You Are Here: Home » ئومۇمى » خالىدە ئىسرائىل ۋە ئۆزباشلار ئىلىم چېيىدا

خالىدە ئىسرائىل ۋە ئۆزباشلار ئىلىم چېيىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى ئەزىز تورداشلار، بىر جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىلغارلىشىشىنى شۇ جەمئىيەتتىكى ئىلغار ئىدىيەلىك كىشىلەر سانىنىڭ ئاز – كۆپلىكى بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن. ئىدىيەسى ئىلغار كىشىلەرنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مەلۇم تۇپراق كېرەك، بۇ تۇپراق بەلكىم ئىلغار ئىلمىي سورۇن بولۇشى مۇمكىن.  ئىلغار ئىلمىي سورۇنلار ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئۇنى تۈزۈش كېرەك. دۇنيادا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن يول بارلىققا كەلگەن، ھازىرقى ھالىتىمىزدىن قاقشاش، زاماندىن زارلاش بىلەن ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلالمايمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، مۇدھىش قاپلىغان مۇھىت ئىچىدە ھالاك بولۇشنى كۈتۈپ تۇرماستىن، قولىمىزدىن كېلىشىچە ھازىرىقى ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىدىيەسى ۋە ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ، ناچار ئادەتنى يوقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ـــ ناچار ئادەت ئورنىغا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتۇر. ئەلۋەتتە، جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق ئەھمىيەتسىز قاتار چاي، كەيىپ – ساپا قاپلىغان ئولتۇرۇشلار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز «ئىلىم چېيى»، «پىكىرلىشىش چېيى»  قاتارلىق يېڭىچە چاي شەكىللىرىنى تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىرىپ، بۇنى ئەنە شۇنداق ئەھمىيەتسىز ئولتۇرۇشلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ھەمدە ئىلىم چېيى ، پىكىرلىشىش چېيى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتتە بىر تۈرلۈك ساغلام بولغان مەنىۋى ھاۋاغا ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ «ئىلىم چېيى» مىزنى باشلىۋالغانىدۇق،

بىزدە «سورۇن ئادەم تەربىيەلەيدۇ» دېگەن گەپ بار، ئىلىم چېيى سورۇنىمىز دەل ھەربىرىمىزنىڭ بىلىمىنى تاكامماللاشتۇرىدىغان، ئىلىم ئېلىش يولىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇمىزغا خاتىمە بېرىدىغان سۆھبەت سورۇنى بولۇپ داۋاملىشىپ كەلدى. دېمىسىمۇ، بىر جەمئىيەت كىچىك – كىچىك مىكرو سورۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ، مىكرو سورۇنلىرىمىزنى ئىلغارلاشتۇرالىساق، پۈتكۈل جەمئىيىتىمىزنى ئىلغارلاشتۇرۇش يۆلىنىشىگە يۈزلەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مەنىۋىي ئىختىرالار، ئىجادىي قاراشلار ئىلغار پىكىرلىكلەرنىڭ ئۆز – ئارا مۇنازىرلىشىشىدىن كەلگەن.

12280578ttdzd7886fwwoh[1]

122759p02f0p5u1o15100u[1]

1228105w5wp3pdb40xpyfs[1]

122817idbjudbfh4dpv2bk[1]

122753mvbmvx64jmvz4vzv[1]

ئالدىنى قېتىملىق، يەنى 4 – قېتىملىق «ئىلىم چېيى» مىزنىڭ سىن نۇسخىسى مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما ئارىسىدا ئىنتايىن ياخشى تەسىر قوزغىدى. بىز كۆپلىگەن تەشەككۇر تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلدۇق، كۆپلىگەن دوستلىرىمىز  كېيىنكى قېتىملىق ئىلىم چېيىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىكى قىسمەن دوستلىرىمىز ئۆز رايونلىرىدا ئىلىم چېيىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، بىزگە ئەڭ كۆپ بىلدۈرۈلگەن ئىنكاس «ئىلىم چېيىڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن» دېگەندىن ئىبارەت بولدى، بىز بۇ ئىنكاسلاردىن ئىلىم چېيىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنگەندەك بولدۇق. 5– سان ئىلىم چېيىمىز 12 – ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بىز بۇ نۆۋەتلىك «ئىلىم چېيى» دا ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرايىل خانىمنىڭ «كەچمىش» رومانى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. سۆھبىتىمىزگە خالىدە ئىسرايىل خانىم ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى.  بىز بۇ نۆۋەتلىك ئىلىم چېيىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن تورداشلارنى ئورتاق بەھرلەندۈرۈش مەقسىتىدە بۇ سان ئىلىم چېيمىزنىڭ سىن نۇسخىسىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇق. تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ سان ئىلىم چېيىمىزنىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىشىنى، ئىمكان بولسا ئەتراپىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي مۇنازىرە كەيپىياتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

5- قېتىملىق ئىلىم چېيى سۈرەتلىك فىلىمى ھوزۇرۇڭلاردا:

http://v.youku.com/v_show/id_XNjQwMjUzNjk2.html

ئەگەر نورمال قويۇلمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://v.youku.com/v_show/id_XNjQwMjUzNjk2.html

5 – سان ئىلىم چېيىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار تىزىملىكى
ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، ئىلىم چېيىمىزنىڭ يىگىت بېشى زۇلپىقار بارات ئۆزباش
ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى مۇنبەت تۇپراق پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابلىمىت ئابدۇللا
مىسرانىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، يازغۇچى سائادەت ساتتار ئايتۇغ
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر مەركىزىنىڭ تەرجىمانى قەيسەر ئابلەت
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇخبىرى ۋە رىياسەتچىسى توختىنىياز ئىسمايىل نىدايى
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، مەزكۇر ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
مىسرانىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم
مىسرانىم تورىنىڭ مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى، تور يازغۇچىسى، ئىلىم چېيىمىز ئۈچۈن كورلىدىن كەلگەن مېھمان «مارشال»
يېتىلىۋاتقان ياش شائىر، ئۆسمۈر رىياسەتچى ئابدۇۋەلى ئابدۈشكۈر
ئۈرۈمچى توغرۇلتېكىن كىتابخانىسىنىڭ غوجايىنى ئابدۇغېنى توختى توغرۇلتېكىن
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراھمان
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇخبىرى دانىيار
شىنجاڭ ئىلىم – پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ياش قەلەمكەش مەمەتجان

مەنبە: خالىدە ئىسرائىل ۋە ئۆزباشلار ئىلىم چېيىدا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top