• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » NASA: رەڭنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

NASA: رەڭنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

120320cxnf81iwddfnf1ey[1]ئەركىن سىدىق

«پەرۋاز» ئىسىملىك قېرىندىشىمىز « ئىزدىنىش تورى » دا مەندىن يەنە تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپتۇ:
نەقىل:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەركىن سىددىق ئاكا ، مېنىڭ يازغان ئىنكاسىمغا ۋاقىت چىقىرىپ ئايرىم تېما يېزىپ جاۋاب بەرگەنلىكىڭىزدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم !!
جاۋابىڭىزدىن نېمىشقا ئايغا چىقىشىقا قارىغاندا خەلقئارا ئالەم بوشۇلۇقىغا كۆپرەك چىقىدىغانلىقىنى سەۋەبىنى بىلىۋالدىم ، رەھمەت
ئايغا چىققانلىقىغا ئائىت بەزى «گۇمانلىق» رەسىملەر ھەققىدە ئازراق ئىزاھاتىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار !! ( لەپىلدەۋاتقان ئامېرىكا بايرىقىدىن باشقا)
1. ئاي شارىدا تۇرۇپ تارتقان سۈرەتتە ئاسمان پۈتۈنلەي قاپقارا كۆرۈنىدىكەن . ھەممىمىز بىلىمىز ئاي شارى يەرشارىدىن قۇياشقا بەكرەك يېقىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتمۇسغىرا قەۋىتى بولمىغاندىكىن ، بۇلۇتمۇ يوق، ئۇنداقتا ئەسلى قۇياش نۇرى ۋە باشقا يۇلتۇزلار نۇرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولسا توغرا بولمامدۇ؟
2. بىر رەسىمدە قارىسام ئالەم ئۇچقۇچىنىڭ سايىسى ئوڭغا چۈشكەن بولسا ، بايراقنىڭ سايىسى سولغا چۈشۈپتۇ. ئايغا قونغان كېمە جازىسىنىڭ سايىسى ئوڭغا چۈشۈپتۇ …يەنە بىر رەسىمدە ھەممە نەرسىنىڭ سايىسىنىڭ يۆنۈلىشى ئوخشاش ئىكەن ، سىز نىڭچە بۇ توغرىمۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۇمانىي نۇقتىلار بارتى ھازىر سەل ئالدىراش ، ئەتە ۋاقتىم چىققاندا يازسام بولغۇدەك !
توغرا 69 -يىلىدىن ھېسابلىغاندا ھازىرغىچە ئاساسەن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپتۇ ، ئامېرىكا ئەمدى ئايغا چىقسا ھازىرقى يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تەتقىق قىلالىشى مۇمكىنتى، يا ئۇلار يەردە تۇرۇپلا سىلەر ياسىغان تېلىسكوپتا خوشنىسىنى ئوغۇرلۇقچە كۈزەتكەن جاسۇستەك ھەممە نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭغا پۇل خەجلەشنى خالىمامدۇ ؟
ھازىر چىقسا ھېچ بولمىسا ئالما تېلېفون ياكى سەمسۇڭ تېلېفوننى يانچۇقىغا سېلىۋالسا ، 50 يىل بۇرۇنقى رەسىملەردىن نەچچە يۈز ھەسسە سۈزۈك رەسىملەرنى تارتىپ چۈشەتتى ھە؟

نەقىل تۈگىدى.

مەن ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى جاۋابنى بەردىم:

قارىغاندا سىزنىڭ ئوپتىكىدىن ئانچە خەۋىرىڭىز يوق ئىكەن.  سىز ئالدى بىلەن «كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى نېمە؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى چۈشىنىۋېلىڭ.  كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى، كۈندۈزى كۈننىڭ نۇرى ئاسماندىكى ئاتموسفرادىن ئۆتۈپ، ئەتىراپىڭىزغا چۈشۈپ، ئەتىراپىڭىزنى يورىتىدۇ.  كېچىسى بولسا كۈن نۇرىنى يەر شارىنىڭ سىزگە قارىمۇ-قارشى تەرىپى توسۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نۇرى سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى ئاسمانغىمۇ چۈشمەيدۇ.  سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزغىمۇ چۈشمەيدۇ.  گەرچە سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدا كۈندۈزى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كېچىسىمۇ ئۆز جايىدا تۇرغان بولسىمۇ، سىز ئۇلارنى كېچىسى كۆرەلمەيسىز.  بۇنىڭ سەۋەبى، سىز كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قۇياشنىڭ نۇرى بولۇپ، كۈندۈزى قۇياشنىڭ نۇرى ئۇ نەرسىلەرگە چۈشۈپ، ئۇلاردىن قايتىپ، سىزنىڭ كۆزىڭىزگە كىرىدۇ.  سىز پەقەت كۆزىڭىزگە كىرگەن نۇرلارنىلا كۆرىسىز.  كېچىسى كۆزىڭىزگە كىرىدىغان ھېلىقى نۇرلار يوق بولغاچقا، سىزگە ئەتىراپىڭىزدىكى نەرسىلەر كۆرۈنمەيدۇ.  قۇياش نۇرى «ئاق نۇر» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆزگە كۆرىنىدىغان ھەممە رەڭدىكى نۇرلار بار.  سىز بىر قىزىل ماشىنىنى كۆرگەندە، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز ئاشۇ ماشىنا قايتۇرغان قىزىل رەڭدىن ئىبارەت بولىدۇ.  يەنى بىز دەيدىغان «قىزىل رەڭ» نى تەشكىل قىلغان ماددا باشقا ھەممە رەڭلەرنى شmمmرىۋېلىپ، پەقەت قىزىل رەڭنىلا قايتۇرىدۇ.  شۇڭا ئۇ سىزگە قىزىل بولۇپ كۆرىنىدۇ.  قارا جىسىم ھەممە رەڭنى شۈمۈرىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇ قارا كۆرىنىدۇ. ئاق جىسىم ھەممە رەڭنى قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاق رەڭلىك كۆرىنىدۇ.  شۇڭلاشقا ياز كۈنلىرى قارا رەڭلىك كىيىم ئىسسىق، ئاق رەڭلىك كىيىم سۇرۇن بولىدۇ.

ئەمدى «ئايدا نېمە ئۈچۈن ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، مەن يۇقىرىدىكى يازمىدا چۈشەندۈرگىنىمدەك، يەر شارىنىڭ ئاتموسفراسىنىڭ قېلىنلىقى ئاران 80 كىلومېتىر كېلىدۇ.  ئاتموسفرا ئۇششاق زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇياش نۇرى ئۇ زەررىچىلەرگە چۈشكەندە، ئۇ زەررىچىلەر باشقا رەڭنى ياكى شۈمۈرىۋالىدۇ، ياكى باشقا يۆنىلىشكە چېچرىتىدۇ.  پەقەت كۆك رەڭلىك نۇرنىلا يەر يۈزىگە قارىتىپ قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئاسمان كۆك رەڭلىك كۆرىنىدۇ.  ئاخشىمى ئاسمامدىكى زەررىچىلەرگە چۈشىدىغان قۇياش نۇرى بولمىغاچقا، ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  ئاي بىزدىن تەخمىنەن بىر مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتموسفراسى يوق.  يەنى ئاينىڭ ئەتىراپىدا نۇرنى قايتۇرىدىغان زەررىچىلەر يوق.  شۇڭا ئايدا ئاسمان داۋاملىق قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  ئەمەلىيەتتە سىز يەر يۈزىدىن ئاسمانغا قاراپ مېڭىپ، 80 كىلومېتىرنىڭ نەرىسىگە ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا، پۈتۈن ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  پەقەت يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزىلا چاقناپ تۇرىدۇ.

تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆزگە كۆرىنىدىغان رەڭلەرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى كۆرسىتىلگەن. «um» دېگەن «مىكرو-مېتىر» دېگەننى بىلدۇرىدۇ.

2-سوئالغا كەلسەك، سىز كۆرگەن ئاشۇ رەسىملەرنى مۇشۇ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويۇڭ. مەن ئۇنى بىر كۆرۇپ باقاي. بولمىسا مەن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن.  ئىلمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىز دېگەن ئۇ ھادىسە  مۇمكىن ئەمەس.

3-سوئالغا كەلسەك، ناسا كائىناتقا ماڭدۇرىۋاتقان ئالەم ئۇشقۇرلىرىنىڭ ئاينى يوقلاپ ئۆتۈپ كېتىشى بىر ئادەتتىكى ئىش.  ئايغا ئادەم چىقىپ ئۇنى رەسىمگە تارتمىسىمۇ، ھازىرغىچە ناسا ئاينى ھەممە يونىلىشلەردىن ئىنتايىن تەپسېلىي رەسىمگە تارتىپ بولدى.  ئايدا قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىش بولسا، ناسا ئۇنى چوقۇم قىلىدۇ.  مەسىلەن، ھازىر ئاينىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى ئالەم ئۇشقۇرى بار.  ئۇلارنى بىزنىڭ ئىدارە باشقۇرىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇشقۇرىلىرىنىڭ مەقسىدى پۈتۈن ئاينىڭ ماگنېت مەيدانىنى ئۆلچەپ چىقىش.  ئاينىڭ رەسىمىنى تارتىش ئۇلار ئۈچۈن بىر ئادەتتىكىلا ئىش.

مەنبە: NASA: رەڭنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top