You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى يېپىلىش مۇراسىمى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى يېپىلىش مۇراسىمى

5UA_Yepilish_Yepilish_Murasim

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى يېپىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنىشلەر:

مەنبە: ۋىسال سىتودىيىسى http://www.wisalstudio.net/uy/watch.php?id=551
يۇۋكۇدا  (Youku) كۆرۈش: http://v.youku.com/v_show/id_XNjQzNzY5ODAw.html
Youtube دا كۆرۈش: http://www.youtube.com/watch?v=bW8_cBxUFGs

چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن ئاشقان، ئەڭ ئاخىرىقى تېمىمۇ سۇنۇلۇپ بولغان بولۇپ، ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى. ئەتىگەن سائەت 9 دىن باشلاپ دوكلات ئاڭلىغىنىغا قارىماي، مېھمانلارنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، زال جۇشقۇنلۇققا تولغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى مىكروفوننى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ ھاياجانلىق چىرايىدىن مۈھىم سۆزلىرىنىڭ بارلىغى چىقىپ تۇراتتى. ھەقىقەتەن، ئابلەت تۇران ئەپەندى، كۈتۈلمىگەن يەردىن، ئۆزىنىڭ يېرىم كېچىدە شېئىر يېزىش تۇيغۇسى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇنداق بولىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپ، رىشات ئابباسقا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىگى ۋە بۇنىڭ ئاتا قىلغان خۇشاللىغى، ھاياجىنى سەۋەپ بولغان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنىڭ ئۆزىنى مەيۈسلەندۈرگەنلىگى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. شېئىرنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ شېئىرنى ئوقۇشقا باشلىغاندا، زالنى جىمجىتلىق قاپلىغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ئۇنىڭغا مەركەزلەشكەنىدى.

*

پۇت- قوللىرىم بوشاپ كەتتى لاسسىدە،

باققىنىمدا ئادەم شالاڭ شۇ زالغا.

تىلىم چايناپ، قالدىم سۆزۈم تاپالماي،

ئەي ئۇيغۇرۇم كەلمىدىڭ سەن نىمىشقا؟

نەگە كەتتىڭ قېرىندىشىم ئېيتساڭچۇ،

بىز قارىغان تۆت كۆز بىلەن يولۇڭغا.

ھەتتا كەلدى، ئامېرىكايۇ ياپوندىن،

چۈشەنمىدىم، سەن كەلمىدىڭ نىمىشقا؟

ئالىملىرىڭ كەلگەنتىغۇ يىراقتىن،

سالام بېرەي دېمىدىڭغۇ بىر كېلىپ.

قالدىڭمۇ يا سۈت ئۇيقۇڭدا تېخىچە،

يىغلىغۇم بار بۇ ھالىڭغا ئۈن سېلىپ…

نېمە ئويلاپ نەدە قالدىڭ بىلمىدىم،

ھازىرغىچە جاپا تارتتىم دېمىدىم.

تاقىشاتتى بېشىم كۆككە كەلسەڭلا،

يەردە قۇيدۇڭ قېرىندىشىم، ئۈمىدىم.

ئۇيغۇرلىرىڭ جەم بولغانتى بىر يەرگە،

قورقتۇڭمۇ يا ”ئۇيغۇر“ دېگەن بۇ سۆزدىن؟!

بىلەلمىدىم ئۇيغۇرمۇ سەن ئەمەسمۇ؟!

نېمەڭ بارتى يەنە باشقا ئۇيغۇردىن!

يەپ-ئىچىپلا ئۆتەي دېسە ئاسانغۇ،

ھايۋانلارمۇ يىيىش بىلەن ھايۋانغۇ!

سېنىڭ دەردىڭ يىيىش بىلەن قالغانمۇ!؟

قېنى ئېيتە بۇ سۆزلىرىم يالغانمۇ!؟

مەيلى نەدە، مەيلە كىم بول ئەي دوستۇم،

ئاقىۋەتتە بىز ھەممىمىز ئۇيغۇرمىز.

كەلمىسەڭمۇ بوپتۇ كەلمە يېنىمغا،

ئويلىنىپ باق، كەلمىدىڭ سەن نىمىشقا؟!

*

 2013- يىل 10- ئاينىڭ  6- كۈنى  ئەتىگەن 6:10

شېئىر ئاياقلىشىشى بىلەن زالدا گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شېئىر بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن زالنىڭ كەيپىياتى ئابلەت تۇران ئەپەندىنىڭ شېئىردىن كېيىنلا، ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، ئالقىشلار ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمىدى،

بارلىق مېھمانلارنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق، ھاياجان ئۇرغۇپ تۇراتتى…

5UA_Yepilish_Yepilish_Murasim4 5UA_Yepilish_Yepilish_Murasim3 5UA_Yepilish_Yepilish_Murasim1 5UA_Yepilish_Yepilish_Murasim 5UA_Yepilish_Uyghurum5 5UA_Yepilish_Uyghurum4 5UA_Yepilish_Uyghurum3 5UA_Yepilish_Uyghurum2 5UA_Yepilish_Uyghurum1 5UA_Yepilish_Mukapat3 5UA_Yepilish_Mukapat2 5UA_Yepilish_Mukapat1 5UA_Yepilish_Mesul

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇنتۇلغۇزسىز مىنۇتلىرى ۋە ئەڭ قىممەتلىك كارتىنىلىرىدىن بىرى بولغان، يىغىندا دوكلات بەرگەن 24 نەپەر ئالىمىمىزغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېڭى پەخرى رەئىسى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىمزالىغان تەقدىرنامىلىرىنى، ئۆز قولى بىلەن نەقمەيداندا تارقىتىشى بولدى. بۇ مىنۇتلاردا كۆزلەر نەملەندى، يۈرەكلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پارلىغان يۇلتۇزلىرىنىڭ جۇلاسى بىلەن پارلاق كېلەچىكىمىز ھەققىدە چەكسىز ئۈمىتلەرگە تولۇپ تاشتى. دوكتور رىشات ئابباس ئاكىمىز بۇ يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە داۋامى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.
يىغىن، دۇبەيدىن ئاتايىتەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمىتىنىڭ ئالدىراش، ۋاقتىنىڭ قىس بولىشىغا قارىماي، ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ يىغىنغا كەلگەن مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندىمنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى ۋە ياخشى تىلەكلىرى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.
يىغىن زالى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىرىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چوقان- سۆرەنلىرى بىلەن جانلىنىپ كەتتى.

(ئەسكەرتىش: فىلىم كىرىشتۈرۈش ۋە باشقا تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تۈپەيدىلىن  ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى دوكلات فىلىملىرىنىڭ يىغىن كۈنتەرتىپى بويۇنچە ئېلان قىلىنماستىن، قايسى پۈتكەن بولسا شۇ فىلىم ئېلان قىلىنىپ كەلدى. بۇ جەھەتتە ئالىملىرىمىز ۋە كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ كەمچىلىكىمىزنى كەچۈرىۋېتىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top