• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » گېنى زەخمىلەنگەن ئىنسان – ئەلى بۇلاچ

گېنى زەخمىلەنگەن ئىنسان – ئەلى بۇلاچ

image

قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى

ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش مەۋجۇت. ئىسلام ئىنسانلار ئوزۇقلانغاندا تاللىغان ئوزۇقلۇقنىڭ چوقۇم ياخشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ياخشى دېيىلگەندە مۇنداق ئىككى نەرسىگە قارىتىلىدۇ. بىرى «ھالال ۋە توغرا يول»، يەنە بىرى «لەززەتلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى»دىن ئىبارەت. ياخشىنىڭ زىتى ناچار بولۇپ ھارام، غەيرى يول، لەززەتسىز، يىرگىنىشلىكتىن ئىبارەت. قەدىم ئىرپان ھاۋزىلىرىدا تۆت ئىلىم تەرەققىي قىلغان بولۇپ ئۇلار مۇنداق: ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكا. بەزى ھاۋزىلاردا مېدىتسىنا ئىلمىمۇ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان. مېدىتسىنانىڭ ئەنئەنىۋى فۇنكسىيىسى «ھېكمەت»نى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنساننىڭ مەنىۋى كامالىتى، ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكى، مەۋجۇتلۇق غايىسى دائىرىسىدە بولاتتى. شۇنداقلا مۇنۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەيتتى: «ئەجەبا تەبىئەتتىن ئېلىۋاتقان بۇ ئوزۇقلۇقلار ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكىمىز، مەنىۋى كامالىتىمىز ۋە مەۋجۇتلۇق غايىمىزگە پايدىسى تېگەمدۇ؟ ياكى تەبىئەتتىكى قايسى ئوزۇقلۇقلار بىزنى ئەخلاقىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ؟» ئوپېراتسىيە ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا كاتىگورىيەسىگە تەۋە ئەمەس، كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش بولسا مۇھاپىزەت مېدېتسىناسىغا تەۋە. ھازىر تەبىئىي ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنالماسلىقتەك ئاچچىق بىر رېئاللىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئورگانىك بولمىغان ئوزۇقلۇقلار، مېۋە-چېۋىلەر، زىرائەتلەر ۋە گۆشلەرگە «گېنلىرى ئۆزگەرتىلگەن ئورگانىزم»دەيمىز. بۇ ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئورگانىزمىمىز، روھىي دۇنيارىمىز، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىمىز، تەپەككۇر دۇنيارىمىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېيەلمەيمىز. مەن گېنلىرى ئۆزگەرتىلگەن ئورگانىزملارغا «فىترىتى ئۆزگەرتىلگەن نەرسىلەر» سۈپىتىدە قارايمەن. گېنلىرى ئۆزگەرتىلگەن ئورگانىزملار بىلەن ئوزۇقلانغان ئىنساننىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، ھەتتا فىترىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ ئىزاھات بىزگە «بىئولوگىيىلىك ماتېرىيالىزم» ئىزاھاتىدەك تەسىر بېرىپ قويماسلىقى كېرەك.  بۇ يەردە مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ بىزنىڭ تەبىئىتىمىزگە قانداق سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈستىدە توختالماقچىمەن. چىن تەبىئىتىنى يوقىتىپ قويغان ئىنساننىڭ ئۆزگىلەر، جانلىقلار، تەبىئەت ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ بۇزۇلىدۇ. ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر نە ئەرنىڭ خاتالىقى نە ئايالنىڭ خاتالىقىدۇر. يەنى ھەر ئىككىلىسى ئەمەس. بۇ ھەر ئىككى جىنىستىن تەشكىل تاپقان تۈرىمىزنىڭ يەنى «ئىنسان»نىڭ تراگېدىيىسىدۇر. ئىنسان-ئىنسان مۇناسىۋىتىدە فىتىرى ئۆزگىرىش كۆرۈلسە بۇ تەبىئىي ھالدا ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئىككى جىنىس بىر-بىرلىرىنىڭ «ئۆزى» بولۇشتىن چىقىپ، « بىر-بىرىگە رەقىب ۋە شەيتانلاشتۇرۇلغان ئۆزگىلەر» بولۇپ قالىدۇ. ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كۆرۈلىدۇ، بىراق دەرىجە جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. دىن، ئىنسانىيلىققا يېقىن ئەنئەنە ۋە ساغلام ئائىلە قۇرۇلمىسى بۇنىڭغا سەۋەب بولالمايدۇ، ئەكسىچە مەلھىمى بولالايدۇ. دەۋرىمىزدە ئىنساننى ئەركىن بازارنىڭ تاۋار ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان، ئىنسانغا «ئىقتىسادى ھايۋان» سۈپىتىدىلا مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە بىر ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ ئەركىن ئىرادىلىك ئەزاسى بولۇشتىن چىقىرىپ شەخسكىلا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان، ئىنساننى نەپىس ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەر، شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنپەئەت ئۇقۇملىرى بىلەنلا ئىزاھلايدىغان زامانىۋى قاراش ۋە كۈلتۈرنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك. رىقابەتكە تولغان ئەركىن ۋە رەھىمسىز بازار بۇنىڭ روشەن ‏ئىپادىلەردىن بولۇپ، ئۇ تەبىئەت ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ فىترىتىنى بۇزۇپ تاشلىغىنىغا ئوخشاش «ئىنساننىڭ فىترىتى»نىمۇ بۇزۇپ تاشلايدۇ. بۇ ھادىسىگە «گېنى زەخمىلەنگەن ئىنسان» دېيىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.
مەنبە: دۇنيا بۇلتەنى گېزىتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (2)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top