• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ داڭلىق ماقالىسى (ئۇيغۇرچە تەرجىمە)

شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ داڭلىق ماقالىسى (ئۇيغۇرچە تەرجىمە)

تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى


2924834268_6418c411af_o[1]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار، دۇنياغا مەشھۇر بىئولوگىيە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ (Shoukhrat Mitalipov) بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى “Cell” يەنى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەخسۇس بىئولوگيە ژورنىلى بولغان “ھۆجەيرە” ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالدى. بۇ زور بۆسۈش ئامرىكا، ئەنگىلىيە، جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدا كۆپ قىتىملاپ خەۋەر قىلىنىپ، ئالىمنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئىنسانلارنى كەلگۈسىدە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسان ئەزالىرىنى يىتىشتۈرۈپ كېسەل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ دەپ قارىماقتا. مۇشۇنداق مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگىمۇ تور ۋاستىسى ئارقىلىق خەۋەر قىلىندى، لىكىن مەزكۇر ئىلىم-پەننى يىڭىلايدىغان بۆسۈش خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا تەرجىمە قىلىنپ دەرھال ئېلان قىلىنماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن شۆھرەت ئاكىنىڭ تەتقىقاتلرىغا يىقىندىن ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن بىرەسمىي تەلىم ئالغان بىر ياش بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىگە قارىماي ۋاقىت چىقىرىپ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئەسلى ماقالە بويىچە تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشىنى باش تارتسام بولمايدىغان بۇرچۇم دەپ قارىدىم. مەن كۆپىنچە بىئولوگىيە دەرسلىرىنى خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە ئوقۇغانلىقىم ھەم تەرجىمە قىلىشتا تەجىربەمنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالماسلىقىم تەبىئىي، شۇنداقتىمۇ كەمىنە كەمتەرلىك بىلەن مۇشۇ ئىشقا ئالدى بىلەن تۇتۇش قىلغاچقا يىتەرسىزلىكلىرىمگە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. تۆۋەندە ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنىڭ ئەسلى شەكلى ئۇلىنىشى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھوزۇرۇڭلاردا:

تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى

ئاپتۇر: شۆھرەت مۇتەللىپ قاتارلىقلار

ئاپتۇر ئامرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزى، كۆپىيىش ۋە يىتىلىش بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلگەجان

قىسقىچە مەزمۇنى: تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى (SCNT, somatic cell nuclear transfer) ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئۈستىدىكى ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلار تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆلۈشى تۈپەيلى مەغلۇپ بولغان ئىدى. نۆۋەتتە، بىز بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىككى نۇقتىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇدۇق، يەنى ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش باسقۇچىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىشى ۋە مۇۋاپىق ئاكتىپلاشتۇرۇلماسلىقىدىن ئىبارەت. بۇ يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مەقسەت قىلىپ لايھىلەنگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى بىزنى ئىنسان يادروسى كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى يەنە بىر يادروسى ئىلىۋىتىلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە، پەقەت ئىككى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈلگەن ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرە لىنىيىسى مۇۋاپىققيەتلىك ھالدا يىتىشتۈرۈپ چىقىلدى. يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى نورمال جۈپ خىروموسوملۇق ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلىدى ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ گىېنلىرى مۇتلەق ھالدا ئاتىلىق بولغان تەن ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن. بۇ خىل يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنىڭ گېن ئىپادىلىنش ۋە ئىندۇكسىيەلىنىش (differentiation) ئالاھىدىلىكى نورمال تۆرەلمىدىن ئىلىنغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. بۇ نەتىجە تەن ھۆجەيرىلىرىنىڭ تولۇق پوتىنسىئاللىق ھالەتكە مۇۋەپپىقيەتلىك ھالدا قايتا پروگراممىلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.

مەنبەسى: ئەلداۋا مۇنبىرى
ئەسلى ماقالىنى چۈشۈرۈڭ: PIIS0092867413005710.pdf (2.84 MB)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top