ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پەن - مائارىپ » قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مائارىپى تارىخى

قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مائارىپى تارىخى

(مۇقەددىمە)

خېلى ئۇزاق تارىختىن بۇيان قەشقەر ئېلىمىزنىڭ غەرىب بىلەن بولغان مەدەنىيەت ۋە سودا ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن. بۇخىل ئالاھىدە شارائىت قەشقەرنىڭ خېلى بۇرۇنلا مەدەنىيەت ۋە سودا جەھەتتە بىرقەدەر ئىلگىرىلىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن. مىلادىدىن 6 ئەسىر ئىلگىرى نېپالدا ساكيامونى تەرىپىدىن يارىتىلغان بۇددا دىنىمۇ- مۇشۇ جايلار ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارالغان.
10- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا (932- يىلى) قاراخانىلارنىڭ خانزادىلىرىدىن ساتۇق بۇغراخاننىڭ باشلامچىلىقى بىلەن قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى كۈچى ئىسلام دىنى ئاساسىدىكى قەشقەر مائارىپىنى شەكىللەندۈردى. خېلى ئىلگىرىدىن باشلاپ قوللىنىپ كەلگەن 22 ھەرپ ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىغا 32 ھەرىپ ئاساسىدىكى ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن كەنىت، مەھەللىلەردە مەسچىت قىلىنىپ، مەسچىتنىڭ يېنىغىلا مەكتەپ (مەدرىس) بىنا قىلىناتتى، بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت، مائارىپى ئەرەب مەدەنىيەت، مائارىپنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ زاماننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى. قاراخانىلار دەۋرىدە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ قالدى. بۇمەزگىلدە قەشقەر قايتىدىن مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. قەشقەر ئاتۇشتىكى «مەدرىسەئى ساجىيە» (بىلىم ساچار مەدرىسە)، قەشقەر دۆلەتباغدىكى «مەدرىسەئى ھامىدىيە» ئاتاقلىق بىلىم يۇرتىدىن بولۇپ، بۇ يەرگە خېلى ئۇزاق جايلاردىن ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلار كېلىپ بىلىم ئالاتتى. «مەدىرىسەئى ھامىدىيە» ئاتاقلىق بىلىم يۇرىتلىرىدىن بولۇپ، بۇ يەرگە خېلى ئۇزاق جايلاردىن ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلار كېلىپ بىلىم ئالاتتى. مەدرىسەئى ساجىيە» دەك ئالىي بىلىم يۇرىتلىرى مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئاتاقلىق ئالىم ۋە ئەدىپلەرنى، جامالىدىن قەشقەرىدەك مۇدەررىسلەرنى، ئىمامىدىن قەشقەرىدەك تىببىي ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1069- يىلى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى، مەھمۇت قەشقەرى 1072- 1074- يىللىرى نادىر ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى، 13- ئەسىرلەردە ئەھمەد يۈكنەكى ئاتاقلىق دېداكتىك داستان «ئەتەبەتۇلھەقايىق» نى يېزىپ جاھان مەدەنىيتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشتى. مەھمۇد قەشقەرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا قەشقەر ئوپالدىكى ھەزرىتى موللام دەپ ئاتىلىپ كەلگەن مەدرىستە (ھازىر ھەزرىتى موللام مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى) مۇدەررىسلىك بىلەن ئۆتەتتى.
13- ئەسىرلەردە ياشىغان ئىران مۇتەپەككۇرى ۋە شائىرى شەيىخ سەئىدى مەشھۇر ئەسىرى «گۈلىستان» دا ئۆزىنىڭ قەشقەرگە كېلىپ، بۇ يەردىكى بىلىم يۇرىتلىرىنىڭ بىنالىرىنى كۆرگەنلىكىنى، بىلىم يۇرىتلىرىدىكى ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ جاپاغا چىداپ بېرىلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، قەشقەر خەلقىنىڭ ئىلىملىك كىشىلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
10 – ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر جۇڭگو ساياھەتچىسى ۋاڭيەندى قەشقەردە ناھايىتى باي كۇتۇپخانىلارنىڭ ۋە ئېگىز پەشتاق مۇنارلىق بىلىم يۇرىتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتقان. 1271- يىلى شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ماركوپولومۇ قەشقەردە ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۆز ساياھەتنامىسىدە كۆرسەتكەن. 14- 19- ئەسىرلەردە ياشىغان داڭلىق ئالىم، ئەدىپ، شائىرلاردىن- نەسىردىن رافخوزى، لۇتپى، سەككاكى، ئاتايى، ئەلشىر ناۋايى، خىرقىتى، ئابدۇرېھىم نىزارى، غەربىي قاتارلىقلار قەشقەرنىڭ شۇچاغدىكى مەدەنىيەت، مائارىپ ئوچاقلىرىدا تەربىيلىنىپ يېتىشىپ چىققاندۇر.
19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر مائارىپىدا بىر قاتار يېڭىلىقلار مەيدانىغا كەلدى. ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئەرەب، پارىس تىلىدىكى كىتابلارنى ئۆلۈك يادىلاش ئورنىغا ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىش، ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ بىلىم ئېلىش تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئىلمىي ھېساب، سەرپ نەھۋى (مورفولوگىيە، سىنتاكسىس)، جۇغراپىيە، تارىخ، ئىلمىي تەجۋىد (قۇرئاننى قائىدىلىك ئوقۇتۇش)، تەئەللەمۇس سىبيان (بالىلار تەربىيسى). نەسايىھۇلئەتپال (بالىلارغا نەسىھەت)، نەسىھەتى ئاممە (ئاممىغا نەسىھەت)» قاتارلىق دەرسىلىك ئەسەرلەر يېزىلىپ، ئاممىنىڭ ئىلىم- مەرىپەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئوڭايلىق يارىتىلغان. ھازىرقى زامان مائارىپىدا دۇنيا مىقياسىدا قوللىنىۋاتقان سۆھبەت ئۇسۇلى (سوئال- جاۋاب ئۇسۇلى) مۇ ئاشۇ چاغلاردىلا قەشقەر مائارىپىدا قوللىنىلىشقا باشلىغان. بۇ ئۇسۇلنىڭ شۇ چاغلاردىكى تەلىم- تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە رولى چوڭ بولغان ئىدى.

قەشقەردىكى كونا مەكتەپلەر

قەشقەر ئەھلى ئەزەلدىن يېڭىلىققا تەلپۈنۈش، بىلىمگە بېرىلىش، بىلىم ئەھلىنى دوسىت تۇتۇش ۋە ياخشى كۆرۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. ئۇلار خېلى بۇرۇنلا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن ئۆز پۇلى، مال- مۈلكىلىرىنى سەرىپ قىلىپ شەھەر ۋە يېزىلاردا مەكتەپلەرنى بىنا قىلغان. 1930- يىللىرىدىن ئىلگىرىكى قەشقەر شەھرىدە 120 مەھەللە بولۇپ، شەھەر بويىچە 70- 80 دەك مەكتەپ بارئىدى. بۇ مەكتەپلەر مەھەللە خەلقلىرى تەرىپىدىن سېلىنىپ تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ ئورۇنلىرى بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر پۇلدار كىشىلەر تەرىپىدىن ۋەخپە ئورنىدا بېرىلگەن يەرلەر ئىدى. يېزىلاردا بولسا، يېزا (كەنت) لەرنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ 6- 7 گىچە مەكتەپ بارئىدى.
كونا مەكتەپ خەلپەت (مۇئەللىم) لىرىنىڭ تۇراقلىق مۇقىم ئىش ھەققى يوق ئىدى. ئۇلار ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىنەتتى. مەسلەن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ھەققى ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاتا- ئانىدىن بىر داچەندىن 10 داچەنگىچە پۇل ئېلىپ كېلىپ خەلپىتىگە تاپشۇراتتى، بۇ «پەيشەنبىلىك» دەپ ئاتىلاتتى.
ئوقۇتۇش يېشىغا يەتكەن بالىلار يېڭىدىن ئوقۇتۇشقا كەلگەندە ئوقۇتقۇچىغا پۇل ياكى نەرسە- كېرەك تەقدىم قىلاتتى.
بىر دەرىسلىكنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن ئىككىنچى دەرىسلىكنى باشلىغان چاغدا ئوقۇغۇچىلار بىلىم دەرجىسىگە قاراپ بىر تەڭگىدىن بىر سەرگىچە پۇل ياكى بىرەر كىيىملىكتىن رەخت تەقدىم قىلاتتى. ھېيىت- بايرام كۈنلىرى بولسا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھېيىت- بايرىمىنى مۇبارەكلەپ نەرسە سۇناتتى. نورۇز بايرىمى كېلىشتىن ئاۋۋال مۇئەللىم تەرىپىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىدىن ئاتا- ئانىلىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەمدە ئۇلارنى ئىلىم- مەرىپەتكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر- ئىككى كۇپلېت شېئىر يېزىلغان قەغەز- نورۇزلۇق باغاقچە تەييارلىنىپ ھەربىر ئوقوغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىلەتتى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەپ پۇل ۋە باشقا نەرسىلەرنى تەقدىم قىلاتتى، بۇ يەردە نورۇزلۇق باغاقچىسىگە يېزىلغان مۇنداق بىر كۇپلىت شېئىرنى مىسال كەلتۈرىمىز:

كەلدى نورۇز- يىل بېشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىركىنى،
نورۇز دىبان كېلورلار خوتۇنلارنىڭ تۆركىنى.
گۈللەر قىسىپ قىز- ئوغۇل ئەگرى قويار بۆركىنى،
مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر ئاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى.
مېھنەتلەر كېتىپ ئويناشۇر كۈندۈزبوكون،

مىللىي ئەنئەنە بويىچە بالا 4 ياش، 4 ئاي، 4 كۈنلۈك بولغاندا مەكتەپكە بېرىلەتتى. مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ياش ۋە جىنسىي چەكلىمىلەر بولمايتتى.
تۆت يېرىم ياشتىن 15- 16 ياشقىچە ئوغۇل بالىلار ۋە تۆت يېرىم ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان قىز بالىلار قوبۇل قىلىنىپ بىر سىنىپتا ئوقۇيتتى. قىش كۈنلىرى سىنىپقا قېلىن پاخال سېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار پاخال ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دەرس يادلايتتى، سىنىپنىڭ ھەممە ئىشلىرى مۇئەللىم تەرىپىدىن ئىدارە قىلىناتتى. ئوقۇغۇچىسى كۆپرەك بولغان سىنىپلاردا سەۋىيىسى باشقىلاردىن ئۈستۈنرەك، يېشى ھەم باشقىلاردىن چوڭراق بىر ئوقۇغۇچى خەلپەتنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. بۇ «ياردەمچى ساھىپ» دەپ ئاتىلاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلىناتتى. مۇئەللىم رۇخسەت قىلغانلار ئائىلىسىگە قايتىش مۇمكىن ئىدى. ئەگەر بىرەر ئوقۇغۇچى زۆرۈرىيەت ئۈچۈن سىرىتقا چىقماقچى بولسا، خەلپەتتىن سورىشى ياكى ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا «ئەدەپ» دېگەن سۆزنى ئېيتىش ئارقىلىق سىرىتقا چىقىشقا بولاتتى.
سىنىپتا ھەردائىم خەلپەت تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر كىچىك تاختا بار بولۇپ، سىرتقا چىققان ئوقۇغۇچى بۇ تاختىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، كىرگەندە يەنە جايىغا ئېسىپ قوياتتى. ھازىرقىدەك ھەر بىر سائەت ئارىلىقىدا كوللېكتىپ دەم ئالىدىغان ئىشلار ئۇ چاغلاردا بولمايتتى.
مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بىرقانچە ساۋاقنى ئېغىزچە يادا ئېلىشى كېرەك ئىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەرەبچە 32 ھەرىپنى ئوقۇتۇش باشلىناتتى. ھەرپ تونۇتۇش باشلانغاندا، ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 15 سانتىمېتىرلىق سىلىق ياغاچ تاختىغا ھەرىپلەر بىر- بىرىدىن يېزىپ بېرىلەتتى. 32 ھەرىپ تونۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇمۇچ قەلەم بىلەن تاختىغا قۇرئاننىڭ كىچىك سۈرىلىرىدىن بىرسى يېزىپ قويۇلاتتى. مانا مۇشۇ يوسۇندا ئوقۇش داۋاملىشىپ، ئوقۇچىلار بىرنەچچە سۈرىنى ھەجىلەپ ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالاتتى.
ھەجىلەپ ئوقۇش بىر يەرگە بارغاندا ھەپتىيەك (قۇرئاننىڭ يەتتىدىن بىر قىسمى) ئوقۇتۇلاتتى. بۇ باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلار قۇرئاننىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرىنى ھەجىلىمەستىن راۋان ئوقۇيالايدىغان قابىليەتنى ئىگەللەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن قۇرئانغا ئۆتەتتى. بۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي تەلەپ قويۇلاتتى: بىرسى، قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى تونۇپ بىلىش، يەنە بىرسى، قىرائەت (قۇرئاندىكى ھەرپ ۋە سۆزلەرنى ئۆز مەخرەجلىرى بويىچە قائىدىلىك ئوقۇش) قىلشنى ئىگەللەش. بۇ تەلەپلەر ئورۇنلانغاندىن كېيىن قۇرئاننى ئاخىرلاشتۇرغانلار ھېسابلىنىپ، سوپى ئاللايار، نامەھەق، پەندىنامە ۋە ناۋاسى، خوجا ھاپىز شېئىرلىرىدىن تاللىنىپ تۈزۈلگەن كىتابچىلارنى ئوقۇتۇش باشلىناتتى. بۇ كىتابلارنى ئوقۇتۇش بىرىنچىدىن، شۇ كىتابلاردىكى ئەقىدىلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلەشتۈرۈش بولسا، ئىككىنچىدىن، ئاستى- ئۈستىگە بەلگە قويۇلمىغان (ئەرەبچە بولمىغان) چاغاتايچە، فارىسچە سۆزلەرنى ئوقۇيالايدىغان قابىليەتكە ئىگە قىلىش ئىدى. بۇ مەكتەپلەردە خەت يېزىپ ئۆگىتىدىغان قارا دوسكىلار بولمايتتى. خەت يېزىشنى ئۆگىنىشمۇ مۇھىم دەپ قارالمايتتى. ئايرىم ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن باسما كىتابلاردىكى خەتلەرنى تەقلىد قىلىپ ئۆگىنىۋالاتتى. شۇڭا، ئۇ چاغلاردا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار كىتابنى ئوقۇيالىسىمۇ، خەت يېزىشنى بىلمەستىن مەكتەپ پۈتتۈرەتتى. ئۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ مۇئەييەن ئوقۇش مۇددىتى بولمىغانلىقتىن، ئوقۇشنى خالىمىغانلار خالىغان چاغدا مەكتەپتىن چىقىپ كېتىۋېرەتتى. ئاز بىر قىسىملىرى (بۇ، ئەلۋەتتە، ئىقتىساتلىق كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئىدى) ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەدرەسلەرگە كىرەتتى. ئەينى ۋاقىتتكى مەدرەسەلەر ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ، بەزىلىرى ئالىي مەكتەپ ئورنىدا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار «تالىپ»، ئوقۇتقۇچىلار «مۇقەددەس» دېيىلەتتى.
ئوقۇتۇلىدىغان دەرىسلەر پۈتۈنلەي ئەرەبچە، فارىسچە تىلىدىكى دىنى ئەدەبىيات بولۇپ، مەدرىسلىرىنىڭمۇ مۇئەييەن مۇددىتى بولمايىتتى، 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئوقۇپ خەتمە (ئىمتىھان) دىن ئۆتكەندىن كېيىن داموللىلىق ئۇنۋان بېرىلەتتى.
قەشقەر بۇرۇندىن تارتىپلا ئوتتۇرا ۋە ئالىي بىلىم يۇرىتلىرى بىلەن مەشھۇر بىر جاي ھېسابلىناتتى. شەھەردە كېيىنكى چاغلاردا ھېيتكا مەدرەسەسى (ھېيىتكا جامەسىنىڭ ئىچىدە)، كەنجازا مەدرەسەسى (ھازىرقى ئۆستەڭبويى پەيچۇسو ئورنىدا)، ۋاڭلىق مەدرەسەسى (ھازىرقى ئوردا ئىشىكى مەكتەپ) خانلىق مەدرەسەسى ( ھازىرقى ئوردا ئىشىكى سىياسىي مەكتەپ ئورنىدا) توقام مەدرەسەسى (كونا ئوردا يولىدا) ساچ مەدرەسەسى (چاسا خوجىلار كوچىسى ئالدىدا)، ساقى مەدرەسەسى (چاسا ساقى يولىدا)، لاي پەشتاق مەدرەسەسى (بەشئېرىق مەھەللىسىدە)، كەسكەن يار مەدرەسەسى (كەسكەن ياردا)، تاجى ھېكىم بەگ مەدرەسەسى (ھازىرقى قوناق بازىرى 2- باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنىدا)، دوغا بەگ مەدرەسەسى (ھازىرىقى ۋالىي مەھكىمە مىللىي ئائىلە قورۇسى ئورنىدا) دىن ئىبارەت 17 جايدا مەدرىس (مەدرەسە) بار بولۇپ، ئوقۇيدىغان تالىپلار شەھەر ئىچىدىن، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، ناھىيىلەردىن ھەتتا تۇرپان، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىن كېلەتتى. بولۇپمۇ 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە خانلىق مەدرەسەسى بىلەن قازانچە مەدرەسەسى ئۇنۋېرسال مەدرەسەلەردىن بولۇپ، مۇدەررىسلەرنىڭ قابىليىتى ۋە بىلىمى، تالىپلارنىڭ تاللانغانلىقى، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ قىش- ياز ئىزچىل داۋام قىلىشى ۋە ئۈنۈمدارلىقى بىلەن باشقا مەدرەسەلەردىن پەرقلىنەتتى. خانلىق مەدرەسەسىدىكى تالىپلارنىڭ سانى 300 دىن ئارتۇق ئىدى.
قەشقەر شەھرىدىكى مەدرەسەلەردىن تاشقىرى قاغىلىق، يەكەن، پەيزىۋات، يېڭىسار قاتارلىق ناھىيىلەردە، شەھەرگە يېقىن رايونلاردىن دۆلەتباغ، ئاستىن ئاتۇش، ئوپال، توققۇزاق، ئاۋات، تازغۇن، ياپچان، سەمەن، ئاپپاق خوجا قاتارلىق جايلاردىمۇ مەدرەسەلەر بارئىدى. ۋىلايەت بويىچە 145 مەدرەسە بار بولۇپ، ھەر جاينىڭ ئۆزىدىكى تالىپلار بىلىم تەھسىل قىلاتتى. شەھەردىكى كۆپلىگەن مەدرەسەلەرنىڭ تالىپلىرى مەدرەسەلەردە قونۇپ ئوقۇيتتى. تاماقنى ئۆزلىرى ئېتىپ يەيتتى، مۇدەررىسلەرىڭ ئىش ھەققى خېلى ئۈستۈن بولۇپ، مەدرەسە ۋەخپىلىرىدىن جۇغلانغان كىرىمدىن بېرىلەتتى. قەشقەردىكى 15 مەدرەسەنىڭ ۋەخپە كىرىمى 130 مىڭ چارەك ئاش بولۇپ، مۇدەررىسلەرگە ئىش ھەققى بېرىلگەندىن تاشقىرى تالىپلارغىمۇ بىلىم دەرجىسىگە قاراپ ئاش تەقسىم قىلىناتتى.
مەدرەسەلەردە ھەر بىر مۇدەررىس ئۈچۈن تەييارلانغان بىر دەرىسخانا بولۇپ، مۇدەررىس شۇ دەرىسخانىدا تالىپلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ئوخشاش سەۋيىدىكى تالىپلار گورۇپپا- گورۇپپا بولۇپ، نۆۋەت بىلەن مۇدەررىسنىڭ ئالدىغا كىرىپ ھالقا شەكلىدە دائىرە بولۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلايتتى، گورۇپپىدىكى تالىپلار سانى5 تىن يىگىرمە- ئوتتۇزغىچە ھەتتا بەزى گورۇپپىدىكى تالىپلار سانى 70 كە يېتەتتى. بەزى ھاللاردا مۇدەررىس بىلەن تالىپلار ئوتتۇرىسىدا قىزغىن ئىلىمىي مۇنازىرىلەر باشلىنىپ كېتەتتى.
كونا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى كىتاب ئوقۇشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم ئاساسىي بىلەن ھېسابلاشماستىن ئەتىدىن- كەچكىچە تەكرارلاش ۋە يادلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇيدىغان دەرىسلىكى بىر- بىرىگە ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، شۇ كىتابنى تاماملىغاندىن كېيىن باشقا كىتابقا كۆچەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ھەر بىر ئوقۇغۇچى يالغۇز بىر-بىرلەپ خەلپەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئالدىنقى كۈندىكى دەرىسنى تەكرارلاپ ئوقۇپ بېرەتتى. ئەگەر تولۇق ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولسا، خەلپەت يېڭى دەرس بېرەتتى. ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن بولسا، لايىق جازا يەنى تەنقىد ياكى تەن جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن پۇختا تەكرارلاش تاپشۇرۇلۇپ، خەلپەت قايتا ئۆگىتەتتى.
ئاشۇ دەرس تولۇق ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن يېڭى دەرىسكە كۆچەتتى. ئۇ چاغدا ئوقۇلىدىغان دەرسلەر ئۆز ئانا تىلىدا بولمىغاچقا ئوقۇغۇچىلار دەرسنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنمەي يادلاش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار ئارزۇ ۋە ئېتىقات يۈزىسىدىنلا، مەزمۇنىنى چۈشەنمىسىمۇ بېرىلىپ ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلىناتتى. بۇنداق مەنىسىنى چۈشەنمەي ئوقۇش ئۆلۈك يادلاش، ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىلىم ئىگەللىيەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار خېلى ئۇزاق ۋاقىت داۋام قىلدى. ئەمما جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى بۇخىل ئۈنۈمسىز ئۇسۇللارنى بىكار قىلىپ،ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش تەلىپىنى قويدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇل ۋارىس قەشقەرى قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر ئوتتۇرغا چىقىپ، ئۆز ئانا تىلىمىزدا «ئەقائىد زۆرۈرىيە»، «ئىبادەت ئىسلامىيە»، «ئىلمىي ھېساب»، «جۇغراپىيە» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ، نەشىر قىلىپ، خەلقنى جاھالەت ۋە نادانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
1922- يىلى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شاگىرىتى مەھەممەدخان قەشقەر ياۋاغدا مويدىن ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر مەكتەپ ئېچىپ، بالدۇرقىغا ئوخشىمىغان يېڭىچە بىر ئۇسۇل بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ باردى. ئانا تىلى، ئىملا- ئىنشا، ھېساب، ئەرەبچە ئۆگىنىش دەرسلىكى (شىفاھىيە) قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلدى. ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، يىللىق ئىمتىھان يۇرت كاتتىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەھەر ئەتراپىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك باغلاردا تەنتەنە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. شۇڭا، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ناھايىتى زور بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرى 100دىن ئېشىپ كەتتى. بۇ مەكتەپتە كۆپرەك بايلارنىڭ بالىلىرى ئوقۇيتتى. بەزىبىر زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇ مەكتەپ تاقىلىپ قالدى، ئوقۇتقۇچىسى مەھەممەتخان ئاتۇش تېجەنگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئەھمەد ھاجى دېگەن كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن مەكتەپ ئاچتى. ئۇنىڭدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ 90 غا يەتتى. بۇ مەكتەپكە قەشقەر شەھرىدىنمۇ بىرقانچە ھاللىق كىشىلەر بالىلىرىنى ئەۋەتىپ ئوقۇتتى.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىق مائاشىنى ئوقۇغۇچىلار تۆلەيىتتى يەنى ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ ھەر ئايدا بىرسەردىن، بەزىلىرى 3 مىسقالغىچە پۇل تۆلەيتتى. ناھايىتى ئازساندىكى بىرنەچچە ئوقۇغۇچىلارلا مەججانەن (ھەقسىز) تەلىم ئالاتتى. تېجەندىكى بۇ مەكتەپ مەلۇم ۋاقىت داۋام قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىسى غۇلجىغا كېتىپ قېلىپ، يېڭىچە بىلىم بېرىش ئىشى يەنە بالدۇرقى كونا ئىزغا چۈشۈپ قالدى.

قەشقەردە پەننىي مەكتەپنىڭ ئېچىلىشى

بىزنىڭ دېمەكچى بولغان پەننىي مەكتىپىمىز سىنىپنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويىدىغان، يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، سەۋيىسىگە قاراپ سىنىپلار بويىچە دەرس ئۆتۈشنى يولغا قويىدىغان مەكتەپلەردۇر. بۇ ئاشۇ مەزگىلدىكى پەننىي مەكتەپلەردىكى ھەرقايسى سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى، ئوقۇتقۇچىسى، دەرىسخانىسى مۇقىم بولۇپ، ئوقۇتۇش مەشغۇلىيەت جەدۋىلىگە قاراپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىنىپنىڭ پائالىيەتلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سىنىپنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇش تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن.
قەدىمكى زاماندىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مەكتەپلىرىدە ئايرىم (يەككە) ئوقۇتۇش شەكلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. بىر توپ ئوقۇغۇچىلار بىريەرگە توپلىشىپ ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم دەرس بېرەتتى، ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە ئۆگىنىش سۈرئىتىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلىشى تەلەپ قىلىنمايىتتى، دەرس باشلاش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتى مۇقىم بەلگىلەنمەيىتتى، بۇخىل شەكىل بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ سۈرئىتى ئاستا، تەلىم- تەربىيە ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى.
ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سودا- سانائەتنىڭ، تەرەققىي قىلىشى، پەن- تېخنىكىنىڭ ئالغا بېسىشى، ئوقۇتۇلغان دەرسلەرنىڭ خىللىرى ۋە مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئوقۇتۇش سۈرئىتىىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى. يەككە ئوقۇتۇش شەكلى بۇ تەلەپنى قاندۇرالمىدى. ئۇ يېڭى ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن 16- 17- ئەسىرلەرگە كەلگەندە ياۋروپادىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەردە ئىلگىر- ئاخىر سىنىپلار بويىچە دەرس ئۆتۈشتىن ئىبارەت شەكىل مەيدانغا كەلدى. بىزنىڭ سىنىپتا ئوقۇتۇش دېگىنىمىز مانا مۇشۇ.
17- ئەسىردە چېخ (چېك) پىداگوكى كامىنىسكى بۇ خىل ئوقۇتۇش شەكلىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلدى. ئەجدادلارنىڭ تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۇ، «ئۇلۇغ دىداكتىكا» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، سىنىپىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇشنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئاساسلاپ بەردى. سىنىپتا ئوقۇتۇشنىڭ يەككە ئوقۇتۇشقا قارىغاندا زور ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرۈلگەنلىكتىن، ئۇ پەيدىن- پەي مۇكەممەللىشىپ باردى. شۇنداق قىلىپ ياۋروپادا سىنىپتا ئوقۇتۇش 16- ئەسىردىن باشلاپ قوللىنىشقا باشلىدى. روسىيدە 18- ئەسىردە پىيوتىر دەۋرىدە مەكتەپتە بىلىم ئېلىش ۋە رەقەم مەكتەپلىرى ئېچىلغان ئىدى.
مەملىكىتىمىز جۇڭگودىمۇ بۇرۇن يەككە ئوقۇتۇش شەكلى قوللىنىلغان ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ زامانىۋى مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا باشلىدى. 1862-يىلى قۇرۇلغان «بېيجىڭ مەدەنىيەت سارىيى» جۇڭگودا ئەڭ بالدۇر ھۆكۈمەت باشقۇرغان يېڭى مەكتەپتۇر. 1886- يىلى فۇجۇدا قۇرۇلغان كېمىسازلىق مەكتىپى، ئەجنەبىپەرەسلەر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان شاڭخەي جاڭنەن كېمە ياساش ئىدارىسى قارمىقىدىكى مېخانىزىم مەكتىپى، ئەجنەبىپەرەسلەر ئاچقان تيەنجىن ماتروسلار مەكتىپى جۇڭگودىكى ئەڭ بالدۇرقى سانائەت، مېخانىكا ۋە ھەربىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى ئىدى.
1895- يىلى ئېچىلغان تىيەنجىن غەربشۇناسلىق مەكتىپى (1903- يىلى شىمالىي مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن) جۇڭگودىكى ئەڭ بالدۇرقى دۆلەت باشقۇرغان ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، 1897- يىلى ئېچىلغان نەنياڭ «ئاممىۋى مەرىپەتخانىسى» جۇڭگودا ئەڭ بالدۇر دۆلەت باشقۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ؛1897- يىلى قۇرۇلغان «شاڭخەي نەنياڭ ئاممىۋى مەرىپەتخانا ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپى» جۇڭگودا ئەڭ بالدۇرقى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى، 1903- يىلى كۈزدە ئېچىلغان ۋۇچاڭدىكى «خۇبىي بالىلار باغچىسى» جۇڭگودىكى ئەڭ بالدۇرقى بالىلار باغچىسى ھېسابلىناتتى.
مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىگە جاشلاشقان قەشقەردە 1880- يىللاردىن باشلاپ ئايرىم جايلاردا سىنىپتا ئوقۇتۇش باشلانغانىدى. يەككە ئوقۇتۇشقا قارىغاندا سىنىپتا ئوقۇتۇشنىڭ كۆپ ئارتۇقچىلىقىلىرى بار: ئۇ ئايرىم ئوقۇتۇشنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇشقا ئۆزگەرتىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، دەرس مەشغۇلاتى، ئوقۇش يىل مۇددىتى قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق تۈزۈم ئورنىتىپ ئوقۇشنى تېخىمۇ تەشكىللىك، پىلانلىق پائالىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ، بىر ۋاقىتتا بىر ئوقۇغۇچى 50- 60 ئوقۇغۇچىغا، ئوخشاش مەزمۇندا، پىلانلىق، سستېمىلىق دەرس ئۆتەلەيدۇ. ئۆگنىشتە ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىر- بىرىدىن ئۆگىنىش، ئۈلگە ئېلىش، بىر- بىرىدىن ئىلھاملىنىشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلۇپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھەرقايسى پەنلەر ئەقىلگە مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغانلىقتىن، ھەربىر دەرسكە ئاجرىتىلغان ۋاقىت جەدۋەل بويىچە كۆرسىتىلىدۇ. دەرس ئارىلىقىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارام ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرىلغانلىقى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. دېمەك سىنىپنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇش شەكلىنىڭ مەيدانغا كېلىشى مائارىپ تەرەققىيات تارىخىدىكى زور ئىلگىرىلەشتۇر.
19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىملىرىدا ياۋروپادىكى جاھانگىلار مۇستەملىكە تالىشىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىقنى كېڭەيتمەكتە ئىدى. جۇڭگو فېئوداللىق يېرىم مۇستەمكلىكە ھالەتتە بولۇپ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش بىخ ھالىتىدە تۇراتتى. شىنجاڭدا بولسا بىر قەدەر تۇراقلىق ۋەزىيەت بەرپا قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ يېپەكچىلىك ۋى يېپەك توقۇمچىلىق مەھسۇلاتىنى ئاساس قىلغان يەرلىك سانائەت ئۆسمەكتە ئىدى. كانچىلىق ۋە قۇيمىچىلىقتا ماشىنا بىلەن ئىشلەپچىقىرىش يولغا قويۇلغان، بىرقانچە زور تىپتىكى سۇ ئىنشائاتى مەيدانغا كەلگەن. مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتنىڭ تەسىرى بىلەن قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەر- تاشكەنىت، ئەنجان، ئالمۇتا، قازان قاتارلىق جايلارغا، تۈركىيە، ئەرەبىستان، ئىران، ھىندىستان، كەشمىرلەرگە، ھەتتا غەربىي ياۋروپا شەھەرلىرىگە بېرىپ- كېلىپ سودا قىلاتتى. قەشقەرنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش رايونى ئېكساق يېزىسىدىن باۋۇدۇن مۇساباي قاتارلىق چوڭ سودىگەرلەر سودا ئىشلىرى بىلەن رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى تەرەققىياتلارنى كۆردى. ئۇ يەرلەردىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. باۋۇدۇن مۇساباي بارغانلا يېرىدە يېڭىچە مەكتەپلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن چەتئەل بىلەن سودىسى راۋاجلاندى، يەنە بىر تەرەپتىن ماناپاكتۇر ئۇسۇلىدىكى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىن بولغان پايدىسى كۆپىيىپ، ئىقتىسادىي يۈكسەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ جايلاردىكى كارخانا ۋە سودا دۇكانلىرىنى باشقۇرۇشقا يېتىشەلمەي قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياللاپ ئىشلەتكەن كىشىلەر ساۋاتسىز بولۇپ، تەلەپنى ئورۇنلىيالمايتتى. مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ قىستىشى ۋە ئۇ بارغان جايلاردىكى تەرەققىياتنىڭ تەسىرى بىلەن خەلقنى ساۋاتلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈشتەك بىر ئارزۇ ئۇنىڭدا شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بىرقىسىم بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ھېسابچى (بوغالتىر)، ئامبارچى، ئىش باشقۇرغۇچى قاتارلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشقا كىرىشتى. ئوقۇتقۇچى مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1885- يىللىرى ئېكساقلىق كېرىم خەلپىتىمنى ئورنىبورگ دارىلمۇئەللىمىنگە ئۈچ يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتتى. كېرىم خەلپىتىم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن 1888- يىلى ئېكساق يېزىسىدا يېڭىچە بىر مەكتەپ ئاچتى. بۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرى يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ باردى. كېرىم خەلپىتىم قوشۇمچە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. مەكتەپ ئۈچ سىنىپلىق بولۇپ، ئوقۇغۇچسى 115 نەپەر ئىدى. تىل- ئەدەبىيات، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە، روس تىلى، تەنتەربىيە، تەبىئەت، ئەرەب تىلى، دىن دەرس قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىندى. تەلىم- تەربىيە ئۈنۈمى كىشىلەرنى تېزلا جەلىپ قىلىۋالدى. قوشنا يېزىلاردىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. قوشنا يېزىلاردىن، ھەتتا قەشقەر شەھرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بارا- بارا كۆپىيىپ 270 كە، سىنىپ سانى 8 گە كۆپەيدى. ساۋاتلىق ئادەملەر كۆپەيدى. ئىلگىرى 3- 4 يىل ئىچىدىمۇ ساۋاتى چىقمغان بالىلارنىڭ بىرەر يىلىدىلا ساۋاتى چىققانلىقىنى كۆرگەن ئاتا ئانىلار تازا خوشال بولۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەستىن كېرىم خەلپىتىم ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشىنى ئىدرىس ھاجىم ۋە ئەرەبىستاندا ئوقۇپ كەلگەن ئابابەكرى ئەپەندىلەر داۋاملاشتۇردى. گەرچە بۇ مەكتەپ ئەنە شۇنداق مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، تەلەپنى دېگۈدەك قاندۇرالمىدى. چۈنكى، بۇ يەنىلا باشلانغۇچ سەۋيىسىدىكى مەكتەپ ئىدى.
شۇ چاغلاردا قەشقەر شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتپەرۋر كىشىلەر ۋە بىرقىسىم سودىگەرلەر ئارىسىدا يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ئېچىش پىكىرلىرى ئۇلغىيىپ بېرىۋاتاتتى. بۇخىل ئىلغار جامائەت پىكىرنىڭ تۈرتكىسىدە، 1913- يىلى قەشقەر شەھەر جانان كوچىسىدىكى يۈسۈپ ئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ ھويلىسىدا بىر سىنىپ پەننىي مەكتەپ ئېچىلدى. ئانا تىلى، ھېساب، ئەخلاق دەرسلىرى ئوقۇتۇلدى. قەشقەردىن 40 نەچچە كىلومېتر يىراقلىقتىكى تاشمىلىق بازىرىدىمۇ يېڭىچە بىر پەننىي مەكتەپ ئېچىلىپ، خەلقىنى تېزدىن ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى. بىراق قەشقەردىكى دىنى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر، يەرلىك فېئوداللار بۇخىل يېڭىچە مەكتەپلەرگە دەرھال قارشى چىقتى. ئۇلار ھەرخىل تۆھمەت، پىتنە- پاساتلارنى ياغدۇرۇشتى. ھاكىميەت ئۈستىدىكى ياۋۇز كۈچلەرگە تايىنىپ، ھەرخىل زوراۋانلىقلارنى ئىشلەتتى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇ مەكتەپ تاقالدى. ئوقۇتقۇچىلىرى تارقاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋال ئاستىدا، بىرقىسىم ئىلغار كىشىلەر، قەشقەردىكى ئەكسىيەتچى زوراۋان كۈچلەرنىڭ كۆزدىن يىراقراق بولغان، قەشقەر شەھرىدىن 20 كىلومېتىردەك يىراقلىقتىكى ئۈستۈن ئاتۇش ئېكساق يېزىسىدىكى مەكتەپنى زورايتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيتىگە كېلىشتى.
باۋۇدۇن مۇساباي ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى (سىنىپى) ئېچىشقا تەييارلىق كۆردى. مەكتەپ بىناسى، دەرسخانا، ياتاقخانا، تاماقخانا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، 1914- يىلى ئېكساق يېزىسىدا باشلانغۇچ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئاچتى (بۇ چاغدا ئۈستۈن ئاتۇش قەشقەر كونىشەھەرگە قاراشلىق رايون ئىدى. 1940- يىلى ئاتۇش يېرىم ناھىيە بولغاندىن باشلاپ ئاتۇش ناھىيسىگە قارايدىغان بولدى). تۈركىيىدە ئوقۇغان ھېبىب ئوغلى ئەھمەد كامالنى مۇدىرلىققا بېكىتتى. دارىلمۇئەللىمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماق، ياتاق راسخوتلىرى، مەمۇرىي خىراجەتلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى باۋۇدۇن مۇسا باي تەرىپىدىن بېرىلدى. تىل- ئەدەبىيات، ھېساب، روس تىلى، تەبىئەت، دىن دەرس، تەنتەربىيە، رەسىم، غەزەل دەرسلىرى تەسىس قىلىندى. مەكتەپ تەرىپىدىن مىخ مەتبەئەدە مەخسۇس ئېلىپبە كىتاب باستۇرۇلدى. كىتابنىڭ نۇسخىسى (ھازىرغا قەدەر ساقلانغان). تەنتەربىيە دەرسى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن دەرسلەردىن بولۇپ، پۇت توپ، تاققا يامىشىش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، قارىغا ئېتىش، ئاغامچا تارتىش، چېلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلاتتى.
دارىلمۇئەللىمىنگە ئېكساق يېزىسىدىن، ئۈستۈن ئاتۇش، ئاستىن ئاتۇش رايونلىرىدىن، قەشقەر شەھرىدىن، قەشقەرنىڭ ئاۋات، بەشكېرەم، توققۇزاق، قوغان، سەمەن قاتارلىق رايونلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.
دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇددىتى 3 يىل بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قەشقەر شەھرى ۋە ھەرقايسى رايون، يېزىلارغا، ھەتتا، ئاقسۇ، تۇرپان، پىچانلارغىمۇ ئەۋەتىلىپ، ئۇ جايلارنىڭ يېڭىچە مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ ھازىرلاپ بېرىلدى. ئېكساق يېزىسىدىكى يېڭى مەكتەپنىڭ داڭقى- شۆھرىتى پۈتۈن شىنجاڭغا تارالدى. قەشقەردىكى ئەينى زاماننىڭ ئىلغار مەرىپەتپەرۋەرلىرىدىن ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر بۇ مەكتەپنى ئۆزلىرىنىڭ ۋە پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۈمىد چىرىغى دەپ ھېسابلاپ، بارلىق كۈچى بىلەن قوللاپ ۋە قوغداپ باۋۇدۇن مۇسابايغا ياردەملەشتى. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا پايدىلىق ئىلمىي مەسلىھەتلەرنى بېرىپ تۇردى. شۇنىڭدەك بەزى ئىقتىساتلىق كىشىلەرمۇ پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر، قەلەملىرنى تەمىنلەشكە ياردەملەشتى ۋە مەكتەپنىڭ يىللىق ئىمتىھان، خۇلاسە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگنىشكە چوڭ- چوڭ سورۇنلاردا پەننىي مەكتەپنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە تەشۋىق تەرغىباتلار ئېلىپ باردى. بۇ خىل ئىلغار يۈزلىنىش ئەزەلدىن تەرەققىياتقا، يېڭىلىققا چىش- تىرنىغىدىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان مۇتئەسسىپ، قارا كۈچلەرنىڭ تازا ئاچچقىنى كەلتۈردى. ئۇلار تۈرلۈك ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل شۇملۇقلارنى قىلىشتى. يەنە كېلىپ، بۇ چاغلاردا مۇساباي بىلەن ئاخۇنبايۇپلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سودىگەر ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن سودا رىقابىتىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىۋاتاتتى. بۇ ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت بېرىپ- بېرىپ جامائەت سورۇنلىرىغىمۇ سىڭىپ كىردى. بىر قېتىم دارىلمۇئەللىمىننىڭ يىللىق ئىمتىھان مەزگىلىدە، قەشقەر مۆتىۋەرلىرى (ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە يېڭىلىق تەرەپدارلىرىمۇ بار ئىدى) قاتناشتۇرلغان نۇرغۇن كىشىلىك يىغىلىش بولدى، ئالدىن تەربىيلەنگەن بىر قانچە ئوقۇغۇچى جامائەت ئالدىدا مۇنداق دېكلىماتسىيە ئوقۇدى: «قاچانغىچە غەپلەتتە ياتىسەن، ۋەتەن، خەلق، مىللەت بىلەن كارىڭ بولماي! ھايۋانغا ئوخشاش قوساق بېقىش بىلەن دۇنيادىن ئۆتەمسەن؟! تاڭلا مەھشەردە خۇدانىڭ ئالدىدا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن؟! مۇشۇ ھالەتتە كېتىۋەرسەڭ، يىلاندەك يەردە سۆرۈلۈپ، ئۆمۈر بويى خارلىقتىن قۇتۇلالمايسەن!» بۇ دېكلىماتسىيە كونىلىقنى ياقىلاش تەرەپدارلىرىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى.
شۇنىڭ بىلەن زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئاخىرى قەشقەردىكى مۇتئەسسىپلەر قەشقەر دوتىيى ماجاۋۋۇغا باۋۇدۇن باي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «باۋۇدۇن مۇساباي ھەددىدىن ئېشىپ، سىزنى ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇ، جانابىڭىزدىن رۇخسەت ئالماستىن بىزنىڭ ئەنئەنىمىزنى بۇزۇپ، يېڭى مەكتەپ ئاچتى. جانابىڭىزنىڭ ئالىي مەنسىپىڭىزگە ۋە بىزنىڭ ئۇلۇغ دىنىمىزغا نىسبەتەن خەتەرلىك يېرى شۇكى، ئوقۇغۇچىلارنى چېرىكلەرگە ئوخشاش قاتار قىلىپ مەشق ئويناتتى. ئەنئەنىمىز بويىچە دەرس ئۆتمەستىن، بالىلىرىمىزنى يولدىن ئازدۇرغان غەلىتە دەرسلەرنى (تەبىئەت، جۇغراپىيىگە ئوخشاش دەرسلەرنى دېمەكچى) ئوقۇتتى. دەرھال ئاگاھ بولۇپ، توسمايدىغان بولسىڭىز، زات ئالىيىڭىزنىڭ تەختى- بەختىگە زور تالاپەت يېتىدۇ) دېگەن مەزمۇندا ئەرزنامە يوللىدى. ئەرزنامە ماجاۋۋۇنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئۇ دەرھال يامۇلنىڭ دەرۋازىسىغا «باۋۇدۇن مۇساباي دەرھال تۈرمىگە ئېلىنسۇن» دەپ پەيزە ئاسقۇزدى.
باۋۇدۇن مۇساباي بىر قانچە كۈن يامۇلدا نەزەربەنت ئاستىدا تۇرغۇزۇلدى. كېيىن ماجاۋۋۇ ئۇنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ سوراق قىلدى. سوراق قىلىنغۇچى جاھان كۆرگەن، كۆپ ئىشلاردىن خەۋەردار ئادەم بولغاچقا سوراق ئۈستىدە ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ماجاۋۋۇنى قايىل قىلدى. ماجاۋۋۇنىڭ ئەندىشىسى خېلىلا پەسەيدى. باۋۇدۇن مۇساباي ئامبالنىڭ كەيپىياتىدىكى پەسىيىشنى بايقاپ، ئىلگىرى ئامبال بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىدە مەكتەپ ئېچىش تەلىپىنى قويغانلىقىنى، لېكىن ئامبالنىڭ ئەھمىيەتسىز قاراپ قۇلاق سالمىغانلىقىنى دېۋالدى. ئەمدىلىكتە ماجاۋۋۇنىڭ باۋۇدۇن مۇساباينى «چەتتىن رۇخسەتسىز ئوقۇتقۇچى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئەيىپلىشىگىمۇ ئورۇن قالمىغان ئىدى. چۈنكى مەملىكەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ: «ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسەتسىز مەكتەپ ئاچماسلىق» توغرىسىدىكى بۇيرۇققا ئاساسەن سىرىتتىن ئېلىپ كېلىنگەن ئەھمەد كامال قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇلغانىدى. باۋۇدۇن مۇساباينىڭ يوللۇق گەپلىرى ۋە رېئاللىق ماجاۋۋۇنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. باۋۇدۇن مۇساباي دەل شۇ پۇرسەتتە يەنە ماجاۋۋۇغا مەكتەپ ئېچىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، جايلاردىكى كارخانا، سودا ئورۇنلىرىنىڭ ساۋاتلىق كىشىلەرگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. ماجاۋۋۇ ماقۇللۇققا كېلىپ، خەنزۇچە مەكتەپ ئېچىش تەلىپىنى قويدى، باۋۇدۇن مۇساباي بۇ تەلەپنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، قەشقەر شەھىرىدە شۇنداق بىر مەكتەپنى ئېچىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى قەشقەر شەھرى ياۋاغ گور مەھەللىسىدىكى «دۇمباخانا» دەپ ئاتالغان دۆڭلۈكتە بىر سىنىپلىق «دى يى شۆ تاڭ» (第一学堂) ئېكساق يېزىلىرىدا، «دى ئېر شۆ تاڭ» (第二学堂) دېگەن مەكتەپلەر ئېچىلدى. ماجاۋۋۇ ئوغلىنىڭ مائاشىنى 25 سەر كۈمۈشكە توختىتىپ، ئېكساقتىكى مەكتەپكە مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ 25 سەر كۈمۈش باۋۇدۇن مۇساباي تەرىپىدىن بېرىلدى. بۇ ئىككى مەكتەپتە سىياسەت، تىل، ھېساب، روس تىلى، گىمناستىكىدىن ئىبارەت 5 خىل دەرس تەسىس قىلىندى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەكتەپلەرنىڭ دەرس مەزمۇنى ۋە دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كونا مەكتەپلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ئىلغار ئىدى. بۇنى پەن- مەدەنىيەتكە قاراپ بېسىلغان يېڭى قەدەم دېيىشكە بولاتتى. لېكىن بۇ مەكتەپلەرگىمۇ قارشىلىق بولماي تۇرمىدى، مەنمەنلىك، ئۆزئارا كۆرەلمەسلىك، جەڭگى- جېدەل، مۇتئەسسىپلىك، يېڭىلىقتىن قورقۇش، نەپسانىيەتچىلىك، يولىدا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان بىرقىسىم يەرلىك مۆتىۋەرلەر خىلمۇخىل يوللار بىلەن توسقۇنلۇق، قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى. مەكتەپ ئۈستىدىن ماجاۋۋۇغا ھەرخىل شىكايەتلەرنى قىلىشتى. «غەپلەتتە، ئۇيقۇدا ياتقان ئادەملەرنى باشقۇرۇش قىيىن. غەپلەتتىكى كىشىلەرنى ئويغىتىپ نېمە قىلىمەن» دېگەن خىيالدا بولۇپ كەلگەن ماجاۋۋۇ بۇ پىتنە- پاسات، شىكايەتلەرگە ئىشەندى. مەكتەپنى قوللىمايدىغان بولىۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تولۇق ئوقۇش ئىختىيارلىقى بولمىغاچقا، مەكتەپكە كەلسە كېلىپ، كەلمىسە كەلمەيتتى. مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئىككى مەكتەپ تېزلا تارقىلىپ كەتتى. كېيىن تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشلامچىلىقدا، ئېكساق يېزىسىدا بالىلار ئۈچۈن 6 سىنپلىق بىر مەكتەپ تەشكىل قىلىندى. بۇ مەكتەپنىڭ بىرقىسىم چىقىملىرىنى باۋۇدۇن مۇساباي ئۆز ئۈستىگە ئالدى. كۆپ قىسىم چىقىمى يېزا خەلقنىڭ ئۆشرە- زاكاتلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىندى. بۇ مەكتەپ پەننى ئاساس قىلاتتى. تۇرسۇن ئەپەندىم مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، روشىدى سىنىپقا (ئەڭ يۇقىرى سىنىپقا) دەرسكە كىرەتتى ۋە ھەرقايسى يىللىق سىنىپلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. بۇ مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلىرى- ئەنۋەر ئەپەندى، ئابدۇغوپۇر ئەپەندى، پەخىردىن ئەپەندى قاتارلىقلار ئىدى. تۇرسۇن ئەپەندى بىرقانچە يىللىق ئوقۇتۇش تەجىربىسىگە ئىگە مەلىكىلىك مائارىپچى ئىدى. ئۇ ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئىملا، ئىنشا، ھېساب، دىنى دەرس، جۇغراپىيە، تەبىئەت، تارىخ قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى. ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇ، بەزىدە تەبىئىي پەنلەرنىڭ دەرس سائىتىنى كۆپەيتتى، بەزىدە ئازايىتتى. ئۇ، ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تولىمۇ تەلەپچان، كۆيۈمچان ئۇستازى ئىدى. ئۆگنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قارايىتتى. ئۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل تەرەپلىرىدىن چىۋەرلىك بىلەن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىناق بىر كوللىكتىپقا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشاتتى. بۇ يەردە مۇنداق بىرمىسالنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ: بىركۈنى روشىدى سىنىپنىڭ ئۆگىنىش، ئەخلاقتا ياخشى بىر ئوقۇغۇچىسى كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى. ساۋاقداشلار مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر غەمناك بولۇشتى ۋە بىر كۈنلۈك دەرس توختىتىلدى… تۇرسۇن ئەپەندىم ئەتىسى دەرسكە كىرىپ، دوسكا ئالدىغا كېلىشىگە ھېلىقى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىسى ئېسىگە كەلدى- دە، ئۆزىنى توختىتىپ ئالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۇستازىنىڭ ئۆز شاگىرتىغا شۇنچىلىك ئامراقلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلىنىشتى. ھەممەيلەن يىغلىۋەتتى.
تۇرسۇن ئەپەندىم ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى. باشلانغۇچ سىنىپلاردا سوئال- جاۋاب ئۇسۇلىنى، يۇقىرى سىنىپلاردا بايان قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش ئۇسۇلىنى كۆپرەك قوللىناتتى. ھەقىقەتەن ئۇ پىشقان، ئىناۋەتلىك پىداگوك ئىدى. ئۇ، خېلى جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئۇسسۇل تەدرس» (ئوقۇتۇش ئۇسۇلى) دېگەن ماتېرىيالنى يېزىپ چىققانىدى. بىراق ھايات ۋاقتىدا ئۇنى نەشىر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. مەكتەپتىكى ئالتە- يەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن شاگىرتلىرى ئىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلار تۇرسۇن ئەپەندىمنى تولىمۇ ھۆرمەت قىلاتتى. تۇرسۇن ئەپەندىم ئۆز شاگىرىتلىرىغا بەكمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتى. دەرسكە كېچىكىشكە، دەرس قالدۇرۇشقا يول قويمايتتى. ئەگەر پەۋقۇلئاددە ئىش سەۋەبىدىن رۇخسەت سوراشقا توغرا كەلسە، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالدىن مەسلىھەتلىشىپ دەرسنىڭ قېلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلاتتى. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت ساۋاتىنى چىقىرىش چىڭ تۇتۇلۇپلا قالماي، خەتنى چىرايلىق ۋە توغرا يېزىشنى ئۆگىنىشمۇ چىڭ تۇتۇلاتتى. تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ ئۆزىمۇ يېتىشكەن خەتتات ئىدى. ئۇنىڭ خەت نۇسخىلىرى شاگىرىتلىرىنىڭ قولىدىن قولغا كۆچۈرۈلۈپ ئۆتۈپ، مۇشۇ كۈنلەرگىچە ساقلىنىپ كەلدى.
مەكتەپ ئەخلاقىي تەلىم- تەربىيىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارايتتى. مەكتەپ ئىچىدە چوڭ ئاۋاز بىلەن توۋلاپ ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىشقا يول قويۇلمايتتى. ئۇرۇش، تىللاشلار قاتتىق چەكلىنەتتى. بولۇپمۇ بىر- بىرىنى يامان، قوپال تىللار بىلەن تىللاش تولىمۇ ئەيىپ سانىلاتتى. بۇ مەكتەپتە غەيرەتلىك بولۇش، ئىلىم ۋە بىلىم ئەھلىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ھۆرمەتلەش، ۋەتەن ۋە خەلقنى سۆيۈش، راست سۆزلەش، دوستلىرىغا كۆيۈنۈش تەكىتلىنەتتى. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنى قاتار تىزىپ تەنتەربىيە ئوينىتىلمايتتى. تەنتەربىيە دەرسى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلاتتى. بولۇپمۇ پۇتبول ئويناشقا ئالاھىدە ئېتبار بىلەن قارىلىدىغان بولۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم، چۈشتىن كېيىن توپ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ مۇسابىقىغە يەرلىك دېھقانلارمۇ قاتناشتۇرۇلاتتى. 1927- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ توپچىلىرى قەشقەردىكى ئىنگىلىز، شىۋىت كونسۇل خادىملىرى بىلەن پۇتپول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ، 0گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن شىۋىت كونسۇل خادىملىرىنى، 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئىنگىلىز كونسۇل خادىملىرىنى يېڭىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈپ، قەشقەر خەلقىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانىدى.
ئېكساققا پۇتبول 1870- يىللاردا تۈركىيىدىن كىرگەن بولسىمۇ، ئاساسەن 1890- يىلىلارغا بارغاندا ئاندىن ئومۇملىشىپ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. بۇلار دەسلەپتە پۇتبولنى 4 كىشىدىن، 5 كىشىدىن،7 كىشىدىن ئوينىغان بولسا 1927-يىلىغا بارغاندا ھازىرقىدەك 11 دىن كىشى بولۇپ ئويناشقا تەرەققى قىلغان. ئازاتلىقتىن كېيىن ئېكساق پۇتبول كوماندىسى مەخسۇس دۈي بولۇپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردە ماھارەت كۆرسەتتى. ئېھتىمال بۇ كوماندا شۇ چاغدا تۇنجى دېھقانلار كوماندىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئېكساق يېزىسىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ شۆھرىتى يەنە جاھىل يەرلىك مەمۇرلارنىڭ دىققەت- نەزىرىنى ئۆزىگە تارتتى. ئۇلار ھەرخىل ۋاستىلار بىلەن مەكتەپنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالدى. ئۇستاز تۇرسۇن ئەپەندىم شىڭ شىسەي تەرىپىدىن 2 قېتىم تۈرمىگە ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلدى. ئۇ، ئاپرېل قوزغىلىڭىدىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئېكساق مەكتىپىنىڭ ئىشلىرىنى يورۇتۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەر شەھەر خانلىق مەدرىسىدە ۋە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەنىدى. ئاخىرى 1937- يىلى جاللات شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە پاجىئەلىك قۇربان بولدى.
يۇقىردا بىز قەشقەر شەھرى ۋە قەشقەرگە تەۋە بولغان جايلاردا ھەر قېتىملىق قۇرۇلغان پەننىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمەت، يەرلىك مۇتئەسسىپ كۈچلەر، جاھىل ئىشانلار ۋە قارا خوراپاتچىلارنىڭ توسقۇنلۇقى ۋەقارشىلىققا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بىراق، شۇنداق بولسىمۇ بۇ پەننىي مەكتەپلەر پۈتۈنلەي تاقىلىپ قالمىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇتئەسسىپ كۈچلەرنىڭ بۇخىل مەكتەپلەرنى پۈتۈنلەي تاقىۋېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قەشقەردىكى ئابرويلۇق كىشىلەر، بولۇپمۇ چەتئەللەرگە بېرىپ- كېلىپ تۇردىغان چوڭ سودىگەرلەر ئۆزلىرىنىڭ سودا ئىشلىرى ۋە دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بۇ خىل يېڭىچە مەكتەپلەرنى ھەرھالدا ئېچىپ تۇردى. مەسلەن، 1921-يىلى ئابدۇرېھىم بايۋەچچە ھازىرقى ۋىلايەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ ئورنىدا 6 سىنىپلىق بىر مەكتەپ ئاچتى. مەكتەپتە دىن دەرسى، تىل- ئەدەبىيات، ھېساب، جۇغراپىيە قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇتۇلدى. 1930-يىلى ئابدۇللا ئاخۇن بايۋەچچە سودىگەرچىلىك بىلەن تۈركىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە «ئەھمەد پەرىد ئابباس» دېگەن كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالدى. قايتىشىدا ئابدۇللا ئاخۇن ئەھمەد پەرىدىن ئابباسنى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ، قەشقەر شەھرىنىڭ ھازىرقى ياۋاغ 6- باشلانغۇچ مەكتىپى ئورنىدا بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئاچتى. ئەھمەد پەرىد مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا قويۇلۇپ، دىن دەرس، ھېساب ( 4ئەمەل ۋە ئاددى كەسىردىن ئونلۇق كەسىرگىچە) جۇغراپىيە، ئىنشا دەرسلىرى ئۆتۈلدى. بۇ مەكتەپلەرمۇ توسقۇنلۇق، قارشىلىققا ئۇچراپ، داۋاملىشالماي قالدى.
مەكتەپلەردە مەۋسۇملۇق ۋە يىللىق ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى قەشقەردە ئاساسەن 1910- يىللىرىدىن باشلاپ، شۇ چاغدىكى شۆھرەتلىك ئوقۇتقۇچى قاسىم ھاجى خەلپىتىم ۋە ئۇنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىققان شاگىرىتلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان.
قاسىم ھاجى خەلپىتىم ئاۋۋال نەزەر باغدا، كېيىن غوجىچوڭنىڭ قۇملۇقىدا مەكتەپ ئېچىپ، قەشقەردە شۆھرەت قازاندى. ئۇ قۇرۇپ چىققان ۋە باشقۇرغان مەكتەپنى جامائەت «قاسىم ھاجىمنىڭ مەكتىپى» دەپ ئاتىشاتتى. قاسىم ھاجىم ئىمتاھاننىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولىنى چوڭ بىلىدىغان كىشى ئىدى. ئۇ، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىدىن قاتتىق قوللۇقلۇق بىلەن ئىمتىھان ئالاتتى. ئىمتىھاندىن ئەلا ئۆتكەنلەرنى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوياتتى. قاسىم ھاجىمدا ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان بۇ ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئېمتىھاننى چىڭ ئېلىشاتتى. قاسىم ھاجىمنىڭ ئېمتىھاننى ئاشۇنداق چىڭ ئېلىشى بىلەن، ئۇ باشقۇرغان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. باشقا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىڭ مەكتىپىگە كېلىۋېلىشتى. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىراقلا 200 دىن ئېشىپ كەتكەن ئېدى. قاسىم ھاجىمنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر كېيىنچە شەھەردىكى ۋە شەھەر ئەتىراپى- قوغان، سەمەن، بەشكېرەم، ئاۋات، توققۇزاق، خانئېرىق، تازغۇن، ياپچان قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ قالدى. قاسىم ھاجىم ۋاقىت چىقىرىپ، يۇقارقى جايلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇردى. ئۇ تەكشۈرۈش داۋامىدا، خەلقنىڭ ساۋاتلىق كىشىلەرگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ خىل ساۋاتلىق كىشىلەرنىڭ ئۇ يەرلەردە يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى. ھەقىقەتەن ئۇ چاغدا يىراقتىكى تۇغقانلىرىغا خەت يازماقچى بولغان كىشى خەت يازالايدىغان كىشىنى ئىزدەپ يۇرتمۇ- يۇرت كېزەتتى. قاسىم ھاجىم خەلقنىڭ بۇ خىل قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشقا جىددىي كىرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندى. شاگىرتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، دىنىي دەرسلىكلەردىكى ئاسان جۈملىلەرنى تاللاپ، نۇسخا يېزىپ چىقىپ مەكتەپلەرگە تارقاتتى، كېيىن ئۆزى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردىن خەت ئوقۇتۇپ ۋە يازدۇرۇپ ئېمتىھان ئالدى. شۇنىڭ بىلەن تېز ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت ساۋادى چىقتى، بۇ ھال ساۋادسىزلىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان خەلقنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى.
قاسىم ھاجىم باشقۇرغان بۇ مەكتەپلەر شۇ مەزگىللەردە، شۇنچىلىك مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتۇشنىڭ مەزمۇنى، ئۇسۇلى، تەشكىلىي شەكلى قاتارلىقلار جەھەتتىن يەنىلا كونىچە ئىدى. دەرسلىكلەردە پۈتۈنلەي دىنىي دەرسلىكلەر ئاساس قىلىناتتى. ئوقۇغۇچىلار تاقتاقۋان، (تاختىغا يېزىپ بەرگەن دەرسنى ئوقۇيدىغانلار) ھەپتىيەك خېۋان، سوپى ئاللا يار خېۋان، ناۋايى خېۋانغا ئوخشاش گورۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولسىمۇ، ئاشۇ گورۇپپىلار ئىچىدىكى ھەر قايسى گورۇپپىلارنىڭ دەرسى بىر خىل ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ مەكتەپلەرنى يېڭىچە مەكتەپ دىگىلى بولمايتتى. پەقەت ساۋات چىقىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر، دەرسنى ئىجتىھات بىلەن ئوقۇش ۋە تەكرارلاشنىڭ چىڭ تۇتۇلۇشى، ئۆگىنىشتە مۇسابىقە خاراكتېرلىك چارىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى… دىيىشكە بولاتتى. بۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر مائارىپىغا نىسبەتەن بىر خىل ئىلگىرلەش يېڭىلىقى ئىدى.

ئاپرېل قوزغىلىڭىدىن كېيىنكى قەشقەر مائارىپى

1932- يىلى قۇمۇلدا جىڭ شۇرېن ھاكىميىتىگە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئاز ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيدى. ئۇزاق يىل سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتكى قاتمۇ- قات ئېكىسپىلاتاتسىيىنىڭ، مەدەنىيەت جەھەتتكى نادانلىق، جاھالەتنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان قەشقەر خەلقى بۇ قوزغىلاڭدىن زور ئۈمىد كۈتكەن ئىدى.
1933 – يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۇيغۇر، قىرغىز قوزغىلاڭچىلىرى قەشقەر شەھرىنى ئىشغال قىلدى. بىراق قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا مۇستەھكەم بىرلىك يوق ئىدى. قوزغىلاڭچىلار بىرنەچچە گورۇھقا بۆلۈندى. قوزغىلاڭغا باشلامچىلىق قىلغۇچىلار ئىچىدە ئورۇن، مەنسەپ، بايلىق تالىشىش جاڭجاللىرى كۈچىيىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال خەلىققە يەنە بىر بىلىم بەردى؛ خەلق ئىلغار ئىدىيە ۋە ئىلىم- پەن بىلەن قوراللانماي تۇرۇپ، زۇلۇمدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىرلىككە، ھۆرلۈككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر خەلقىنىڭ ئىلىم- مەرىپەتكە بولغان قىزغىنلىقى گويا توسۇلۇپ قالغان چوڭ سۇ دولقۇنى توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەلكۈن ياساپ ئاققاندەك ئېقىشقا باشلىدى. قەشقەردە خېلى بۇرۇندىن ئېلىم- مەرىپەت بىلەن خەلقنى نادانلىق ۋە جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزلىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇكېرەمخان مەخسۇم، ئېبراھىم ئاخۇن بايۋەچچە، ئەمەت پاختا، ئابلا قاسساپ، ساۋۇت ھاجىم، سەرراپ قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن 8 كىشىدىن ئىبارەت مائارىپ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى قۇردى. ئۇلارنىڭ خىزمەت بېجىرىش ئورنى دەسلەپ، نور بېشى مەكتەپتە، ئاندىن ھازىرقى بۆشۈك بازىرىدىكى گوداڭ كوچا ئاغزىغا جايلاشقان پىششىق خىش سارىيىدا ، ئۇنىڭدىن كېيىن رەستىدىكى «چايخانا» دەپ ئاتالغان قورۇنىڭ ئىچىدە بولدى. ھەيئەت قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەزرىتى سۇلتان، ئاپپاق غوجا، ھەزرىتى موللام، ئارسلانخان، يۈسۈپ قادىرخان مازارلىرىنىڭ كۆللەرنىڭ ۋەخپە يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالدى ھەمدە شەھەردىكى بىرقىسىم مەرىپەتپەرۋەر بايلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئىئانە يىغدى.
1933- يىل 6- ئايدا قەشقەر شەھىرى نور بېشىدىكى كونا بۇتخانا چېقىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا 20 سىنىپلىق بىر مەكتەپ سېلىندى (ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ). دەسلىپىدە مەكتەپتە 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، ياش ۋە بىلىم ئىقتىدارلىرىغا ئاساسەن سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئۇ چاغدا، سىنىپلار باشلانغۇچ ۋە روشىدى سىنىپلارغا، باشلانغۇچ سىنىپلار يەنە تەھزىر سىنىپ (تەييارلىق سىنىپ) ئادەتتىكى سىنىپلارغا بۆلۈنەتتى. روشىدى سىنىپ ئوقۇغۇچلىرى ئالاھىدە ئىمتىھان بىلەن تاللاپ ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى كونا مەكتەپ، مەدرىسلەردە تەلىم ئالغان ۋە مەلۇم بىلىم سەۋيىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئىدى. باشلانغۇچ سىنىپلاردا ئانا تىلى، ھېساب، دىن دەرس، غەزەل، تەنتەربىيە، يۇرت بەلگىسى دەرسلىرى، روشىدى سىنىپلاردا ئانا تىلى، ماتېماتىكا، فىزىكا، تەبىئەت، جۇغراپىيە، تارىخ، ئەرەب تىلى، (دۇرۇس شىپاھىيە) تەنتەربىيە، غەزەل، پەن تەربىيىسى قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنىپ ئوقۇتۇلدى. مەكتەپكە دەسلەپ قەشقەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ئابدۇكېرىمخان مەخسۇس مۇدىر، ئوبۇل ھەسەن ھاجىم مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى. يۈسۈپ زىيا، تۇرغۇنجان، خېلىل ئەپەندى، ئەخمەت ئەپەندى، سۇلايمان ئەپەندى، پەخىردىن توختى، ئابدۇغوپۇر ھەسەن قاتارلىقلار مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرقىسىمى قەشقەرنىڭ ئۆزىدە تەربىيلىنىپ يېتىشكەن، بەزىلىرى ئاتۇش ئېكساق يېزىسىدا ئوقۇپ، كېيىنچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، يەنە بەزىلىرى چەتئەللەردە ئوقۇپ كەلگەنلەر ئىدى.
مەكتەپ 1933- يىلى قەشقەردە يۈزبەرگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار سەۋەبىدىن قاتتىق توسالغۇغا دۇچ كەلدى. شۇيىلى 8- ئايدا قەشقەرنىڭ ھەربىي قوماندانى تۆمۈر سىجاڭ ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، كاللىسى قەشقەر يارباغ دەرۋازىسىغا ئېسىلىپ بىرنەچچە كۈن سازايى قىلىندى. 1934-يىل 2- ئاينىڭ 16- كۈنى مافۇڭيەن 6 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىلەرنى قىرغىن قىلدى. نەتىجىدە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىر مەزگىل توختاپ قالدى. كېيىن ۋەزىيەت تىنچلانغاندا ئوقۇتۇش يەنە داۋاملاشتۇرۇلدى.
بۇ مەكتەپتىكى يېڭىچە تەلىم- تەربىيە ھەقىقەتەن شۇ مەزگىلدە جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئىلىم- مەرىپەتكە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەر مەكتەپ بىلەن پەخىرلىنەتتى. ئوقۇغۇچىلار قاتار تىزىلىشىپ كوچىلاردا مەشكە دەسسەپ مېڭىشسا كىشىلەر تەسىرلىنىپ، ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى. ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنى قويۇپ، ئۆگزىلەرگە ياكى ئىشىك ئالدىلىرىغا چىقىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتى. بەزى كىشىلەر بۇخىل مەدەنىي ھاياتنىڭ باشلىنىشىدىن تەسىرلىنپ، كۆزلەردىن ئىسسىق ياشلىرىنى ئېقىتىشاتتى.

ئويغىنىڭ ئەھلى ۋەتەن بىزمۇ شادان بولىنىڭ،
ئىلمۇ- ئىرپان يولى ئۈچۈن ئەمدى قۇربان بولىنىڭ.
…………………………………..
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قلۇر باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن يۈزمىڭ گەز تۆۋەن، ئويلا.
ئۈممەتلەر.
…………………………………..
بۇخىل مەكتەپ ناخشىلىرى ئاشۇ مەزگىللەردە خەلق ئىچىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىدى.

ھەقىقەتەن شۇ چاغدا، مەكتەپ تەلىم تەربىيىسىنىڭ ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىلىشى، جەمئىيەت ۋە ئائىلىنىڭ روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ئىدى. ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا ئوقۇغۇچىلار ساۋات چىقىرلايتتى. بەلگىلىك پەننىي بىلىملەرنى ئىگەللىۋالالايتتى. مەكتەپتە خەتنى چىرايلىق، توغرا يېزىشقا كۈچلۈك تەلەپ قويۇلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېتى توغرا ۋە سەنئەتلىك ئىدى. شۇ مەزگىللەردە ئومۇملاشقان، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشكەن خەت شەكىللىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
مەكتەپتە ئەدەپ- ئەخلاق تەربىيىسگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلەتتى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئۆزىدىن چوڭ كىشىلەرنى ھۈرمەتلەش، كىچىكلىرىنى ئىززەتلەش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، غەيرەتلىك، ئۈمىدۋار بولۇش، راست سۆزلەش، نۇمۇسچان، ھايالىق بولۇش، دوستلارغا سادىق بولۇش، ئاجىزلارغا، يوقسۇللارغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلار ئەدەپ- ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچراتقاندا، ھەربىيچە سالام بېرەتتى. چوڭ ياشلىق كىشىلەرنى ئۇچراتقاندا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام- سائەت قىلىشاتتى. كىيىملىرىنى رەتلىك كىيىش، بولۇپمۇ يۈرۈش- تۇرۇشتا قائىدىلىك، چەبدەس، چاققان بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزلىرىگە جەلىپ قىلىشاتتى.
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتقى قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سۆز قىلغاندا، راۋۇرۇس تۇرۇپ، تىلىنى چاينىماي، ئىخچام، مەزمۇنلۇق، توغرا تەلەپپۇز بىلەن سۆزلەش تەلەپ قىلىناتتى. مەكتەپتە ھەر ھەپتىدە بىرقېتىم نوتۇق سۆزلەش، دېكلىماتسىيە ئېيتىشىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلاتتى.

مەكتەپ بالىسىمەن،
يۇرتنىڭ ئىگىسىمەن.
ئىكىمدە زور ئېرور دەپتەر،
يۇرتقا بولىمەن رەھبەر.
مەكتەپ ماڭا جەننەتتۇر،
بۇ توغرا ھەقىقەتتۇر.
ئارسلان كەبىدۇر قەلبىم،
ئوغۇزغا يېتەر ئەسلىم.

مانا بۇ 1- 2- سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېيتىدىغان دېكلىماتسىيىسى ئىدى. يېشى كىچىك، تىلى چۈچۈك بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ دېكلىماتسىيىسىنى ئاڭلىغان چوڭ ياشلىق كىشىلەر زوقلىنىپ كېتىشەتتى. قايتا- قايتا ئېيىتقۇزاتتى. مويسىپىت ئاتا- ئانىلار: «ئىستىقبالىڭلار پارلاق بولسۇن» دەپ دۇئا قىلىشاتتى.
1934- يىلى مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە يېتىپ كېلىش بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كېلىش بىلەن قەشقەر مائارىپى جۈملىدىن نور بېشىدىكى يېڭى مەكتەپ تېخمۇ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولدى.
مەھمۇت مۇھىتى بىر ھەربىي كىشى بولسىمۇ، مائارىپقا قىزغىن كۆڭۈل بۆلەتتى. ھەربىي ئىشلارنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويۇپ، كۆپ ۋاقتىنى مائارىپ، مەكتەپ ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلاتتى. دەسلەپتە ئۇ، دېۋىزىيە شىتابى جايلاشقان گۈلباغ ئىچىدە (بۇرۇن كونا گۈلباغ ناملىق بۇ جاي ئەتراپى سېپىل بىلەن قورشالغان بىر كىچىك شەھەرچە بولۇپ، سىبو دەپ ئاتىلاتتى. كېيىن قوش سېپىل ئېلىپ تاشلانغان. ھازىر بۇ يەرگە قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جايلاشتى.) يېڭىچە بىر پەننىي مەكتەپ ئاچتى. مەكتەپكە شەھەر خەلقىنىڭ ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ 600 دەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە يېشى كىچىك ھەربىيلەر (ئادىيوتانتلار) دىن 60- 70 دەك كىشىمۇ بار ئىدى. ئابدۇرېھىم ھاجىم دىگەن كىشى مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇ كۆپ چاغلاردا ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تەنتەربىيە كوماندىسىنى ئۆزى بېرەتتى. ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلەر نور بېشى مەكتەپنىڭ دەرسلىرىگە ئوخشايىتتى. دەرسلەرنىڭ پىلانلىق، سىستېمىلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىناتتى. ئوقۇغۇچىلار 15 روشىدى ۋە باشلانغۇچ سىنىپلارغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇلارغا قاتتىق ئىنتىزام بىلەن تەلىم- تەربىيە بېرىلەتتى. ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بۇ مەكتەپ بىلەن نور بېشى مەكتەپ ئوتتۇرسىدا قىزغىن مۇسابىقىلەر يولغا قويۇلغان ئىدى.
گۈلباغ ۋە نور بېشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئەتىراپىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردىمۇ مەكتەپ ئېچىش، ئاقارتىش دولقۇنى قوزغىلىپ كەتتى. ئالدى بىلەن يەكەن ناھىيىسىنىڭ شەھەر ئىچى مانجۇ كۆل بېشىدىكى ئىمىن بەگنىڭ ھويلىسىدا بىر مەكتەپ ئېچىلدى. مەكتەپكە «مەتلە ئىل ئىرپان» (ئىلىم تۇغۇلىدىغان ئورۇن، بىلىم بۆشۈكى) دەپ ئات قويۇلدى. مەكتەپكە 240 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇش باشلاندى. باشقا بىر قانچە يېزىلاردىمۇ مەكتەپلەر قۇرۇلدى. ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بالىلار مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنى تەقلىت قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن قاتار بولۇشۇپ، ناخشا ئوقۇپ كوچا ئايلىنىشاتتى. بۇ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى يېڭى مەكتەپلەردە ئوقۇش تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى.
1934- يىلى قەشقەرنىڭ مائارىپىدا زور بىر تەرەققىيات دولقۇنى مەيدانغا كەلدى. قوزغىلاڭ مەزگىلىدە قەشقەر شەھرىدىكى مەدرىسلەرنىڭ ۋەخپە كىرىملىرى ئىشلىتىلمەي، مۆتىۋەللى (مازار، مەدرىسە، مەسچىتلەرنىڭ كىرىم- چىقىمغا ئىگىدارلىق قىلىدىغان كىشى) لەرنىڭ قولىدا يىغىلىپ قالغان ئىدى. ۋاڭلىق مەدرىسىنىڭ ئورنىدا (ھازىرقى 1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىدا) دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى بىنا قىلىندى.
مۆتىۋەللىك ئورنىدا پايدىلىنىپ، مەدرىسە، مەسچىتلەرنىڭ ۋەخپە كىرىملىرىنى قالايمىقان ئىگەللىۋېلىشتەك نامۇۋاپىق ئەھۋالنى تۈزىتىش ئۈچۈن، قەشقەردىكى ھەرقايسى مەدرىسە، مەسچىتلەرنىڭ ۋەخپە كىرىملىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ، دەل جايىغا ئىشلىتىش مەقسىتىدە، شۇ يىلى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «قەشقەر ئىسلاھ مادارىس ۋە ماساجىد ھەيئىتى» قۇرۇلدى. سەلەي داموللام، ئابلا داموللام، مۇھىدىن ھاجىم تەۋەككۇل ئاخۇن قاتارلىقلار بۇ ھەيئەتنىڭ خىزمەتلىرىنى بىجىردى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۆتىۋەللەر تەرىپىدىن ئۇيان- بۇيان بولۇپ كەتكەن بىرنەچچە ئون چارەك ئاشلىق ۋە ماددىي نەرسىلەر ئېنىقلىنىپ، يىغىۋىلىندى. ھەيئەت يەنە مەدرىس، مەسچىتلەرنىڭ ۋەخپە كىرىملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قاتتىق ھېسابات تۈزۈمىنى يولغا قويدى. نەتىجىدە مالىيە كىرىمى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇدەررىسلىكتىن ئىمتىھان ئېلىش يولغا قويۇلدى. نەتىجىگە ئاساسەن دەرىجە بېكىتىلىپ، مائاش بېرىلدى. لاياقەتسىزلەر مۇدەررىسلىكتىن قالدۇرۇلدى. خانلىق مەدرىسە ئورنىدا دارىلئولۇم (ئالىي بىلىم يۇرتى) تەسىس قىلىندى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلىم سەۋيىسىگە ئاساسەن زومرە (سىنىپ) لارغا ئايرىلىپ، ھەرقايسى زومرەلەرگە لايىقىدا دەرس ئۆتۈلدى. ئەزەلدىن مەدرىسلەردە ئوقۇتۇلۇپ كېلىۋاتقان دىنى دەرسلىكلەرگە تارىخ، جۇغراپىيە، ئالجەبىر (ئالگېىبرا) ھەندىسە (گېئومېترىيە) پارايىز قاتارلىق دەرسلەر قوشۇلدى. مۇدەررىس ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپە- مەجبۇرىيەتلىرى ئېنىق بەلگىلىنىپ، مەسئۇلىيەت كۈچەيتىلدى ۋە ئاكتىپچانلىق قوزغىتىلدى. ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى چىڭ تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇتۇش سۈپىتى تېزدىن يۈكسەلدى. «ئىسلاھ مادارىس ۋە ماساجىد» بارا-بارا مەدرىسە ۋە مەسچىتلەرنىڭ ۋەخپە كىرىملىرىنى باشقۇرۇش بىلەن قالماي، يەنىمۇ ئىلگىلەپ شەھەر ۋە ئەتراپتىكى يېزىلارغا جايلاشقان مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىنىمۇ قايتىدىن رەتلەپ چىقتى. ئىمتىھان ئېلىپ، نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ۋە ئەخلاقىي، ئىلمىي سۈپىتى ئىماملىققا لايىق بولمىغانلارنى ئىماملىقتىن قالدۇردى. بۇ خىل ئۇسۇللار كۆپچىلىكنىڭ روھىي كەيپىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ، بىر مەزگىل شەھەر ۋە يېزىلاردا تەلىم- تەربىيە ھەركىتى جانلىنىپ كەتتى.
قەشقەردە «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» قۇرۇلغاندىن كېيىن «ئىسلاھ مادارس ۋە ماساجىد ھەيئىتى» پۈتۈن خىزمەتلەرنى «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» غا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.
دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى جىددى داۋاملىشىۋاتقان 1934-يىلىنىڭ 10- ئېيىدا، ياۋاغدا (ھازىرقى قەشقەر ۋىلايەتلىك 5 خىل مېتال شىركىتى بىناسى ئورنىدا) ئىككى ئايلىق مۇئەللىملەر كۇرسى ئېچىلىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق كۇرىسقا 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. بۇ قەشقەردە تۇنجى قېتىملىق ئېچىلغان مۇئەللىم (ئۇستاز) تەربىيلەش مەكتىپى ئىدى. كۇرسقا ئانا تىلى، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، دىن دەرس، ئۇسۇل، تەلىم قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلدى. بۇ كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قەشقەر شەھىرى ۋە قەشقەرگە تەۋە جايلاردىكى يېزىلارغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئەۋەتىلدى. شۇنىڭ بىلەن تېخىچە يېڭى مەكتەپ ئېچىلمىغان جايلاردا مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى. بۇ مەكتەپلەر جەمئىيەتنىڭ تېزلا ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. يېڭىدىن مۇئەللىم بولۇپ بارغانلار خەلقنىڭ ئىززەتلىك كىشىلىرى ھېسابلاندى. ئۇلار شۇ جايلاردا، جامائەتنىڭ چوڭ- چوڭ ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلدى. مەكتەپ ئىشلىرىمۇ بار مەسلىھەت قىلىندى.
دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئاستىن ئاتۇش ئوڭئېرىق يېزىسىدا (ئۇ چاغلاردا ئاستىن ئاتۇش پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ بىر رايونى ئىدى. 1940-يىلى ئۈستۈن ئاتۇش بىلەن قوشۇلۇپ يېرىم ناھىيە، 1946- يىلدىن باشلاپ پۈتۈن ناھىيە بولغان) مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىككى ئايلىق مۇئەللىملەر كۇرسى ئېچىلدى. كۇرسقا 60 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. كۇرس داۋامىدا مەمتىلى ئەپەندىم مائارىپ تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش مەقستىدە بىر قېتىم ئۆزئوقۇغۇچىلىرىنى چىرايلىق، بىر خىل رەتلىك كىيىندۈرۈپ قەشقەر شەھرىگە ئېلىپ كەلدى. ئوقۇغۇچىلار كوچىلاردا مونۇ ناخشىنى جاراڭلىق ئوقۇشتى:

مۇئەللىم بىز، يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
يۇرتىمىزغا يوپ- يورۇق نۇرلار چاچىمىز.
ماڭغان يولىمىز بىزنىڭ سائادەت يولى،
بىزلەر ۋەتەننىڭ يېڭى ئېچىلغان گۈلى.
ئىنشائاللا، بۇزۇلماس، ياشار، ياشار،
يۇرتىمىزدا مەكتەپلەرنىڭ بېسىلغان ئۇلى.
مەتبەئىل ئىرپان بولىدۇ ئاتۇش- ئارتىش،
ئىرپان بىلەن ئېچىلار سائادىتىمىز.

كېيىن كۇرسانتلار مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئاستىن ئاتۇشنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مۇئەللىملىككە ئەۋەتىلدى. ئۇلار جامائەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇ جايلاردا يېڭى مەكتەپلەرنى ئاچتى.
1934- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوردا ئىشىكىدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىناسى پۈتتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلاردىن 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇش باشلاندى. بۇ چاغدا گۇلباغ (سىبو) دىكى مەكتەپنىڭ ئورنى تارلىق قىلغانلىقتىن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار باشقا مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرىلىۋاتاتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر بۆلۈم روشىدى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىپ، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دارىلمۇئەللىمىن ئىچىدە ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى بولۇپ، بۇ سىنىپلارغا نوربېشى ۋە گۈلباغدىكى مەكتەپلەردىن تاللانغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىندى.
دارىلمۇئەللىمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرقىسمى تەمىناتلىق بولۇپ، مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار «لەيلى» ئويگە كېلىپ- كېتىپ ئوقۇيدىغانلار «ناھارى» دەپ ئاتىلاتتى. «ناھارى» لار ئاساسەن شەھەر ئىچىدىن قوبۇل قىلىناتتى.
دەسلەپتە دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ياش چەكلىمىسى قويۇلمايىتتى. 18 ياشتىن 40- 50 ياشقىچە بولغان بۇ ئوقۇغۇچىلار ۋىلايەتكە تەۋە جايلاردىن ھەمدە تۇرپان، پىچان، توخسۇنلاردىن كېلىپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش مۇددىتى 9 ئاي ئىدى.
ئىككى قارار داۋاملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئوقۇش مۇددىتى 3يىلغا ئۆزگەرتىلدى ۋە مەكتەپ ئورنى تارلىق قىلغانلىقتىن 1936-يىلى قەشقەر نەزەرباغقا كۆچۈرۈلدى. (1963- يىلىدىن باشلاپ بۇ ئورۇن ھازىرقى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنىغا ئايلاندى.)
مانا شۇنىڭدىن باشلاپ جەمئىيەتتىن بىر قىسىم خوتۇن- قىزلارمۇ دارىلمۇئەللىمىنگە قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى. قوبۇل قىلىنغان بۇ خوتۇن- قىزلار ئۈچۈن شەھەرنىڭ «پۇلخانا» دەپ ئاتىلىدىغان جايىدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ، بۇ مەكتەپ «دارىلمۇئەللىمات» دەپ ئاتالدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ دارىلمۇئەللىمات دارىلمۇئەللىمىنگە قوشۇۋېتىلدى.
دارىلمۇئەللىمندە 1938-يىلىدىن باشلاپ 7 قېتىم (ھەرقېتىملىق 6 ئايلىقتىن) ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئېچىلىپ، 1000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈردى. دەسلەپتە ئاناتىلى، ھېساب، جۇغراپىيە، جۇڭگو تارىخى، شىنجاڭ تارىخى، ئەخلاق، ھىپىزى سىھھەت، تەنتەربىيە، غەزەل، دىن دەرس (قىرائەت، تەجۋىد، ئىبادەت، ئىسلامىيە) ئۇسۇل- تەلىم، خىمىيە، فىزىكا قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىندى. كېيىن ئەھۋالغا قاراپ بەزى دەرسلەر كىرگۈزۈلدى. بەزى دەرسلەر قىسقارتىلدى.
دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىنتىزامى ناھايىتى چىڭ بولۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئېغىر- يەڭگىللىكىگە قاراپ جەرىمانە ئېلىش يولغا قويۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ «ئاناڭ…» دەپ تىللاش قەتئى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغانلار ھەم تەنقىد جازاسىغا ھەم جەرىمانىغا ئۇچرايتتى. ھەمىشە توغرا تەرەپتە تۇرۇش، پەننى سۆيۈش، ۋەتەن ۋە خەلقنى سۆيۈش، ئۈمىدلىك ۋە ئىرادىلىك بولۇش قاتارلىق ياخشى ئەخلاقلار ئالقىشلىنىپ تۇراتتى.
قەشقەر دارىلمۇئەللمىننىڭ ئېچىلىشى قەشقەر يېڭى مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. 1935- يىلىدىن 1949- يىلىغىچە ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلار ئۈچۈن 3457 نەپەر ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ بەردى. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسى ئاستىدا قالغان خەلقىمىزنىڭ ئويغىنىشى، ئەكىسيەتچى، چىرىك تۈزۈمگە قارشى كۈرەش قىلىشى … ئۈچۈن ناھايىتى زور خىزمەتلەرنى قىلدى.
قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىدا قەشقەر ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ناھايىتى زور رول ئوينىدى.
شىڭ شىسەي ھاكىميەتنى ئىگەللىگەندىن كېيىن 1934- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ھەرمىللەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى ئارقىمۇ- ئارقا قۇرۇلۇشقا باشلىدى. قەشقەردە «ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى»، «قىرغىز ئاغارتوۋ ئۇيىمى» (قىرغىز ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى)، قەشقەر يېڭىشەردە «خەنزۇ ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى) قۇرۇلدى. قەشقەرگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيلەر ۋە ناھىيلەرگە قاراشلىق رايونلاردىمۇ ناھىيلىك ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى، رايونلۇق شۆبە ئۇيۇشمىلار بارلىققا كەلدى. قەشقەر شەھرىگە يېقىن قوغان، بەشكېرەم، ئاۋات، ئاستىن ئاتۇش، ئۈستۈن ئاتۇش، سەمەن، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، بوررىختاي، ياندۇرما، ياپچان، تازغۇن، خانئېرىق قاتارلىق جايلاردا ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق شۆبە ئۇيۇشمىلارغا تەۋە 4تىن 15 كىچە مەكتەپ بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر ئۆشرىدىن توپلانغان كىرىم بىلەن تەمىنلىنەتتى.
قەشقەر ۋىلايىتىگە بىۋاستە قاراشلىق شۆبە ئۇيۇشمىلار ۋە رايونلۇق شۆبە ئۇيۇشمىلارنىڭ سانى 24 بولۇپ، ئۇلارغا يىللىق ئۆشرىدىن بولىدىغان كىرىم بىر مىليون چارەك ئاش ئىدى. ھەربىر كەنىتتە شۆبە ئۇيۇشما تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بىردىن ئىككىگىچە دىۋان بېگى (ئاشر) بولۇپ، ئۇلار دېھقانلارنىڭ خامانلىرى تەييار بولغان ھامان خامان ئۈستىگە بېرىپ، مەھسۇلاتىنى كۆزدىن كەچۈرەتتى. ئاندىن مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىر قىسىمىنى شۆبە ئۇيۇشمىسىغا ھېسابلاب، دېھقانلارنىڭ دەرھال تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ (تالۇن يېزىپ بېرىپ) قايتىپ كېتەتتى. دېھقانلار تالۇنغا ئاساسەن ئاشنى ئېلىپ بېرىپ تاپشۇراتتى.
ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ كىرىمى ھەزرىتى سۇلتان، ھەزرىتى موللام، ئاپپاق غوجام قاتارلىق مازارلارنىڭ ۋەخپە كىرىملىرىدىن كېلەتتى. شۇچاغدا، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرىنىڭ ۋەخپە يېرى 4000 مو، ئاپپاق غوجا مازىرىنىڭ ۋەخپە يېرى 16 مىڭ مو ئىدى (مەسچىتلەرنىڭمۇ كۆپلەپ ۋەخپە يەرلىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن مەسچىتلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئىگىدارچىلىق قىلاتتى). بۇنىڭدىن باشقا ۋىلايەتكە قاراشلىق چارۋا ماللارنىڭ زاكىتىدىن 10 مىڭ تۇياق چارۋا، ھەر يىللىق قۇربان ھېيىتتا قۇربانلىق قىلغان چارۋىلارنىڭ ئۈچەي، تېرىلىرىمۇ ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىغا تاپشۇرۇلاتتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ يۇقىرقىدەك مەنبەلەردىن كىرىدىغان يىللىق ئومۇمىي كىرىمى بىر مىليون بىر يۈز ئوتتۇز مىڭ چارەك ئاش بولۇپ، بۇ ئاساسەن ۋىلايەتلىك ئۇيۇشما ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى، ئىشخانا راسخوتلىرى، شۇنىڭدەك دارىلئاجىزىن (مىيىپلار ساناتورىيىسى)، دارىلئاتام (يېتىم بالىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ) ۋە مازارلارنىڭ رېمۇنىت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. بۇ چاغدا باشقۇرۇلۇۋاتقان دارىلئىتام مەكتىپى كىشىلەرنىڭ قىزغىن ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېمەك- ئىچمىكى، كىيىم- كېچىكى، ياتاق راسخوتلىرى پۈتۈنلەي ئۇيۇشما تەرىپىدىن بېرىلەتتى. بۇ مەكتەپتە تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى كېيىنكى چاغلاردا جەمئىيەتكە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى.
يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى مائارىپقا تەشنا قەشقەردىكى ھەرمىللەت خەلقلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشمىلار شۇچاغدا ھەقىقەتەن ئاكتىپ تەشكىللەش، باشلامچىلىق قىلىش رولىنى ئوينىدى. ئۇيۇشمىلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن شەھەر ۋە يېزىلاردا يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرى باشلىنىپ كەتتى. ھەربىر يېزىدىكى خەلقلەر قىزغىنلىق بىلەن ئىئانە توپلاپ، مەكتەپ سېلىشقا كىرىشىپ كەتتى. يېزىلارنىڭ كۆلىمىگە ئاساسەن ئارقىمۇ- ئارقا 3 سىنىپلىقتىن 15سىنىپلىققىچە بولغان مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى. بۇ مەكتەپلەر يېزىلاردىكى ئەڭ ئاۋات، جامائەت كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جايلارغا سېلىنغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايىتتى. كۆپچىلىك بۇ مەكتەپلەر بىلەن پەخىرلىنەتتى.
1934-1935 – يىللاردا قەشقەردە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەمىنلىنىدىغان نوربېشى مەكتەپ بىلەن يېڭىشەھەردىكى خەنزۇچە مەكتەپتىن ئىبارەت ئىككىلا مەكتەپ بولۇپ، قالغان مەكتەپلەر ئۇيۇشمىلار باشقۇرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن شۇ چاغلاردىكى تەرەققىيپەرۋەر زىيالىيلاردىن كېرىمخان ئاكا، خەلپەت سۈزۈك ھاجىيوپ، ئىسمائىل قاسىملارنىڭ تۆككەن تەرلىرى ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان ئىدى.
ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ بىر تۇتاش قاتتىق ھېسابات تۈزۈمى بار ئىدى. ئاۋۋەل پىلان (ئىستىما) تۈزۈلەتتى، ئاندىن شۇ بويىچە چىقىم قىلىناتتى. ھېسابات ئىشلىرىنىڭ ساغلام، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىملىق كۇرسلار ئېچىلىپ بوغالتىرلار تەربىيلەندى. بۇخىل ھېسابات خادىملىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ باش بوغالتىرى رىشاتخان ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ دائىم بوغالتىرلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇراتتى. بوغالتىرلارنى خىزمەتكە بەلگىلەش ۋە خىزمەتتىن قالدۇرۇشنىمۇ ئۇ ئۆز ئالدىغا بىرتەرەپ قىلالايتتى.
ئۇيۇشمىلار قىشلىق ۋە يازلىق مەزگىللەرنى چىڭ تۇتۇپ، ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق خەلقنى ساۋاتلىق قىلىشقىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىدى. بەزى جايلاردا ساۋات چىقىرىدىغان دېھقانلار يېزىنىڭ مەكتپىگە سىغىشماي، ئائىلىلەرنى مەكتەپ قىلىپ ئوقۇشقا توغرا كەلدى. شۇ چاغدا ساۋات چىقارغانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئازادلىقتىن كېيىن يېزىلىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرجىلىك ئورۇنلاردا كادىر بولۇپ خىزمەت قىلدى.
ئۇ چاغدا قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندىن باشقا ئوتتۇرا دەرجىلىك كەسپىي مەكتەپ يوق ئىدى. لېكىن 5 يىللىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى خېلى پۇختا يولغا قويۇلغان ئىدى. دەرسلىكلەر ئۆز تىلىمىزدىكى دەرسلىكلەر بولۇپ، كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كېلىنەتتى. «ئوقۇتۇشنى ياخشىلاشنىڭ ئاچقۇچى- ئوقۇتقۇچى» دېگەن پىرىنسىپ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلاتتى. ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا ئۇيۇشتۇرۇلاتتى. ئۇ چاغلاردا ئوقۇتقۇچى يېتىشمىگەنلىكتىن بىر ئاز خەت ساۋاتى بار كىشىلەرمۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىدى. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى تۆۋەن بولغاچقا، يازلىق كۇرستا ئوقۇتۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىشاتتى.
ھەر يىلى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، قەشقەر شەھرى ۋە ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق 12 شۆبە ئۇيۇشما دائىرىسىدىكى مەكتەپلەردىن تاللانغان ئوقۇغۇچىلار «بالىلار جەمئىيتى» گە قاتناشتۇرۇلۇپ، يازلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ ئاساسەن دەم ئېلىش خارەكتېردىكى پائالىيەت ئىدى. بۇ پائالىيەت ئۈچۈن شەھەر ئەتراپىدىكى ئەڭ گۈزەل، مەنزىرلىك باغلار تاللىناتتى. «بالىلار جەمئىيتى» گە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۆز جايلىرىغا تارالغاندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆگنىش،ئەخلاق، تەنتەربىيە جەھەتلەرگە ئېلھام ۋە مەدەت بېرىشەتتى.
مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئىمتىھانلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، زور داغدۇغا بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. رايۇنلاردىكى مەكتەپلەر يىللىق ئىمتىھان ئېلىش ئۈچۈن ۋىلايەتتىن، يېتىشمىگەندە رايۇنلارنىڭ ئۆزىدىن ئېمتىھان ئېلىش كومىسسىيىسى (مۇمەييىز) تەشكىل قىلاتتى. ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ 5 -، 6- ئىلمىي مۇپەتتىشى (مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرگۈچى خادىم) بولۇپ، داۋاملىق ناھىيە ۋە رايونلاردىكى مەكتەپلەرنى ئايلىنىپ، تەكشۈرۈپ ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئۇسۇلى، دەرسلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىدا كەمچىلىكلەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا تۈزىتەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى ناھىيە شۆبە ئۇيۇشمىلاردا بىر، ئىككىدىن ئىلمىي مۇپەتتىش بار ئېدى.
ئۇيغۇر ئۇيۇشما خەلقىنى ئاقارتىش يولىدا نۇرغۇن تەدبىرلەرنى كۆردى. ھەر يىلى يازلىق ۋە قىشلىق ئىجتىمائىي تەلىم- تەربىيە ھەركىتىنى يۈرگۈزۈپ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ خەت ساۋادىنى چىقاردى. ئۇيۇشمىنىڭ ئىقتىسادىي بىلەن ھېيىتكا خەلق كۇلوبنى بىنا قىلىپ (بۇ كلوب بىنا قىلىنغان چاغدا ھازىرقىدىن بىر قەدەر كەڭرى ئىدى) كىنو، تىياتىرلار ئارقىلىق خەلقنى تەربىيلىدى. 40- يىللاردىن بۇرۇنلا بۇ كلوبتا «غېرىب- سەنەم»، «پەرھاد- شېرىن»، «رابىئە- سەئىدىن» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەر سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئوينالغان ئىدى. شۇنداقلا ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىغا قاراشلىق ناھىيلەرنىڭ ھەممىسىدە ۋە ئوپال، ئاستىن ئاتۇش، سەمەن قاتارلىق رايونلاردا تىياتىرخانىلار بىنا قىلىندى. ۋىلايەتلىك ئۇيۇشما يەنە بىر قانچە قېتىم سازچى يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئېاچتى. ناھىيە ۋە رايونلارغا سازچى يېتىشتۈرۈش كۇرسىنىڭ مۇئەللىمى سەمەت ئابدۇللا ئىدى.
1937- يىلى قەشقەردىكى دېۋېزىيە قوماندانى مەھمۇد مۇھىتى (مەھمۇد سىجاڭ) چەتكە چىقىپ كەتكەن، خوتەننى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ماخوسەنمۇ چەتكە چىقىپ كەتكەن ئىدى. ماخوسەننىڭ قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ 5- ئاينىڭ 29- كۈنى كېچىلەپ قەشقەرگە بېسىپ كىرگەندە شىڭ شىسەي مەمۇرلىرى قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلاردىن مەمتىلى تەۋپىق، يۈسۈپ زىيادەك مۇنەۋۋەر مائارىپچىلارنى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈردى. بۇ پاتپاراقچىلىقتا تەتىل مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان ئىككى ئايلىق مۇئەللىملەر كۇرسىنى ئېچىشقا مومكىن بولمىدى. شىڭ شىسەي چەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئىسيانچىلارنى باستۇرغاندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىن سابىت ئىبراھىم دېگەن ياشانغان كىشى باشلىقلىققا ئەۋەتىلدى. ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قەشقەر شەھرىدىن نوربېشى مەكتەپنى، يېڭىشەھەردىكى خەنزۇچە مەكتەپنى، قەشقەرگە يېقىن قازېرىق يېزىسىدىن بىر مەكتەپنى ھۆكۈمەت ھېسابىغا ئۆتكۈزۈۋالدى. ھۆكۈمەت ھېسابىدىكى مەكتەپلەر شەنلى مەكتەپ، ئۇيۇشما ھېسابىدىكى مەكتەپلەر خۇيلى مەكتەپ دەپ ئاتىلاتتى. 1942- يىلى قەشقەردە تاجىكلار مەكتىپى قۇرۇلۇپ، تاشقورغاندىن 150نەپەر ئوقۇغۇچى كېلىپ ئوقۇدى. مەكتەپنىڭ ئورنى نەزەر باغدىكى ھازىرقى مىيىپلار ساناتورىيسىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە تاماقلىرى مەكتەپتە ئىدى.
مائارىپ ئدارىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. 1938-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى كومىتېتى شىنجاڭغا ئەۋەتكەن كوممۇنىسىتلاردىن لى زىلىڭ (لى يۇنياڭ) (شۇچاغدا ئۈرۈمچى 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىدى) 1939-يىلىنىڭ بېشىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ كەلدى. لى زىلىڭ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىلدىن بېرى مائارىپ باشلىقلىقىنى ئۆتەپ كېلېۋاتقان پېشقەدەم مائارىپچى سابىت ئىبراھىم بىلەن ئوبدان ماسلاشتى. ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قەشقەر مائارىپىدا يېڭى بىر دەۋر مەيدانغا كەلدى. ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى ئىشەنچىلىك كاپالەتكە ئىگە بولۇش بىلەن خەلق ئاقارتىش يولىدىكى خىزمەتلەر يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەكتەپ ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ئىشى نىشانلىق ۋە ئىلمىي ئاساسقا سېلىنىپ، چوڭ- كىچىك خىزمەتتىن ئىلگىرى پىلان تۈزۈش، خىزمەتتىن كېيىن خۇلاسە چىقىرىش ئۇ چاغلاردىكى مەكتەپلەردە تېخى ئومۇملاشمىغان ئىدى. ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ ئىشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن مائارىپ ئىدارىسى ئۆلكىلىك پىلان ۋە خۇلاسە نۇسخىلىرىنى تاللاپ ياكى تۈزۈپ چىقىپ، يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بەردى. بارا- بارا بۇ ئىش مەكتەپلەردە دائىملىق ئادەتكە ئايلاندى. ئاۋۋال شەھەردىكى مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن دوكلات قىلىش، مەكتەپلەر ئارا ھەرخىل مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، سېلىشتۇرۇش، ئارقىلىق ئىلغار مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ چىقىپ، ئىلھام بېرىش، ئارقىدا قالغان مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا مۇۋاپىق تەنقىد بېرىش، ھەتتا ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان مۇدىر، ئىلمىي مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكىۋېتىش، خىزمىتىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى چىڭ تۇتۇلغاچقا، مائارىپتا زور ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى.
رەھبەرلىكنىڭ كۈچىيشى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلرىدا زور ئىلگىرىلەش مەيدانغا كەلدى. لى زىلىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۇ، قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغاندىن تاشقىرى، شەخسەن ئۆزى شەھەر مەكتەپلەرنىڭ ۋە يېقىن يېزا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يىغىپ، پىداگوگىكا، دىئالېكتىكا ۋە تارىخىي ماتىريالىزىمدىن لېكسىيە سۆزلەپ بەردى، ئۇلارنى ھەر قايسى بىۋاستە رايونلارغا (شۆبە ئۇيۇشمىلارغا) ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق شۇ يىللادىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىداگوگىكا، دېئالېكتىكا ۋە تارىخىي ماتېريالىزىمدىن ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە ئۇلاردىن قەرەللىك ھالدا ئىمتىھان ئېلىپ تۇردى.
قەشقەردە ئۇ چاغلاردا ئاپتوموبىل قاتنىشى يوق ئىدى. مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان مۇپەتتىشلەر ئۈچۈن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ۋىلايەتلىك ئۇيۇشمىنىڭ 15- 20 دىن ياخشى ئاتلىرى تەييار تۇراتتى. مۇپەتتىشلەرگە مەلۇم ئىمتىياز بېرىلگەن ئىدى. ئۇلار مەكتەپلەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باراتتى. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئالاھىدە سىناپ، تەكشۈرۈپ كۆرەتتى. بەزىدە رايونلار بويىچە مەكتەپلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئومومىي خۇلاسە قىلاتتى. ھەتتا پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى يۆتكەپ ياكى ئورنىدىن قالدۇرۇپ، مائارىپ ئىدارىسىغا دوكلات قىلاتتى.

شىڭ شىسەينىڭ قىياپىتى ئاشكارلانغاندىن كېيىنكى قەشقەر مائارىپى

1942- يىلى ئەتىياز، گېتلىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكوۋا ۋە سىتالىنگىراد شەھەرلىرىنى مۇھاسىرە قىلدى. جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى تىركىشىش باسقۇچىدا تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ھۆكۈمدارى شىڭ شىسەينىڭ خەلققە ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قارشى ئەكسىيەتچىل ئەپتى- بەشىرىسى ئاشكارىلانغىنى باشلىدى. جاڭ جېشىنىڭ خوتۇنى سوڭ مىلىن ۋە ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭغا كېلىپ، شىڭ شىسەي بىلەن تىل بېرىكتۈردى. 1943-يىل 1- ئايدا گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك داڭبۇسى قۇرۇلدى. شىڭ شىسەي شۇندىن باشلاپ، شىنجاڭدا خىزمەت ئىشلەۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ۋە ئىلغار زىيالىيلارنى، ياشلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى. 1944- يىلى 9- ئايدا شىڭ شىسەي چۇڭچىڭغا كېتىپ، دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق مىنىستىرى بولدى. جۇشىياۋلياڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋۇجۇڭشىن رەئس بولدى. شۇ يىلى 11- ئايدا ئىلى، چۆچەك، ئالتاي 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىدى. ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىلغار زىيالىيلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى قەشقەرگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قەشقەردىمۇ بىرمۇنچە زىيالىيلار، ئوقۇتقۇچىلار قاماققا، بىر مۇنچىلىرى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانىدى. شەھەر ۋە يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى مەجبۇرى ھالدا تۈركۈم- تۈركۈملەپ گومىنداڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى، ھەربىر مەكتەپتە گومىنداڭ چۈيفىڭبۇسى قۇرۇلدى. گومىنداڭ مەمۇرلىرى ئوقۇتقۇچىلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى. شۇڭا ئۇلارنى ھەر قەدەمدە تەقىپ قىلىپ تۇراتتى ۋە بىر- بىرلىرىگە پايلاقچى قىلىپ قوياتتى. گومىنداڭ دائىرلىرىنىڭ بۇخىل شەرمەندە ھەركەتلىرىدىن يىرگەنگەن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتتىن كېچىپ، دېھقانچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەرگە كىرىشىپ كەتتى، ئىمكانىيەت تاپالىغانلىرى شىمالىي شىنجاڭغا كېتىپ قالدى. باشقىچە تۇرمۇش يولى تاپالمىغانلىرى ئوقۇتقۇچىلىقىنى داۋام قىلىۋەردى. شىنجاڭدا گومىنداڭ ھاكىميىتى تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مەكتەپلەر ناھىيلىك مائارىپ بۆلۈملىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولدى. دەرسلىكلەرنىڭ مەزمۇنىغا جىددى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئىلغار پەننىي مەزمۇنلار ئوقۇتۇش پىلانى ۋە دەرىسلىكلەردىن چىقىرىپ تاشلاندى: ئىشخانا، سىنىپ ۋە تاملارغا ئېسىلغان شىڭ شىسەينىڭ رەسىملىرى، ئۇنىڭ ئالدامچىلىق سىياسىتى «ئالتە سىياسەت» پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا جىياڭجېشىنىڭ سۈرىتى ۋە گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ بايرىقى، بايراق شەكىللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پەن- تېخنىكىغا دائىر كىتابلار، جۈملىدىن 1937- 1938-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا باستۇرۇلۇپ كېلىنگەن دەرسلىكلەر يېغىۋىلىنىپ، كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. كىتاب ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقى ئىدى. تاپقان ئىقتىسادىغا كىتاب سېتىۋېلىپ، كىتاب توپلىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەم مەنىۋى بايلىقتىن ئايرىلدى، ھەم ماددىي جەھەتتىن ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. بەزى ئوقۇتقۇچىلار كىتابنى تاپشۇرماستىن ئۆيلىرىگە، مال قوتانلىرىغا كۆمۈپ قويۇپ ساقلىغانىدى. بۇلاردىن بىرقىسىمى ئەكسىيەتچى دائىرلەر تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىپ، قاماققا ئېلىندى. يەنە بىرقىسمى خىزمەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلدى.
گومىنداڭنىڭ مائارىپى فاشىستىك ۋە دەللاللىق مائارىپ ئىدى. تۈزۈپ بەرگەن دەرسلىكلىرىدە ئىتائەتچانلىق ۋە قۇللۇق تەشەببۇس قىلىناتتى. دەرسلىكلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، ياش قورامى ھېسابقا ئېلىنمايىتتى؛ دەرسلىكلەرنى ئۆلۈك يادلاش تەلەپ قىلىناتتى، بۇنىڭ بىلەن ئاز ۋاقىت بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان قەشقەر مائارىپى تېزدىن ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتە 4- 5 يىل ئوقۇپمۇ خەت ساۋادىنى چىقىرالماي، مەكتەپتىن ساۋاتسىز چىقىپ كېتىدىغانلار كۆپەيدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۇزۇن تۇرۇۋېرىپ، يېشى چوڭىيىپ كەتكەنلىكتىن بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش پەرقى بەك چوڭىيىپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار كۈنبويى دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ نەپ ئالالمىغانلىقتىن مەكتەپتىن قاچاتتى. كۆپ چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چاقىرىپ كېلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
1943- يىللارغىچە مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ھەر ھالدا چەكلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ مەزگىلگە كەلگەندە، تەن جازاسى بېرىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. نەتىجىدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشتى. ئاتا- ئانىلارنىڭمۇ مەكتەپتىن ئۈمىدى قالمىدى. شۇڭا بىرمۇنچە كىشىلەر بالىلىرىنى پەننىي مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېلىپ، دىنىي مەكتەپلەرگە بەردى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھرىدە ۋە بەزى يېزىلاردا دىنىي مەكتەپ ۋە پەننىي مەكتەپ دەپ ئىككى خىل مەكتەپ شەكىللەنگەنىدى.
گومىنداڭ دەۋىردىكى مائارىپ چۈشكۈنلۈكى شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىنكاسى ئىدى. پۇل پاخاللىقى كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلاشتى. 1947- 1948- يىللارغا كەلگەندە 6 مىليارد يۈەنلىك قەغەز پۇل تارقىتىلدى. بازار ناھايىتى مۇقىمسىزلىشىپ كەتتى. مال باھاسى ھەپتىلەپ، كۈنلەپ، ھەتتا سائەتلەپ ئۆسۈشكە باشلىدى. مەسلەن، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىگە چۈشتىن بۇرۇن ئىككى چارەك ئاش كەلسە، چۈشتىن كېيىن ئىككى نان كېلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئىقتىسادىي قاتمۇ- قات قىيىنچىلىق ۋە ئەندىشىدە ياشاشقا مەجبۇر ئىدى. 1948-يىلى 12 سىنىپلىق ئاۋات شەنلى مەكتەپتىكى 36 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئايلىق مائاشىغا نان ئېلىپ تارقىتىپ بېرىلگەندە، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا 15تىن نان تەككەن. بۇنىڭدىن پۇل پاخاللىقىنڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە شەنلى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى خۇيلى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىدىن بىرقەدەر ئۈستۈن تۇراتتى. ئەينى ۋاقىتتا مائاشىغا ئاشلىق بېرىلىدىغان خۇيلى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى، شەنلى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىدىن ياخشىراق بولغاندەك تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭمۇ ئاپىتى ئۆزى بىلەن بىللە ئىدى. ئىدارىلاردا خيانەت ۋە پارخورلۇقنىڭ كۆپىيشى، خىزمەتلەرنىڭ چۇۋالچاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈن ساناپ قاششاقلىشىپ كېتىشى بىلەن كىشىلەر ئۆشرە- زاكاتلىرىنى ئۇيۇشمىغا بەرمەيدىغان بولىۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك مەمۇرىلەر ئۇيۇشمىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىپ، ئۇيۇشمىنىڭ ئامبارلىرىدىكى ئاشلىقلارنى يەۋالدى. بەزى جايلاردا بەگلەر دىۋان بەگلىكىنى ئىگەللىۋېلىپ، يىغىلغان ئاشلىقنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزى ئېلېۋېلىپ، ئاز قىسمىنى ئۇيۇشمىغا تاپشۇردى. شۆبە ئۇيۇشمىلارنىڭ ئامبىرىدىكى ئاش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 5- 6 ئايلىق مائاشىغا يېتەتتى. قالغان 6-7 ئاي ئوقۇتقۇچىلار مائاشسىز ئىشلەشكە مەجبۇر ئىدى.

خاتىمە

1949- يىل 9- ئاينىڭ 26- كۈنى شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغانلىقى ئېلان قىلىندى. 1949-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. قەشقەردىمۇ تەنتەنىلىك دۆلەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار شاد- خوراملىققا چۆمگەن ھالدا تاقا- دومباقلار چېلىشىپ، قەشقەر كوچىلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئازادلىققا تەنتەنە قىلىشتى.
شۇ يىلى ئازادلىق ئارمىيە قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۈچ ۋلايەت مىللىي ئارمىيە ۋەكىللىرىمۇ مۇز داۋان ئارقىلىق قەشقەرگە چۈشتى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار قەشقەر خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئازادلىق ئارمىيە ۋە مىللىي ئارمىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قىزغىن قارشى ئالدى.
ئازادلىقتىن بۇرۇن قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ۋە يەرلىك فىئودال، مۇتەئەسسىپ بايلارنىڭ دەھشەتلىك سىياسىي زۇلۇمى ۋە ئىقتىسادىي ئېكىسپىلاتاتسىيىسىنىڭ كۆپلىكىدىن ئىنتايىن نامرات تۇرمۇش كەچۈرەتتى. مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى بەكمۇ قالاق ھالەتتە ئىدى. خەلقنىڭ 92٪تىن كۆپرەكى ساۋاتسىز ئىدى. ۋىلايەت بويىچە ئوقۇغۇچى سانى 500 دىن ئاشمايدىغان ئىككى باشلانغۇچ سىفەن مەكتىپى، 100 دەك ئوقۇغۇچىغا ئىگە بىر كەسىپىي مەكتەپ بار ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپ 213 بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى ئاران 40 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى.
دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتى، دۆلەتنىڭ زور كۈچى بىلەن يۆلىشى ۋە ياردەم بېرىشى ئاستىدا، ھازىر قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، قەشقەر مائارىپ ئىنىسىتۇتىدىن ئىبارەت ئىككى ئالىي بىلىم يۇرتى (2500 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار)، 6 ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم (قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن، يەكەن دارىلمۇئەللىمىن، قەشقەر تىببىي تېخنىكوم، قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكوم، قەشقەر مالىيە- سودا مەكتىپى، قەشقەر يېزا ئېگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى) ۋە 1 تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بار. بۇ تېخنىكوملارنىڭ ئوقۇغۇچىسى 5571 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىللىرى، 78.9 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. 47 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، (ئوقۇغۇچىسى 12492 نەپەر. بۇنىڭدىن 74% نى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىللىرى ئىگەللەيدۇ) 154 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، (60102 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار، ئۇنىڭ 77.5% نى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىللىرى ئىگەللەيدۇ.) 1267 باشلانغۇچ مەكتەپ (280 مىڭ دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار. بۇنىڭ تەخمىنەن %89.5 نى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇغۇچىللىرى ئىگەللەيدۇ) بار.
قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىش نىسبىتى%70، تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىش نىسبىتى%34 بولماقتا.
دېمەك ئازادلىقتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 7 ھەسسە، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرجىلىك تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى 122 ھەسسە ئارتۇق. ئەگەر ئاتالمىش «ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا، شەك شۆبھىسىزكى مائارىپنىڭ تەرەققىياتى بۇنىڭدىمۇ تېز، سۈپىتى بۇنىڭدىمۇ يۇقىرى بولغان بولاتتى. بەختىمىزگە پارتىيىمىز ئاشۇنداق كۈنلەرگە ۋاقتىدا خاتىمە بەردى.
«4 كىشىلىك گورۇھ» يوقىتىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن مائارىپ ساھەسىدىكى ناھەق، يالغان، خاتا ئەنزىلەر تۈزىتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە زورايتىلدى. ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى.
بۈگۈن پارتىيىمىز مائارىپىنى 4 تە زامانىۋېلىشىشتىكى ئەڭ زور ئىش دەپ بىلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتماقتا. بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر خىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن خەلق مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان جۇشقۇن ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. كەڭ مائارىپ خادىملىرى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئازادلىققا ئېرىشىپ، دىللىرى يايراپ، خۇشال- خۇراملىققا چۆمۈپ، پارتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلىمەكتە.
مىللىي مائارىپ، مىللىي مەسىلە ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە. مىللىي ئىشلارنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن مىللىي مائارىپ چىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك. مىللىي مائارىپ ياخشى تۇتۇلسا، پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ھەقىقىي، توغرا ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىسا، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىلمىسە، مەدەنىيەت، ئىلىم- پەن جەھەتلەردە تەڭ تەرەققى قىلىش شارائىتى ۋە ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىنمىسا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەمىليەتتىكى تەڭلىك، باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مىللەتلەرنىڭ ئەمىليەتتىكى تەڭلىك، باراۋەرلىكىنى ھەقىقي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلغار بولغان مىللەتنىڭ ئىلىم- پەن تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش بىلەن بىر چاغدا، مەدەنىيەت ۋە مائارىپتا ئارقىدا قالغان مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەزى زۆرۈر پەۋقۇلئاددە شارائىتلارنىمۇ يارىتىپ بېرىش لازىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى ۋە ھۆكۈمەت يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ جەھەتتە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. قەشقەر مىللىي مائارىپىنىڭ ھازىرقى زور تەرەققىياتىنى ئاشۇ خىزمەتلەردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەۋزەل سوتسىيالىزىم تۈزۈمدە، ئەجدادلارنىڭ ئىلىم- مەرىپەتنى قىزغىن سۆيۈش، ئىلىم- مەرىپەتكە ئىنتىلىش، ئىلىم- مەرىپەت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشتەك ئېسىل ئىستىلىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەرنى ئېلىمىزنىڭ غەربىي چىگىرىسىدا قۇدرەت تاپقان، سوتسىيالىستىك بەختىيار يېڭى ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشلىرى لازىم.

مەنبە: «يېڭىشەھەر مائارىپچىلار قامۇسى» دىن ئېلىندى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش