You Are Here: Home » ئومۇمى » ئەردوغان: «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمنى ئەيىبلىدى

ئەردوغان: «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمنى ئەيىبلىدى

453198[1]تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ ئەردوغان ئوسمانىيە ئىسلام ئىمپىرىيىسىگە ھاقارەت قىلغان ئاتالمىش «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمنى ئەيىبلىدى !
فىلىمدە ئوسمان ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ شەرىئىي  قانۇن ۋە ئىسلام ئەخلاقلىرى چۈشكۈنلەشكەن،  ئوردا ئاياللىرى يىرىم يالىڭاچ تەسۋىرلەنگەن. سۇلتان سۇلايماننى بولسا بىر ئاياللارغا بىرىلگەن، ئوردىدىن سىرتقا چىقالمايدىغان بىر سۇلتان قىلىپ  تەسۋىرلەپ بىر ئسلام ئىمپىرىيەسىنىڭ سۇلتانىنىڭ ۋە ئىسلام ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن شەرئىي قانۇنلارغا ئەينى دەۋىر رىئاللىقىنى قاتتىق  بۇرمىلىغان ئاساستا ھاقارەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە، ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيەسى بولسا، يەرشارى تارىخىدىكى تا ھازىرغىچە بولغان دۆلەتلەر، خىلاپەتلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر ئىسلام  ئىمپىراتورلىقى، بۇ ئىسلام ئىمپىراتورلىقى سۇلتان فاتىخ مۇھەممەت 1453-يىلى خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەركىزى پايتەختى   ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ئۈزلۈكسىز  كىڭىيىپ كۈچلىنىپ سۇلتان سۇلايمان دەۋرىگە كەلگەندە تاكى ياۋروپا خىرىستىئانلىرىنى قىستاپ  فىرانسىيە چىگرىسىغىچە بىسىپ بارغان. سۇلتان سۇلايمان ھەرگىزمۇ بۇ باتىل فىلىمدە تەسۋىرلەنگەندەك ئاياللارغا ئامراق، ئۆيدىن تالاغا  چىقالمايدىغان بىر ئىمپىراتور ئەمەس. ئۇ 30 يىلدەك ھاياتىنى ياۋروپانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن  ئات ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن، دۆلەت ئىچىدە قۇرئان شەرئىي ھۆكىمىنى ئادىللىق بىلەن يولغا قويغان ۋە ئوسمانلىي تۇپراقلىرىدا ئىسلام شەرىئىتى ئىچىدە ياشىغان خەلىق ئۇنى قانۇننى لىللا يۈرگۈزگۈچى دىگەن مەنىدە «سۇلايمان  قانۇنى»دەپ ئاتىغان . بۇ دەۋىردە ياۋروپا تارىختىكى ئەڭ كىچىك ھالەتكە كىلىپ  قالغان.
بۇ فىلىمگە كەلسەك تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىشلەنمىگەنلىكى ئىنىق تۈركىيەدىكى گىزىت، كىنوچىلىق، نەشرىيات قاتارلىق مۇھىم تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ كۆپىنى يەھۇدىيلار كونترول قىلغان. بۇ شۇ غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ مەقسەتلىك ئىشلىگەن كىنوسى. شۇڭا ئەردوغانمۇ بۇ قىتىم بۇ نۇقتىنى ئىنىق سۆزلىدى. بۇ فىلىم دىيارىمىزغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كىردى. كەڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ فىلىمنى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش غەيرىي دىندىكىلەر تەرىپىدىن ئىشلەنگەن تۈركىيە نامىدىكى فىلىملىرىنى كۆرمەسلىكىنى ۋە بۈيۈك ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە ۋە بۇ ئىسلام ئۈچۈن ئۇلۇغ تۆھپىلەر قوشقان سۇلتانغا خاتا چۈشەنچە ھاسىل  قىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئەردوغاننىڭ  نۇتۇقى  :

قېرىنداشلىرىم ! بىز دۇملۇپناردىكى شېھىدلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.
قېرىنداشلىرىم ! بىز دومارىچتىكى ئوسمانىيە ئىسلام ئىمپىرىسىنى قۇرغان روھنىڭ ئىدراكى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.

مۇخالىپ پارتىيەلەر نېمە دەۋاتىدۇ ؟
سىلەرنىڭ غەززەدە نېمە ئىشىڭلار بار؟ دەۋاتىدۇ، سىلەر سۈرىيەگە نېمىشقا كۆڭۈل بۆلىسىلەر؟ دەۋاتىدۇ. لىۋان، كوسوۋا، ئېراق، ئەزەربەيجان، بىرما، ئافغانىستان، سومالى بىلەن سىلەرنىڭ نېمە كارىڭلار ؟ دەۋاتىدۇ.
بۇنى دىگەنلەر بىزدىن ھىچ رەنجىپ ئولتۇرمىسۇن، بىز 7 مىليارد نوپۇسلۇق بۇ يەرشارىدا ياشاۋاتىمىز، قانداق ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئىنتايىن ياخشى بىلىمىز. ئەجدادلىرىمىز ئات ئۈستىدە بارغان ھەر جايغا بىزمۇ بارىمىز، ھەرجايغا بىزمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز. ئەمما بۇلار پەرىزىمچە ئەجدادىمىزنى تېلىۋىزىيە ئىكرانىدىكى «سەلتەنەتلىك يۈز يىل » ناملىق فىلىمدىكىدەك بىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىزنىڭ بۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنداق ئەجدادىمىز يوق، بىز ئۇنداق قانۇننى تونۇمايمىز ، بىز فىلىمدە تەسۋىرلەنگەندەك  ئۇنداق سۇلتان سۇلايماننى تونۇمايمىز، ئۇ بىز بىلىدىغان ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆمرىنىڭ 30 يىلى ئات ئۈستىدە ئۆتتى، ئوردىدا سىلەر كۆرگەن ئۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىكىدەك ياشىمىدى. بۇنى ئىنتايىن ياخشى بىلىۋىلىشىمىز كېرەك. بۇنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىپ قويىشىمىز كېرەك. مەن بۇ فىلىمنىڭ رىژىسسورلىرىنى، بۇ فىلىمنى قويغان تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خوجايىنلىرىنى مىللىتىمنىڭ ئالدىدا ئەيىپلەيمەن. بۇ مەسىلىدە گەرچە مەسئۇللارنى ئاگاھلاندۇرغان بولساقمۇ، سوتنىڭمۇ تېگىشلىك ھۆكۈمنى بېرىشىنى كۈتىمەن. بۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىلىرى بىلەن ئويناشقانلارغا مىللىتىمىز تىگىشلىك ساۋاقنى، تىگىشلىك جاۋابنى قانۇنىي يوللار بىلەن بېرىشى كېرەك.

مەنبە : ئۈندىدار

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top