• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » «ئېرپان كارتون ئىشلەش گۇرۇپپىسى» ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ

«ئېرپان كارتون ئىشلەش گۇرۇپپىسى» ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ

rivayet_kartunliriئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدەرلىك تورداشلار ۋە بارلىق كارتون فىلىم ھەۋەسكارلىرى.
مەن ياپونىيىدە كارتون كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ، بۇ يىل مەزمۇنلۇق دىگىتال ۋاستىلەر كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەت بولىمەن.
مەن «كارتون دۆلىتى» دەپ نام ئالغان ياپونىيىدە، 2008- يىلىدىن تارتىپ كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپى بويىچە ياپونىيىنىڭ دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ، بۇ يىل غەلبىلىك ھالدا دىگىتال مېدىيا سودا مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتى بويىچە ئۆز مەكتىپىمنىڭ ئاسپرانتلىقىغا قۇبۇل قىلىندىم. تولۇق كۇرسنى ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى، جەريانى شۇنداقلا دىگىتال مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق مەزمۇنلۇق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كارتون فىلىم سودىسى ھەمدە ئەقلى ئەمگەك مال- مۈلىكىنى قوغداش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋىي قەغەز يۈزىدە ئىشلىنىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، يېڭىچە دىگىتال تېخنىكىلار بىلەن بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەيلى ئىشلەش سۈپىتى ياكى تارقىتىلىش، شۇنداقلا خەلقئارادىكى تەرسىر كۈچى جەھەتتە بولسۇن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ياپونىيىنىڭ كارتون ساھەسىگە بولغان چۈشەنچەم ھەسسىلەپ ئاچتى. ھەمدە ئاسپرانتلىق تەتقىقاتىمنىمۇ كارتون فىلىم سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم.

172207rhc2rt9d9n2vnnv3[1]ئۇيغۇر مىللىتىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مىللەتلا بولۇپ قالماستىن، تارىختا ئۆتكەن مۈتەپەككۇر ئالىملىرىمىز، قەھرىمانلىرىمىز،شۇنداقلا ئەدەبىي – سەنئەت ۋە ھېكايە چۆچەك قاتارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز جوڭگو دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس خەلقئاراغا داڭلىقتۇر. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا – ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ ئەللىرىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرى سىڭىپ كىرگەن بولسىمۇ، ئۆز مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئۆز مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. غەرپ ئەللىرىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىپ، بىزدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىشىدىمۇ دەل كىنو – تېلىۋىزىيە ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق مېدىيا ئۇچۇر ۋاستىلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۇنداقتا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ ئىلغار بولغان مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈنمۇ دەل مېدىيا ۋاستىلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا تامامەن مۇمكىندۇر.

2011- يىلى يازلىق تەتىل ۋە 2012- يىلى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، مەن ئۈرۈمچىدە ئىككى قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپىنى ئۇيۇشتۇردۇم.كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراق دېمەي، ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا توغرا بولغان كارتون بىلىملىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرسكە تولۇق قاتنىشىپ بېرىشى مېنى سۆيۈندۈردى، شۇنداقلا ئەگەر مۇنتىزىم بولغان تەربىيىلەش سېستىمىسى يولغا قويۇلسا، شىنجاڭنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش سەۋىيىسىنىڭمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۇقىرى سەۋىيىگە كېلىشىگە ئىشەنچ پەيدا بولدى. ھەمدە ئاسپرانتلىق تەتقىقاتىمنىمۇ شىنجاڭدا كارتون فىلىم سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يېڭىچە بولغان ئىپادىلەش ۋاستىسى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ھەققىدە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم. لېكىن بۇ تەتقىقاتنى ئوڭۇشلىق ئېلىپ بېرىپ، نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن، چوقۇم بىر سىناق تەرىقىسىدە، قىسقا ۋەقەلىك ھەمدە يۇقىرى بولغان سەۋىيىدىكى كارتون فىلىمنى ئىشلەپ، خەلقئارادىكى كىنو ۋە كارتون فىلىم فىستىۋاللىرى ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ، ئېتراپ قىلىشقا ئىگە بولۇش ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن 2013-يىلى، يەنى بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ‹قىسقا كارتون فىلىم ئىشلەش پىلانى› نى تۇزۇپ،كارتون فىلىمنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدىكى سىنارىيە،كۆرۈنۈشكە بۆلۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشلاپ،8-ئايدىن باشلاپ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ،ئۈرۈمچىدە ئىشلەش باسقۇچىنى ئېلىپ بېرىشنى  پىلانلىدىم.

بۇ قېتىم ئىشلىمەكچى بولغان فىلىم خەلقئاراغا ئورتاق بولغان ئەنئەنىۋىي قەغەز يۈزىگە سىزىپ ئىشلىنىدىغان ئىككى ئۆلچەملىك فىلىمنى ئاساس قىلغاندىن سىرت،كومپيوتېر گىرافىكى ۋە ئۈچ ئۆلچەم،ھەمدە ئالاھىدە تۈس بېرىش قاتارلىق 21- ئەسىردىكى يېڭى تېخنىكىلاردىنمۇ ئۈنۈملۇك پايدىلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ.  كارتون فىلىمنىڭ ئىشلەش باسقۇچى ۋە توغرا بولغان ئىشلەش ئۇسلۇبىنى بىلىدىغان ياكى تورلاردىن بۇنى كۆرسىمۇ شارائىت ۋە پۇرسەت بولماسلىق سەۋەبىدىن تالانتى ۋە ئەمەلىيىتىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ. بۇ قېتىم ئىشلىنىدىغان فىلىمنىڭ ئىشلىنىش ۋاقتى قىسقا، تەلەپ ھەقىقەتەن يۇقىرى بولغاچقا،  ئۆزۈم يېتىشتۇرگەن ۋە بېكىتكەن كەسپى خادىملىرىمىزنىڭ سانى فىلىم ئىشلەشكە يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. شۇڭا بۇ فىلىمنىڭ ۋاقتىداۋە ئۇتۇقلۇق ئىشلىنىپ، كېلەر يىلىدىكى كارتون كۆرگەزمىلىرىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە ئادەم قۇبۇل قىلىمىز.

1.ئەسلى رەسىم: ئەنئەنىۋىي كارتون فىلىمدىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەت سىزغۇچى.ئېنگىلىزچە KEY ANIMATION
قۇبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى 2 نەپەر
تېز سىزما ۋە ناتۇرا سىزىش تېخنىكىسى يۇقىرى،رەسىم سىزىش تەجرىبىسى 3يىلدىن يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

2.ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دىكۇراتسىيە: كارتون فىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش مەنزىرىسى ۋە پىرسۇناژنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىدىكى دىكۇراتسىيە رەسىملىرىنى سىزىش
قۇبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى 1 نەپەر
تېز سىزما ۋە پىرسپىكتىۋ (透視)سەۋىيىسى يۇقىرى، كومپيوتېر گرافىكىدا مەنزىرە ۋە ھەر تۈرلۈك رەسىملەرنى سىزىش تەجرىبىسى بار بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

3.ئارقا كۆرۈنۈش لايىھىسى: ئارقا كۆرۈنۈش سىزىشتىن بۇرىنقى لايىھە،يەنى كۆرۈنۈش لايىھىسىدا بېرىلگەن ئۇچۇر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا سىزىلىدىغان رەڭسىز لايىھە.
قۇبۇل قىىلىنىدىغان ئادەم سانى 1 نەپەر
پىرسپىكتىۋ سەۋىيىسى يۇقىرى، تېز سىزما ۋە سۇ،ماي بوياق رەسىملىرىنى سىزىش تەجرىبىسى بار بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

4.كىيىم-كېچەك لايىھىسى: پىرسۇناژ لايىھىسىگە يانداش ئېلىپ بېرىلىدىغان كىيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل زىننەت لايىھىسىنى
قۇبۇل قىلىدىغان ئادەم سانى 1 نەپەر.
كىيم -كېچەك لايىھىسى ۋە مودا كىيىم لايىھىسى تەجرىبىسى بار بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

5.بىناكارلىق،نەققاشلىق لايىھىسى: كارتون فىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە سىزىلىدىغان ئىمارەت ۋە بىزەكلەرنىڭ لايىھىسى بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈش لايىھىلىگۈچى ۋە سىزغۇچى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان لايىھە
قۇبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى 1 نەپەر
ئۇيغۇر بىناكارلىق ۋە نەققاشلىق بىلىملىرىدىن خەۋىرى بولغان،تېز سىزما ۋە پىرسپىكتىۋ بىلىمى يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

يۇقارقى مەخسۇس تۈرلەر بويىچە قۇبۇل قىلىنغانلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەستىن،ئۇمۇمىيۇزلۇك ئېلىپ بېرىلىدىغان تولۇقلىما ھەرىكەت سىزىش ۋە رەڭ بېرىش قاتارلىق تۈرلەرگىمۇ قاتناشقاندىن سىرت، ئۆز تەقسىماتى  دائىرىسى بويىچە خام ماتىرىيال توپلاش(مەنزىرە رەسىملەر توپلىمى ۋە نەققاشلىق كىتابلىرى قاتارلىق پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى)قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

تىزىملىتىش ۋاقتى:2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2 -كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە.
تىزىملىتىش ئىلخەت ئادرىسى: conankudou@msn.com
(ئىلخەت ئادرىسىغا تىزىملاتقۇچىنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ۋە قىسقىچە تارىخى ۋە تىزىملاتماقچى بولغان تۈر بويىچە بىرەر پارچە رەسىم ئەۋەتىسىز)
چ چ نومۇر:474813600
(ئىلخەت ئادرىسىغا خەت يېزىشتىن بەكرەك چ چ دا ئالاقىلىشىشنى قولايلىق كۆرگەنلەر چ چ دا مېنى قوشۇپ، تەستىق سورىقىغا مەقسەت ۋە ئىسمىڭىزنى يېزىڭ،تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن قايسى تۈرگە كىرمەكچى بولغىنىڭىز ۋە قىسقىچە تارىخىڭىز،ھەمدە تاللىغان تۈرگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر پارچە سىزغان رەسىمنى ئەۋەتىڭ )

تىزىملاتقانلاردىن سىناق ئېلىش ۋە ئەسىرىنى باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ،بەش تۈر بويىچە 6 ئادەم تاللىنىپ چىقىدۇ.تاللىنىش نەتىجىسىنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تىزىملاتقۇچىلارغا يوللىغاندىن سىرت،رىۋايەت تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق كارتون فىلىم ئىشلەش پىلانىدا ئىككى كارتون فىلىم ئىشلەش پىلانلىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككى فىلىمنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈش نىشان قىلىنىدۇ. لېكىن فىلىم ئىشلەش پەقەت مېنىڭ تەتىل ۋاقتمدىلا كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، يازلىق تەتىلدە بىر ئاي،قىشلىق تەتىلدە بىر ئاي بولۇپ جەمئىي بىر فىلىم ئىشلەشكە ئىككى ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.قىشقا فىلىم ئىشلەشنى ئاسان دەپ بىلىدىغان كارتون ھەۋەسكارلىرى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ھەقىقىي سەۋىيىدىكى قىسقا كارتون فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىش ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.شۇڭا ئىككى ئاي ئىچىدە بىر ياقتىن ئۆگىتىپ، بىر يارقتىن ئىشلەش ئۈچۈن ماڭا چۈشىدىغان بېسىممۇ ئىنتايىن زور.لېكىن بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا قۇربانلىق بېرىشتىن باش تارتىشقا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
مەن ئۆزۈم بىر چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىمنى ئارانلا قامداپ كېتىۋاتقان ھالەتتە.بەلكىم چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان تونۇشلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بارلار بۇنى ئاڭلىغان بولۇشى ياكى چۈشىنىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ تېخى بارلىققا كەلمىگەن ۋە تەرەققىي قىلمىغان بۇ ساھە ئۈستىدە تەتقىقات ياردەم پۇلى ئېلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى نۇرغۇن يەرلەرگە ئىلتىماس قىلىپ رەت قىلىنغانلىقتىن چۈشەندىم. بۇ فىلىمنىڭ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ياراتماسلىقى ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى نەتىجە ۋە باھالاشقا بېرىپ تاقىلىدىغان بولغاچقا،مەبلەخ ۋە دەسمى سېلىپ ئۇنىڭ ئىقتىسادى قىممىتىدىن نەپ ئېلىش مۇمكىنچىلىكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە  ئەمەلگە ئېشىشى تەس.تېخى ھەقىقىي سانائەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنلىكىدىن سىرت،تۇراقلىق ساھە بولۇپ شەكىنلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئكەم دېگەندە ئالدىنقى بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش ئارقىلىق قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.  شۇڭا يۇقىرى ئىش ھەققىي بېرىپ ئىشلىتىش شارائىتىنى بەلكىم ھازىرلاپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئەمما توغرا بولغان بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆگىتىپ ۋە يەتكۈزۈپ، ئۇيغۇر كارتونچىلىقىغا يېڭى قەدەم ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە مەيدان ھازىرلاپ بېرىش مېنىڭ قولۇمدىن ھازىر كېلىدىغان بىردىنبىر ئىش دەپ ئويلايمەن.ئەمما فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان ھەربىر كىشىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇم.شۇڭا بۇ گۇرۇپپىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان دوستلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ھەمدە مۇشۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىپ ،ئۇيغۇر كارتون فىلىمچىلىقى ئۈچۈن تۇنجى يېڭى يولنى ئېچىشقا مەن بېلەن تەڭ كۆرەش قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزى رىژىسورلۇق قىلغان كارتون فىلىم  Dream
بۇ ئەسەرنى ئىشلەش ئۈچۈن8ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم يوق ۋە كەم بولغان ئادەم كۈچى ئارقىلىق، بەش مىنوتلۇق قىسقا ۋەقەلىك فىلىمنى ئىشلەپ چىقىش، بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇيدىغان چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاسان توختىمىدى.

بىرئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرەر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ شۇنىڭ مېۋىسىدە ئىقتىسادى قىممەت ياراتقىنى بولىدۇ.ھەقىقەتەن بىز قوللىمىساق قەتئىي بولمايدىكەن. يېقىننى ئەمەس يىراقنى كۆزلەش كېرەكتۇر…. ئەگەر سىز يۇقىرىغا شەرتكە چۈشسىڭىز دەرھال ئېرپانجان بىلەن ئالاقىلىشىڭ … ھەم باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ…

مەنبە: رىۋايەت كارتۇنلىرى  http://rivayat.com/ur/forum.php?mod=viewthread&tid=844

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top