سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بىر زامانىۋى مۇستەملىكە ھېكايىسى

بىر زامانىۋى مۇستەملىكە ھېكايىسى

image

قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى

بىرى باركەن، بىرى يوقكەن، بۇرۇنقى زاماندا ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىلان ئىسىملىك بىر يېزا بار ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،  مودا ياسىنىۋالغانلارنىڭ نەزىرى بىلەن بۇ يېزىدىكى ئىنسانلارغا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز ئۇلارغا «ئىپتىدائىي ئادەم» دەيدىكەنسىز. چۈنكى يۈزلىرىگە سۈرۈۋالغان ھەر خىل رەڭلەر، بەدىنىگە ئارتىۋالغان ئىككى پارچە رەختلەر، يالاڭئاياغ يۈرۈشلىرى، ئىلاھلىرىغا كوللېكتىپ ھالدا ئېتىقاد قىلىشلىرى پەقەتلا ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىغا ئوخشىمايدىكەنمىش. ئەسلىدە شىلان يېزىسى ئەتراپىدىكى يېزالارمۇ شىلاندىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن. لېكىن بارلىق يېزىلارنى ئۆز دائىرىسىگە ئالغان غەلىتە ۋەقەلەر  ئالدى بىلەن شىلاندا باشلانغانلىقى ئۈچۈن ھېكايىمىزدە شىلانلىقلار ئۈستىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. شىلان يېزىسى باشقا يېزىلارغا ئوخشاش بىپايان كەتكەن ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە جايلاشقانمىش. ئۆيلىرى ياغاچ ۋە قارىغايدىن سېلىنغان ئىكەن. يېزىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن چوڭ بىر سەينا بار ئىكەن. شىلانلىقلار ئاخشام بولغاندا سەينانىڭ ئوتتۇرىسىغا گۈلخان يېقىپ، ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە مۇراسىم ئۆتكۈزىدىكەن. مۇراسىمىدا ناخشا ئېيتىشىدىكەن، ئۇسۇل ئوينىشىدىكەن، قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن ئەجداتلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىشىدىكەن. بەزى ۋاقىتلار مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ، قەبىلىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە جەسۇر كىشىسىنى بېكىتىپ چىقىدىكەن.
يېزىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ گۈزەل كەپە قەبىلە باشلىقىغا ئائىت ئىكەن، ئەلۋەتتە. يەنى قەبىلە باشلىقى تويكاغا. تويكا دانا، كۈچلۈك ۋە جەسۇرلۇقى بىلەن مەشھۇر ئىكەن. ئەسلىدە تويكانىڭ يېشى ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس ئىكەن، 30 ياشلار چامىسىدا ئىكەن. ئالدىنقى قەبىلە باشلىقى، يەنى تويكانىڭ دادىسى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ تويكا دادىسىنىڭ ئورنىغا چىققان ئىكەن. مۇشۇنداق قىلىپ تويكا ياش تۇرۇپلا چوڭ بىر قەبىلىگە باش بولۇپ قاپتۇ. تويكانىڭ ۋەزىپىسى قەبىلىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، قەبىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە ئارىسىنى تۈزەش، تۇرمۇش قۇرماقچى بولغانلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. ئەمما ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسى، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئورماننى تۈرلۈك پالاكەتلەردىن  قوغداش ئىكەن. چۈنكى ئورمان ئۇلارغا نىسبەتەن رىزىق مەنبەسى بولغانغا ئوخشاش ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسى بويىچە باشقا جانلىقلار بىلەن قېرىنداشلارچە ياشايدىغان مۇقەددەس ئۆي ھېسابلىنىدىكەن.
ئېھتىياجى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىكلا ئوۋ ئوۋلايدىكەن. كەيىپ ۋە ھەۋەس ئۈچۈن قەتئىي ئوۋغا چىقمايدىكەن. شىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنچىلىك ئاددى ئىكەنكى، ئاخشام ئۇخلىغاندا «مەدەنىي» ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر ئۇ تەرەپكە بىر بۇ تەرەپكە ئۆرۈلۈپ مال-دۇنيا ھەققىدە خىيال قىلمايدىكەن. شىلاندا پۇلنىڭ ئورنىغا ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى ئىشلىتىدىكەن، ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرىدىكەن. ئېھتىياجلىرى بولماي قالسا ئېھتىياجلىرى بار قېرىنداشلىرىغا بېرىۋىتىدىكەن. تېلېۋىزۇر، ئىنتېرنېت، گېزىت، كىنو، ماشىنا قاتارلىق نەرسىلەردىن خەۋىرى يوق ئىكەن. ئەسلىدە بۇ نەرسىلەر ھەققىدە ئۇزاق يېزىلاردىن بىرىنىڭ قەبىلە باشلىقىنىڭ ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئوغلىنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ دەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئەمما پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىغان ئىكەن. تويكانىڭ قەبىلىسى بولغام شىلانلىقلار مۇشۇنداق ئاددى،«ئىپتىدائى»  بىراق راھەت، خاتىرجەم ۋە خوشال ياشايدىكەن.
ئەمدى شىلانلىقلارنى مۇقەددەس دەرەخلەرنىڭ سايىسىدىكى كەپىلىرىدە قويۇپ، ئۇزاقلارغا  دەرەخلەرنىڭ ئورنىغا ئاسمانغا تاقاشقان بىنالار رەت-رەت سېلىنغان كوچىلاردا تىز تىز قەدەم ئېلىپ يۈرىۋاتقان گالاستۇك تاقىۋالغان ئەرلەر ۋە ماگېزىن پوكەيلىرىدە ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئاياللار بىلەن  تولغان تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە ياكى ئۆزلىرىنى ئەڭ قۇدرەتلىك دەپ جار سېلىۋاتقانلارغا نەزەر سالايلى. ئاسمانغا دوئىل ئېلان قىلغاندەكلا ئېگىز سېلىنغان بىنالارنىڭ بىرىدە تاماكا ئىسلىرى ئارىسىدا يىغىن ئېچىلىۋاتقان، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى كاستۇم كىيىۋېىلىشقان گالستۇكلۇق «زامانىۋى» ياۋروپالىقلار… «ھۆرمەتلىك پىروفېسسور ئەپەندى» دەپتۇ، ئۈستەلنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇۋالغان سېمىز كەلگەن خوجايىن، «ئىشلار سىز دېگەندەك بولۇپ قالسا، ياۋايى قەبىلىلەر رايونىدا بىز ئويلىغاندەك بازار ئېچىشى مۇمكىن بولارمۇ؟». بويى پەسرەك كەلگەن لېكىن كۆزلىرىدىن ھىيلىگەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان پىروفېسسور كانىيىنى قىرقىپ مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ: «ئەپەندىم! سوتسئولوگىيەلىك ھەقىقەتلەر شۇنداق ئېنىق ۋە روشەنكى، ئىپتىدائىي ئىنسان توپلۇقلىرىنىڭ زامانىۋېلىشىشى پەقەتلا ئىستېمال قېلىپلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ ئىش بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئىلگىرى قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنى بويسۇندۇرغىلى بولاتتى، ھازىر ئۇنداق قىلىش كەتمەيدۇ، ئىدىيە ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىستىلاسى بىلەنمۇ ئۆزگىلەرنى بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا،  سوتسىئولوگىيە نۇقتىسىدىن كىچىك دائىرىدە ئىنتايىن يۇقىرى ئىلمىي قىممىتى بولغان بىر تەجرىبىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان بولىمىز. ئەگەر مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپ قالساق، بۇنى دۇنيانىڭ باشقا ئارقىدا قالغان جايلىرىدا سىناق قىلىمىز» دەپتۇ، بۇ ئارىلىقتا «قىلىدىغان ئىش ئىنتايىن ئاددى» دەپ سۆز قىستۇرغان پىروفېسسورنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ياش بىرسى چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ. بۇ «ئىلمىي» تەتقىقات ۋە سىناقنى ماددى جەھەتتىن قوللايدىغان  شىركەتنىڭ باشقا پىلانلىرىمۇ بار ئىكەن، ئەلۋەتتە.
يىغىن ئېچىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن شىلانلىقلار سۇ ئېتى مۆڭرىگەندەك بىر ئاۋاز ئاڭلاپ قاپتۇ، ئاسماندا . ھەممىسى كۆزلىرىنى يۇقىرىغا بۇراپتۇ، ھاۋادا تۆمۈردىن قاپلانغان، يڭىناغۇچقا ئوخشايدىغان  چوڭ بىر نەرسىنى كۆرۈپتۇ. ئالدىدا قورقۇپتۇ. ئارقىدىن «تۆمۈر ساندۇق»نىڭ ئىچىدىكى ئاق تەنلىكلەرنى ئۆزلىرىگە دوستلارچە قول پۇلاڭلاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى تىنىپتۇ. «تۆمۈر ساندۇق» يېزا سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا غوقىراپ قونۇپتۇ. ئىچىدىن كاستۇم كىيىۋالغان ئاق تەنلىكلەر چۈشۈشكە باشلاپتۇ. يېنىدا شىلانلىقلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان لېكىن كۆرۈنۈشتە ئۇلاردىن كۆپ پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ گېپىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلاپتۇ. «بۇ بىر دوست زىيارىتىدۇر» دەپتۇ، ئەجنەبىيلەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قەبىلەڭلارنڭ رەئىسى بىلەن تونۇشۇشنى ئارزۇ قىلاتتۇق. ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىدىغان سوۋغاتلىرىمىز بار ئىدى».
تويكا ئالدىغا چىقىپ «بۇ قەبىلىنىڭ رەئىسى مەن» دەپتۇ. ئەجنەبىلەر تويكانىڭ قوللىنى دوستلارچە سىقىپ، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن شۇنداق ئېسل سوۋغىتى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. تويكا بۇ ئىلىتپاتتىن سۆيۈنۈپتۇ. «قېنى كۆرۈپ باقايلى» دېگۈسى كەلگەندەك بوپتۇ، لېكىن ئۆزىنى تۇتۋېلىپ، «ماڭا نېمىشقا سوۋغات بېرىسىلەر؟ مەقسىتىڭلار زادى نېمە» دەپ، سوراپتۇ ئەجنەبىلەردىن. كاستۇم كىيگەن ئادەملەر قىپقىزىل، ئۈستى ئوچۇق، ئەڭ يېڭى مودېل «Mercedes» پىكاپنى تويكاغا سۇنۇپ، «بۇ ئەتراپنىڭ ئەڭ جەسۇر ۋە ئەڭ كۈچلۈك زات ئىكەنلىكىڭىزنى ئاڭلىدۇق» دەپتۇ.
تويكا پىكاپنىڭ ھەيۋىتىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىپتۇ، بىراق ئۆزىنى تۇتۇشقا تىرىشپتۇ. «بۇ قانداق قىلىدىغان نەرسە؟» دەپ، سوراپتۇ. ئەجنەبىلەر قىسقا ۋە ئوچۇق قىلىپ، «بۇ پىكاپ ئۈستۈنلۈك، شەرەپ ۋە ئىمتىيازنىڭ سىمۋولىدۇر» دەپتۇ. تويكا جاۋابەن،
-بۇ يەردە ماشىنا ھەيدەيدىغان يولىمىز، مۇنداقچە ئېيتساق، بۇنداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجىمىز يوق بىزنىڭ، مەن بۇ نەرسىنى نېمىمۇ قىلىمەن؟، دەپتۇ. ئەجنەبىلەر دەرھال:
-خالىساڭلار سىلەرگە يول ياساپ بېرىمىز. ئەمما شۇنى بىلىپ قېلىڭلار، بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەردە ئىنسانلار بۇنداق بىر پىكاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەچچە يىل ئات ئىشەكتە ئىشلەيدۇ، ھەتتا جېنىنى بېرىدۇ. سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز، بۇنى سىزگە ھەدىيە قىلىمىز،دەۋاتىمىز، – دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ چىرايلىرى پۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تويكا پىكاپنى قوبۇل قىلىپ كەپىسىنىڭ ئالدىغا قويغاندا قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بوپتۇ. لېكىن ئەجنەبىلەرنىڭ ئالدىدا رەئىسىگە گەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەپتۇ. ئەجنەبىلەر چىرايلىق گەپ سۆزلەرنى قىلىپ شىلانلىقلار بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالغاندىن كىيىن، يېزىدا  كېڭەش چاقىرىلىپتۇ.  كېڭەشنىڭ دەسلىپىدە قەبىلە ئاقساقاللىرى تويكاغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلاپتۇ:
– بۇ ئىشنىڭ كەينىدە چوقۇم باشقا ئىش بار. يۈزى كۈلۈپ تۇرىدىغان لېكىن كۆزلىرى تۈلكىگە ئوخشاش پارقىراپ تۇرىدىغان  ئەجنەبىلەر بىرەر مەنپەئەتنى كۆزلىمىسە باشقىلارغا يىڭنىگە چۈشلۈق بىر نەرسىنى بىكارغا بېرىۋەتمەيدۇ. ئاخىرىدا بىزنى ئالدام خالىتىسىغا چۈشۈرۈشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز، – دەپ تويكانى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. تويكا ۋە قەبىلىنىڭ ياشلىرى ئاقساقاللار بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئەمەس ئىكەن.
-بۇنچىلىك گۇمان قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ماشىنا دەيدىغان بىر پارچە تۆمۈردىن قانداقمۇ زىيان كەلسۇن، ئەنە قويۇپ قويغان يەردىلا تۇرمامدۇ. دېيىشىپتۇ.  ھازىرچە كېڭەش مۇشۇنداق ئاخىرلىشىپتۇ. ئەسلىدە تويكا بىلەن قەبىلىنىڭ بۇ «پىكاپ ماجراسى»  تېخى يېڭى باشلانغان ئىكەن.
ئەتىسى ئەتىگەندە تويكانىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشى كەپىسىنىڭ ئالدىدىكى پىكاپقا ئولتۇرۇش بوپتۇ. تويكا ئۆزىنى ئەتراپتىكى ئەڭ تىز، ئەڭ چاققان ۋە ئەڭ سەگەك ئېتىغا مېنگەندەك ھېس قىلىپتۇ. گەرچە بۇ تۆمۈر پارچىسى ئورنىدىن قوزغالماي جىم تۇرسىمۇ يەنىلا پىكاپتا ئولتۇرۇۋېلىش ئەڭ چوڭ خوشاللىق ئىش ئىكەن تويكاغا نىسبەتەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىكاپنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ياشلار تويكغا ھەۋەسلىنىپ قارىغانسېرى تويكانىڭ ئىچىدىكى «شۆھرەت، ئۈستۈنلۈك ۋە ئىمتىياز» تۇيغۇلىرى غىدىقلىنىشقا باشلاپتۇ. تويكا بۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەر كۈنى بىر قەبىلە ئەزاسىنى پىكاپنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇيرۇپتۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە پىكاپنىڭ ئۈستىدە قولنى سوزۇپ ئولتۇرۇش تويكانىڭ ئادىتىغا ئايلىنىپتۇ. ھەتتا بۇ ئىشتىن دىنى مۇراسىملاردىنمۇ بەكرەك ھۇزۇر ھېس قىلىدىغانلىقىنى باشقىلار دىېيەلەپتۇ. ياشلار بولسا قىزغانچۇقلۇق، كۆرەلمەسلىك ۋە ئوخشاش پىكاپقا ئىگە بولۇش ھەۋىسى بىلەن تولۇپ تېشىپتۇ. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاسمان ئەجنەبىيلەرنىڭ «تۆمۈر يىڭناغۇچلىرى»نىڭ ئاۋازلىرى بىلەن ياڭراپتۇ. ئەجنەبىلەر مەككەرلارچە بىلەن تويكانىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ سوۋغاتلىرىدىن سۆيۈنۈپ سۆيۈنمىگەنلىكىنى سوراپتۇ  ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
– بۇ پىكاپ ئەڭ تىز يۈگرەيدىغان ئاتتىنمۇ تىز يۈگۈرەيدۇ، نېمىشقا بۇ ھۇزۇرنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمايسىز؟. تويكا بۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىشى بىلەنلا، ئەجنەبىلەر:
– ئەگەر رۇخسەت قىلسىڭىز يېزىغا بىر يول ياساپ بېرەيلى. سىز شۇ يولدا ماشىنىڭىزنى خالىغانچە ھەيدىسىڭىز بولىدۇ،- دەپتۇ.
قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىغان تويكا، قانچە يۈزلىگەن تۈپ دەرەخنىڭ كېسىلىشىگە، يېزىغا 2،3 كىلومېتىر يول سېلىنىشىغا رۇخسەت قىلىپتۇ. ياۋروپالىقلار شىلانلىقلارغا يول سېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماپتۇ. قەبىلە ئەزالىرى بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن قىزىقىپتۇ. يول ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سېلىنىپ بوپتۇ ۋە تويكاغا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىتىپ قويۇپتۇ.  ئۇ كۈندىن ئېتىبارەن، يېزا خەلقى «Mercedes» نىڭ ئاۋازى بىلەن ئويغىنىشقا باشلاپتۇ. تويكا دەسلەپكى كۈنلەردە پىكاپنى ئاران-ئاران ھەيدەپتۇ، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە ماشىنا ھەيدەشكە ئۇستا بولۇپ كېتىپتۇ. بەزىدە ياشلارنى ماشىنىسىغا ئېلىپ كىزىدىكەن. يول قىسقا بولسىمۇ يەنىلا زىرىكمەپتۇ. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ئۇزۇن يوللاردا ھەيدەشنىڭ خىيالىنى سۈرۈپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يېزىغا يەنە كەلگەن ياۋروپالىقلار تويكانىڭ ئارزۇسى ۋە  ماشىنا ھەۋىسىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ ۋە دەرھال مەقسىتىنى ئاشكارىلاپتۇ:
– ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش قولاي ئىش. لېكىن بىر ئاز چىقىم كېتىدۇ.سىزدىن پۇل تەلەپ قىلمايمىز. پەقەت يېزىڭىزدا يەر كولىشىمىزغا رۇخسەت قىلسىڭىزلا بىز ئۈچۈن يېتەرلىك. سىزگە ياسايدىغان يوللار بىلەن باشقا يېزىلارغا، ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بارالايسىز.
تويكا دەسلەپ ئەجنەبىيلەرنىڭ تەكلىپىنىڭ تېگىگە يېتەلمەپتۇ. بىر ئاز ئويلىنىپ بوۋىلىرىدىن يېزىغا يېقىن جايدىكى تاغ ئېتەكلىرىدە پارلاق تاشلارنىڭ بارلىقىنى دەپ بەرگەنلىكىنى ئەسكە ئاپتۇ. «بۇ تاشلارنىڭ بىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق» دەپ ئويلاپتۇ ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ بۇ ئىشقا قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەجنەبىلەرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپتۇ. دېمىسمۇ قەبىلە ئاقساقاللىرى بۇ ئىشقا قاتتىق قارشى چىقىپتۇ. ئارىدىن بىر دانىشمەن تۇرۇپ:
-بۇ ئادەملەر شەيتاننىڭ شاگىرتلىرىدۇر! ئىچىمىزگە شەيتاننىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشنى پىلانلىۋاتىدۇ. كۆزۈڭنى ئوبدان ئاچ تويكا!، دەپ نەسىھەت قىلىپتۇ. تويكانىڭ نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشەنگەن دانىشمەن تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ تويكانى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ:
-كىيىن چوقۇم پۇشايمان قىلىپ قالسەن، ئۇ ۋاقىتىدا پۇشايمان قىلغىنىڭ بىلەن ھېچنىمە ئورنىغا كەلمەيدۇ. سېنىڭ بۇ تۈگىمەس ماشىنا ھەۋىسىڭ ھەممە ئادەمگە يۇققاندا، ئورمانلىرىمىز بىر-بىرلەپ كېسىلىپ تۈگىگەندە، ئورماندىكى ھايۋانلىرىمىز يۇرت-ماكانسىز قالغاندا، پاكىز روھلار ئالدى بىلەن ۋىجدانىڭغا چىڭ يېپىشىدۇ ۋە ۋىجدان ئازابىغا قويىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك، دەپتۇ. دانىشمەننىڭ ئويلىغىنىدەك تويكا قارارىنى ئاللىبۇرۇن بېرىپ بولغان ئىكەن. ئاقساقاللار بىلەن كېڭىشىشىدىكى سەۋەب، بەلكىم ئۇلارنى قايىل قىلالسا ئىش تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، دېگەنلەرنى ئويلىغان ئىكەن. ئارىدىن بىر ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن شىلاننىڭ يېزىسىغا ئاسماندىن «تۆمۈر ساندۇقلار» چۈشۈشكە باشلاپتۇ. «تۆمۈر ساندۇق»نىڭ ئىچىدىن ئاجايىپ ماشىنىلار چۈشۈرۈلۈپتۇ. يوللار ياسىلىشقا باشلاپتۇ، يول قۇرۇلۇشىدا شىلانلىق ياشلار ئىشلەش شەرتى بىلەن ئۇلارغا بىردىن كونا مودېل ماشىنا بېرىلىپتۇ. يۈزلىگەن، مىڭلىغان دەرەخلەر كېسىلىپتۇ. ئاقساقاللار بۇ مەنزىرىلەرنى ئەنسىرەش بىلەن كۆزىتىپ  ئولتۇرۇپتۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ قولىدىن بىر ئىش كەلمەپتۇ. شىلاندا ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇرۇنقىدەك قۇش ئاۋازلىرى سايراپ تۇرمايدىغان بوپتۇ. بۇرۇنقى خاتىرجەملىك ۋە جىمجىتلىقنى ماشىنلارنىڭ غوقىرغان ئاۋازلىرى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلاپتۇ. بالىلار ماشىنىدىن چىققان ئىس تۈتەكلەر ئارىسىدا ئوينايدىغان ھالەت شەكىللىنىپتۇ. بۇ ئارىلىقتا ئەجنەبىلەر يېزىدىكى تاغ ئېتىكىنى كولاشنى باشلىۋېتىپتۇ. ئەجنەبىلەر بۇ يەردە ئالماس كېىنىنىڭ بارلىقىنى بىلىدىكەن.  ھازىرغىچە چىقىم قىلغان شىركەتنىڭ مەقسىتى دەل بۇ ئالماس كېنىنى ئېچىش ئىكەن.
ياۋروپالىقلار ئالماس كېنىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەك كۈچى تېپىشتىن پەقەتلا قىيىنالماپتۇ. كونا ماشىنىلىرى ئۈچۈن ماشىنا زاپچاسلىرى، بېنزىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈن ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان ئەجنەبى ماللىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شىلانلىق ياشلار ئالماس كېنىدا ئىشلەشنى دەرھال قوبۇل قىلىشىپتۇ. ئەجنەبىلەر شىلانلىقلارغا بۇرۇنقىدەك ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان بوپتۇ. ھەتتا شىلانلىقلارنىڭ قارا رەڭلىك تېرىسىنى چىشلەپ تارتىپ كەمسىتىدىغان بولۇۋاپتۇ. ئەلۋەتتە، تويكاغا نەسىھەت قىلغان دانىشمەننىڭ تەخمىنى بىر-بىرلەپ رىئالىققا ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ. دانىشمەن، ئەجنەبىيلەر «دوستانە» قوللىرىنى ئۇزاتقان ۋە «توختام» دېگەن نەرسىگە سىياھقا چۆكۈرۈلگەن بارمىقىنى باسقاندىن ئېتىبارەن، ئەركىنلىكلىرىنىڭ ئەجنەبىيلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. لېكىن ھېچ نەرسە بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە كەلمەيتتى. ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان ۋە ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ قويىدىغان بۇ جەننەت مىسالى يېرىنى ماشىنىلارنىڭ غوقىرغان ئاۋازلىرى ھۆكۈم سۈرگەن جەھەننەمگە، ئىلگىرىكى جەسۇر، ئۇرۇشقا ماھىر قەبىلە ئەزالىرىنى كان ئىشچىسى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغان دەل شىلانلىقلارنىڭ ئۆزى بوپتۇ. ھەتتا ئەجنەبىيلەر پات پات مەسخىرە ئارىلاش:
-بىزگە نەچچىلىك رەھمەت ئېيتساڭلار يەنە ئاز. سىلەرگە يېڭىچە ئەركىنلىك، مەدەنىيەت ئېلىپ كەلدۇق، ۋەھشىيلىكتىن قۇتقۇزۇپ قالدۇق.
شىلانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى سورايدىغان بولسىڭىز، شىلاندا ماشىنىسى بارلارنىڭ سانى نۆلگە چۈشۈپ قاپتۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى ياشلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئالماس كېنىدا ئىشلەيدىغان ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەيدىكەن. ھەپتە ئاخىرلىرى، تېلېۋىزور كۆرىدىكەن، ھامبۇرگ بولكىسىغا جىققىدە دورا دەرمەك سېلىپ ئىشتىھا بىلەن يەيدىكەن. يېنىدا كولانى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشىدىكەن.  ئىككىنچى قول بولسىمۇ بىرەر ماشىنىغا ئېرىشىشىنىڭ خىيالىنى قىلىپ يۈرۈشىدىكەن. بەزىدە قەبىلە باشلىقى تويكانىڭ غايىپ بولۇشى ھەققىدە پاراڭلار بولىدىكەن. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تويكا، ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلالماي، يىراق جايلارغا قېچىپ كەتكەنمىش، يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندا ئەجنەبىيلەر تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەنمىش.
تويكانىڭ قىپقىزىل «Mercedes » غا كەلسەك، نەۋرىلىرى  ئۇياق-بۇياققا ئۆسۈپ تۆمۈر پارچىسى بولۇپ كەتكەن ۋە رەڭگى قارىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇ ماشىنىنى خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە باغچىسىدا ساقلاپ قويۇپتىدەك…
ئىستېمال ئىدىئولوگىيەسىنىڭ غەرىزى پۈتۈن دۇنيانى يۇتۇش بولسا، ئىستېمالچى بوۋاق بوتۇلكىسى ئۈچۈن پەرياد قىلغان ئەبەدىي بوۋاقتۇر… (ئى.فىرومم)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش