سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تىلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ قىزلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى فىلىمىلەرنىڭ بالىلارغا بولغان خەتىرى

تىلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ قىزلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى فىلىمىلەرنىڭ بالىلارغا بولغان خەتىرى

    

image

     بۈگۈن بىز مۇسۇلمانلار پىكرىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىمىز. پىكىر ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇنىڭ ئوقلىرى ئۆيلىرىمىزگە ۋە يۈرەك پارىلىرىمىز بولغان ئەۋلادلىرىمىزغا تەگمەكتە.نەتىجىدە بالىلىرىمىزنىڭ ئەقىدسى سۇسلىشىپ، ئېستىلى بۇزۇلىۋاتىدۇ. ئەخلاقى ۋە قىممەت قارىشى ئۆزگىرەپ كېتىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى بالىلار ئاتا – ئانىسىغا قارشى چىققان ئەھۋاللار مۇ بار. كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، ئامېركىنىڭ كىنو ۋە كارتون فىلىملىرىدىكى ئىسلام ئەقىدىسگە زىت بولغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرى مۇسۇلمان ئائىلىلەرگە كىرىپ كېلىۋاتىدۇ.          ئىنساننىڭ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن نەرسىدىن تەسىرلىنىدىغان تەبىئىتى بولغاچقا، تۇيماستىن غەرپ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆگىنىپ غەرپچە تاماق، غەرپچە كىيىم ۋە غەرپچە مودا قوغلىشىدىغان بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.          بەزى فىلىملەر مۇسۇلمانلارنى ئىنتايىن قالاق، ئەخمەق، بىلىمسىز ۋە قانخۇر قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان دۈشمەنلىكى ئايان بولىدۇ. كىشىلەر بۇنى سەزمەستىن راست ئەمەسمۇ دەپ ئۆز لىرىنى كەمسىتىدۇ.          بەزى فىلىملەر ئوچۇق – ئاشكارا پەسكەشلىك، رەزىللىك ۋە شەھۋانىلىققا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ياشلارغا جىنسىي ھېسسياتىنى ھەر خىل رەزىل ئۇسۇللار بىلەن قاندۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ.          بۇ خىل مەدەنىيەت ئۇرۇشى ۋە ئەخلاق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەۋلادلارنى ھىمايە قىلىش ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيتىدۇر.          تۆۋەندە دوكتۇر ئەلىي بامىدھەج تەييارلىغان، تىلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ قىزلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى دېگەن ئىلمىي تەتقىقاتىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.          بۇ ئىلمىي تەتقىقات سانى بەش مىڭدىن ئارتۇق قىزلار ۋە قىز ئوقۇغۇچىلارغا نەچچە يىل ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىدۇر.          تەتقىقاتچىلار، ئۇ قىزلارنىڭ ئۆيگە تىلېۋىزۇر ئەكىرىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى ئەھۋالىنى كۆزەتكەن ۋە تۆۋەندىكىدەك قۇرقۇنچلۇق نەتىجىگە ئېرىشكەن:          دەسلەپتە، ئۆيگە تىلېۋىزۇر ئەكىرىشتىن ئىلگىرى:          98  پرسەنت قىز ئوقۇغۇچىلار بىلىم ئىگەللەش ۋە ئىلمىي ساھەدە ئۇتۇق قازىنىشقا قىزىقىدىكەن.          76 پرسەنت قىزلار ئوغۇللار بىلەن ئارلىشىتىن ئۆزلىرىنى ساقلايدىكەن.          بۇ 76 پرسەنتنىڭ ئىچىدە 5 پرسەنتى ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە ئايلىق ھەيز نورمال بولماسلىقتەك كېسەللەردىن شىكايەت قىلىدىكەن.          ئۆيگە تىلېۋىزۇر ئەكىرىپ ھەر خىل تىلېۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. بۇ قىزلارنىڭ :          23 پرسەنتى ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان.          17 پرسەنت قىزلار قولى بىلەن لەززەتلىنىشكە ئادەتلىنىپ قالغان.          85 پرسەنت قىزلار شەھۋانى فىلىملەرنى كۆرۇشكە كۆنۈپ قالغان.          يەنە بۇلار دىن 6 پرسەنت قىزلار مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاناللىرىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېىيتقان.          ئىلمىي پرۈگراممىلارنى كۆرىدىغانلار نۆل پرسەنتنىمۇ ئىگەللىمىگەن.          بۇ بىرسىنىڭ ئۆزى تېپىۋالغان سۆزى ئەمەس، بەلكى تەتقىقاتچىلار، نەخ مەيداندىن بىۋاستە مەلۇمات توپلىغان ستاتىستىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزلىرىدۇر.          بەزىلەر كىنو – فىلىملەردىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنى ئەيىپلەپ، نېمىشقا كۆزۈڭنى ئاچمايسەن؟ سەنمۇ كۆرۈپ قوي، مەدەنىيەت ئۆگەن، بولمىسا دەۋىرنىڭ كەينىدە قالىسەن دەيدۇ.          مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم، نېمە ئۇ مەدەنىيەت دېگەن؟ يىرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىېيىشمۇ؟ يېرىم يالىڭاچ تانسا ئويناش مەدەنىيەتمۇ؟ ئەتىگەندىن كەچكىچە سۆيگۈنۈم ، ھەي كۆيگۈنۈم دەپ ناخشا تولاپ يۈرۈش مەدەنىيەتمۇ؟ ئۇنداق بۇزغۇنچى كىنو – فىلىملەرنى كۆرمىگەنلىك ھەرگىزمۇ دەۋرنىڭ كەينىدە قالغانلىق بولمايدۇ.          مانا كىشىلەرنىڭ كىنو – فىلىملەردىن ئۆگەنگەن مەدەنىيىتى نەتىجىسىدە بۈگۈنكىدەك كوچىلاردا ئاياللارغا چىقىلىدىغان، قىزلارنى ھەر خىل زەھەرلىك چىكىملەرگە زورلايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايەتلەر كۆپەيدى.          قاچان ئىبرەت ئالىمىز؟          ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەلمەدىنە گېزىتىدە، ئېلان قىلىنغان “ ئاگاھ بولۇڭ! كارتون فىلىمىلەر بالىلار نىڭ ئەخلاقى ۋە پسخىكىغا چوڭ زىيان “ دېگەن ماقالىدە مۇنداق دېىيلگەن:          مىسىرنىڭ دۆلەت جىنايى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا مۇنداق دىېيىلگەن:          كارتون فىلىمىلەر گۇناھسىز سەبى بالىلارنىڭ قەلبى ۋە ئەقلىگە زور دەرىجىدە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدۇ، ئەقىلنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىلېۋېزىيە قاناللىرىدا بېرىلىۋاتقان ئەخلاقسىز فىلىملەر توغرا بىلەن خاتانى ئايرىيالمايدىغان بالىلار نىڭ زېھنىگە جىنايەت ئۇسۇللىرىنى سىڭدۈرىدۇ. ئىلگىرىكى كارتۇن فىلىملەر ئۆسمۇرلەرنىڭ ئەقلىگە ماس كېلىدىغان فىلىملەر ئىدى، ئەمما ھازىرقى كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەممە نەرسىنى ئوچۇق كۆرسىتىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ فىلىملەر بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە دىنى ئېتىقادىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. كىچىك بالىلار كارتون فىلىملەردىكى قەھرىمانلارنى دوراپ ئېگىزدىن سەكرەپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. بالىلار بۇ فىلىملەردىن ئۆگىنىۋاتقان سەت سۆزلەر بالىلارنىڭ تىل گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.          دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بالىنىڭ تىلېۋۇزۇر ئىكرانى ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرىشى بالىنىڭ ھورۇن، بىپەرۋا بولۇپ قىلىشىغا ھەتتا نامازغا سۇس قارايدىغان بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. يەنە بالا ئۇزۇن ئولتۇرغانلىقتىن جىمغور، تەييارتاپ ۋە جۈرئەتسىز بولۇپ قالىدۇ. ھەرىكەت قىلماي تىلېۋۇزۇر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتىن بالا سەمرىپ كېتىدۇ. سەبى بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ بۇزغۇنچى كارتون فىلىملەر دىن غەرپ مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى ئۆگىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي كىملىكى پۈتۈنلەي يوقايدۇ.          دوكلات يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ : بالىلارنى ھەر خىل كۈندىلىك تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى ئويناشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. بالىلارنى تىلېۋۇزۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ شېكەر ماددىسى بار يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىككە كۆندۈرۈش لازىم.          ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تىل ۋە ئىلمىي قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدىغان ۋې سىيدى دېسكىلار بازاردىن سېتىۋېلىپ بالىلارغا شۇنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. ھەم يەنە تىلېۋىزىيە قاناللىرىدىن تەلىم – تەربىيگە ئالاقىدار ئىلمىي فىلىملەرنى تارقىتىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم.          بالىلارنى تىلېۋۇزۇر، ئېنتىرنت ۋە كارتون فىلىملەرنىڭ شەررىدىن ساقلاش ھەممىمىزنىڭ بۇرچىدۇر. بىز دىنىمىز ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان ئىكران ئالدىدا ئولتۇرىۋاتىمىز. بۇ ئىكران بىزنىڭ ئائىلىمىز ۋە جەمىيىتىمىزنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بىر يىلدا بىنا قىلغان ئەخلاقىي قىممەتنى بىر نەچچە مېنۇتتا بۇزۇپ تاشلىماقتا.          تىلېۋۇزۇر، ئېنتىرنتتىن ئېلىنغان ھەر خىل ۋېدىيو -فىلىملەر تېلفۇنلارغا قاچىلىنىپ يانچۇقلىرىمىزدا نەگە بارسا بىللە بېرىۋاتىدۇ. بۇنى كونتىرول قىلىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن بولۇپ قالدى.          قانداق قىلىش كېرەك؟          بالىلارغا سۆھبەت ئارقىلىق ياخشى بىلەن ياماننىڭ، توغرا بىلەن خاتانىڭ ۋە گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرىشىمىز لازىم. مۇسۇلمان بالىسى مۇسۇلمانغا خاس ئىش قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، كۆرۈشكە لايىق بولمىغان نەرسىنى كۆرمەيدۇ دەپ تەربىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىدە ئەقىدە ۋە پرىنسىپ ئېڭىنى ئۆستۈرىشىمىز لازىم. كىشى كۆرمەيدىغان جايدىمۇ ئۆزىنى كونترول قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى مېڭىسىگە سىڭدۈرۈش لازىم.          ئىسلامغا زىت كارتون فىلىملەرنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىغا بولغان خەتىرى ھەققىدە دوكتور نەبىل ئىۋەدى مۇنداق دەيدۇ:          ئاللاھ بىز گە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېمەت پەرزەنت نېمىتىدۇر.          پەرزەنت نېمىتىنىڭ قىممىتىنى پەقەت پەرزەنتىنى يوقاتقان ياكى پەرزەنتتىن مەھرۇم بولغانلارلا بىلىدۇ. كىمكى بۇ بۈيۈك نېمەت پەرزەنتنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىكەن، ئۇ بۇ نېمەتنى يوقاتقان بولىدۇ. توي قىلمىغان ياكى توي قىلىپ بالىسى بولمىغانلارغا قاراڭلار، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بالىسى بولۇشتۇر، ئۇلار ھەتتا ھەر قېتىم دۇئا قىلغاندا ئى ئاللاھ بىزگە پەرزەنت نېمىتى ئاتا قىلغىن دەپ تىلىمەي قالمايدۇ.          ئاللاھ مۇنداق دېگەن ئەمەسمۇ؟          مال-دۇنيالار ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر. سۈرە كەھف 46‏- ئايەت.          ئاللاھ بىز گە بەرگەن يەنە بىر نېمەت بالىنىڭ تۇغۇلغاندا ئىسلام ئۈستىدە تۇغۇلىشىدۇر.          ئاللاھتائالا ھەر قانداق ئاتا – ئانىغا پەرزەنت ئاتا قىلسا، مەيلى ئاتا – ئانا كاپىر بولسۇن، يەھۇدىي، ناسارا، بۇددىست بولسۇن ياكى قانداق دىندا بولسۇن بالىنى ئىسلامىي پىترەت بىلەن ئاتا قىلىدۇ. ئاتا – ئانىسى ئۇنى خالىغان يوسۇندا تەربىيىلەيدۇ. ئەگەر بالا تۇغۇلغان باشلاپ ئۆز ھالىغا قويۇلسا ئاللاھنى تونۇيدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.          پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق بالا ئىسلام دىنىنى ئېتىراپ قىلىشقا ھازىر بولغان تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا ـ ئانىسى يەھۇدىي ياكى ناسارا ياكى ئوتپەرەست قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.          بالىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئادەم كىم؟ ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى. بالا تۇنجى قېتىم دۇنياغا كۆزىنى ئاچقاندا ئاتا – ئانىسىنى كۆرىدۇ. بالىنىڭ قەلبى پاك، ئاق قەغەزگە ئوخشاش نېمىنى يازسا بولىدۇ. بۈگۈنكى بىز دىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە، ئاتا – ئانا قاتتىق ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىتىن بالىسىغا قاراشقا چولىسى تەگمەيدۇ. ئاتا، پۇل تېپىش بىلەن، خىزمەت بىلەن، دوست – ئاغىنىلەر بىلەن ساياھەت، كۆڭۇل ئىچىش، پۇتبۇل ئويناش ياكى پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى كۆرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ، بالىلىرى بىلەن كۈندە بىر – ئىككى سائەت ئولتۇرىدىغان ئاتىلار ئىنتايىن ئاز.          ئەۋلاد تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتى ئۈستىگە يۈكلەنگەن بەزى ئانىلار، بالىسىنى بالا باققۇچىغا، تاشلاپ قويۇپ ئۆزى مېھماندارچىلىق قوغلىشىپ يۈرىشىدۇ. ئەمما بەزى بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆزلەيدىغان ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىگە ئىنتايىن بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. بىز دىكى يەنە بىر مەسىلە، بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى سائەت – سائەتلەپ تىلېۋۇزۇر ئىكرانىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشقا تاشلاپ قويىدۇ. ھەتتا بەزى بالىلار تىلېۋېزىيە قاناللىرى بالىلارنىڭ ئىككىنجى ئانىسىغا ۋە ئىككىنجى دادىسىغا ئايلىنىپ قالدى.چۈنكى بالىغا ئانىسىدىن تەسىرىدىنمۇ بەكرەك تىلېۋېزىيە قاناللىرىنىڭ تەسىرى زور بولماقتا. بۇنداق بولىۋەرسە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئەۋلادلىرىمىز تىلىۋۇزۇر ئەۋلادىغا ۋە كارتون فىلىم ئەۋلادىغا يەنى تىلېۋۇزۇر تەربىيىلىگەن ئەۋلادقا ئايلىنىدۇ. ئۈچ ياشتىن باشلاپ بالا تىلېۋۇزۇر ئىكرانى ئالدىدا ئولتۇرۇشقا ئامراق بولۇپ ئون ئالتە ياشقىچە ئىزچىل ھالدا بۇ قاناللارنى كۆرۈپ چوڭ بولىدۇ. بالىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھەر كۈنى ئىكراندىكى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتىدۇ.   
      ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى سادىق ئىسمائىل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش