۇددى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش جەمئىيەتتىن ئايرىۋېتىلگەن ھالەتتە ئوقۇيدۇ. بۇنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرى زور بولىدۇ. يەنى، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت بىلەن ئايرىۋېتىلگەن مۇھىتتا، قانداقتۇ بىر خىل ئەۋزەللىك تۇيغۇسى بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىسا، ئۈمۈتسىزلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئالى مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقۇتۇش شەكلىدە ساقلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىيىۋى جەھەتتىن يېتىلىشىگە كۈچەپ، ئەمەلى قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك ئۆلۈك ئوقۇتۇش شەكلىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ.

9 -چەتئەل ئالى مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قانداق قاراشقا كەلدىڭىز؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: چەتئەل مائارىپىنىڭ مەندە قالدۇرغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

1- ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش.

2- كونكىرىت ۋە ئەمەلىيەتچانلىقنى ئاساس قىلىش.

3- ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقات ھەقىقى مەنىدە بىر گەۋدىلەشكەن.

4- ھەرقانداق شەكىلدىكى قۇرۇق شۇئار ۋە كوللىكتىپ ھالدىكى ئۈگۈنۈش دولقۇنلىرىدىن خالى بولۇش.

رەپقەت ئەپەندى: شەخسەن مەن گېرمانىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى قۇۋۋەتلەيمەن.(لېكىن مېنىڭ گېرمانىيىلىك دوستۇم ئامېرىكىنىڭ پلاتونچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يەنى ئوقۇتقۇچى ھەممە مەزمۇننى سۆزلەپ ئولتۇرماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈشكە، ئۆز -ئارا بەس مۇنازىرە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتەك، يېتەكلەپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللايدۇ).چەتئەل مائارىپى ھەققىدە ئۆزەم ھىس قىلغان بىرنەچچە نۇقتىنى تىلغا ئالىمەن.

1- ئالى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتاھان نەتىجىسىگە قاراپ قالماي، ئېغىزچە سىناق ئالىدۇ.

2- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئېڭى كۈچلۈك. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان دەرسنى، دەرس ۋاختىنى، ئىمتاھان ۋە پىراكتىكا ۋاختىنى پۈتۈنلەي ئۆزى تاللايدۇ.

3- جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچلۈك. ئالى مەكتەپ نۇقۇل ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلماي، ئوقۇغۇچىلارنى مەلۇم دائىرىدىكى ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالى مەكتەپ ئىلمى تەتقىقات ئورنىلىق رولىنىمۇ ئۆتەيدۇ. بۇ ئوقۇتۇشنى كۈچلۈك ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە قىلىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆز ئۆزىنى قامداش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلسا، شۇنداقلا پىراكتىكىنى خالىغان شەھەرگە بېرىپ قىلسا بولىۋېرىدۇ.

4- ھەممە ئادەمنىڭ ئالى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتى بولىدۇ.

5-ئاكادېمىيىلىك پۇرىقى كۈچلۈك. قەرەللىك ھالدا ئىلمى مۇھاكىمىلەر، دوكلاتلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار فاكولتىت، مەكتەپلەر ئارا، ھەتتا شەھەر ئاتلاپ تۈرلۈك بەس مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى داڭلىق موزىيلارغا، شەھەرلەرگە، تارىخى ئورۇنلارغا ئېكىسكۇرسىيىلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ

—— تىما مەنبەسى: ئۇيغۇر كۇلۇب [http://uyghurclub.cn/]
ئەسلى ئادرىسى: http://www.uyghurclub.cn/munber/viewthread.php?tid=474&fromuid=0

(3-بۆلۈم )

10 -سۇئال:چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار ئىچىدە نەتىجە قازانغانلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك قايسى؟ بۇ ھەقتە ھىس قىلغانلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقامسىز؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: مېنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ نەتىجە قازانغانلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇنلا تىل ئاساسىنى تىكلىگەن، روھى جەھەتتە پۇختا تەييارلىق قىلغان. يەنى ئۇلاردا مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمىسۇن، بەل قويىۋەتمەي ئۈگۈنۈشتەك روھ بار. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى مەقسەت نىشانى ئېنىق. ئۆزىنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

رەپقەت ئەپەندى: ھىس قىلىشىمچە ئۇلاردا تۆۋەندىكىدەك ئورتاقلىق بار:

1- ياش جەھەتتەن 26-27ياش ئەتراپىدا چەتئەلگە چىققان.

2- چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن كەسپى جەھەتتە مەلۈم ئىلمى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

3- ئاسپىرانتلىقنى جۇڭگودا تۈگەتكەن.

4- تىل ئۆتكىلىدىن جۇڭگودا ئۆتۈپ بولغان.

5- ئۆزىدە كۈچلۈك ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە ئۇتۇق قازىنىش روھى تىكلىگەن.

ئۇلار چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تىل ۋە كەسپكە ئاساس سېلىشقا ۋاقىت سەرپ قىلماي. بىۋاستە كەسپ ئوقۇغان. كۆپۈنچىسى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ ئوقۇغان، ئوقۇش داۋامىدا فىروففىسور ياردەمچىسى بولغان.

11- چەتئەلدە تەتىل ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى كۆپ بولىدىكەن، بۇ چاغلاردا ئوقۇغۇچىلار قانداق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: ياپونىيىدىكى كۆپ قىسىم چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار زور ئىقتىسادى بېسىم ۋە ئۈگۈنۈش، تەتقىقات خىزمىتىنىڭ بېسىمىدا دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۈگۈنۈش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

رەپقەت ئەپەندى: ئەنگىلىيىدە 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن9-ئايغىچە ئۈچ ئاي يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىلىدۇ. قىشتا مىلاد بايرىمى ۋە يېڭى يىلدا ئىككى ھەپتىدىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەتىيازدا تىرىلىش بايرىمىدا يەنە ئىككى ھەپتە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. گېرمانىيىدە ئالى مەكتەپلەر 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىدۇ.قىشتا 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قىشلىق تەتىل قويۇپ بېرىلىدۇ.مىلاد بايرىمى ۋە يېڭى يىلدا يەنە ئىككى ھەپتىدىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. لېكىن گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەتىل بىلەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئانچە كۆپ پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئىلمى ماقالە يازىدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش ئىشلەپ كېيىنكى ئوقۇش، تۇرمۇش پۇلىنى تېپىش. بولۇپمۇ ئەنگىلىيىدە شۇنداق. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار كەچلىرى ۋە ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئىشلەيدۇ. ئىشلىمىگەن ياكى ئىقتىسادى يار بەرگەن ئەھۋالدا ساياھەت قىلىدىغانلارمۇ بار. مەن ئانچە مۇنچە ساياھەت قىلىپ قويىمەن. كەچلىرى بەزىدە خاتىرە يازىمەن.

12-چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئىقتىسات سەرپ قىلدىڭىز؟ سىز بۇنى ئەرزىيدۇ، دەپ قارامسىز؟

رەپقەت ئەپەندى: گېرمانىيىدە ئوقۇغان مەزگىلدە ھەر مەۋسۈملۈك تىزىملاش ھەققى ۋە باشقۇرۇش ھەققى ئۈچۈن 30ياۋرۇدىن 50ياۋرۇغىچە پۇل تاپشۇرغان ئىدىم. ئەنگىلىيىدىكى شىمالى ۋېرگىنىيە ئونىۋېرسىتىتىغا كېلىپ MBA ئوقۇش ئۈچۈن ئىككى يىلدا 10مىڭ فونتسىتىرلىڭ(تەخمىنەن جۇڭگو پۇلىغا 140-150مىڭ يۈئەن) تاپشۇردۇم.« بۇ پۇلنى تۆلەپ چەتئەلدە ئوقۇش ئەرزىمدۇ» دىگەنگە قانداق جاۋاپ بەرسەم بولا…. مېنىڭچە قىسقا مۇددەتلىك ئويلىغاندا، ئەرزىمەيدۇ. ئۇزۇن مۇنددەتلىك پىلاننى ئويلىغاندا ئەرزىيدۇ.

13- سىز چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش يولىنى تاللىغىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ باققانمۇ؟ نىمە سەۋەپتىن؟

رەپقەت ئەپەندى: چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇنىم ئۈچۈن ئاساسەن پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم، دىسەممۇ بولىدۇ. بۇ بەلكىم مېنىڭ يالغۇزلۇقتىن زېرىكمەسلىكىم، روبىنزون كىروزونىڭ دېڭىز تەۋەككۈلچىلىكىگە ھېرىسمەنلىكىمدىندۇر.

ھېلىمۇ ئېسىمدە 9-سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا بىر قىز ساۋاقدىشىمغا يازغان خېتىمدە «ئەگەر پۇرسەت يار بەرسە، ھازىرقى زامان غەرپ ياشلىرىنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى، نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلىپ باقسام دەيمەن» دىگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا دۇنيانىڭ ئىككى تەرىپىدە ياشايدىغان دەۋرداشلارنىڭ بىر بىرىدىن خەۋەرسىز ھالدا ياشاپ، ئۆلۈپ كېتىشى بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش دەپ قارايتىم. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزۈمنى ياۋرۇپادىكى بىر كىچىك شەھەرنىڭ خىلۋەت كوچىسىدا سىم-سىم يامغۇر ئىچىدە ئالدىراش كېتىۋاتقان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. 10يىل چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇلىدىم. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ياۋرۇپانىڭ يېرىمىنى دىگىدەك ساياھەت قىلدىم، جەمئىيەتنى، خەلقلىرىنى چۈشەندىم، غەربى ياۋرۇپادا ئىسپانىيە، شىۋىتسارىيىدىن باشقا دۆلەتلەرگە باردىم. مەن بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ سەنئىتىنى، مەدىنىيىتىنى، تارىخىنى، ئەنئەنىلىرىنى كۈزەتتىم، سېلىشتۇردۇم. بۇ مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك، ھەم قىزىقارلىق تۇيىلىدۇ.

14- سۇئال: يۇرتىڭىزدىكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولىۋاتقانلارغا قانداق تەكلىۋىڭىز ۋە مەسلىھەتىڭىز بار؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: دۇنيانى كۆرۈپ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىش ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن بۇرۇن ھىس قىلمىغان، ئېتىۋار قىلمىغان نۇرغۇن نەرسىنىڭ قەدرى بىلىنىدۇ. ئادەم باي دۆلەتتىكى مىجەز خۇلقى غەلىتە خەلقلەر بىلەن بىللە ياشىغاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزى كەمبەغەل بولسىمۇ، ئىنسانغا خاس يۈرىكى بىلەن ياشايدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىدۇ. مېنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئارزۇسىدا بولىۋاتقان كىشىلەرگە دەيدىغىنىم:تەييرلىق پۇختا بولسۇن. تەييارلىق پۇختا بولسا، چەتئەلدە ئوقۇش ئىشىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. چەتئەل جەننەت ئەمەس، بۇ نۇقتا ئېنىق بولىشى كېرەك. چەتئەلدە تىرىشچانلىق بولمىسا، پۇت تېرەپ تۇرغىلى بولمايدۇ.

رەپقەت ئەپەندى: مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلاردا كۆرىلىدىغان ئاساسى سەۋەنلىكلەر: بىرىنچىدىن- ئۇچۇرغا ئېتىۋار بەرمەسلىك، ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلماسلىق. ئىككىنچىدىن-ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۆزىنى سەل چاغلاش. ئۈچۈنچىدىن: ئاسان ئۈمۈتسىزلىنىش، بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا بەل قويىۋېتىش، چىقىش يولىنى مەلۇم بىر ئىشقىلا باغلىۋېلىش، كەڭ دائىرىدە ئىزدەنمەسلىك.

مېنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولىۋاتقانلاغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم:

1- ئىمكانىيىتىڭلار، يار بەرسە، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەييارلىقىڭلار پۇختا بولسا، تىل ئاساسىڭلار ياخشى، مەلۇم جەھەتتە ئالاھىدىلىكىڭلار بولسا، چەتئەلدە داۋاملىق ئوقۇپ، ئىلغار مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش يولىنى تاللىساڭلار بولىدۇ.

2 -چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ قاراپ، ئۆزەڭلارنىڭ ھەر تەرەپتىكى تەييارلىقى پۇختا بولماي تۇرۇپلا، چەتئەلگە چىقىشقا ئالدىراپ كەتمەڭلار. ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق پۇرسەتنى تاللاڭلار.

3 -چەتئەل بىزنىڭ يۇرتىمىز ئەمەس. بىز چەتئەلدە مۇساپىر ھىساپلىنىمىز. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىغى تۆت. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تۆت قۇلاق سەككىزگە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن كاللاڭلاردىن ئۆتكۈزۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ئالدىدا ئاسانلا بەل قويىۋەتمەيسىلەر.

4 -چەتئەلگە چىقىش مەسىلىنىڭ ھەل بولغىنى ئەمەس. بەلكى مەسىلىنىڭ باشلانغىنى. ئۇ ئەۋزەللىككە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر خىل تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى تاللاشنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز. كۆپ ئىشلارنى ئاتا-ئانىلار قىلىپ بېرىپ ئۈگۈتۈپ قويغان. بۇنداق شارائىتتا چەتئەلگە تەييارلىقسىزلا چىقىپ قالسا، بالىلاردا ئاسانلا ئۈمۈتسىزلىنىش ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆز ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ. چەتئەلگە چىقىش تەييارلىقىنى«چەتئەل، چەتئەلدىكى ئوقۇش -تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ بولغىچە غايىپ بولۇپ كەتمەيدۇ» دىگەن ئىدىيەدە تۇرۇپ قىلىش كېرەك. بۇ چەتئەلگە چىقىپ ئارتۇق جاپا تاتقاندىن، ياكى تەييارلىقنى پۇختا قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن يېرىم يولدا ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەندىن ياخشىراق.

5 -ماشىنا ھەيدەشنى بىلسە، كومپىيوتېردا ئادەتتىكى مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىغان بولسا، بۇنىڭدىن سىرت ساتراشلىق، تامچىلىق، قۇلۇپ ياساش، توكچىلىق، تاماق ئېتىش، (قىزلار بولسا) بالىغا قاراش، كۈتكۈچىلىك قاتارلىقلاردىن ئاز تولا خەۋەردار بولسا، بۇنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن پايدىسى تېگىپ قالىدۇ. (مەن شىتوتكار شەھىرىدە نېمىس بانكىسىنىڭ تاش تېمىنى تېشىۋاتقاندا، مىيونخېن شەھەرلىك ئەمگەك مۇلازىمەت مەركىزىدە خىزمەت ئىزدەپ مۇگدەپ ئولتۇرغاندا «دادام بولغان بولسا مەندىن ياخشىراق ياشار ئىكەن» دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھەنك ئەپەندىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىگەندە بېلىق تازىلاشنى شۇ يەردە ئۈگەنگەن. شورپىغا سالىدىغان قۇلۇلىنى يېرىم كۈن ئادالاپ، گۆشىنى تاشلىۋېتىپ، قېپىنى شورپىغا سېلىپ خوجايىننى خاپا قىلغان. خوت ئەپەندىنىڭ «پىۋا باغچىسى»دا ئىشلەۋېتىپ، پىۋە ئىستىكانىدىن بىر كۈندە ئالتىنى چېقىۋەتكەن ئىدىم.)

15- سۇئال: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئوقۇغۇچلار ئىلتىماس قىلسا بەھرىمان بولالايدىغان ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: ياپونىيىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا(شەرتى توشقان ئوقۇغۇچىلار) بەھرىمان بولالايدىغان ئېتىبار سىياسەتلىرى:

1- ھۆكۈمەت ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ياكى شەخلەر تەسىس قىلغان ئوقۇش مۇكاپاتىدىن بەھرىمان بولۇش.

2-ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمان بولۇش.

3-مەكتەپنىڭ ئەرزان باھالىق، شارائىتى ياخشى ياتىقىدا تۇرۇش. بۇنىڭ باھاسى سىرتتا ياتاق ئىجارە ئالغان باھادىن 10ھەسسە ئەتراپىدا ئەرزان.

4-شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئەرزان باھالىق ئۆيلەردىن بەھرىمان بولۇش.

5-بىر قىسىم چوڭ شېركەتلەرنىڭ شېركەت خىزمەتچىلىرى بەھرىمان بولىدىغان ئولتۇراق ئۆيلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش.

6-ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىملىق ئومۇمىيۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتىشتىن بەھرىمان بولۇش (ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئورتاق بەھرىمان بولالايدۇ).

7 – ئەرزان باھادا داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولۇش.ئوقۇغۇچى خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان دوختۇرخانىدا داۋالانسا ھۆكۈمەت داۋالىنىش ھەققىنىڭ% 70ئۈستىگە ئالىدۇ، %24نى مەكتەپ، پەقەت %6نى ئوقۇغۇچى ئۆزى تۆلەيدۇ.

8- ئوقۇشنى ۋاختىنچە توختۇتۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن بەھرىمان بولۇش.

9-ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەش گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇش ھوقوقىدىن بەھرىمان بولۇش. (ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ھەم بىر قىسىم سىناقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا. )

10-باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ بىر مەزگىل ئوقۇپ كىرىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

11-ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا، تەجرىبە ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن بىللە تۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن بەھرىمان بولۇش. يەنى شەرتى توشقان ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاۋاباتلىرىنى چاقىرتىپ بىللە تۇرسا بولىدۇ.

12-ئۆسمۈر بالىلىرى ئۈچۈن بېقىنىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولۇش. يەنە 5ياش(بۇ ياش باسقۇچى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ)قا توشمىغان بالىلىرى بارلار، بالىلىرى ياپونىيىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھەر ئايدا بېقىنىش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.

13-ئايالى ياپونىيىدە بىللە تۇرماقچى بولسا، دوختۇرخانا ھەققى ۋە بالىنىڭ بېقىنىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

14-مەكتەپنىڭ كومپىيوتېرىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئائىلىدە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىدىن بەھرىمان بولۇش.

15-ئەگەر ئوقۇغۇچى خالىسا، باشقا مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئاڭلىسا بولىۋېرىدۇ. نەتىجىسىنى مەكتەپ ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىدا نەتىجىسى قوشۇپ ھىساپلىنىدۇ.

16-قاتناش ھەققى ۋە تېلىفون ھەققى دىگەندەك ئىشلاردا ئالاھىدە ئېتىباردىن بەھرىمان بولالايدۇ. (سىناق ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئوقۇغۇچىلار)بۇنىڭدىن باشقا ئېتىبارلار بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇ ھەقتە يەنە تەپسىلى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

16- سۇئال چەتئەلگە چىققان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مەكتەپكە ئورۇنلۇشۇش، خىزمەت تېپىش، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىق تارتىپ قالغانلىرى ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپ كېتىشتىن باشقا قانداق يول بار؟

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئادەتتىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە پۇختا بولۇپ، كام دىگەندىمۇ بىر يىل بۇرۇن «كېلەر يىلى نىمە ئىش قىلىمەن» دىگەن پىلاندا بولۇش كېرەك. ياپونىيىگە نىسبەتەن بەلگىلىك تىل ئاساسى بار، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىش پۇرسىتى كۆپ بولۇپ، غەيرەت قىلسىلا قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ. مەكتەپكە ئورۇنلۇشۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى مەكتەپ تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ياكى بولمىسا مەكتەپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ. ياپونىيىدە ئۇيغۇر ياكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى چورىدىگەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار خېلى كۆپ.

مالايسىيادا ئوقۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئەكرەم ئەپەندىدىن كەلگەن جاۋاپ:

مەن بىلەن مالايسىيا ۋە بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغانلىقىڭىزغا رەخمەت.چۈنكى بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئوقۇش ئارزۇسىدىكى ياشلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئالدىن ئۇچۇر بېرەلەيمىز. سىز سورىغان سۇئاللارغا مۇشۇ يەردىكى ئەمەلى ئەھۋالغا ئۆزەمنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ جاۋاپ بەرمەكچى. ھازىر مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان ياشلار ئىچىدە 20ياشتىن 25ياشقىچە بولغان ياشتىكى بالىلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. 18،19ياشلىق بالىلارمۇ، ھەتتا 16،17ياشلىق بالىلارمۇ ئۇچرايدۇ. 25ياشتىن ئاشقان خىزمەت ئېھتىياجى ياكى ئۆزلىكىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەنلەرمۇ بار. مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر مالايسىيادا 200گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدۇ. يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن ئوقۇيدۇ. مالايسىيادا مەخسۇس تىل ئۈگۈنۈش ئۈچۈن، تىل ئۈگۈتۈش مەكتەپلىرىدە ھەر ئايدا تەخمىنەن 1600يۈئەن خەلق پۇلى ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ قىممەت بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىتاپ- ماتىرىيال ھەققى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان زاكالەت، ئايرودرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋېلىش ھەققى ئىستىراخۇئانىيە قاتارلىق تۈرلۈك ھەقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. يېڭى ئوقۇغۇچى دەسلەپ كەلگەندە بۇ پۇللارنى تاپشۇرىدۇ. دىمەك ھەممە پۇلنى قوشقاندا 6ئايلىق ئوقۇش ئۈچۈن خەلق پۇلىغا 18مىڭ يۈئەندىن 20مىڭ يۈئەنگىچە پۇل كېتىدۇ.

مالايسىيادا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر، ئەرەپ دۆلەتلىرى، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ ئوقۇيدىغانلار ئىنتاھىن كۆپ. مالايسىياغا دەسلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئۇرۇق تۇققانلىرى ياكى يېقىن تونۇش بىلىشلىرى ئارقىلىق چاقىرىق ئەكەلدۈرۈپ چىققانلار. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا تونۇشتۇرىدىغان شېركەتلەر بارلىققا كەپتۇ. مەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچى، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەن تۈزۈك. بىرلا تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلىنىپلا چىقىدىغان دۆلەتنى، مەكتەپ ۋە كەسپنى تاللاش ئاقىلانىلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ۋاقىتنى توغرا تاللاشمۇ ئىنتاھىن مۇھىم. مەسىلەن: ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە روژدۇستۇئا، مىلاد بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلسە، مالايسىياغا ئوخشاش مۇسۇلمان ئەللىرىدە روزا ھېيت، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ مەزگىلگە ئۈلگۈرۈپ كېلىپ قالغاندا ئون كۈنلەپ بىكار يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مالايسىيادا خىزمەت تېپىش ئېھتىماللىقى ئىنتاھىن ئاز بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. مالايسىياغا ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلايدىغانلار پۈتۈنلەي ئۆز خىراجىتىگە تايىنىپ ئوقۇشنى ئالدىن پىلانلاپ چىقىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، مالايسىيادا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار. بىراق، ئىنتاھىن ئاز ساندا. مالايسىياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئالاقىلىشىپ، تىزىملاتقان مەكتەپتىن باشقا مەكتەپكە ئالماشماقچى بولسا، تونۇشتۇرغۇچى شېركەت ئارقىلىق رەسمىيەت بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىر قىسىم پۇل تۇتۇپ قېلىنغاندىن باشقا، كۆپ ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ. مالايسىياغا كېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم كېلىدىغان مەكتەپ ھەققىدە ئېنتېرنېت تورى، مالايسىيادا ئوقۇۋاتقانلار، ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر ئارقىلىق ئەتراپلىق ئۇچۇر ئىگىلەش كېرەك.

بۇ يەرگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى تىرىشىپ ئۈگۈنۈدۇ. چۈنكى تىرىشمىسا تىل ئۈگۈنەلمەيدۇ. تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتمىسە، كەسپتە ئوقۇيالمايدىغان گەپ. ئاتا-ئانىسىنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن ئىقتىساتنى بۇزۇپ چېچىپ، ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. مالايسىياغا كېلىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى مالايسىيادا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئويلىغاندەك چوڭ ئەمەس. ئەگەر مالايسىياغا چىقىپ، مالايسىيا ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە چىقىشنى ئويلايدىغانلار بولسا، ئەڭ ياخشىسى بۇ جەھەتتە يەنىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر ئىگىلىشى كېرەك. مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، ئوقۇشىنى يېرىم يولدا توختۇتۇپ قايتىپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس. ئاساسلىق سەۋەپ: ياقا يۇرتنىڭ شارائىتىغا كۆنەلمەسلىك. ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمەسلىك…..يەنە باشقا سەۋەپلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.

مېنىڭچە چەتئەلگە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ياكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۇرگەن مەلۇم دەرىجىدىكى ئېنگىلىس تىلى ئاساسىغا ئىگە بولغان ئوقۇغۇچىلار چىقسا مۇۋاپىق. چۈنكى، پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىغا تايىنىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر بالىلىرى بەك كىچىك چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلسە، ئۇلاردا يېتىمسىراش، مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق، ئۈگۈنۈشكە پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىرىشەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار ئاسانلا كۆرۈلۈپ، چەتئەلگە چىقىشتىكى ھەقىقى مەقسەتكە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، بالىلارنىڭ ئوقۇش، بىلىم ئىگىلەش ئىشلىرى دەخلىگە ئۇچرايدۇ

(4-بۆلۈم )

ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان «لەيلى» دىن جاۋاپ:

سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بېرەلەمدىم، ئۇقمايمەن. لېكىن مېنىڭ ئازراق كۆز قارىشىم بار. مەن پەقەت ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتىمەن.

ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئېنگىلىس تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەك. ئېنگىلىس تىلىنى ئۈگۈنۈشتە كىچىكىدىن تارتىپ ئۈگەنگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھازىر يۇرتىمىزدىكى ئونىۋېرسىتىتلاردا تىل ئۈگۈتۈش سىنىپلىرى كۆپ ئىكەن. ئېنگىلىس تىلى كۇرۇسلىرىمۇ داۋاملىق ئېچىلىپ تۇرىدىكەن. مەكتەپتە ياكى كۇرۇسلاردا ئېنگىلىس تىلى دەرسىگە قاتنىشىپ ئېنگىلىس تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتسىمۇ بولىدۇ. ئېنگىلىس تىلى ئۈگۈنۈشتە يېرىم يولدا تاشلاپ قويماي، ئىزچىل ئۈگۈنۈش، شۇنداقلا ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش روھى بولۇش ئىنتاھىن مۇھىم. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن مەكتەپلە TOEFLئىمتاھانىدا لاياقەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىمتاھاننى ئىلگىرى لەنجۇ، شىئەنلەردە ئالاتتى. ھازىر شىنجاڭ ئونىۋېرسىتىتىدىمۇ ئېلىنىدىكەن. بۇ ئىمتاھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن قەغەز يۈزىدە ئېلىنىدىغان ئىمتاھاندىن 550نومۇر، كومپىيوتېردىن ئېلىنىدىغان ئىمتاھاندىن 213تىن يۇقۇرى نومۇر ئېلىش شەرت قىلىنىدۇ. تولۇق كۇرۇس ئوقۇيمەن دىگۈچىلەر TOEFLئىمتاھانىدا چوقۇم لاياقەتلىق بولىشى كېرەك. بۇ بىرىنچى قىلىدىغان ئىش. ئىككىنچى قىلىدىغان ئىش، ئونىۋېرسىتىتنىڭ يۇقۇرى يىللىقلىرىدىكى ئوقۇش باسقۇچىدا E,mailئارقىلىق چەتئەلدىكى ئالى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك. قايسى مەكتەپلەرنىڭ، قايسى كەسپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئوقۇش مۇكاپاتى بارمۇ يوقمۇ قاتارلىق مەزمۇنلارنى http://www.meripat.com./main/QAUyghur2.htmتىن ئىزدىسە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بار. تاللىغان بىرنەچچە مەكتەپكە بىرلا ۋاقىتتا ئىلتىماس يوللىغاندا، ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. ئادەتتە فىروففىسورلارغا بىۋاستا ئۇچۇر يوللاشقىمۇ بولىدۇ. مەن meripat.com دىن Peterson’sGuide ئارقىلىق مەكتەپ ئىزدەش ئۇچۇرىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا مەكتەپ ئىزدەش ئۇچۇرى، ئىزدەش تەرتىۋى تەپسىلى بېرىلگەن ئىكەن. ئەگەر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەم ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققىچە toeflئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ بولسا، بۇ ئىشلارنى ئۆزى تاماملاپ كېتىدۇ.9-ئايدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشى بىلەن مەكتەپتىن نەتىجىلىرىنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى، ئوقۇش نىشانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى” “personal statement قىلىپ يېزىپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك فىروففىسورلارغا كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالسا بولىدۇ. چۈنكى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش مۇشۇ ماتىرىياللار بىلەن نەتىجىگە باغلىق. ئۇنىڭدىن كېيىن قابىلىيىتىڭىزگە قول قويىدىغان، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى بىلىدىغان ۋە ياكى بىرەر تۈردە ھەمكارلاشقان فىروففىسورلاردىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئالىسىز. ئىمزاسىنى قويدۇرىسىز. بۇ ماتىرىياللارنى ئايرىم ئايرىم لىپاپىغا سېلىپ تەييار قىلىسىز. ماتىرىيالىڭىزنى بىرنەچچە مەكتەپلەرگە ئەۋەتىدىغان بولغاچقا، كۆپ تەييارلايسىز. سىز ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ قايسىنىڭ ئوقۇش شارائىتى ياخشى، ئوقۇش مۇكاپاتى يۇقۇرى بولسا، ئاخىرىدا شۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشتا بۇ خىل ئۇسۇل بىرقەدەر مۇۋاپىق ۋە ئىشەنچلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەرياندا خېلىلا پىششىپ قالىسىز. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇنچە بەك تەمتىرەپ كەتمەيسىز.

چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق يۇرتنى سېغىنىش ۋە ئىقتىسادنىڭ كەم بولىشى. ئادەتتە ئامېرىكىدا تىل ئۈگۈنۈش ئۈچۈن بىر ئايدا 1000دوللار كېتىدۇ. ياتاق، تاماق پۇلىنى قوشقاندا تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

مېنىڭچە ئونىۋېرسىتىتنى پۇتتۇرگەندىن كېيىن چەتئەلگەچىقىپ ئوقۇش يولىنى تاللىغاندا بىرقەدەر ئاقىلانىلىق بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش پۇرسىتى كۆپرەك بولىدۇ. ئەگەر ئىقتىساد يار بەرسە، ئالى مەكتەپنى چەتئەلدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا كېتىدىغان ئىقتىساتنى كۆتۇرىدىغان ئائىلىلەر يۇرتىمىزدا ئاز. چەتئەلگە چىقىشتىكى مەقسەت چوقۇم ئېنىق بولۇش كېرەك. سىزنىڭ مەقسىتىڭىز بىرەر ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇشمۇ، ياكى بازارلىق بىرەر كەسپنى ئۈگۈنۈپ جان بېقىشمۇ؟ مەقسەت قانچە ئېنىق بولسا، ئۇنىڭغا يېتىشمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ.

ئامېرىكىدا تىل ئوقۇش ئۈچۈن كۆپ ئىقتىسات كېتىدۇ. بولۇپمۇ مۇنتىزىم مەكتەپلەردە شۇنداق. كۈرسلارغا بېرىپ تىل ئۈگۈنىدىغانلارمۇ بار. بىراق كۇرسلاردا كۆپۈنچە ھاللاردا دىنى ساۋاتلارنى بېرىش ئارقىلىق تىل ئۈگۈتىدۇ. تىل ئۈگۈنۈش جەريانىدا خىرىستىئان دىنىگە كىرگەنلەرمۇ بار. مېنىڭچە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولۇپ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش يولىنى تاللىغان تۈزۈك. چۈنكى بۇ- ئىقتىسات كۆپ كەتمەيدىغان ياخشى ئۇسۇل.

مەن ئوقۇۋاتقان ئالى مەكتەپنى كۈزۈتۈشۈمگە قارىغاندا ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار كەسپنى خالىغانچە تاللاپ ئوقۇيدىكەن. شۇ سەۋەپتىن بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار دائىم ئالمىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ جۇڭگودىكى ئالى مەكتەپلەردىكىدەك، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگىچە بىرگە ئوقۇشتەك شەكلى بىلەن پەرقلىنىدىكەن. سۇئاللىرىڭىزغا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك جاۋاپ يازاي.

فىرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى perpignan شەھىرىدىن ئوبۇلتالىپ ئەپەندىنىڭ جاۋابى:

مېنىڭ فىرانسىيىدە ئوقۇۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولۇپ قالدى. مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىپ، چاقىرىق كەلگەندە چەتئەلدە چىقىپ ئوقۇشنى قارار قىلدىم. ئاتا-ئانام بىرىنچى يىلىدىكى ئوقۇشۇم ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش رەسمىيىتى ئۈچۈن ۋاستىچىلىق شېركىتىگە 130مىڭ يۈئەن تۆلىدى. بۇ پۇلنىڭ سەرپ قىلىنىشى ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسىنى خېلى تەۋرىتىپ قويدى. مېنىڭ ئىشىم دەسلەپتە تازا ئوڭۇشلۇق بولمىدى. بېيجىڭغا بېرىپ كونسولخانىغا كىرىش ئۈچۈن بىرگە بارغان بىرنەچچىمىز ساق بىر ئايدىن كۆپرەك ساقلىدۇق. كونسولخانىغا كىرىپ، ئىككى ھەپتىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن، پاسپورتنى ئالدۇق. شۇ چاغدا كاللامدا بىرلا خىيال بار ئىدى«چوقۇم مېڭىشىم كېرەك». ئاخىرى فىرانسىيە تۇپرىقىغا قەدەم باستىم. مېنىڭ مەكتىۋىم فىرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىكەن. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. تۇرمۇش رېتىمىمۇ پارىژ قاتارلىق شەھەرلەردىكىدەك تېز ئەمەس، نوپوسىمۇ ئاز ئىكەن. مەندە دەسلەپ بۇ شەھەرگە كەلگەندە سەل ئۈمۈتسىزلەندىم. بىنالار پاكار پاكار، تەسەۋۋۇرۇمدىكى ئىگىز ئىگىز بىنالار كۆرۈنمەيدۇ. كېيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى، بۇ بىنالار قەدىمى شەكلىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئىچىگە كىرسە ئۈسكۈنىلىرى ئىنتاھىن پۇختا ۋە زامانىۋى ئىكەن. مەن بۇ شەھەرنى كۈزۈتۈپ چىققاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ قەدىمىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى شۇنچە ياخشى بىرلەشتۈرگەنلىكىدىن ھەيران بولدۇم.

شەھەر كىچىك شەھەر بولغاچقا، خىزمەت قىلىش پۇرسىتى چوڭ شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنچە كۆپ ئەمەس. بىراق خىزمەت يوقمۇ ئەمەس. ئوچۇق يورۇق، مۇناسىۋەتكە ماھىر بولسىڭىز خىزمەت چىقىدۇ. مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە يازلىق تەتىل ئۈچۈن 5ئاي قويۇپ بېرىلىدۇ. قىشلىق تەتىل يوق بولسىمۇ روجدۇستۇئا بايرىمىدا ئىككى ھەپتە قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىشلەپ ئوقۇش پۇلىنى تېپىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت. ھەپتىدە تەخمىنەن 20سائەت دەرس ئۆتىلىدۇ. بىراق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەش ۋاختىغا چەك بەلگىلەپ قويۇلغان. بىر يىلدا 800سائەت ئىشلىسە بولىدۇ، دەيدىغان بەلگىلىمە بار. بۇ يەردە ئەگەر دەرسكە كۆڭۈل قويمىسا، ۋاقىت بەك كۆپ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە كىردىڭ ياكى كىرمىدىڭ دەپ سۈرۈشتۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ. بىراق ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسە، يۇقۇرى ئوقۇش ھەققىنى يەنە تۆلەپ قايتا ئوقۇيدىغان گەپ. تىل ئوقۇش ئۈچۈن تۆلەيدىغان ھەق بەك كۆپ. ئىلگىرى بىر يىللىق ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن 1300يارۇ كېتەتتى. ھازىر 2000ياۋرۇغا يېقىنلاشتى. بۇ بارغانسېرى ئۆسىشى مۇمكىن. چەتئەلدە ئۆي ئىجارىسىگە ئەڭ كۆپ پۇل كېتىدۇ. ئەگەر ئەرزان پۇللۇق ئۆيدىن ئىجارە ئېلىپ تاماقنى ئۆزى ئېتىپ يىسە، سەل ياخشى. ھە راس، ياتاق ھەققىنىڭ يېرىمىنى ئىجارە ئېلىش ئىسپاتىنى ئاپارسىڭىز كۆتۈرىۋېتىدىغان ئىش بار. مەن سىرتتا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇم. بۇنداق بولغاندا ھەم ئۆزەم تاماق ئېتىپ يىيەلەيدىكەنمەن، ھەم تېنچ بولىدىكەن. مەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مىۋە ئۈزۈدىغان ئىشنى قىلىمەن. سائىتىمگە 5ياۋرۇ بېرىدۇ. بۇ يەردە تۇرمۇش خىراجىتىنى ئاتا-ئانىسى ئەۋەتىپ بېرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار خىزمەت قىلىپ ئۆز ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن ئىزدەنمەيدىغانلار.

مەن دەسلەپتە كەلگەندە 100مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق ھەق تۆلەپ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە سەل پۇشايمان قىلغان. ھازىر تىل جەھەتتە ئۆزۈمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن. كۈنلىرىممۇ ئانچە زېرىكىشلىك ئۆتمەيدۇ. مەن ئۆتكەن يىلى كومپىيوتېر كەسپىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىمتاھان بەرگەن ئىدىم. ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىدىم. سەۋەبى ماقالە يېزىش ئىمتاھانىدىن نۇمۇر ئالالمىدىم. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە چەتئەلدە كىشىلەرنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا قويىلىدىغان تەلەپ يۇقۇرى ئىكەن. ھەتتە تەبىئى پەن ئىمتاھانلىرىمۇ بەزىدە ماقالە يېزىش شەكلى بىلەن ئېلىنىدىكەن. بۇ جەھەتتە جۇڭگودىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىرقەدەر ئاجىز بولىدىكەن. ئىمتاھانغا چىققان «كېلون تېخنىكىسىغا قانداق قارايسىز؟» دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللار ئوقۇغۇچىلاردىن تەسەۋۋۇر كۈچىنى، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى، كەڭ دائىرىلىك بىلىم بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، بىزگە ئوخشاش كىتاۋى بىلىملەرنى يادلاشقا ئادەتلەنگەن ئوقۇغۇچىلار قىينىلىدىكەن.

مېنىڭ چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلاردا ئېيتىدىغىنىم: ۋەتەندىكى ۋاقىتتا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە ياكى ئاساس سېلىشقا سەل قارىماڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن بەك كۆپ ۋاختىڭىز ۋە ئىقتىساد سەرپ بولۇپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىڭىزدە ئىپادىلەش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈشكە، مۇستەقىل خارەكتىر يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. كىتاۋى بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، كەڭ دائىرىدە ماتېرىيال كۆرۈڭ.

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا چەتئەلدىكى ئۈگۈنۈش ۋە تۇرمۇش ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان توردىكى زىيارىتىم شۇنداق قىلىپ، يۇقۇرىقى بىرنەچچە قېرىندىشىمىزنىڭ ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئەستايىدىل جاۋاپ يېزىشى بىلەن تۈگۈگەنمۇ بولدى. ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ماقالە يېزىشنى پىلانلىغاندا، مەن ئېرىشىدىغان ئۇچۇر بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۆزەممۇ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. چۈنكى، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولىۋاتقانلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا قانچە كۆپ ئېرىشسە، شۇنچە ياخشى بولاتتى.

مەن ئېلخەت ئارقىلىق سۇئال يوللاپ، جاۋاپ كۈتىۋاتقان كۈنلەردە يوللىغان سۇئاللىرىمنى كۆرۈپ، زىيارىتىمدىن خەۋەت تاپقان ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، ئۆزى باشقۇرىۋاتقان “meripet” تور بېتىدىكى (بۇ تور بېتى -چەتئەلدە ئوقۇشقا دائىر تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېتى بولۇپ، ئۇنىڭدا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى، بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەرنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، مەكتەپ، كەسپ تاللاشقا دائىر ئۇچۇر ۋە مەسلىھەت، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى خالايدىغانلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تەجرىبىلىرى، ئىلمى ماقالىلىرى…..قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.) مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلغان، ھەمدە ئاخىرىدا ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەر بولسا، جاۋاپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بۈلدۈرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇياق-بۇياقتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق ئەپەندىگىمۇ بىرنەچچە سۇئال يوللىدىم.

1- سۇئال: چەتئەلگە چىققان ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا، بەھرىمان بولالايدىغان ھۆكۈمەت، ياكى مەكتەپ بەلگىلىگەن ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرىدىن باشقا يەنە قانداق ئېتىبارلار بار؟ چەتئەلگە يېڭىدىن چىققان ئوقۇغۇچىلار بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرنى قانداق ئىگىلىسە بولىدۇ؟

ئەركىن سىدىق ئەپەندى: مەن ئالى مەكتەپلەرنىڭ چەتئەل ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مۇئامىلىسى جەھەتتە پەقەت ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشىراق بىلىمەن. شۇڭا بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى قىسىچە سۆزلەپ بېرەي.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە «چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار قىلىش»دىگەن ئۇقۇم ۋە ئىش ئاساسەن يوق.ھىچ بولمىغاندا مەن ئۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا گىراژدانلىرىغا بېرىلىدىغان ھەر خىل ئېتىبار ۋە ئىقتىسادى ياردەملار بار.ئامېرىكىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ھەر بىر مەكتەپتىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئومۇمى ئوقۇغۇچى نىسبىتىنىڭ 15%نى تەشكىل قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋەتكەن بولۇپ، چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. لېكىن ئۇلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېتىبار بەرمەيدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت بىرنەچچە تۈرلۈك كىرىم قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بەزى ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن: ئامېرىكىغا ئۆز پۇلى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى «F-1»ۋىزا ئوقۇغۇچىلىرى دەپ ئاتايدۇ. ئامېرىكا كونسولخانىلىرىنىڭ ئۆز پۇلى بىلەن كېلىپ ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ۋىزىنىڭ تۈرى«F-1» بولۇپ، يۇقۇرقى ئىسىم ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرى «F-1 »ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.ھەر بىر مەكتەپ ئۆزىنىڭ ھەر خىل خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتاپ قويغان بولۇپ، بۇ خىزمەت ئورۇنلىرىغا رەسمى خادىم قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھەر مەۋسۈمدە ئوقۇغۇچىلار چىقىرىلغان ھەر خىل ئېلانلارغا قاراپ، خىزمەت ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر شەرتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ھەپتىدە ئىشلەش ۋاختى 20سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى، بىر ھەپتىدە 5كۈن، بىر كۈندە 8سائەت بولغاچقا، ھەپتىسىگە 20سائەت ئىشلەش دىگەنلىك كۈنىگە يېرىم كۈن ئىشلەش دىگەنلىك بولىدۇ. مەكتەپ ئىچىدىكى بۇ خىزمەت ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىش ھەققى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئادەتتە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىدىن سەللا يۇقىرى. كالىفورنىيەنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك ئىش ھەققى 6.75دوللار.

ئامېرىكىغا ماگېستىرلىق ئوقۇشىغا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىزمەت ئېنگىلىس تىلىدا 2خىل ئاتىلىدۇ. بىرى «Graduate Assistant»دەپ ئاتىلىدۇ.يەنە بىر« Teaching assistant » دەپ ئاتىلىدۇ. كالىفرنىيىدە پەقەت ماگېستېرلىق ئۈنۋانىغىچە بېرىدىغان كالىفورنىيە شىتات ئونىۋېرسىتىتى(بۇ خىل مەكتەپتىن جەمى 23سى بار).بۇ خىزمەتنى«Graduate assistant »دەپ ئاتايدۇ. دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغىچە بېرىدىغان كالىفورنىيە ئونىۋېرسىتىتى(بۇ مەكتەپتىن جەمى 10بار) ئۇنى«Teaching assistant »دەپ ئاتايدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ خىزمەتكە ئېرىشىشنىڭ بىر مۇھىم شەرتى ئېنگىلىس تىلىغا پۇختا. دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس سۆزلىيەلەيدىغان سەۋىيىدە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى چوڭ شەرتى كەسپكە پىششىق بولۇش. ئادەتتەTOEFL ئىمتاھانىدا يۇقۇرى نەتىجىگە ئېرىشكەن، كەسپى نەتىجىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچى بىر فاكولتىتنىڭ ماگېستېرلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلغاندا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا، فاكولتىتتىن بۇنى ئويلىشىدۇ. ياكى ياردەمچىگە ئېھتىياجلىق فىروففىسورغا تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق خىزمەت تەبىئى پەن كەسپلىرىدىمۇ، ئىجتىمائى پەن كەسپلىرىدىمۇ، قوللانما پەنلەردىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل خىزمەتكە ئېرىشىش پۇرسىتى ماگېستېرلىق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا، دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك بولىدۇ.

ماگېستېرلىق ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بەزى مەكتەپلەردىكى بەزى كەسپلەردە ئېنگىلىسچە« Research asistant»دەپ ئاتىلىدىغان تەتقىقات ياردەمچىسى »خىزمىتىمۇ بار. بۇ تەتقىقات شارائىتى بار ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىدىغان خىزمەت بولۇپ، ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغان، ئىلگىرى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ مەلۇم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلەرنىڭ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشىشى بىرقەدەر ئاسان بولىدۇ. بۇ پۇرسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندا فاكولتىتقا ئېيتىش كېرەك. ياكى بولمىسا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان فاكولتىتتىكى فىروففىسورلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنتېرنىت تورىدىن تېپىپ، «ئۈمۈت بار» دەپ ھىس قىلغان فىروففىسورلارغا بىۋاستە ئۈچۈر يوللاپ ئالاقىلىشىش كېرەك. ئامېرىكىدىكى ھەممە ئالى مەكتەپلەردە دىگىدەك ھەر بىر فىروففىسورنىڭ تەتقىقات يۆلىنىشى، ئېرىشكەن تەتقىقات شارائىتى، ۋە ئېلان قىلغان ئىلمى ماقالىلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تور بېتىگە چىقىرىپ قويىدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ ئىزدەپ تېپىش ئانچە تەس ئەمەس. يۇقارقىلاردىن باشقا ماگېستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ بار. لېكىن ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئېنگىلىس تىلى ئاساسى، كەسپى سەۋىيىسى، ئىلگىرىكى كەسپى نەتىجىلىرى، ئوقۇماقچى بولغان كەسپى، ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتىۋى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان ئوقۇش پۇلى ئىككى تۇرگە ئايرىلىدۇ.

1-تىزىملىتىش پۇلى (ئېنگىلىسچە-« Registration Fee»دەپ ئاتىلىدۇ. )

2-ئوقۇش پۇلى(ئېنگىلىسچە-«Tuition» دەپ ئاتىلىدۇ.) تىزىملىتىش پۇلى ئۆزىنىڭ گىراجدانلىرى ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئوخشاشلا تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇش پۇلى بەزى شىتاتلاردا ھەممە ئوقۇغۇچىدىن ئوخشاش تەلەپ قىلىنىدۇ. بەزى شىتاتلاردا پەقەت چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش دىگەنلىك چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مەكتەپ ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈۋېتىش دىگەنلىك. مەكتەپ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرىۋېتەمدۇ يوق، بۇنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم ئىلتىماس يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش كېرەك. (مەكتەپ ئىلتىماس قىلغاندا بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.) داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مۇۋاپىق مەكتەپ تاللاش- كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان مۇشكۈل ئىش. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تور ئارقىلىق مەندىن مەكتەپ تاللاپ بېرىشنى سورايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم ئايرىم جاۋاپ يېزىپ بولالمايمەن.چۈنكى ھەر كۈنى كەم دىگەندە 8سائەت ئىشلىشىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى سائەتنى يولغا سەرپ قىلىشىم كېرەك. ئۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى قانداق ئىزدەش، قانداق تاللاش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ توغرىسىدا «merhpet.com»دا تەپسىلى ئۇچۇر بار. قىسقارتىپ ئېيتقاندا مەكتەپلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا شەرت شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن بىر ئوقۇغۇچى ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، تەتقىقات ياردەمچىسى ۋە ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بىرەرىگە ياكى ھەممىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئۆز پەرزەنتىنى چەتئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتۇش ئارزۇسى بار ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلىرى كىچىك چېغىدىن باشلاپ ئاساس سېلىشقا كۈچەش كېرەك. ياش ئۆسمۇرلەر چەتئەل تىلىنى قانچە بالدۇر ئۈگەنسە شۇنچە ياخشى. ئېنگىلىس تىلى ئۈگۈنۈشنى ئەڭ ياخشىسى 22-25ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا تاماملاش كېرەك. چەتئەلدە ئوقۇش غايىسى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئەگەر باكلاۋېرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغىچە TOEFئىمتاھانىدىن 550دىن يۇقۇرى نومۇرغا ئېرىشىپ بولسا بۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىسى چوڭ بولىدۇ. مەن بۇ نوقتىنى قانچىلىق تەكىتلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ. چەتئەدە ئوقۇشنى ئىمكان بار ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىن باشلاش كېرەك. بولسا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدىن باشلىسا تېخىمۇ ياخشى. پەقەت بولمىسا باكلاۋېرلىق ئوقۇشىدىن باشلىسىمۇ بولىدۇ. بىراق باكلاۋېرلىق ئوقۇشى ئۈچۈن ئەگەر ئوقۇش مۇكاپاتى بولمىسا، زور ئىقتىساد سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئامېرىكىدا باكلاۋېرلىق ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولىدۇ.

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق قىلىپ تەربىيىلىگەندىن باشقا، ئېنگىلىس تىلى ئۈگۈنۈشى ئۈچۈنمۇ شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئىنتاھىن زۆرۈر.ئېنگىلىس تىلى ئۈگۈنۈشنى ۋە ياكى خەنزۇ تىلى ئۈگۈنۈشنى تەكىتلەش دىگەنلىك -ئانا تىلىنى ئۈگۈنۈشكە سەل قارىسىمۇ بولىدۇ، دىگەنلىك ئەمەس. چەتئەلدە ئېنگىلىس تىلىنى پۇختا بىلىپ، ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا بىلمىگەندە، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.

2- سۇئال:چەتئەلگە چىققان ئوقۇغۇچىلار قىيىنچىلىق تارتىپ ، چىقىش يولى تاپالماي قالسا، (مەكتەپكە، ياتاققا ئورۇنلۇشۇش، خىزمەت تاپالماي ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىق تارتىش…… قاتارلىق جەھەتلەردە) دۆلەتكە قايتىپ كېتىشتىن باشقا، يەنە قانداق ئامال بار؟

ئەركىن سىدىق ئەپەندى: بۇ مەسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلىقنى پۇختا قىلىش كېرەك. چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئۇيغۇرلاردەك رەھىمدىل ۋە ئاقكۆڭۈل ئەمەس. بولۇپمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايىدىن كەلگەن كىشىلەر توپلانغان، ھەممە ئادەم ئۆزى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جايدا باشقا كۈن چۈشكەندە، ياردەم بېرىدىغان ئادەمنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس. پۇختا تەييارلىق قىلىپ چەتئەلگە چىقققاندىن كېيىنمۇ، ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالسا ئەڭ ياخشىسى، تۇرىۋاتقان جايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىزدەش، ئۇلاردىن ياردەم سوراش كېرەك.

80-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى چىقىپ ئوقۇۋاتقان دۆلەتلەرگە نەزەر سالساق، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئىشلىرى، ھەتتا يۇرتىدىكى نامرات رايونلارغا ياردەم بېرىش ئىشلىرى كۆپۈيۈپ قالدى. بۇ يەردە ئۇلارنى بىر بىرلەپ تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمايمەن. مېنىڭ بېرىدىغان تەكلىۋىم ئەگەر چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن بىرەر پەۋقۇللاددە قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا چوقۇم چەتئەلدىكى باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك.

3- سۇئال :چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدىغانلارمۇ كۆپۈيىۋاتىدۇ. چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش شارائىتى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، تەربىيىلىنىش شارائىتىدىن ئەۋزەل. بىراق ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەرزەنتلىرىگە قانداق قىلىپ ئۆزىنى تونۇتۇش، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىل يېزىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتىنى بۈلدۈرۈشتەك مۇشكۈل ۋەزىپە قويۇلغان. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟

ئەركىن سىدىق ئەپەندى: سىز بۇ سۇئالدا ھەقىقەتەنمۇ ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنتاھىن چوڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. مېنىڭچە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇرلار چەتئەلدە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغاندا كەم دىگەندە مۇنداق 3 مەسىلىنى كۆزدە تۇتىدۇ:

1- ئىلىم-پەن، يۇقۇرى تېخنىكا، ئۆز كەسپىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىش.

2- چەتئەلنىڭ ئىلغار مائارىپ شارائىتىدىن پايدىلىنىپ بالىلىرىنى ئىلغار مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش.

3- ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە قارى قىلدۇرۇپ ماددى جەھەتتە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش.

جۇڭگودا نوپۇس كۆپ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇش ۋە ئوقۇشتىن كېيىنكى خىزمەتتە پۇرسەت ئاز. مېنىڭچە چەتئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە يۇقۇرىقى 2-مەقسەت سەل يۇقۇرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكىدەك ھەرقايسى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتتە ئۆز پەرزەنتىنى ھىچ بولمىغاندا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئىقتىسادى سەۋىيىدە ياشىيالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرى ئۈچۈن ئانچە تەس ئەمەس.بۇ يەردىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بالىنى ئامېرىكىدىكى تۇرمۇش شارائىتى ياخشى يەنە بىر ئامېرىكىلىق قىلىپ تەربىيىلەش كېرەكمۇ ياكى ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيىلەش كېرەكمۇ؟ ئامېرىكىدىكى بالىلار ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7دىن كەچ سائەت 6گىچە چەتئەل مۇھىتىدا ياشايدۇ. ئاخشىمى كارۋاتقا چىققىچىلىق بولغان 3،4سائەت ۋاقىت ئۇيغۇرچە ياشايدىغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە بولىدۇ. بۇ جەرياندىمۇ كۆرىدىغان تېلىۋىزور يەنىلا ئېنگىلىس تىلىدا بولغاچقا، بالىلارغا ئۇيغۇر روھىنى سىڭدۈرۈش بىر مەسىلىگە ئايلانغان. نۇرغۇن ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بىز بالىلىرىمىزغا ئۇيغۇر تىلىنى ئائىلىدە ئۈگۈتىمىز. بىزنىڭ تاماقلىرىمىزنىڭ %90تى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تاماقلىرى. بۇنى بالىلىرىمىز بىزدىن ئۈگۈنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان. ۋاشىنگىتون ۋە نىوۋيورك شەھەرلىرى، ھەمدە كالىفورنىيە ۋە تېكساس شىتاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار پات پات بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇش قىلىپ تۇرىمىز. بۇنداق چاغلاردا بالىلار بىللە ئوينايدۇ. بەزىدە ئۇلار ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمىز. ئۆتكەن يىلى مايدىن ئۆكتەبىرگىچە جەنۇبى كالىفورنىيە شىتاتى بىلەن شىمالى كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئايرىم ئايرىم ھالدا كەم دىگەندە ئايدا بىر قېتىم دالا ئولتۇرۇشى قىلدى. ئولتۇرۇش قىلىدىغان ئورۇن ئادەتتە مەنزىرىلىك ئورۇن ياكى باغچا بولۇپ، ھەر بىر ئائىلە كەم دىگەندە بىر خىلدىن تاماق تەييارلىدى. كاۋاپ پىشۇرۇپ، يىمىشلارنى تىزدۇق. ئولتۇرۇش چۈشتىن تاكى كەچ سائەت 6،7لەرگىچە داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا تۈرلۈك تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى ئوينىغاندىن باشقا، بالىلارغا ئۇيغۇر مەدىنىيىتى توغرىسىدا ساۋات بېرىدىغان سۇئال جاۋاپلارنى تەييارلىدۇق. بالىلار بۇ خىلدىكى يىغىلىشلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بۇ يىل نورۇزدا شىمالى كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزگىچە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى. 4ياشتى 10ياشقىچە بالىلارنىڭ ھەممىسى سورۇنغا چىقىپ ئويۇن كۆرسەتتى. نورۇز بايرىمى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلارمۇ سۆزلەندى. مانا بۇلار ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيىتىنى ئۈگۈنۈشىدىكى بىردىنبىر مۇھىتتۇر. قالغان ۋاقىتلاردا بىز «مەدەنىيەتسىز» ياشايمىز. يەنى بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆزپ ئادەتلىرىدىن بەھرىمان بولالمايمىز.

بالىلارغا چەتئەل مۇھىتىدا ئۇيغۇرنى ئېنىق تونۇتۇش تەسكە توختايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللىكلەرگە ئوخشىمايدىغان خارەكتىر ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگىلى بولمايدۇ. مۇھىمى بۇنى بىۋاستە ھىس قىلدۇرۇش. مەن 1996-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بالىلىرىمنى يۇرتۇمغا ئەۋەتىپ تۇرىۋاتىمەن. ئۇلار يۇرتتا دېھقانلار بىلەن بىللە تۇرىدۇ. ئۇلار بىلەن بىللە مەشرەپ ئوينايدۇ. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «دۇنيادا ئۇيغۇر دېھقانلىرىدەك ئاقكۆڭۈل، ياخشى ئادەملەرنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمىز» دىدى. چەتئەلدە تۇرىۋاتقان ھەممە ئۇيغۇر ئۈچۈن بالىلىرىنى پات-پات يۇرتقا ئەۋەتىدىغان پۇرسەت يوق. مەن بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بالىلارغا ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى بۈلدۈرۈش جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولغاچقا، باشقىلارغا شۇ خىل ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىمەن. مەن يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمدەك، بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۈنچىسى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

خاتىمە: مائارىپ يەر شارىلاشقان بۈگۈنكى دەۋردە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئانچە قىيىن ئەمەس. قىيىن بولغىنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ھازىرلاش زۆرۈر بولغان شەرتنى ھازىرلاش، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن يۈزلىنىدىغان مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش. چەتئەلدە ئوقۇش بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈنمۇ ياكى «چەتئەلدە ئوقۇدى» دىگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ؟ بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش ئىنتاھىن مۇھىم. مەن يۇقۇرىقى كىچىككىنە ئەمگىگىم ئارقىلىق، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولىۋاتقان كىشىلەرنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن بۇرۇن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر، چەتئەل مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان سىياسەتلەر، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە ئۇچۇرغا ئىگە قىلالىسام ، ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا سالالىسام، ئۇلارغا تېرىقچىلىق بولسىمۇ نەپ يەتكۈزەلىسەم بۇ مېنىڭ نەتىجەم، شۇنداقلا ماڭا قىممەتلىك ۋاختىنى ئاجرىتىپ جاۋاپ يازغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بولاتتى

 ئەسلى مەنبە www.meripet.com

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top