You Are Here: Home » ئومۇمى » خوش كەلدىڭ، ئەمما تازا خوش تاپالمىدىڭ!

خوش كەلدىڭ، ئەمما تازا خوش تاپالمىدىڭ!

ramazan-resimleri-ramazanla-ilgili-resimler-ramazan-fotograflari-ramazan-ayi-resimleri-0[1]

ئەي رامىزان!
ئەي ئىچىدە «مىڭ ئايدىن تېخىمۇ كۆپ بىر خەيىرلىك كېچەنى» ساقلىغان ئاي!
ئەي قۇرئاننىڭ توغۇلغان ئېيى، ئايلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەكراق گۈل پۇرايدىغىنى!
ئەي ۋەھىنىڭ تىرىلدۈرىدىغان (ئابىھايات) تىنىقىنى ھاياتقا، مەۋجۇتلۇق مەناسىنى ئاللاھسىز بولغانچە مەناسىزلىشىدىغان، ئنسانىيەتنىڭ يوقۇتۇپ قويغان ئادەملىكىنى، رەھمەتنى، بەرىكەتنى، خەيىر-ئېھساننى، ھىدايەتنى ۋە شەفقەتنى ئىنسانغا ئەكەلگەن ئاي!
خوش كەلگىن!
14 ئەسىردۇر ھەريىلى كەلگىنىڭدەك، مىڭلەرچە ئۈمىتنى باغرىڭغا ئېلىپ كەلدىڭ. ھەمىشە كەلگىنىڭدەك، ئېلىپ كەلگەنلىرىڭگە لايىق ئېلىپ كېتەرمەن دىگەن ئۈمىتتە كەلدىڭ. ھەممىدىن ئۆتە، خوش كەلگەنلەرنى تېخىمۇ خوش قىلىش ئۈچۈن، ناخوش بولغانلارنىمۇ تەكرار خوش قىلىش ئۈچۈن كەلدىڭ!
كىم بىلىدۇ، كەچمىشلەردە نە خوش كېلىشىڭ ۋە خوش بولۇشۇڭ بولغان ئىدى!
بېشى تىك، پىشانىسى ئوچۇق، قولى ئۇچۇق، يۈزى ئاق، يۈرىكى پاك، كۆزى ئۆتكۈر، سۆزى قۇۋۋەتلىك، ئۈزى توغرا مۆمىن كىشىلىرىڭ قارشى ئالغانتى سېنى.
سەن خوش كەلگەندەك، ئۇلارنىمۇ خوش تاپقان ئىدىڭ.
قۇرئان قوللىرىدا، دىللىرىدە، كۆڭۈللىرىدە ۋە ھەممىدىن بەكرەك ھاياتلىرىدا ئىدى. ئۇلار ئالدى بىلەن قۇرئاننى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن توغۇلغان كۈنىنى قۇتلىمايىتتى. ھەر ۋاقتى، ۋەھىي بىلەن قىلىنغان بىر يىللىق توختام (ئەھدى) ئىدى.
قۇرئان ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى، ئەقلىنى ۋە خارەكتېرىنى بەرپا قىلىدىغان بىر ساھىپخان ئىدى. ئۇلار بولسا ھاياتنى، ھاياتنىڭ يېقىلغانلىرىنى، ۋەيران بولغان، بورمىلانغان يەرلىرىنى بىرمۇ بىر ئوڭشايدىغان ئىگە…
ئۇلار ھاياتنىڭ قۇلى ئەمەس خوجايىنىدۇر.
ئۇلار، ماللىرىنىڭ قۇلى ئەمەس خوجايىنىدۇر…
ئۇلار، ئەھۋاللىرىنىڭ بالىسى ئەمەس ئانىسىدۇر! چۈنكى شارائىتلار ئۇلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇلار شارائىتلىرىنى توغۇشاتتى.
تارىخ 1422-يىلى رامىزاننىڭ 1-كۈنى. ھەمدە سەن يەنە كەلدىڭ. پەقەت شۇنى بىلىپ تۇراتتىمكى، ھېچ خوش تاپالمىدىڭ، 10 يىللاردىن بېرى، ئون يىللاردىن ھەتتا يۈزيىللاردىن بېرى ھېچ خوش تاپالمىدىڭ بىزلەرنى.
كىم بىلىدۇ بۇ خوش بولمىغان ئون يىللاردا، يۈز يىللاردا نە قەدەر قورقۇنۇچلۇق ھالىتىدە ئۇچقاتتىڭ مۆمىنلىرىڭنى؟ كىم بىلىدۇ، نىمە دەرتلەرگە، سانجىلارغا، ئوت ئاپەتلىرىگە، ئوت قويۇشلارغا، يەزىد (ھۈسەيىن ئەلەيھىسسالامنىڭ قاتىلى) ىلىكلەرگە، توڭگۈزلۇقلارغا، كۇفرىلىقلارغا، ئاھبەسلىكلەر(؟) گە شاھىت بولدۇڭ؟ نە قەدەر يارىلار ۋە يارىلانغان يۈرەكلەرنى كۆردۈڭ؟
پەقەت ئەي رامازان، ھېچ بۇ كۈنلەردىكىنى كۆردۈڭمۇ؟
ھېچ قاچان بىر يېرىم مىليارتلىق بىر ئائىلەنى مۇشۇنداقسىگە پەرىشان، چېچىلىپ كەتكەن، ۋەيرانچىلىقتا، قورققان، بىزار بولغان، ئۈمىتسىز، ئىرادىسىز، ئقتىدارسىز، جانسىز، ئەقىل-پاراسەتسىز كۆرگەنمىدىڭ؟
ئەي رامىزان! ئىمان ئېيىتقان مۇسۇلمانلار دىيارىدىن مۇشۇنداق ئولۇق- ئولۇق قان ئېقىپ كەتكىنىگە ھېچ شاھىت بولغانمىدىڭ؟ مۆمىنلەرنىڭ بۇ قەدەر ئېزىلگەنلىكىنى، ئىتتىرىلگەنلىكىنى، ئۇرۇپ-قېقلىدىغىنىنى، خورلاندىغىنى ھېچ خاتېرلىيەلەمسەن؟
قارا مۆئمىنلىرىڭگە! كۆڭۈللىرى خاراپ، خانىلىرى خاراپ، بەلدىلىرى خاراپ، ھەممىدىن بەتتەرراقى ئەقىللىرى ۋە ئېڭى خاراپ بولغان، سېنى كۈتۈۋېلىشقا نە يۈزى ۋە نە ماجالى قالمىدى.
ئارتۇق، ئەمدى سېنىڭ مۆمىنلىرىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىگىسى ئەمەس ئىدى! ئۇلار بېكىتەلمەيدۇ زامان ئېقىنىنىڭ ئېقىش يۈلىنىشلىرىنى. ئۇلار ئېقىۋاتقان ئېقىنلاردىكى ئەخلەت-چۆپلەرگە ئوخشاپ، ئوڭ-سولغا ئۇرۇلۇپ ئۇرۇلاتتى. كىملەردۇر بىرلىرى، ساڭا ۋە سەن تەمسىل قىلىۋاتقان قىممەتلەرگە ئىھاانەت قىلىشنى «ئەقىللىقلىق» دەپ بىلىشەتتى.
بىر زامانلار كۇپپارلارنىڭ ئاچلىرىنى تويغازغانلار، ئەمدى بولسا كاپىلارنىڭ نېنىغا مۇھتاج بوپقالغان.
بىر زامانلار، باشقىلارنىڭ يارىسىنى تاڭغانلار، ئەمدىلىكتە ئۆز يارىسىنى تاڭىدىغانغا دەرماندىن مەرھۇم.
بىر زامانلار ئىماننى يۇتۇم يۇتۇملاپ باشقا ئىقلىملارغا ئېلىپ كەلگەنلەر، مانا ھازىر يۈرەكلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشنىنى توسۇشتىن ئاجىر.
سېنىڭ مەۋجۇدىيەت سەۋەبىڭ بولغان قۇرئان بىلەن يۈكسىلىشنى بەجا كەلتۈرەلمىگەنلەر، بۇ ئەيىپلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلىدىنلا ئولۇغ بولغان قۇرئاننى ئولۇغلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پارا بېرىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە. شۇنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ئەي رامىزان؛ قۇرئاننىڭ توغۇلغان ئېيىنى قۇتلىشىدۇ، ئەمما قۇرئان ھاياتىدا، قوللىرىدا، ئكيلىرىدە، كوچىلاردا، تۇپراقلىرىدا يوق!..
ۋە ئەي رامىزان! بۇ ئېزىلىش، بۇ قىرىلىش، بۇ تۆكۈلۈش ۋە بۇ مەغلۇبىيەت ۋە چۆچۈشلەر باركەن، نەخ ۋاقتىدا كەلدىڭ!
خوش كەلدىڭ، ئەمما خوش بولالمىغىنىڭ ئېنىق ئورتىدا. پەقەت سېنىڭ كېلىشىڭنى مەقسەتلىرى ئىچىدە تازا خوش بولالمىغانلارنى خوش قىلىشمۇ يوقمۇ؟
تېزبول، ئېلىپ كەلگەن جەننەتنىڭ خوش-ھىدلىرى بىلەن تۇپراقلىرىمىزدىكى سېسىق پۇراقلارنى قاپلىۋەت. چۆللىشىپ كەتكەن يۈرەكلىرىمىزگە بىر رەھمەت شامىلى كەبى چىق. كۆيۈك لەۋلىرىمىزگە سۇ تەگسۇن، چۆللەر كۆلگە ئايلانسۇن!
يۇقاتقىن مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدكى نەپرەتلەرنى، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتلەرنى؛ ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىمان قېرىنداشلىقىنى تىككىن!
چېغىمىزدىكى باش-پاناھسىز ۋە يىتىم قالغان ئۈممەت جۇغرااىيەسىدكى قاناۋاتقان يارىلارغا مەلھەم بولغۇدەك بىر ئاڭ-چۈشەنچە ئېلىپ كەل! ئاچلارنى تويغۇزىدىغان، ئۇسسۇزلارنى سوغۇرىدىغان، يېلىڭلارنى كىيدۈرىدىغان بىر شەپقەت ۋە مەرھەمەت سېغىنقى ئېلىپ كەل! زىللەتنى ئىززەتكە، ھۇرۇنلۇقنى غەيرەتكە، مەھرۇملۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرىدىغان بىر روھ بەر!
ئۆز قوللىرىمىز بىلەن نەرسىلەشتۈرگەن قۇرئان، سېنىڭ بىلەن ئىگە چىقىپ بىزنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۇرسۇن! بىزلەر دەۋرىمىزنىڭ يوق قىلغان ئۆزەگىلا دەيدىغان كىشىلىرىدىن ئەمەس، قۇرئان بەرپا قىلغان مۆئمىن كىشىلەردىن بولايلى!
ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق غايىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھاياتنى يېڭىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېسىلايلى سېنىڭ پېشىڭگە!
ئىماننى، يېڭىچە بىر سائادەت تەشتىكى كەبى يۈرۈكتىن يۈرەككە توشۇيلى. شۇنداق بولسۇنكى، بىزنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنلەر بىزدە تىرىلسۇن! دوسلىرىڭ، ئولتۇرغانچە يېرىنى ياشارتىدىغان بىر «خىزىر»كەبى، ھىدايىتى ئىمان توغۇدىغان بىرەر «مەھدى» بولسۇن!
بىلىمەنكنى، بۇ دۇئايىمغا ئەڭ باشتا «ئامىن!» دەيدىغانلارنىڭ بېشىدا سەن كېلسىەن، ئەي رامىزان!
قۇرئاننىڭمۇ قولىدىن يېتىلەپ كەلدىڭ، خوش كەلدىڭ!
ئاھ بىر بىلسەڭ؛ خوش قارشى ئالغانلىرىڭنىڭ ئىچىدە بولۇشنى نەقەدەر خالايىتتىم.
(ئەلھەمدۇللىللاھ، 2.بۆلۈم تۈگىدى)
(بۇ ئەسەر رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۈندە بىر تېما تەرجىمە قىلىنىپ كۆكلەم تورىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈۋەندىكى ئەسەردىن ئېلىندى.
مۇستافا ئىسلامئوغلى: رامىزان يازمىلىرى (تەرجىمە)
http://www.koklem.biz/forum.php? … 064&fromuid=229 )

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top