• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » چەتئەلگە چىقىش ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟

چەتئەلگە چىقىش ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟

يېقىنقى يىللاردىن بويان، نۇرغۇن ياشلار چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئىگەللەش مەقسىتىدە ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىنىپ، ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئالدى بىلەن چەتئەل تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتىشىمىز كېرەك. بۇ ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىمىز؟ ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟
چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ياشلىرىمىزغا بۇ توغىرلىق بەزى ساۋاتلاردىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە بۇ يوللانمىنى تەييارلىدىم. بۇ يازغانلىرىم سىلەرگە ياردىمى بولالىسا بەكمۇ خۇرسەن بولار ئىدىم.
بىز چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئىكەنمىز ئالدى بىلەن قايسى دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىمىز توغۇرلىق كۆڭلىمىزدە سان بولىشى كېرەك. چۈنكى بىز بېرىدىغان ئىمتىھان ئوخشاش بولمايدۇ. ئامېرىكىغا چىقىش ئارزۇسى بارلار توفىل (TOEFL) ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشى، كانادا، ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە ۋە ياۋۇرپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە چىقىش ئارزۇسى بارلار ئېلتس (IELTS) ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك. ئەمما ياۋۇرپادىكى دۆلەتلەر توفىل TOEFL ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى بەزى ئالى مەكتەپلەرمۇ ئېلتس IELTS ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
بۇ ئىككى ئىمتىھان زادى قانداق ئىمتىھان؟ شەكلى قانداق؟ قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك؟
توفىل ئىمتىھانى iBT TOEFL
توفىل TOEFL ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغانلارنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى تەتقىق قىلىپ يولغا قويغان. بۇ ئاساسەن ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشىدا ئىنگلىز تىلىنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادىكى 4500 دىن ئارتۇق ئىككى يىللىق ۋە تۆرت يىللىق ئالى مەكتەپلەر، كەسپى مەكتەپلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورگانلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا بۇ ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر بۇ ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى ئوقۇش مۇكاپات ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. بۇ ئىمتىھان 1964- يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 17 مىليون 750 مىڭ كىشى بۇ ئىمتىھانغا قاتناشتى.
توفىل ئىمتىھانى دەسلەپتە قەغەزدە بېرىدىغان ئىمتىھان بولۇپ، ئامېرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى ئېلتىس IELTS ئىمتىھانى زەربىسىدىن TOEFL توفېل ئىمتىھانىنى
ئىككى قېتىم ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئېلىنىۋاتقان ئىمتىھان ئىنتېرنېت ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 2005- يىلى 9- ئايدا يولغا قويۇلغان، جۇڭگودا 2006- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسدە يولغا قويۇلدى. شۇڭلاشقا ھازىر جۇڭگودا پەقەت ئىنتېرنېت ئاساسىدا ئېلىنىدىغان توفىل ئىمتىھانىلا بار. يېڭى ئىمتىھان ئوقۇپ چۈشىنىش، ئاڭلاپ چۈشىنىش، سۆزلەش ۋە يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت تۆرت قىسىمدىن تەركىب تاپقان، شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئالى مەكتەپ ھاياتىغا تەقلىد قىلىنغان ئاساستا تەييارلانغان. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىل قابىلىيىتى ۋە ئالاقە ئىقتىدارىنى ئومۇمىيۈزلۈك سىنايدۇ.
ھازىرقى ئىنتېرنېتتا بېرىلىدىغان ئىمتىھان، بۇرۇنقى ئىمتىھاندىن بىر ئاز قىيىن بولۇپ، سۆزلەش قىسمى قوشۇلغان. ئىمتىھان ۋاقتى 4 سائەت. جەمئى نومۇر 120، يەنى ھەر بىر تارماق قىسىم 30 نومۇر. نۇرغۇنلىغان ئالى مەكتەپلەر 80 نومۇرنى ئۆلچەم قىلىپ بېكىتكەن، ئەمما بىزدەك نامرات ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالمىساق، بۇ پەقەت بىر قۇرۇق چۈش بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم 100 دىن يۇقىرى ئېلىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ سۆزلەش ئىمتىھانىدا 20 دىن تۆۋەن ئالساق بەزى مەكتەپلەر قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن.
ئامېرىكىدا ئوقۇشنىڭ بىر ياخشى تەرىپى، ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ. ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمەيدۇ.
تۆۋەندە بۇ ئىمتىھاننىڭ تۆرت قىسمىنى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
1. ئوقۇپ چۈشىنىش. 60~100 مىنۇت ئەتراپىدا، 650~750 خەت ئەتراپىدىكى 3~5 پارچە ماقالە بار، شۇنىڭدەك ھەر بىر ماقالە ئۈچۈن 12~14 كىچە سوئال چىقىرىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پارچە ماقالە ئۈچۈن 20 مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن. سوئال شەكىللىرى: جەدىۋەلنى توشقۇزۇش، ئومۇمى مەزمۇننى يىغىنچاقلاش، جۈملىنى ئاددىلاشتۇرۇش، تېكىست قىستۇرۇش، ئۇچۇر ئىزدەش، ئالماشنى تېپىش، ئەقلى ھۆكۈم چىقىرىش، سىتىلستىكا، ئىنكار قىلىش ئارقىلىق خاتا جاۋابنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت ئون تۈرلۈك. بىر ماقالىدە ئون خىل شەكىلنىڭ ھەممىسى چىقىشى ناتايىن، كۆپىنچىسى تاق تاللاش شەكلىدە، قىسمەنلىرى جۈپ تاللاش. ھەر بىر سوئالنى بەرگەندە جاۋابى چىقىدىغان ئابزاسنى سىتىرىلكا ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جاۋاپ چوقۇم شۇ ئابزاستىن چىقىدۇ. ھەرگىزمۇ قىياس قىلىپ تاللىماسلىق لازىم.
2. ئاڭلاپ چۈشىنىش. ۋاقتى 60~90 مىنۇت ئەتراپىدا، ئىككى دىئالوگ، تۆرت لىكسىيەدىن تەركىب تاپقان. دىئالوگ 2~3 مىنۇت، لىكسىيە 4~6 مىنۇت. لىكسىيە ئۈچۈن ئالتە سوئال، دىئالوگ ئۈچۈن 5 سوئال چىقىرىلغان، ھەممىسى مەكتەپ تۇرمۇشى، دەرس قاتارلىقلارغا ئائىت. ئاڭلىغان ۋاقتتا خاتىرە قالدۇرۇشقا بولىدۇ. جاۋابنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
3. سۆزلەش. بۇ توفىل TOEFL ئىمتىھانىغا يېڭى قېتىلغان قىسم بولۇپ، جەمئى 6 سوئال بار. ئالدىنقى ئىككى سوئال ئايرىم جاۋاپ بېرىلىدىغان سوئال بولۇپ، تەييارلىق ۋاقتى 15 سىكۇنت، جاۋاب ۋاقتى 45 سىكۇنت. (سىزگە ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشى كىم، ئۇ سىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن، نېمە ئۈچۈن، مىساللار بىلەن جاۋاپ بېرىڭ، دېگەندەك سوئاللار سورىلىدۇ.) 3-، 4- سوئال ئۈچۈن ئالدى بىلەن 70~100 خەت ئەتراپىدىكى بىر پارچە ماقالە ئوقۇيسىز، ئاندىن 1 مىنۇت ئەتراپىدىكى بىر دىئالوگ قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىككىسى ئاساسىدا سوئال سورىلىدۇ. 30 سىكۇنت تەييارلىق قىلىسىز، 60 سىكۇنتتا جاۋاب بېرىپ بولىشىڭىز كېرەك. 5-، 6- سوئال 90~120 سىكۇنتلىق لىكسىيە ياكى دىئالوگ ئاڭلىغاندىن كېيىن، سوئال سورىلىدۇ. 20 سىكۇنت تەييارلىق قىلىسىز، 60 سىكۇنتتا جاۋاب بېرىسىز.
4. يېزىقچىلىق. 50 مىنۇت ئىچىدە ئىككى پارچە ماقالە يازىسىز. 1- ماقالە بېرىلگەن تەلەپ بويىچە 30 مىنۇت ئىچىدە 300 خەتلىك بىر پارچە ماقالە يازىسىز. 2- ماقالە 3 مىنۇت بىر پارچە ماقالە ئوقۇيسىز، ئۇندىن كېيىن 2 مىنۇتلۇق لىكسىيە ئاڭلايسىز، (ئاڭلاش، ئوقۇش جەريانىدا خاتىرە قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.) بۇنىڭغا ئاساسەن 150~225 خەتلىك بىر پارچە ماقالە يازىسىز.

ئىمتىھاننىڭ شەكلىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندىڭىزمۇ؟ ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭ. بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئىكەنسىز شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىڭ، دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
ئىمتىھانغا قانداق تىزىملىتىمىز؟ قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟
ئەگەر سىز ئالى مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى 4-، 6- دەرىجىدىن ئۆتۈپ بولغان بولسىڭىز، 3~6 ئاي ئەتراپىدا تەييارلىق قىلسىڭىز، گەپ يوق ئۆتۈپ كېتىسىز. ئەگەر بۇنداق ئىمتىھانلارنى بېرىپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ ئۈمىدسىلەنمەڭ. پىلانلىق، تەرتىپلىك تەييارلىق قىلسىڭىز سىزمۇ چوقۇم ئۆتەلەيسىز. يەنى، ھەممىمىزنىڭ تەقدىرى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا.
ئىمتىھان ھەققى 1370 يۇەن، بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىممەت. ئىمتىھانغا توردا تىزىملىتىمىز. تور ئادرېسى: http://toefl.etest.net.cn

ئامېرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور ئادرىسى: www.ets.org

توفىل ئىمتىھانىغا ئائىت ئۇچۇرلار:
قايسى ماتىرىياللاردىن پايدىلىشىمىز كېرەك؟
1. ئامېرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى تۈزۈپ چىققان بىر تەييارلىق ماتىرىيالى بولۇپ، ھازىر جۇڭگودا بۇنىڭ قوش تىللىق نۇسخىسى نەشىر قىلىندى، بۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىغانلار چوقۇم كۆرىشى كېرەك. 6 تەقلىد سوئال بار.

ETS新托福考试官方指南[双语版](附光盘一张)

作者:美国教育考试服务中心 著 出版社:世界图书出版公司 出版时间:2006年07月

The Official Guide to the New TOEFL iBT

باھاسى 68 يۇەن بولۇپ، بەلكىم 50 يۇەن ئەتراپىدا سېتىۋالالىشڭىز مۇمكىن.
2. ئىمتىھان سوئالى چىقارغۇچى پىروفېسسورلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن.بۇ كىتاپنى دېلتانىڭ كىتابى دەپ ئاتىشىدۇ.

新托福考试备考策略与模拟试题(Delta’s)三角洲

作者:(美)加拉格尔(Gallagher,N.) 出版社:世界图书出版公司 ، 出版时间:2006年08月

3. باروننىڭ تەقلىد سوئاللىرى. بۇنى باروننىڭ كىتابى دەپ ئاتىشىدۇ.

新托福考试全真模考题与精解(巴郎,Barron’s)

作者:(美)夏普 编著,张洪伟,戴云 译 出版社:群言出版社 出版时间:2007年03月

بۇ ئۈچ كىتاپ ۋە توردىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلانسىڭىز ئۆتۈپ كېتىشىڭىزدە گەپ يوق.
ئۇنىڭىدىن باشقا توردىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇ خىل ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار بىر قانچە تور بېتى بار. بۇ تور بەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان ھەقسىز تەييارلىق ماتېرىياللىرى بار. تور سۈرئىتى ياخشى بولسىلا بۇ ماتېرىياللارنى تېزلا چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ.

http://bbs.taisha.org

http://bbs.gter.ce.cn

مەنبە: شىنجاڭ جۇڭغار ئادەم كۈچى بايلىقى (ئىختىساسلىقلار) بازىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top