ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنى ۋە تۇنجى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنى ۋە تۇنجى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

2010-يىلى 8-ماي شەنبە سائەت 09:45 – 13:00 ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى   قىسقىچە كۈن تەرتىپى بۇيۇنچە:

1. ئۇ ئا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر توغرىسىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى سابىق رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان دوكلات بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى خىزمەت خۇلاسىسى (10.2009-05.2010)

قۇرۇلىشى: 2009-يىلى 9-سىنتەبىر كەچ سائەت 9:00، جەرراھپاشا، ئىستانبۇل

رەسمىي قۇرۇلىشى: 2009 – يىلى 24-نۇيابىر

پائالىيەتلىرى:

ئېچىلىش مۇراسىمىي ، ئۆتۈلگەن دەرسلەر – تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە TOEFL ، زىيارەت ۋە كۆرشىشلەر ، ئوقۇغۇچى ئىشلىرى ، ئوقۇغۇچى تەلىم-تەربىيە ، ئىلمىي سۆھبەتلەر ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي يىغىنى، ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر زىيالىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئەزالىق خىزمىتى.

2. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 9 كىشىلىك يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرى دېمىكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك بىكىتىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى:

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە 9 ئاي ئىچىدە تۈركىيە، ياۋرۇپا، ئامىرىكا، ياپۇنىيە، جۇڭگۇ ۋە ئۇيغۇر دىياردىن بۇلۇپ، جەمئىي20 دۆلەتتىن 90 غا يېقىن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا، شەرەپلىك ئەزا ۋە ۋەكىل بۇلۇپ كىرىشى بىلەن رەسمىي خەلقئارالىق پەن – مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىلمىي بىر جەمىئىيەتكە ئايلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى شۇنچە ئىقتىسادىي قىيىن شارائىتتا قۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ 9 ئاي ئىچىدە ھىچبىر تەشكىلات ۋە دۆلەتتىن ياردەم ئالمايمۇ يەنىلا ئۆز ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر ئالىم ۋە زىيالىلارنىڭ بىرلىكتە ۋاقتى بارلار ۋاقتىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى ۋە پۇلى بارلار پۇلىنى چىقىرىپ مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپ ئۇلۇغ، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كەلگۈسى پەن – مائارىپى ئۈچۈن قىلالايدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەيلى كىچىك مەيلى چوڭ دەپ ئايرىماي ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.

2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنى غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى كەم تەرەپلەر تۇلۇقلىنىپ ۋە مۇكەممللىشىپ، بۈگۈنكىدەك تەشكىلىي خىزمىتى بىر قەدەر سىستىمىلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئىلمىي تەتقىقات جەمىئىيىتى – ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بارلىققا كەلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېىمىسى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنىدا، 9 كىشىلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئىتى، 9 كىشىلىك زاپاس دائىمىي ھەيئىتى، 3 كىشىلىك دائىمىي نازارەت ھەيئىتى، 3 كىشىلىك زاپاس دائىمىي ھەيئىتى ۋە 9 كىشىلىك خەلقئارلىق دائىمىي ھەيئەت بۇلۇپ، جەمىئىي 33 كىشى رەسمىي ۋەزىپە ئېلىپ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپىغا خىزمەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ۋە تىرىشماقتا.

تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئومۇمىي يىغىنىدا دېمىكراتىك ئۇسۇلدا  سايلانغان تەشكىلىي قۇرۇلما تۆۋەندىكىدەك:

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى : – ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق (ئامىرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى<ناسا> ئوپتىك فىزىكا ئېنجىنىرى)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى: – پروففىسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە ئىزمىر ئەگە ئۇنۋېرسىتىتى تۈركولوگىيە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىس ۋەكىلى : – ئابدۇلھەمىد قاراخان (تۈركىيە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى يادرو ئېنىرگىيە ئېنجىنىرلىقى ماگىستىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرغۇچى سابىق رەئىسى)

بۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقۇرۇش ھەيئەتلىرى ئىچىدىن 1 مۇئاۋىن رەئىس،1 باش كاتىپ، 1 كاتىپ،  باش مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى، مالىيە مەسئۇلى ۋە نازارەت ھەيئىتى رەئىسى قاتارلىقلار سايلاپ چىقىلدى.

3. ئۇ ئا يېڭى ھەيئەت ۋە ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى كەلگۈسى يول خەرىتىسى بىكىتىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى كەلگۈسى يول خەرىتىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئەزا ۋە ۋەكىللەر بىلەن بىرگە، ئامىرىكا، گىرمانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، پولشا ۋە ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇستەھكەملەندى.  ئۇيغۇر دىيارى، جۇڭگۇ ئىچكىرى ئۆلكىللىرى، ياپۇنىيە، ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكادا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە زىيالىلار بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تەۋرەنمەي خىزمەت قىلىش يول خەرىتىسى بۇلۇپ سىزىلدى.

ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە پەن – تەتقىقات خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي غەلبىلىك ئېلىپ بارغۇسى. پەن – مائارىپى بولمىغان مىللەت  مەڭگۈ يۈكسىلەلمەيدۇ ۋە يوق بۇلۇشقا مەھكۇمدۇر. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە پەن -مائارىپى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلار مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە تىرىشايلى. شۇندىلا پەن – مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، بىر پۈتۈن كۈچلۈك كەلگۈسى ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقالايمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى  تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

2010-يىلى 9-ماي يەكشەنبە سائەت 14:00 -19:00 ئارىسىدا ئەمىن ئۈنى خەلىق تەلىم-تەربىيە زالىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق تۇنجى خەلقئارالىق ئانا تىلىمىزدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى. 200 دەك كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قىسقىچە كۈن تەرتىپى بۇيۇنچە

1. ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۇگۈنكى تەرەققىيات ئەھۋالى

2. ئۇيغۇر پەن – مائارىپى كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ۋە قىلالايدىغان خىزمەتلەر

3. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە زىيالىي ۋەكىللەرنىڭ ئۆز كەسپى ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار ۋە ئۆز كەسپىدىكى تەتقىقاتى
قاتارلىق تىمىلاردا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چەكسىز ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئاكادېيمىسى يېڭى باشقۇرۇش ھەيئەت كومتىتى ئەنقەرەگە بېرىپ، تۈركىيە پەن – تېخنىكا ئىدارىسى ۋە تۈركىيە تىل – تەتقىقات ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتى، مائارىپى ۋە ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتى بۇيۇنچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بىلەن بۇ ئورگانلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېيمىسى يېڭى باشقۇرۇش ھەيئەت كومتىتى ئەنقەرەگە بېرىپ، تۈركىيە پەن – تېخنىكا ئىدارىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېيمىسى يېڭى باشقۇرۇش ھەيئەت كومتىتى ئەنقەرەگە بېرىپ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى : – ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ۋە  تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى شۈكرۈ خالۇق ئاكالىن ئەپەندىلەر بىرگە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى : – ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق تۈركىيە گەبزە يۇقىرى تېخنولوگىيە ئېنىستوتىدا تاشقى پىلانتلار توغرىسىدا لىكسىيە بەردى.

ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى.

بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىز بولسا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ھەر زامان ئۇنى ئاڭلاشقا تەييار.

ئالاقە ئۇچۇرلىرى:

TEL :   0090 212 589 76 67

E-mail: uyghuracademy@gmail.com

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش