ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » مەكىت ھەققىدە

مەكىت ھەققىدە

مەكىت ناھىيسى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ غەربى جەنۇب، قەشقەر ۋىلايتىنىڭ شەرقى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى بىلەن تىزناپ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى كېسىشكەن قىسمىغا جايلاشقان.
ناھىيىنىڭ غەرب تەرىپى يەركەن ناھىيسى بىلەن، شىمال تەرىپى زەرپشان دەرياسىنى چىگرا قىلىپ مارالبېشى ناھىيسى بىلەن چىگرىلىنىپ تۇرىدۇ. جەنۇپ تەرىپى قاغىلىق ناھىيسىگە تۇتشىدۇ، شەرق تەرىپى خوتەن گۇما ناھىيسى قۇم بەلبىغى بىلەن تۇتشىپ تۇرىدۇ. شەرقتىن غەربكە 160 كىلومىتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 136 كىلومىتىر بۇلۇپ، ئۇمۇمى يەر كۆلىمى 15200 كۇۋادىرات كىلومىتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 530 مىڭ مو.
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە : بۇرۇنقى زاماندا، تەكلىماكاندا ناھايىتى باياشات، گۈزەل، روناق تاپقان، ھەممە يېرى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تولغان شەھەرلەر بار ئىكەن.
زامانلارنىڭئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنىڭ تائەت-ئىبادىتى ئاجىزلاپ، ئىمانى سۇسلىشىپ، ئۆز ئارا جېدەل-ماجرالار كۆپىيىپ، ئىنساپ يوقىلىشقا باشلاپتۇ. ئەتراپنى بۇلاڭ-تالاڭ، ئۆلۈم ۋەھىمىسى قاپلاپ كەتكەن بىر كۈنىكېچىسى، ئۇشتۇمتۇت ئاسماندىن قۇم-بوران چىقىپ، نەچچە كېچە-كۈندۈز قۇم يېغىشقا باشلاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاشۇ شەھەرلەرنىڭبىرىدە ئېتىقادنى يوقاتماي، تائەت-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئادەملىرى تولىمۇ ئاق كۆڭۈل بىر قوۋم بولۇپ، ئۇلار ئاللاتائالادىن بۇ بالا-قازادىن قۇتۇلۇشقامەدەت تىلەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىداشۇئان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي پەيدا بولۇپ : “ئاللاتائالا بۇ ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلمىغان ئاسىي بەندىلەرگە غەزەبلىنىپ، قۇم ياغدۇرۇش بالاسى بەردى، سىلەر بولساڭلار ئۆز نېسىۋەڭلەرگە شۈكۈر قىلىپ، ئاللاتائالانى ئەستىن چىقارمىغىنىڭلار ئۈچۈن، ئاللاتائالا سىلەرنى بۇ بالا-قازادىن ساقلاپ قىلىشنى ئەمىر قىلدى“ دەپ قولىدىكى ھاسا تاياقنى يەرگە سانجىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەشنى، قۇم يېغىش توختىغاندىن كېيىن كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىپ، سۈيى ئەلۋەك، يېرىمۇنبەت بىر جايغا ئورۇنلىشىشنىبۇيرۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ قوۋمدىكى كىشىلەر قول تۇتۇشۇپ، ھېلىقى كىشى بەرگەن ھاسا تاياق ئەتراپىنى چۆرگىلەپ يەتتەكېچە-كۈندۈزنى ئۆتكۈزگەندىنكېيىن قۇم يېغىش توختاپتۇ. لېكىن ئەتراپنى پۈتۈنلەي قۇم بېسىپ، شەھەرلەردىن ھېچقانداق ئەسىر قالماپتۇ. چۆرگىلەۋېتىپيىقىلىپ چۈشكەن نۇرغۇن كىشىلەرمۇ قۇمئاستىدا قېلىپ، پەقەت يەتتە ئادەملا ساق قېلىپ، كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىپ ئاران دېگەندە بىر دەريانىڭ بويىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇيەردە ياشايدىغان خەلق ناھايىتى مېھماندوست، مەرد كىشىلەر ئىكەن. ئۇلار بۇ مۇساپىرلارغا ئاۋۋال ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپتۇ. كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنىبوشىتىپ بېرىپ كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي ”مەردلەر كۆچكەن جاي“ دېگەن مەنىنى بېرىدىغان “ مەرتېگىن “ دېگەن نامبىلەن ئاتىلىپتۇ.
ئۇزاقيىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نام ئاستا-ئاستا ”مەرگېت“، ”مەركىت“، ”مەكىت“ دېگەن ناملارغا ئۆزگىرىپكىشىلەر تەرىپىدىن “ مەكىت “ دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ. “ مەكىت “ دېگەن نام شۇرىۋايەتتىن قالغانىكەن.
مەكىت خەلقى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ : چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغاندا چىڭگىز خان قوشۇنىنىڭ سانغۇنى چىن ئۆز قوشۇنىنى باشلاپكېلىپ مەكىت ناھىيىسىنىڭ ”ھاڭغېتلىق“ دېگەن يېرىگە چۈشكۈن قىپتۇ. چىن قوشۇنى چۈشكۈن قىلغان جاينى مەكىت خەلقى “ قالماقجىلغىسى “ دەپ ئاتاپتۇ.
چىنقوشۇنلىرى “ قالماق جىلغىسى “ نى تايانچ بازا قىلىپ، مەكىت خەلقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ ئېغىر ئەمگەككە ساپتۇ ۋەۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپتۇ. خوتۇن-قىزلارغاباسقۇنچىلىق قىلىپتۇ. مال-كالىلارنى بۇلاپ-تالاپ، ئۆلتۈرۈپ يەپ، مەركىت زېمىنىنى قۇرۇتۇۋېتىپتۇ. چىننىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان ئەل-يۇرت پالۋان يىگىت مەركىت گېۋىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلىنىپ چىنقوشۇنىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپتۇ. جەڭئىنتايىن كەسكىن، مۇشكۈل ۋە جاپالىق بوپتۇ. نۇرغۇن ياشلارنىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. شۇ قېتىمقى جەڭدە مەركىت گېۋىرىنەچچە يىل خەلقنى باشلاپ جەڭ قىلىش ئارقىلىقئاخىرى چىن قوشۇنلىرىنى ئۆلتۈرۈپ كۆمگەن جاينىڭ ئىسمى ”مازارى چىن“، ”چىن دەيدىغان مازىرى“ (‘چىن دەيدىغان مازىرى’ مەكىت ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى مازارنىڭ نامى) دەپ ئاتىلىپتۇ.
چىنقوشۇنى مەركىت گېۋىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن مەركىت گېۋىرىنىڭ نامى ئەل ئىچىدە شۆھرەت قازىنىپ “ دولاننىمەركىت ئاپتۇ. دولان مەركىتنىڭ شەھىرىگە ئايلىنىپتۇ“ دېگەن سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەنخەلق مەركىت گېۋىرىنىڭ باتۇرلۇقۋە خەلق سۆيەر ئۇلۇغ ئوبرازىنى مەڭگۈ خەلق قەلبىدە ئابىدە قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى “ مەركىت “ دەپئاتاپتۇ. مەركىت گېۋىرى ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر بۇ قەھرىماننى مەكىت بازىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى “ داۋزاقۇم “ غا دەپنە قىلىپگۈمبەز ياساپتۇ. بۇ گۈمبەز يېقىنقى يىللارغىچە “ مەركىت گېۋىرى گۈمبىزى “ دەپ ئاتىلىپتۇ.
يىللار ۋەزاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلق بۇ مىللىي قەھرىماننى مەڭگۈ ياد ئېتىپتۇ. “ مەركىت “ دېگەن نام ئېغىزدىنئېغىزغا كۆچۈپ، تىللاردا داستان بولۇپ كۈيلىنىپ، كېيىنچە “ مەكىت “ دېگەن سۆزگەئۆزگىرىپتۇ. مەكىت ناھىيىسىنىڭ نامى شۇ رىۋايەتتىن قالغانىكەن.
ناھىيىدە 9 يىزا، 1 بازار، 4 دىھقانچىلىق مەيدانى 4 ھەربىي پولك بار بۇلۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۆزبىك قاتارلىق 13 مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇمۇمى نۇپۇسى 174 مىڭ، ئاھالىسى ئىچىدە %90 ىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلاردۇر.
ناھىينىڭ تۆت پەسلى ئىنىق، تىپىك قۇرۇقلۇق كېلىماتىغا تەۋە. پاختا، بۇغداي، قۇناق، قۇغۇن، قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تېرىشقا ماس كىلىدۇ. چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن «دولان قۇيى» ئاپتونوم رايۇن ئىچى-سىرتىغا داڭلىق بۇلۇپ، قوينىڭ تېنى چوڭ، جۈپ قوزىلاش نىسپىتى يۇقىرى، گۆشى يىيىشلىك بۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
ناھىيىدە جەمئىي 20 مىڭ مودىن كۆپرەك تەبىئي توغراقلىق، 6700 مودىن كۆپرەك بەرپا قىلىنغان ئورمانلىق بار بۇلۇپ «قۇملۇقتىكى يىشىل مەرۋايىت» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ناھىينىڭ قاتنىشى قۇلايلىق، ھەر تەرەپكە تۇتىشىدۇ. مەكىت زەرەپشان كۆۋرىكى ناھىيىدىن 6 كىلومىتىر يىراقلىقتا بۇلۇپ، ئۇزۇنلىقى 936 مىتىر، ئۆلكە 2962 نۇمۇرلۇق قاتناش يۇلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاش يول كۆۋرۈكى ھىساپلىندۇ. بۇ كۆۋرۈك مارالبىشى بىلەن يەركەن تاشيۇلىنىڭ تۇتۇشۇش تۈگۈنىگە جايلاشقان.
2003- يىلى 10- ئايدا سېلىنغان مەكىت مەدەنىيەت مەيدانى ناھىيە مەركىزىگە جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى 102 مو، تۆت تەرەپلىك شەكىلدە. مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا ئادىللىقنىڭ سىموۋلى بۇلغان تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلغان، خەلىق مەيدانىغا قۇيۇلغان چاسا داڭقاننىڭ ئىگىزلىكى 2.6 مىتىر، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 2 توننا كىلىدۇ. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئارام ئېلىش ئورنى، مۇزىكىلىق فونتان، ئالتۇن بېلىق كۆلچىكى ۋە كۆكەرتلگەن يىشىللىق بەلبىغى بار. ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى مول بۇلۇپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇلىنىڭ ئانىسى«12 مۇقام» نى رەتلىگۈچى ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى. بۇ يەردە بارلىققا كەلگەن دولان مەدەنيتى بىر تۈركۈم تەتقىقاتچى، مۇتەخەسىس ۋە ئىكىسپىدىتسىيچىلەرنى جەلىپ قىلدى.مەدەنىيەت پائالىيتنىڭ موللىقى، كەڭ تارقىلىشى بۇ ناھىيسىنى مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئىلغار ناھىيە دىگەن گۈزەل نامغا ئىرىشتۈردى. بۇ يەردە قۇيۇق مىللىي پۇراققا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بۇلۇپ، ناھىيىنى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت تەنتەربىيسىدە ئىلغار ناھىيە ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە تەنتەربىيىدە ئىلغار ناھىيە دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشتۈردى.
ناھىينىڭ يانتاق (3-يىزا)، قۇمقىسار (7-يىزا)، تۆمەنتال (4-يىزا)، غازكۆل (5-يىزا) يىزىللىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن دولان ئۇسۇل ماكانى، مىللىي رەسساملار يېزىسى، مىللىي سەنئەت يىزىسى قاتارلىق ناملارغا ئىرىشىتى.
مەكىت قۇمقىسار يىزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىغا 13 كىلومىتىر ئارلىقتا بۇلۇپ، 1993-يىلى جۇڭگۇ ئەنگىلىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەتىرىتى مۇشۇ يەردىن قۇملۇققا كىرگەن. قۇملۇق ئەتراپىدا پارچە-پارچە ئىتىدائي توغراقلىق، سۆگەتلىك ۋە يۇلغۇنلۇق بار بۇلۇپ، ئىكىسپىدىتسىيچىلەرنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا سەپەر قىلىشىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ھىسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئەتىرىتى مۇشۇ يەردىن قۇملۇققا كىرىپ قەدىمي توغراقلىق، قەدىمي دەريا قېنى ۋە قەدىمىي شەھەر ئىزلىرنى تاپقان.
مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا
خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ئىستىداتى ۋە ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تۇنۇشلۇق بولغان مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىرە مەلىكە ئاماننىساخان تەخمىنەن مىلادىيە 1523-يىلى دۇلان تىزناپ دەرياسى بويىدىكى غازكۆل يېزا قومۇشلۇق مەھەللىسى كەمبەغەل بىر ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاماننىسا توغرۇلۇق تەپسىلىي ھەم ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىزگە موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىئمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) ناملىق قىممەتلىك ئەسىرى ئارقىلىق يىتىپ كەلگەن بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئاماننىساخان توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: 
ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكە ئاماننىساخان خېنىم ئىدى، بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ «دىۋان نەفىسى» ناملىق شىرىن بىر كىتاپ يازغانىدى، خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى، مۇزىكا ئىلىمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى.سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخىت يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە بىرنەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى.سۇلتاننىڭ كىچىلىرى پۇقراچە ياسىنىپ، قۇنۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىسىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەگە زۇلۇم-سەتەم قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى.بىر كۈنى شۇ يۇسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن خارابى بىر ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى، بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى، بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇد نىڭ قىزى ئىدى، سۇلتان ئۆينىڭ بولۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ، مەھمۇدتىن تەمبۇر چېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى، مەھمۇد :«مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن، مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى، سۇلتان :«ئەمسە قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن» دىدى.مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى، قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شىنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران قالدى، بۇلۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شىئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا، سۇلتان قىزنىڭ مۇھاببىتىدە كۈيۈپ بىھۇش بولۇپ كەتتى، شىئىرنىڭ باشلانمى بېيىتى مۇنداق ئىدى:

سەڭا يۈز شۈكۈر يارەپ بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
فەقىر-مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ.
بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باغلانغانىدى
نەفىسى كىچە -كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىگە،
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ.
غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىردپ :«نەفىسى دىگەن شائىر كىم ؟سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن ؟» دەپ سورىغانىدى
قىز:
«خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن؟ مەن ناۋائىي، فۇزۇلىي، زەلىلىنىڭ شىئىرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن، بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ، نەفىسى دىگەن مىنىڭ تەخەللۇسۇم» دەپ جاۋاپ بەردى، سۇلتان ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىغانىدى، ئاتىسى «13 ياشقا كىردى» دەپ جاۋاپ بەردى، سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى.ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قۇپۇپ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شىئىرلارنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى، خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى، پادىشاھ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارەسىدەنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنمەي:«قېنى ئەمسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شىئىر يېزىپ بېقىڭ» دىگەنىدى، قىز دۈۋەت-قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى:

يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەپ سۇئىزەن مەڭا،
گۇيا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن مەڭا.

سۇلتان كۈلدى، ئىشەندىم، ماڭا ھەجۋى قىلمىسىلا دىدى ۋە مەھمۇد بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ «بىز ھېلى كىلىمىز» دەپ كىتىپ قالدى.ئۇ لەشكەرگاھىغا بېرىپ ، ۋەزىر-ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى، بېشىغا تاج كىيىپ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى، دەرھال ئون قوي ۋە ئەتلەسلەر تەييارلاندى، تۈن يېرىمدا قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۈيىگە كېلىپ مەقسەدنى بايان قىلدى، پادىشاھ ئۈزىنى ئاشكارا قىلىپ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى. خۇدايىتائاللاھ بۇ قىزغا شۇندق ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى بۇنى تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، «دىۋان نەفىسى» نى يازدى، خۇتۇن -قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتاپ يازدى.«شورۇھۇلقۇلۇب» (قەلىبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى، شائىرلىق ۋە نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنداق مەنىلىك كىتابلار ئاز، «ئىشرەت ئەنگىز» (شادلىق قوزغىغۇچى) ناملىق مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى، كۈچلۈك رەشىك تۈپەيلىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ھەم شۇ بۇيىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگىتىلگەن، بۇ مەلىكە 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان دىيىلىدۇ، مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرەۈدەك ھالغا يىتىپ سەۋدايىلىق كىسىلىگە مۇپتىلا بولدى، سۇلتان ئاخىرى يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى دىيىلىدۇ.
ئاماننىسا ھەققىدە يەنە موللا سالىھ كاشغەرىنىڭ «چىڭگىزنامە» دىگەن ئەسىرىدە «…خان ئاخىرى بىر رەئىف لۇلىنى ئالدىلەر، چۈچۈك خانىم سەرزەنىش (تاپا-تەنە) قىلدى « : سەن لۇلىنى ئالدىڭ دەپ، خان بۇ روبائىينى توساتتىن ئېيتتىلەر :

«مەھبۇب ئەگەر كۆڭۈل قەبۇلى بولسە،
شىرىن ھەرەكەت، خۇش ئۇسۇلى بولسە.
جان ئوتراسىدا ئانىڭكى يولى بولسە،
نى ئەيىب ئانىڭ ئەسلىسى لۇلى بولسە،
خانىم ھەم گۈزەشىت (كەچۈرۈش) قىلدىلەر.»
دەپ يېزىلىپ ئاماننىساخاندىن بىشارەت بېرىلگەن.

بۇ يەردىكى «لۇلى» سۆزى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىم ۋادىسىدىكى دولان دىيارىدا ياشاپ كەلگەن سەنئەتخۇمار مەكىت خەلقىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار فىئۇدال مۇتەئەسسىپ ئىشانلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ «لۇلى» دەپ ئاتالغانىدى.بۇ ئاماننىساخاننىڭ ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىر، ئاددى، سەنئەتكار خەلىقنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يۇقىرقى تارىخى ماتىرياللاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى مەلىكە ئەماننىساخان بىر ئاددى، كەمبەغەل ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۆزىنىڭ گۈزەل لاتاپىتى ۋە بىلىمى بىلەن سۇلتاننىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان.مەلىكە ئاماننىساخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھەقىقى سۆيگۈسىگە ئىرىشكەن، ئەل ئارىسىغا بېرىپ مۇقامنى قېزىش، توپلاش، رەتلەش، يۇرۇشلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشتا ئۇنىڭ قوللىشىغا ھەم ھىمايە قىلىشىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ ئوردىدىكى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ ۋەزىر -ۋۇزۇرالار ۋە دىنى ھوقۇقنى قولغا ئېلىۋالغان خوجا-ئىشانلار بىرلىشىپ ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپقان.ئۇلار«ئوردىنى مۇقامچىلار ئىگەللەپ كەتتى، قوللىرىغا ساز تۇتۇشىۋالغان زىدى پەس تىجىمەللەر خالىغانچە كىرىپ ئوردىنى قەلەندەرخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، خانلىقنىڭ غەزىنىسىدىن نۇرغۇن ئاقچىلار بىھۇدە خەجلىنىپ كەتتى، خانىش ئاماننسا خېنىم ئاشۇ تىجىمەل مۇقامچىلارغا مۇبارەك جامالىنى ئۇچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بىللە ساز چېلىشىپ، مۇقەددەس دىنىي ئىسلامىمىزغا مۇىالىپ كىلىدىغان گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ» دىگەندەك بەدناملارنى چاپلاپ مۇقامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك مەنىۋىي رەھ غەزىنىسىنى يوقىتىۋەتمەكچى بولۇشقان.
مەلىكە ئاماننىسا خېنىم ئەنە شۇنداق چەتكە قېقىش، يۇشۇرۇن ئاھانەت قىلىشلارغا چىداپ مۇقام رەتلەش، شىئىر يېزىش ئىشلىرىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان، قىدىرخان يەركەندىدەك مەشھۇر مۇقام ئۇستازلىرى ئۇنىڭغا ھەرجەھەتتىن ياردەمدە بولغان، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانمۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۇنى قوللىغان.ئاماننىساخان سۇلتاننىڭ مۇھاببىتىدىن ۋە ئادالەتلىكىدىن سۈيۈنۈپ ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق بىر پارچە شىئىر يازغان، بۇ شىئىر ھەم ھازىرغىچە مۇقام تېكىستلىرى بىلەن بىللە زامانىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن :

كىشى كەلدى جاھانغا كۆردى تەڭسىزلىك بالاسىنى،
خۇداۋەندە قۇبۇل قىلغىن فەقىرلەر ئىلتىجاسىنى.
ئادالەت بىرلە دۇنياغا ھۆكۈم سۈرسە ئۇلۇغ خىسلەت،
شۇڭا ئەل باشپاناھ دەرلەر دىيارىم پادىشاھىنى.
چىمەندە گۈل ئېچىلغاندا قىلۇر بۇلبۇل نىچۈك تاقەت،
شۇ چاغ بۇلبۇل تۇرالامدۇ جاراڭلاتماي ناۋاسىنى.
ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلۇغ سەردارىنى يادلاپ،
نەفىسە چالدى شۇكرانە قىلىپ بۇ پەنجىگاھىنى

بىراق زامان چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، ئاياللارئارىسىدىن چىققان بۇ لاتاپەتلىك، بىلىملىك، قەيسەر مۇقام خانىشى تەخمىنەن مىلادىيە 1557-يىلى ئوردىدا تۇغۇت ئۈستىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دىگەن :«مەن بۇ ئالەمدىن كېتىمەن، ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشتىم، بۇنىڭدىن باشقا سەرمايەم، ياخشى خىسلەت، پەزىلىتىممۇ يوق. ئۆز ھاياتىمدا يېزىپ چىققان مەنىۋى ئۈمۈدۈم -غەزىنەمنى باقىي ئالەمگە ئېلىپ كېتەي.قۇمۇش قەلەملىرىمنىڭ قېرىندىسى بىلەن سۇ ئىسسىتىپ مېنى يۇيۇڭلار، مەلىكە رازىيەنىڭ ياقۇت يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەسھەپ شىرىپنى تېخى كۈچۈرۈپ بولالمىغانىدىم، قىزلارنىڭ بىرى ئاخىرنى يېزىپ ئەلگە تەقدىم قىلسۇن، پاتىمە بىننى ئەھمەدنىڭ خۇش خەتنى بىلەن قەبرەمگە خاتىرە يېزىڭلار……
( ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ تەۋارىخى مۇسقىيۇندا ئېيتىلغان، مەلىكىنىڭ 34 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ مەلىكىنىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن سەۋدايىلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلقكى توغرىسىدىكى بايانلارغا ئاساسەن مەلىكە ئاماننىساخاننى ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ باشلىرى يەنى مىلادىيە 1520-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى دۇنياغا كېلىپ ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى يەنى مىلادىيە 1550-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن دەپ قاراش مۈمكىن).
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا گۈھىرى بولغان ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش، يۈرۈشلەشتۈرۈش.ئەل ئارىسىغا تارقىتىش ئىشلىرىغا ناھايتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان، خەلىقنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ يالقۇنلۇق يۈرەك سۇقۇشتىن بىمەھەل توختىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ شۇ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنىڭ شەرىپىتىگە خەلقىمىز ئۇنى تاكى ھازىرغىچە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ، نامىنى يادلاپ، ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈنئابىدىلەرنى قاتۇرۇپ، روھىنى تاۋاپ قىلىپ كەلمەكتە ھەم كەلگۈسىدىمۇ ئۇنىڭ مۇبارەك مۇقام خانىشىلىق نامى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ئورنىغۇسى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش