ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » دوپپا ۋە دوپپا مەدەنىيىتىمىز

دوپپا ۋە دوپپا مەدەنىيىتىمىز

uyghur doppisiدۇنيادىكى ھەر خىل ئىرق، مىللەتلەر ھەر خىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمى كىيىدۇ. ھەر قانداق باش كىيىم ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئەڭ تېز ۋە ئەڭ بىۋاسىتە كۆزگە تاشلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ باش كىيىم ئوخشاشلا شۇ مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان كىيىپ كەلگەن باش كىيىمى دوپپىمۇ خەلقىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، رولىنى بەلگىلەيدىغان، تۇرمۇش قارىشى، ئېستېتىك قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە بەلگىلىرىنىڭ بىرى. خەلقىمىز بوستانلىق مەدەنىيىتىگە قەدەم قويۇپ، شەھەرلىشىشكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ رەتلىك، سۈپەتلىك، كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ كۆركەم، يارىشىملىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن. 
 
    ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلىنىش داۋامىدا دوپپىلىرىمىز ئاللا بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئىستېمال قىممىتىدىن ھالقىپ، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىز ۋە سەنئىتىمىزنىڭ نامايەندىسىگە، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىگە، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. دوپپا كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىمىزدە ئەزەلدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ھازىر، دوپپىلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، تۈزۈلۈشى، تۈرى جەھەتتە ئەتراپلىق ئىزدىنىۋاتقانلار كۆپ. 
 
    دوپپىلىرىمىزنى شەكلىگە ئاساسەن يۇمىلاق دوپپا، تالالىق دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئاق(شاپاق) دوپپا، قاتۇرما دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ رەڭ پەرقى بويىچە ئاق دوپپا، رەڭدار كەشتە دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ ئىستېمال ئوبيېكتىغا قاراپ ئەرەنچە دوپپا، ئايالچە دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ كەسىپ ئايرىمىسىغا ئاساسەن سەللە دوپپا ۋە ئادەتتىكى دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ كەشتە بەت يۈزى پەرقى بويىچە تۈز كەشتىلىك دوپپا، قاپارتما كەشتىلىك دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ ئۇنىڭدىن باشقا 16 كىچىك تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. گۈل نۇسخىلىرىنىڭ شەكلى، سىمۋوللۇق مەنە پەرقىگە ئاساسەن بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، مەنپۇ دوپپا، چاشما دوپپا، گىلەم دوپپا، غۇلجا دوپپىسى، تاشكەنت دوپپىسى دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. دوپپا گۈللىرىدە ھەر قانداق ھايۋان، ئۇچار قۇش، ھاشارات ۋە ئادەم ئوبرازى يارىتىلمايدۇ. بۇ دوپپىچىلىقىمىزدا ئەقىدە – ئېتىقاد قارىشى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دوپپىلىرىمىزغا ھەر خىل گۈل – نەقىشلەرنى كەشتىلەش كەشتىچىلىك سەنئىتىمىزنىڭ بىر نامايەندىسى بولۇپ، دوپپىلىرىمىزنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل – نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 
 
    بۇ ھەقتە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ دوپپا مەدەنىيىتى جەھەتتە ئىزدىنىپ كەلگەن 4 – ئەۋلاد دوپپا – تۇماقچىلىق ۋارىسى مۇھەممەترىشاتنىڭ تەھلىلى مۇنداق : دوپپىلار تۆت تالا، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك خرت بىلەن جۈپلەپ تىكىلىدۇ. ئۈستىگە تەكشى كەشتىلەش، زەر يىپ بىلەن يۆگەپ كەشتىلەش، ئۈنچە – مارجانلارنى تىزىپ تىۋىتلەپ كەشتىلەش، كاتەكچە توسما شەكىلدە كەشتىلەش، گىرەلەشتۈرۈپ كەشتىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەر خىل سىزىق، قاپارتما نەقىشلەر چىقىرىلىپ، ئاخىرىدا قارا مەشۇت يىپ بىلەن گۈللەرنى بويلاپ كەشتىلىگەندىن كېيىن ئاندىن دوپپا پۈتۈپ چىقىدۇ. دوپپا نۇسخىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى خىلمۇ خىل بولۇپ، يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گېئومېتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، پىلۇس شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. 
 
    دوپپا ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا فولكلور تەتقىقاتچىسى ئەنۋەر سەمەت قورغاننىڭ پىكرى مۇنداق: خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىدە كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى سان جەھەتتىن كۆپ، شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول، تارىخىي ئۇزاق، تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر باش كىيىملىرى مەخسۇس تېمىلىق مۇزېي ياكى كۆرگەزمىخانا قۇرۇپ، ئۇنى توپلاش، تۈرگە ئايرىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، نامايان قىلىش ۋە ساقلاشقا تامامەن ئەرزىيدۇ.

مەنبە: قەلىب سەيناسى http://sayna.salamurumqi.com/read.php?tid=3054 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش