You Are Here: Home » ئومۇمى » كىتاب ئوقۇشنىڭ خۇشاللىقى

كىتاب ئوقۇشنىڭ خۇشاللىقى

175104pfwwg6ff139gjbyi[1]

   كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغان بىر كىتابنى تۆنۈگۈن يەنە ئاچتىم.ماڭا كىتابلارنى سۆيۈشنى ئۆگەتكەن ئاشۇ سۆزلەرنى قايتىدىن ئوقۇدۇم:

    «كىتابلاردىن سۇئال سورىسىڭىز،سىزدىن ھېچنەرسىنى يۇشۇرمايدۇ. ئەگەر بىلگەنلىرىڭىز خاتا ياكى كەمچىل بولسا سىزنى مازاق قىلمايدۇ. كىتاپلارغا قاچانلا يېقىنلاشسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئويغاق ھەم ھۇشيار ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرەلەيسىز».

    بۇ كىتابتا يەنە بىر يازغۇچىمۇ شۇنداق دېگەن ئىدى:

    «ئەڭ يېقىن دوستلىرىم كىتابلىرىمدۇر. ئۇلار تېپىلىدىغان يەر مېنىڭ ئۈچۈن كاتتا سارايدۇر.كىتابلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا بارلىق دانىشمەن ئالىملار، سەنئەتچىلەر، مۇتەپەككۇرلار بىلەن ئۇ يەردە پاراڭلىشالايمەن. ئەلۋەتتە، ياقتۇرمايدىغان سۆزلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنى ھەم تەنقىد قىلالايمەن» .

    ئىنگىلىزيازغۇچىسى ماكولىمۇ بىر كىچىك قىزچاققا يازغان مەكتۇبىدا شۇنداق دېگەن ئىدى:

     » مەكتۇبىڭغا كۆپ تەشەككۈر، كىتابلارنى ياخشى كۆرگىنىڭ مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. مېنىڭدەك چوڭ بولغىنىڭدا بىلىسەنكى،كىتابلار پىچىنىلەردىن، تاتلىق-تۈرۈملەردىن، بارلىق ئۇيۇنچۇقلاردىن قىممەتلىكتۇر. كىتابلارئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇردىغان ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىلىرىدىنمۇ كۆپ ھوزۇر ۋە ئارامبەخىشلىك ئاتا قىلالايدۇ. ماڭا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەي باي ۋە كۈچلۈك بىر پادىشاھ بول دېسە خالىماستىن، دائىم كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىشنى، ئېسىل كىتابلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇشنى خالايدىغان ئاددى ئىنسان بولۇپ ياشاشنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قوياتتىم».

     بۇ سۆزلەرنى كىچىك ۋاقتىمدىن بېرى توغرا دەپ قاراپ كەلدىم. شۇڭىلاشقا، كىتاب ئوقۇشتىن ئەسلا يىراقلىشىپ باقمىدىم.

توختى ھاجى تىللا تۈزگەن «تۈرك تىلىدىن دەسلەپكى ئاساس»ناملىق كىتاب 2-قىسىم 186-بەتتىن ياقتۇرۇپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى

 

مەنبە:لوپنۇرى تور خاتىرىسى  

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top