You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە

ئاپتۇر مەريەم قۇربان

مۇھىم مەزمۇنى: يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىپادىلىگەن ئېستېتىك قاراشلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاپتورنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە سەنئەت قارىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى . ئاپتورنىڭ ئېستېتىك ئىدىيىسى ئەسەردىكى تۆت سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مۇكەممەللىك، ھەمدە بۇ خىل مۇكەممەللىكنىڭ تەرەققىياتىدىن ھاسىل بولىدىغان بەختلىك ھايات ھەققىدىكى گارمونىك كۈزىتىشلىرىدىن ئىبارەتتۇر .

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» ئېستېتىك قاراش

ئۇلۇغ ئالىم ۋە ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» تە پىشقان مەنتىقى تەپەككۇرى بىلەن بەدىئىي تەپەككۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ مول مەدەنىيەت قاتلىمىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىپادىلەپ بەردى.

بىز بۇ بۈيۈك ئەسەرنى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا تىلغا ئالغىنىمىزدا ئالدى بىلەن بۇ ئەسەرنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت ، ئىنسان ھەققىدىكى قاراشلار بىلەن تويۇنغان مول بىلىم خەزىنىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئەمما، بۇ شاھانە ئەسەر مۇكەممەل بەدىئىي ئەدەبىيات تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتورنىڭ مول بىلىم جەۋھەرلىرىنى جانلىق بەدىئىي مۇھىت، تىپىك بولغان درامماتىك شەكىل، رەڭدار تىل ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن بېشارەتلىك پېرسوناژلار ئوبرازى ۋە شېئىرىي رىتىم ئىچىگە سىڭدۈرۈپ ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن بەدىئىيلىك ۋە ئېستېتىك قىممىتى جەھەتتىكى سەلتەنىتى بىلەن مەشھۇردۇر . تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى يەنە ئەسەردىكى ئاپتورنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرى ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبىئەت ۋە ئىنسان ھەققىدىكى قاراشلىرى ۋە ئىنتىلىشلىرىنىڭ باي ۋە رەڭدار بولغان ئېستېتىك ئىدىيە بىلەن تويۇنغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . ئاپتورنىڭ ئېستېتىك ئىدىيىسى ساغلام بولغان ئىجتىمائىي نۇقتىئىنەزەرنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئەسەرنى ئېستېتىك قاتلىمىدىن تەتقىق قىلىش يۈسۈپ خاس ھاجىپنى چۈشىنىشتىكى يەنە بىر مۇھىم كۆزنەكتۇر . مەزكۇر ماقالىدە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە ئىپادىلىگەن ئېستېتىك ئىدىيىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە يېگۈزۈلىدۇ .

گۈزەللىك ئىنساننىڭ ئۆز ماھىيىتىنى تويۇندۇرۇشتۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ ماددىي ئېھتىياجى ۋە مەنىۋى بوشلۇقىنى قاندۇرۇش يولىدا تىنماي ئىزدەنگۈچىدۇر. شۇ ۋەجىدىن ئىنسانىيەت ئۆزنىڭ ھايات سەپىرىدىكى ئوخشىمىغان ئىنتىلىشلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا تويۇندۇرۇپ كەلدى ۋە مەنىۋى بوشلۇقلىرىنى بىر قەدەر مۇكەممەل قاندۇرىدىغان، ئېستېتىك پائالىيەتنىڭ مەركىزى بولغان سەنئەتنى ياراتتى. سەنئەت ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى رەڭدارلاشتۇردى، ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى، ئەركىنلىكىنى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلىدى. «قۇتادغۇبىلىك» ئەنە شۇنداق گۈزەل ھايات ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇچىنىڭ كۆزىدە تەبىئەت جەمئىيەتنى تويۇندۇرۇپ ۋە گۈزەللەشتۈرۈپ، ئىنساننىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىگە جاۋاب بەرگەن گۈزەل كارتىنىدۇر.

«قۇتادغۇبىلىك»نى مەنىۋى قاتلىمىدىن كۆزەتكەندە ئەسەرنى ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي غايىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان غايىۋى تۇرمۇش كۆزنىكى، دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئاپتور يۈكسەك بولغان ئېستېتىك تەلپۈنۈشتە تۇرۇپ ، گۈزەل ھايات ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىرىنى ھېسسىي مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە سىزىپ بەردى . شۇڭا، قۇتادغۇبىلىك ئاپتورنىڭ ئېستېتىك ئىدىيىسىگە تېخىمۇ يېقىندۇر .

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ بۈيۈك ئەسىرىگە سىڭدۈرگەن ئېستېتىك قاراشلىرى ناھايىتى باي ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ قالماستىن، ئومۇمىي مەزمۇندىن قارىغاندا، خۇددى ئاپتورنىڭ باشقا ئىدىيىۋى قاراشلىرىغا ئوخشاش ئىزچىلىققا ۋە سىستېمىچانلىققا ئىگە .

ئاپتورنىڭ ئېستېتىك ئىدىيىسىنى ئومۇمىي مەزمۇندىن كۆزەتكەندە ئەسەردىكى كۈن تۇغدى، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئۇدغۇرمىشتىن ئىبارەت تۆت سىمۋوللۇق پېرسوناژ خاراكتېرىدە ئىپادىلەنگەن ئوخشىمىغان ئىنسانىي قىممەت ۋە ئۇلارنىڭ بىرىكىشىدىن كېلىپ چىققان ئىنسانىي مۇكەممەللىك ھەمدە بۇ خىل مۇكەممەللىكنىڭ تەرەققىياتىدىن مۇقەررەر ھاسىل بولىدىغان بەختلىك ھايات ھەققىدىكى گارمونىك كۆرۈنۈشلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

1. ئاپتورنىڭ ئېستېتىك ئىدىيىسى ئالدى بىلەن ئەسەردىكى مۇكەممەللىك ئۈستىدىكى بايانلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. مۇكەممەللىك ئىنسانلارنىڭ ئېستېتىك ئىنتىلىشىدىكى ئەڭ كەڭ ۋە مۇقەددەس دائىرە بولۇپ، نۇقسانسىزلىق، تولۇقلۇق، بىرلىك، ماسلىشىشچانلىق قاتارلىقلارنى ئىپادە قىلغان بولىدۇ. ئاپتور گۈزەللىكنى ئىنسانىي گۈزەللىك، ئىنسانىي گۈزەللىك بولسا مۇكەممەللىكتە دەپ قارايدۇ. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى كۈن تۇغدى، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي پېرسوناژ ئەنە شۇنداق نۇقسانسىزلىق ۋە كامالەتكە يېتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى بولۇپ، ئەقىل، ئىدراك، بىلىم ئەخلاق ۋە تاشقى گۈزەللىكتىن تەركىپ تاپقان بىرلىك ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنى شەكىللەندۈرگەن .

«قۇتادغۇبىلىك»تە ئەقىل، بىلىم ئىنسان كامالىتىنىڭ ئۇلى سۈپىتىدە مەدھىيىلىنىدۇ . ئەقىل ۋە بىلىم ئۇلۇغلۇقنىڭ سالاپەتنىڭ ئاساسى.

154 ئەقىل قايدا بولسا ، ئۇلۇغلۇق بولۇر ،

بىلىم كىمدە بولسا ، بۈيۈكلۈك تاپۇر .

1830 كىشىنىڭ زورىدۇر ئەقىللىق ئىش ،

ئەقىل ئەرگە مىڭ خىل پەزىلەت بېشى .

3165 بىلىملىك ، ئەقىللىق كىشىدۇر كىشى ،

ئۇنىڭدىن بۆلەكلەر يىلقا تەڭتۇشى .

ئاپتور يۇقىرىقى مىسرالاردا بىلىمنى نۇرغا ، مەشئەلگە ، بىلىمسىزلىكنى قۇرۇق گەۋدىگە ئوخشىتىپ، بىلىمنى كونكرېت گۈزەللىك ئىپادىلىرى بىلەن چاقنىتىپ ئۇنى ئىنساننىڭ بۈيۈكلۈككە، تۈرلۈك گۈزەل خىسلەتكە ۋە سالاپەتكە ئېرىشىشتىكى ئاساس، دەپ تەرىپلەنگەن.

297 ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي ،

ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي .

299 ھەركىمنىڭ كىيىمى بولۇر ئۈستىدە ،

ئەقىللىق ، بىلىملىك ئەزىز ئەسلىدە .

736 ھەرقانچە ئاجىزغا قاراتسام يۈزۈم ،

ئاشار كۆركى ئۇنىڭ، قىلاي بەس سۆزۈم .

ئاپتور يۇقىرىقى مىسرالاردا گۈزەللىك تاشقى سۆلەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىچكى ساپا بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ ئىچكى ساپا دەل بىلىم ، بىلىم ئاجىزنى كۈچلۈإك قىلىدىغان، تاشقى نۇقساننى ياپىدىغان نۇردۇر . ئەكسىچە بىلىمسىزلىك كۆرۈمسىزلىكنى ھاسىل قىلالايدۇ، دەپ قەيت قىلىدۇ . ئىنسان بىلىم ئىقتىدار ئارقىلىق ھايۋانلاردىن يىراقلىشىدۇ ۋە بارغانسېرى ئۆز جىسمىنى ۋە ئەقلىنى ئازاد قىلىپ ، ئىنسانىي ئەركىنلىكىنى نامايان قىلىدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدىكى يورۇتقۇچى ماياك ، بىلىمنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى ھەقىقىي يوسۇندا تەبىئىي ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىيلىدى . بۇ ئاپتورنىڭ بىلىم ۋە بىلىملىك ئىنسانلار ئارقىلىقلا گۈزەل گۈللەنگەن، قوي بىلەن بۆرە بىر يەردە ئىناق ياشىيالايدىغان جەمئىيەت قۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدىكى قارىشىدا گەۋدىلەندى . ئەگەر بىز ئاپتورنىڭ فانتازىيىسى ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىدىغان بولساق، ئاپتورنىڭ بىلىم بىلەن تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نەقەدەر توغرا ھەل قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلەلەيمىز .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنساننىڭ گۈزەللىكى ئەخلاقىي پەزىلەتتە ، پەزىلەت ئىنسان بۈيۈكلۈكى ۋە مۇكەممەللىكىنىڭ جەۋھىرى، دەپ قارايدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ مىسرالىرىدا ئىنسانلاردا بولىدىغان تۈرلۈك خۇلق ۋە ھەرىكەتلەرنى ئىنسان پەزىلىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلاپ، ياخشى ھەرىكەت ۋە خۇي – پەيلنىڭ خاراكتېر گۈزەللىكىدىن تۇغۇلىدىغانلىقىنى، خاراكتېر گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمى بولسا ئىجتىمائىي ئۈنۈمدارلىقتا، ياخشىلىقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى . ئۇ ئەسىرىدىكى غايىۋى پېرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېرىنى سۈرەتلەش بىلەن بىللە كەمتەرلىك، سەۋرىچانلىق، تەمكىنلىك، خۇش پېئللىق، سەمىمىيىلىك سېخىيلىق قاتارلىقلار گۈزەل پەزىلەتلىرىنىڭ ئىپادىلىرى سۈپىتىدە مەدھىيىلەندى.

1524 ۋۇجۇدۇڭ ئويدۇر بىزەكلىك ئويۇڭ ،

سۈزۈك جان ئويدۇر سۈرەتتەك تېنىڭ .

1700 نە ياخشى بولۇر بەختكە كېتەر كۆڭۈل ،

نە كۆركلۈك ئالمىغا ياۋاش بولسا ئول .

1705 نە ياخشى بولۇر كەمتەر مۇلايىم كىشى ،

چىرايلىق بۇلۇر كۈندە تۈزەلۇر ئىشى .

2170 كۆزى توق ، سەۋىيىلىك ھەمدە مۇلايىم ،

ئەپۇچان ، ئۇز خۇلق بولسۇن ئۇ دائىم .

ئېنىقكى، ئاپتور گۈزەل ۋۇجۇد ۋە پاك روھنىڭ مەھسۇلى ۋە ئىپادىسى، كەمتەرلىك ۋە مۇلايىملىق كۆركەم كۆرۈنۈشنىڭ ئاساسى، سەۋرچانلىق ، تەمكىنلىك ئىنسان زىننىتى، دەپ قارايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي مۇكەممەللىككە بولغان ئېستېتىك قارىشى، ئۆملۈك ئاڭنى گەۋدە قىلغان شەخسلىكنىڭ يارىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۆم دائىرىسىدە كۆزىتىلگەن ئىنسانلا ھەقىقىي مۇكەممەل ئىنساندۇر. شەخسلىكنىڭ قىممىتى ئۆم ئىچىدىكى بۇرچ ۋە تۆھپىدە.

2212 چىرايلىق كىشى خۇلقى كۆركەم بولۇر،

گۈزەل بولسە خۇلقى، ئەلگە نەپ تىگۇر.

464 چىرايلىق يۈز ئەردى، كورۇپ كۆز قامار،

سوزى يۇمشاق، تىلدىن توغرىلىق تامار.

3269 كىشى دەپ ئاتاشۇر، كىمدۇر ئۇل كىشى،

كىشىگە بېرىپ نەپ، بېجىرسە ئىشى.

ئىچكى گۈزەللىك بىلەن تاشقى گۈزەللىكنىڭ بىرلىكى ئۈستىدىكى ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈستىدىكى ئېستېتىك غايىسىدۇر. ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارمانلىرىنى تۈرلۈك بەدىئىي سەنئىتىدە يارىتىلغان روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭداشسىز گۈزەل پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق قاندۇرۇپ كەلدى . يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ جەھەتتىكى ئېستېتىك غايىسىنى بەختلىك دۇنيا قۇرغۇچىلار ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا سىڭدۈرۈپ ئۆز پېرسوناژلارنى روھىي ئۇزلۇق بىلەن جىسمانىي گۈزەللىكنىڭ بىرلىكىدە ياراتتى .

ئاپتور ئىنسان گۈزەللىكىدىكى بۇ ئىككى تەرەپنى ئىنتايىن ساغلام بولغان ئىچكى مۇقەرەرلىككە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىنسانلاردىكى گۈزەللىك روھىي گۈزەللىك دېگەن پىكىرنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ كۆپلىگەن تەسۋىرلىرىدە روھىي گۈزەللىك جىسمانىي گۈزەللىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى، روھىي گۈزەللىك بولمىسا، تاشقى گۈزەللىك كۆرۈمسىزلىككە ئايلىنىدۇ، دەپ تەرىپلىنىدۇ.

297 ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي ،

ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئۇچوملا لاي .

2452 قۇرۇق بىر بوياقلىق ھەيكەل- ئىلىمسىز ،

بىلىملىك كىشى ئورنى كۆكتە – ئېغىز .

4484 گۈزەل خۇينى ئىستە ، ئاختارما جامال ،

خۇيى ياخشى بولسا ، تاپار ئۇ كامال .

4500 دۇرۇس خۇيلۇق ئولسا ، گۈزەللىك كېلور ،

خوتۇننىڭ كۆركى ئەخلاق ، بىلىملىك بۇلۇر .

4482 چىرايلىقنى دېمە ، خۇلقى ئوزنى دە ،

كى خۇلقى ياخشى بولسا ، يورۇتقاي سېنى .

بۇ مىسرالاردا ئەقىل ئىدراكسىزلىق كۆرۈمسىزلىكنى ھاسىل قىلىدۇ، بىلىمسىزلىك قۇرۇق سۆلەت، خۇلق گۈزەللىكى مۇكەممەل گۈزەللىك، خۇلقى گۈزەللەر ھەقىقىي گۈزەللەردۇر، گۈزەللىك نۇرغا ئوخشايدۇ، دەپ تەرىپلەيدۇ. ئاپتور يەنە روھىي گۈزەللىك بىلەن جىسمانىي گۈزەللىكنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ ، جىسمانىي گۈزەللىكنىڭ روھىي دۇنيادا يۈز بېرىدىغان ئىپادىلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىدىغانلىقىنى ھەقىقىي يوسۇندا بايقىدى ۋە سۈرەتلىدى.

2213 كىشىكى گۈزەلدۇر يۈزى ھەم ئۆزى ،

تېشىدەك چىرايلىق بولۇر ئىچ يۈزى .

2215 كىشىنىڭ كۆركىگە ئىچىدۇر ئاداش ،

يۈزى كۆركى بىرلە قىلىگى قاياش .

بۇ مىسرالاردا ئىچكى كۆركەملىك ، تاشقى چىراي ۋە ھەرىكەتتىكى چىرايلىقلىقنى ھاسىل قىلىدۇ، دەپ يازىدۇ . ئاپتور بۇ خىل مۇكەممەللىك قارىشىنى كۈن تۇغدىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي سۈپىتىنى تەسۋىرلىگەندە تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرىدۇ.

824 ئېلگ دېدى : ئالىم بۇ قىلغۇم كۆرۈپ ،

قويدى بۇ ئېتىمنى كۈنگە ئوخشىتىپ .

825 قارا ، كۈن ئۇۋالماس – ھەمىشە پۈتۈن ،

يورۇغى بېردەكلا ۋە پارلاق تۇلۇن .

بۇ بېيىتلاردا كۈنتۇغدى چەكسىز ئادالەتلىك ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ سۈپىتى قۇياشقا تەڭداشتۇر. ئاپتورنىڭ بۇ خىل ئىدىيىسى يەنە ئۆزىنىڭ مىسرالىرىدىكى تىل بىلەن دىلنىڭ مۇناسىۋىتى دىل بىلەن ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋىتى، روھ بىلەن چىراينىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدىكى تەسۋىرلىرىدىمۇ ناھايىتى جانلىق يورۇتۇلغان. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى مىسالنى ئالساق كۇپايىدۇر.

274 ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، بۇ تىل كۆركى سۆز ،

كىشى كۆركى يۇزدۇر ، بۇ يۈز كۆركى كۆز .

275 كىشى تىل بىلەن دەر سۆزىنى ئۆزى ،

سۆزى ياخشى بولسا ، يورۇيدۇ يۈزى .

دېمەك، ئاپتور گۈزەللىكنى ئەنە شۇنداق روھىي مۇكەممەللىك بىلەن جىسمانىي گۈزەللىكنىڭ بىرلىكىدە ھاسىل بولىدىغان قىممەت دەپ قارىغاچقا، ئۇ ياراتقان پېرسوناژلار ئىچى ۋە تېشى مۇكەممەل بىرلىككە ئىگە گۈزەللەرنىڭ تىپىدۇر. ئۇلار ئەقىل، بىلىم، پەزىلەتتە ۋە ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن تىپلار بولۇپ قالماستىن، مۇشۇ پەزىلەتلەرگە ئۇيغۇن، ھۆسنى-جامالغا ، قەددى-قامەتكە، ھەرىكەت ۋە ئىپادىگە ئىگە.

415 مۇشۇ قىلىقى بىرلە بۇ كۈنتۇغدى خان ـــ

كۈن ئايدەك چېچىپ نۇر ، يورۇتتى جاھان .

464 چىرايلىق يۈز ئەردۈ ، كۆرۈپ كۆز قامار ،

سۆزى يۇمشاق ، تىلدىن توغرىلىق تامار .

ئاپتور جىسمانىي گۈزەللىك ئۈستىدە توختالغاندا، جىسمانىي گۈزەللىكنى مۇئەييەن مەدەنىيەت قاتلىمى ئىچىدە كۆزىتىدۇ . ئاپتورنىڭ تەسۋىرلىرىدىن قارىغاندا ئاپتور چىراي گۈزەللىكى، بەدەن گۈزەللىكى، ھەرىكەت گۈزەللىكى، زىننەتلەش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئۆزگىچە سىستېمىلىق بولغان ئېستېتىك قاراشقا ئىگىدۇر .

جىسمانىي گۈزەللىك ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆڭ تۈرى ( رەڭگى ) ۋە زىننەتلىنىش شەكلى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ . ئوخشىمىغان ئىرق ۋە مىللەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئۆلچىمى بولىدۇ . ئاپتور ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆڭى ، بوي تۇرقىدىكى ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ ، ئاق يۈزلۈك ، بۇغداي ئۆڭ بولۇشنى چىراي گۈزەللىكنىڭ ئىپادىسى، ئوتتۇرىچە بوينى بەدەن گۈزەللىكىنىڭ تىپى سۈپىتىدە تەرىپلىگەن.

2080 قۇل رەڭگى قاردۇر ، بەگلەر بۇلۇر ئاق ،

قارا-ئاق شۇ خىلدا ئايرىلغانغا باق .

1468 بۇ ئىشلار بېگېگە كۆيۈمچانلىق ئول ،

سويۇنچىن دەپ قىلغان تىرشچانلىق ئول .

2090 بويى ئورتا بولسۇن لايىق ئۆزىگە ،

ئەي ئالىم ھەر ئىشنى ئورتا تۇت ھەر ئان.

2. ئاپتورنىڭ ئېستېتىك ئىنتىلىشىدىكى مۇكەممەللىك يەككە ھالەتتىن پەيدا بولىدىغان قىممەت بولماستىن، قارىمۇ-قارشىلىق ۋە بىرلىك ئىچىدە مەيدانغا كېلىدىغان گارمونىك ھالەتتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن دىئالېكتىكىغا ئەڭ باي مۇتەپەككۇردۇر . ئۇ ياراتقان مۇكەممەل پېرسوناژلار ۋە ئىنتىلگەن بەختلىك دۇنيا ئۆز-ئارا تەرتىپلىشىش ، بىرىكىش ۋە تەقەززالىقتىن ھاسىل بولىدىغان قىممەتتۇر . شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ پېرسوناژلىرى ئەقىل-ئىدراك ، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە تاشقى گۈزەللىكنىڭ بىر–بىرىنى شەرت قىلىدىغان بىرلىكىدىن ھاسىل بولىدىغان گارمونىك ھالەتتۇر . شۇنىڭدەك ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇرىدا يارىتىلغان بەختلىك دۇنيا ، ئادىل پادىشاھ ، بىلىملىك ۋەزىر ، ساداقەتمەن پۇقرا ، خىلمۇ-خىللاشقان ھۈنەر ۋە مۇستەھكەم كۈچنىڭ بىرلىكى مەۋجۇتلۇقتۇر. بەخت-سائادەت ئادىل قانۇندىن كېلىدۇ . ئادىل قانۇن بولسا ھەق بىلەن ناھەقنىڭ سېلىشتۇرما تارازىسىدىن تۈزۈلگەن . بىلىم پەزىلەتنىڭ جەۋھىرى ، شەخسنىڭ مۇكەممەللىكىمۇ بىر-بىرگە باغلانغان ۋە تەقەززا قىلىدىغان ئوخشىمىغان ئامىللارنىڭ بىرىكىشى. بىلىم ئۈچۈن ئەقىل كېرەك، ئۇ پەزىلەتنىڭ ئاساسى، ئەمما بىلىم پەزىلەتسىز كىشىدە بولسا كېرەكسىز نەرسىدىن ئىبارەت ، بىلىم ۋە پەزىلەتنىڭ قىممىتى ئۆم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ، ئۇنىڭدىن ئايرىلغان بىلىم ئىنسان ئۈچۈن يۈك.

3. ئاپتورنىڭ ئېستېتىك ئىدىيىسىنى ئومۇمىي ھالىتىدىن كۆزەتكىنىمىزدە يۈكسەكلىكنى مەركەز قىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئاپتور، ئۇلۇغلۇق، بۈيۈكلۈك ۋە مۇقەددەسلىكنى بەلگە قىلغان گۈزەل دۇنياغا تەلپۈنگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللىك، نازۇك ۋە ئاددىي ھالەتتىكى تاشقى كۆركەملىك ئەمەس، بەلكى ، كۈچلۈك درامماتىك توقۇنۇش ۋە ئۇلۇغ كۈچ بەدىلىگە ھاسىل بولىدىغان غايەت زور قۇدرەتتۇر.

يۈكسەكلىك ھەققىدىكى ئېستېتىك قاراش ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلەر ئۈستىدىكى ئىنتىلىشنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاپتور ئۆز ئەسىرىدە پېرسوناژلارنى ھالقىغان روھ ۋە قىممەتكە سىمۋول قىلىدۇ .

كۈنتۇغدى چەكسىز ئادالەتكە، ئايتولدى چەكسىز بەختكە ، ئۆگدۈلمىش چەكسىز بىلىم ۋە پەزىلەتكە ، ئۇدغۇرمىش چەكسىز قانائەتكە باراۋەردۇر . ئۇلارنى مەيلى نەسەب ، تەبىئەت ياكى كېيىنكى يېتىلدۈرگەن پەزىلەت نۇقتىسىدىن كۆزىتەيلى چەكسىز كۈچنىڭ ئىپادىسىدۇر .

گېگىل: «گۈزەللىك ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تەسەۋۋۇردا يارىتىدۇ . تەسەۋۋۇردا مۇتلەق ئۇقۇمنى كونكرېتلاشتۇرىدۇ، رەڭدارلاشتۇرىدۇ» دېگەنىدى . ئاپتور دەل مۇشۇنداق ھالقىما تەسەۋۋۇر ھالىتىدە تۇرۇپ ھەممە جەھەتتىن بۈيۈك بولغان غايىۋى دۇنيانىڭ سۈرىتىنى سىزىپ بەردى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇققا ئىنتىلىش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىدى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى خەلقچىللىق ۋە دېموكراتىك ئىدىيىنى چىقىش قىلغان . ئىنساننىڭ مەنىۋى گۈزەللىكىنى گۈزەللىكىنىڭ نۇقتىسى قىلغان ، قەلب پاكلىقىغا ئىنتىلگەن ، ئىنسانلارنى يۈكسەلدۈرىدىغان ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى مەقسەت قىلغان ساغلام ئىدىيىۋى يۆنىلىشكە ئىگە بولۇپ، ئەسەرنى ئېستېتىك قاتلامدىن تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ روھىنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈش، گۈزەل پەزىلەت، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش ئۈچۈن بىر ياخشى مەنىۋى ئوزۇقتۇر.

ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنغان بايانلار ئاپتورنىڭ مول ئېستېتىك قارىشىنىڭ بىر قىسمى خالاس. ئەسەردىكى ئۇنىڭ سىمۋوللىرى، ھېسسىياتقا تويۇنغان شېئىرىي رېتىمى ، گۈزەل تەبىئەت تەسۋىرلىرىدىكى ئېستېتىك قاراشلار ، بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشىمىزغا موھتاجدۇر.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» نەزمىي يەشمىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىلى نەشرى.

2. يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» نەسرىي يەشمىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى ،1991-يىلى نەشرى.

3. مەريەم قۇربان: «ئېستېتىكا نەزەرىيىسىدىن ئاساس»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىلى نەشرى.

4. گېگىل: «ئېستېتىكا»، سودا نەشرىياتى، 1981-يىلى نەشرى.

ئاپتور مەريەم قۇرباننىڭ خىزمەت ئورنى: ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top